كالا مىيى تەملىك ساماۋەر شورپىسىنى تېتىپ باقتىڭىزمۇ؟

美食   2024-12-18 22:00   新疆  

تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، سوغۇق قىش پەسلى ھەمىشە ئادەمنى ئىللىقلىققا تەشنا قىلغۇزىدۇ. بۇ پەسىلدە، ۋارتاقشىپ قايناۋاتقان ساماۋەر شورپىسى سوغۇقنى ھەيدەپ، سىزگە بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. 
ئۈرۈمچى ھەردەمباغ يىمەك-ئىچمەك ئاستانىسىنىڭ 4-قەۋىتىگە جايلاشقان ئاتلانتىس ساماۋەر شورپا شەھەرچىسى بىلەن كورلا ھەردەمباغ يىمەك-ئىچمەك ئاستانىسى 3-قەۋىتىگە جايلاشقان ساماۋەر شورپا شەھەرچىسى يىقىندا يېڭىدىن كالا مىيى تەملىك ساماۋەر شورپىلىق قازان(牛油火锅) نى قوشتى. كالا مىيى تەملىك ساماۋەر شورپىلىق قازان(牛油火锅) سىزگە ئۆزگىچە تەم ۋە  ئوخشىمىغان ئىللىق تۇيغۇ ئاتا قىلالايدۇ.

كالا مىيى تەملىك ساماۋەر شورپىلىق قازان (牛油火锅) نى تەييارلاشتا، ئالدى بىلەن ئالىي دەرىجىلىك كالا مېيى تاللىنىپ، ئۇزاق ۋاقىت سۇس ئوتتا قاينىتىلىدۇ، كۆپ خىل مەخپىي خۇشپۇراق ماتېرىياللار ماسلاشتۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۈپەتلىك، ئۆلچەملىك، خۇش پۇراق، قويۇق تەملىك ھەم كۆڭۈلگە تەگمەيدىغان شورپا تەييار بولىدۇ. بۇ خىل شورپىدا كالا مېيىغا قاتتىق تەلەپ قويۇلىدۇ. پۇرىقىنىڭ، تەمىنىڭ قانداق بولۇشى كالا مىيى بىلەن بەكلا مۇناسىۋەتلىك.



 يەنە بىر يېىڭىلىق سېرىق پەمىدۇر تەملىك قازان 


ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاتلانتىس ساماۋەر شورپا شەھەرچىسى ساغلاملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يېمەكلىك تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بارلىق كۆكتات تۈردىكىلەر بولسۇن، گۆش تۈردىكىلەر ياكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق خام ماتىرىياللارنى شۇ كۈنى يېڭى سېتىۋېلىنىپ، ھەر بىر خېرىدارنىڭ يېڭى، ساغلام، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ بېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.


كالا مىيى تەملىك ساماۋەر شورپىلىق قازان (牛油火锅) ئۆزگىچە تەمدىكى شورپا بولۇپلا قالماي، يەنە بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسى. بۇ خىل شورپا ئەنئەنە ۋە زامانىۋىلىق بويىچە مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، سىزنى تەم جەھەتتە ئالاھىدە ھېس تۇيغۇلارغا چۆمدۈرەلەيدۇ.




ئۈرۈمچى ھەردەمباغ يېمەك ئىچمەك ئاستانىسى 

ئادرىسى: يەنئەن يولى 2-نومۇر ھەردەمباغ يىمەك-ئىچمەك ئاستانىسى 4-قەۋەت ئاتلانتىس ساماۋەر شورپا شەھەرچىسى 



كورلا ھەردەمباغ يېمەك ئىچمەك ئاستانىسى 


ئادرىسى: كورلا شەھىرى دوڭفاڭ 3-نومۇر ھەردەمباغ يىمەك-ئىچمەك ئاستانىسى 3-قەۋەت ساماۋەر شورپا شەھەرچىسى 

ھەردەمباغ ھەر قايسى تارماق دۇكان زاكاس نومۇرلىرى









一甸丝路
新疆海尔巴格餐饮股份有限公司是一家以新疆地方民族旅游、餐饮、娱乐、客房、零售、房地产、医药为一体化的具有独立法人资格的股份制企业,是全国特色餐饮业中以大众食品特色餐饮为主的兼具食品加工和经营的龙头企业。
 最新文章