كاۋا ھەققىدە پاراڭ

美食   2024-08-26 21:01   新疆  


ئەگەر تاۋۇزنى يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرىدىكى مېۋە-چېۋە شاھى دېسەك، ئۇنداقتا «كۈز پەسلىدىكى ئەڭ ئېسىل سەي-كۆكتات» كاۋا بولىدۇ. كاۋا يەنە سېرىق كاۋا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ رەڭگى سېرىق، تەمى يۇمشاق، يېپىشقاق، تاتلىق بولۇپ ئېغىزغا كىرسىلا ئېرىيدۇ، كاۋىنىڭ  تەركىبىدە بەلگىلىك قەنت بار شۇڭا كىچىك دوستلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىدۇ.

كاۋىنىڭ دورىلىق قىممىتى يۇقىرى، كاۋىدىكى پولىساخارىد ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، پېكتىن يېمەكلىكلەرنىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، مول مىنېرال ماددىلار مېتابولىزمغا قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە:
1. ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش: كاۋا تەركىبىدە سىنك مول بولۇپ، سىنك ئادەم بەدىنىدىكى يادرو كىسلاتاسى، ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىگە قاتنىشىدۇ، ئۇ بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمۇنىنىڭ خاس تەركىبى، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ماددا. 

2. كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش: كاۋا تەركىبىدىكى ماننىتول كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە، بەدەندىكى توكسىننىڭ كىچىك تەرەت ۋە چوڭ تەرەت بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

3. ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئاسراش: كاۋا تەركىبىدىكى پېكتىن سۈمۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى غىدىقلىنىشتىن ساقلايدۇ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىدۇ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

مۇشۇنداق كاۋىنىڭ چىققان پەسلىدە كاۋىنى كۆپرەك يەپ بېرىشىمىز لازىم، كاۋىدا نۇرغۇن يىمەكلىكلەرنى تەييارلاپ يىگىلى بولىدۇ، مەسىلەن كاۋا مانتىسى قىلىش، كاۋا قاتلىمىسى پىشۇرۇش، كاۋا ئۇمىچى پىشۇرۇش، كاۋا گۆشنان سېلىش، خوشاڭ قىلىش قاتارلىق تاماقلارنى ئېتىپ يېيىشكە شۇنداق ماس كېلىدۇ.









一甸丝路
新疆海尔巴格餐饮股份有限公司是一家以新疆地方民族旅游、餐饮、娱乐、客房、零售、房地产、医药为一体化的具有独立法人资格的股份制企业,是全国特色餐饮业中以大众食品特色餐饮为主的兼具食品加工和经营的龙头企业。
 最新文章