مەن بارغانسېرى ھەقىقىي مۇنەۋۋەر كىشىلەرنىڭ ناھايىتى تەمكىن بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بىر ئادەم بىرەر ئىشقا يولۇققاندا تەمكىن تۇرالىسىلا، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. مەيلى خىزمەت ئورنىدا بولسۇن ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز بولىدۇ، بولۇپمۇ نۇرغۇن تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، جىددىيلەشسىلا ئاسانلا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويىدۇ. مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلالمىغاندا، ئۇ دائىم «قانداق قىلىش كېرەك، قانداق قىلىش كېرەك» دەپ ئىنتايىن ئالاقىزادالىشىپ ئۆزىنىڭ كەيپىياتىغا پېتىپ قالىدۇ. خىزمەتتە خاتالىق كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن باشقىلارنى ئەيىبلەيدۇ.كەيپىياتى تۇراقلىق، تەمكىن ئادەم تۇيۇقسىز ۋەقەگە يولۇققاندا ئاچچىقىنى چىقىرىشنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر تاللىشى قىلىۋالمايدۇ. بەلكى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.كەيپىياتى تۇراقلىق، تەمكىن ئادەم مەسىلىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە باشقىلارغا توغرا يۆنىلىشلىك ئېنېرگىيە ئېلىپ كېلىدۇ.ئىقتىدارىنىڭ بىر خىل رىتىمدا مۇقىم بولۇشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئىقتىدارنىڭ مۇقىم بولۇشى بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي ماھارىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ مۇقىملىقى ناھايىتى ناچار، نەتىجىسى بىردەم يۇقىرى، بىردەم تۆۋەن بولۇپ، تۇيۇقسىز بىر ئاي دەرىجىدىن تاشقىرى سەۋىيەنى جارى قىلدۇرىدۇ، لېكىن كېيىنكى ئايدا ئەكسىچە بولۇپ، دائىم داۋالغۇپ تۇرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىدارى مۇقىم كىشى مۇھىت قانچىلىك ناچار بولسۇن، نەتىجىسى ھامان ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدۇ، ئاستا-ئاستا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.ئىقتىدارى مۇقىم ئادەم ھەمىشە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئادەم. ئۇ بىردەملىك ھەيرانلىقنى قوغلاشمايدۇ، ئۇنىڭ ئىنتىلىدىغىنى سىجىل بۈيۈكلۈكتۇر. ئىش قىلغاندا پىلان بولۇش، خىزمەتتە نەتىجە-جەريان بولۇش، نەتىجىگە مەسئۇل بولۇش كېرەك. 1. پىكىر ئالماشتۇرۇش نىشانى بولۇشھەربىر ئادەمنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى، چۈشىنىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كۆپ ھاللاردا ئىشنى جايىدا قىلالماسلىق چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. باشلىقىڭىز سىزنى بىرەر خىزمەتكە بۇيرىغان چاغدا، چوقۇم ئېنىق جەزىملەشتۈرىشىڭىز كېرەك. پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن قورقماي، رەھبەرلەردىن مېنىڭ نىشانىم نېمە؟ نېمىشقا بۇنداق قىلىمىز؟ بۇنداق قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى نېمۇ دەپ سوراش؟ ئېنىق چۈشەنگەندىلا، ئاندىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىگىلى، نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ. 2. دوكلات قىلىش جەريانى بولۇشبىر تۈرنى بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە تاماملاشقا توغرا كېلىدۇ. ئىجرا قىلىش جەريانىدا، سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغا سىزنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىڭىزنى بىلدۈرۈشىڭىز، ئىش قىلىش سۈرئىتىڭىز كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولىۋاتامدۇ، يوق؟ كونكرېت مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، رەھبەرلەر ياكى خىزمەتداشلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولامسىز شۇلارنى ۋاقتىدا يۇقىرىغا يەتكۈزۈپ تۇرىشىڭىز، قىينچىلىققا يولۇقسىڭىز يوليورۇق سورىشىڭىز لازىم.سىز باشقىلار تاپشۇرغان ئىشنى تاماملىغاندىن كېيىنلا بۇ ئىش ئاخىرلاشقان بولمايدۇ، بەلكى ئۇچۇرنى كېيىنكى ھالقىغا يەتكۈزۈپ، نەتىجىنى قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قىلىشىڭىز ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.ئەگەر ئىشنى ياخشى قىلالمىسىڭىز، سەۋەبىنى قايتا تەكشۈرۈڭ، ھەمدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان تەكلىپ ۋە لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ.ئەگەر ئىشنى ياخشى قىلغان بولسىڭىز، سىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەجرىبىلىرىڭىزنى توپلاپ، كېڭەيتىپ، بولىدىغان ئەس قاتىدىغان ئۇسۇلنى يەكۈنلەپ چىقىشىڭىز كېرەك.ئاخىرىدا، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى تۇتىۋالغان، كەيپىياتى تەمكىن كىشىلەردۇر. بۇنداق كىشىلەر ۋەزىيەتنى كونترول قىلالايدۇ، جىددى ئىشقا جىددىي مۇئامىلە قىلىپ ھەل قىلالايدۇ. باشقىلارغا خۇشاللىق ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلالايدۇ.ھەردەمباغ ھەر قايسى تارماق دۇكان زاكاس نومۇرلىرى