ھاياتلىق دېگىنىمىز مېڭىپ ئايىقىنى چىقىرالمايدىغان يول؛ ياشلىق بىرلا قېتىم ئىچىلىدىغان ھەشقىپىچەك گۈلى؛ مۇھەببەت قايتۇرۋالغىلى بولمايدىغان قىمار....ياشلىق قاينام-تاشقىنلىققا تولغان، دولقۇنسىمان كىشىلىك ھاياتقا ئىنتىلىدۇ؛ ئوتتۇرا ياش مەزگىل كىشىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلەش ۋاقتى؛ قىرىلىق ھېچنەرسە قوغلاشماس بولۇپ قالىدىغان مەزگىلى. پەرزەنتىڭىز، قىرىنداشلىرىڭىز، ئۆزىڭىز ساق-سالامەت بولسىڭىزلا ئەڭ مۇھىمى شۇ. بىزنىڭ قوغلىشىدىغىنىمىز: خۇشاللىق، جىمجىتلىق، خاتىرجەملىكتۇر. نېمىشقا كىشىلەرگە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا ئاز قاتنىشىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؟
1. بەسلىشىش ئارىسىغا، ساختا ھېسسىيات يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بەزى كىشىلەر پەرزەنتىنىڭ ۋاپادارلىقىنى، ئائىلىسىنىڭ باي-باياشاتلىقىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا ئۆزىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ياكى ئائىلە ئىشلىرى ھەققىدە سۆزلىشىدۇ، ھېچكىم سىزنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ھېچكىم ساپ ساۋاقداشلىق مېھرىگە ئانچە ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ. قېرىغاندا ئىنتىزار بولىدىغىنىمىز ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزنىڭ چىن قەلبىدىن ھەمراھ بولۇشى، بەسلەشمەسلىكى، ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلماسلىقى شۇنداقلا تۇرمۇشتىكى قىزىقارلىق ئىشلار توغرىسىدا ئۆزئارا پاراڭلىشىپ، ئۆز-ئارا كۈتۈنۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىشىدۇر. ئادەم قېرىغانچە ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدۇ، كىم سىزنى خۇشال قىلسا، سىز شۇنىڭ بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىسىز؛ كىم سىزنى خۇشال قىلسا، شۇنى ھەمراھ بولۇشقا تاللايسىز!2. ياخشى يەپ ئېچىپ، سالامەتلىكىنى ئاسراشئادەم قېرىغانچە، ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھاراق سورۇنلىرىدىن ئامال بار ساقلىنىش. ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا، باشقىلار ھاراققا زورلىسا، رەت قىلسام يۈزۈم چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىۋالماسلىق.قىرىغىنىڭىزدا تۆت-بەش دوستىڭىز بىلەن ئۆيىڭىزدە ئىككى-ئۈچ خىل قورۇما قورۇپ، جەم بولۇپ مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇش ئەڭ ئاددى ئۆزىنى خۇشال قىلىش ئۇسۇلى!
3. تۆۋەن سۈپەتلىك ئىجتىمائىي ئالاقىدىن يىراق تۇرۇش كونا ساۋاقداشلار ئەمدى بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ، ھەممەيلەن جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقنى كەچۈردى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ شەيئىلەر ئۆزگەردى، ئادەملەرمۇ ھەم شۇ. بەزى كىشىلەر دوست بولۇشقا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى؛ يەنە بەزى كىشىلەردىن ھەتتا ئېھتىيات قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىپ قالدى. بەزى يىغىلىشلاردا باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېلىپ كېلىپ، سىزدە ھارغىنلىق پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە، بۇنداق يىغىلىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، تۇرمۇشنى بۇرۇنقىدەك ئازادە ئۆتكۈزگەن ياخشى!بەسلىشىش سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىزنى چىرىتىدۇ؛ تۆۋەن سۈپەتلىك ئىجتىمائىي ئالاقە سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. ئادەم قېرىغاندا، پاسسىپ تەسىر ۋە ئازابلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، بەخىتلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىنى ساقلاپ قالماق لازىم.ھەردەمباغ ھەر قايسى تارماق دۇكان زاكاس نومۇرلىرى