جىگەرنى ماي قاپلاپ كەتكەنلەرگە ئاددى ئۇسۇل

美食   2024-09-26 21:02   新疆  

«كاربونلۇق سۇ» تىلغا ئېلىنسىلا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، كۆپ يېسە سەمىرىپ، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ھەتتا ئۇنى ئۆزىنىڭ ساغلاملىق يولىدىكى «توسالغۇ» دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىر خىل «كاربونلۇق سۇ» ئادەمنى سەمرىتىۋەتمەيلا قالماستىن، ھەتتا جىگەرنى ماي قاپلاشنى يېنىكلىتىپ، ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەركىبىدە كىراخمالغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى مول بولغان يېمەكلىكلەر ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ تەركىبىنى ئۆزگەرتىدىكەن ھەمدە جىگەرنىڭ زەخىملىنىشى، ياللۇغلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ترى گلىتسېرىد(甘油三酯) ۋە جىگەر فېرمېنتىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، جىگەرنى ماي قاپلاشنى ئازايتىدىكەن.
بۇ خىل «خاسىيەتلىك كاربون سۈيى» قايسى يېمەكلىكلەردە بار؟
تاقابىلچان كىراخمال ئەمەلىيەتتە تەستە ھەزىم بولىدىغان كىراخمالدۇر. تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل يېمەكلىكنىڭ كىراخمالغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى مول، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشى ئاستا، تويۇنۇش سېزىمى كۈچلۈك، شۇڭا ئۇنى ئەلا سۈپەتلىك ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىشقا بولىدۇ. 
1. دانلىق زىرائەت 
تەۋسىيە قىلىنغان يېمەكلىكلەر: سۇلۇ(燕麦)، تاتلىق كۆممىقوناق(甜玉米)، ئارپا(大麦)، بۇغداي(小麦)، ئاق قوناق(高粱). ئۈچ ۋاق تاماقتا ئاز دېگەندە بىر ۋاق دانلىق زىرائەتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ساقلاش كېرەك. 

ئەسكەرتىش: نوقۇل ھالدا دانلىق زىرائەتلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، گۈرۈچ بىلەن ماسلاشتۇرغاندا تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. گۈرۈچ بىلەن دانلىق زىرائەتنى 1:0.5 نىسبەت بويىچە گۈرۈچ تامىقى ياكى ئۇماچ قىلسا، تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، يەنە قان شېكىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
2. پۇرچاق تۈرىدىكىلەر
تەۋسىيە قىلىنغان يېمەكلىكلەر: نوقۇت(鹰嘴豆)، كۆك پۇرچاق(豌豆)، دادۇر(大豆)، قارا پۇرچاق(黑豆)، كىچىك يېسسىمۇق(小扁豆)، قىزىل پۇرچاق(红豆)، ماش(绿豆)، چىپار پۇرچاق(斑豆). ئاساسلىق يېمەكلىككە ھەرخىل پۇرچاقنى كۆپەيتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن گۈرۈچ تامىقى پىشۇرغاندا قىزىل پۇرچاق، ماش قوشۇپ دۈملەپ يىسە بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: پۇرچاقنى يالغۇز ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا ئاشقازاننىڭ كۆپۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گۈرۈچ بىلەن پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى 1:0.3 نىسبەت بويىچە گۈرۈچ تامىقى ياكى ئۇماچ قىلىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى بىر كېچە بۇرۇن چىلاش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ھەم تەمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ھەم ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق.
3. بەرەڭگە تۈرىدىكىلەر 
تەۋسىيە قىلىنغان يېمەكلىكلەر: تاتلىقياڭيۇ(红薯)، ياڭيۇ(土豆).
بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ بىر ۋاخ ياكى ئىككى ۋاخ تامىقىغا مۇۋاپىق مىقداردا بەرەڭگە تۈرىدىكىلەرنى قوشۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك. 

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە،  يېمەك-ئىچمەكنى بەك مايلىق قىلىۋەتمەسلىك كېرەك، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر كىراخمالغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. تاقابىلچان كراخمالنى قارىغۇلارچە سېتىۋالماسلىق، ھەددىدىن زىيادە كۆپ قوبۇل قىلماسلىق. بولمىسا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق كۆپۈش، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى كۈچىيىش قاتارلىق ئۈچەي يولى ئەكس تەسىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. پەقەت كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكلەردە تەڭشەش، مۇۋاپىق يېمەكلىكلەرنى تاللاش ئارقىلىق كىراخمالغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغاندىلا، يېمەك-ئىچمىكىمىز تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.
«ياخشى كاربونلۇق سۇ» نى كۆپ يېيىش «ناچار كاربونلۇق سۇ» نى ئاز يېيىش 
1. «ياخشى كاربونلۇق سۇ» نى كۆپرەك يېيىش كېرەك. 
بۇ خىل كاربون سۇ بىرىكمىلىرى «تاقابىلچان كراخمال» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېشىل كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاشۇرىدۇ. كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەردە سېللۇلوزا مول، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەركىبىدە بەلگىلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بار، ئۇنى «ياخشى كاربونلۇق سۇ» دەپ قاراشقا بولىدۇ.
2. «ناچار كاربونلۇق سۇ» نى ئاز يېيىش كېرەك. 
بۇ خىل كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئەگەر كۆپ قوبۇل قىلىنسا، يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، دىئابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇ قان بېسىمى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىشقا پايدىسىز. 






一甸丝路
新疆海尔巴格餐饮股份有限公司是一家以新疆地方民族旅游、餐饮、娱乐、客房、零售、房地产、医药为一体化的具有独立法人资格的股份制企业,是全国特色餐饮业中以大众食品特色餐饮为主的兼具食品加工和经营的龙头企业。
 最新文章