ھەردەمباغدىكىلەر تۈزۈملەشكەن مەشىق ئېلىپ باردى

美食   2024-10-31 21:01   新疆  

ھەردەمباغ يىمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە  3 كۈنلۈك تۈزۈملەشكەن مەشىق ئېلىپ باردى.
خىرىس ۋە پۇرسەتكە تولغان بۇ دەۋردە، كوللېكتىپنىڭ كۈچى كارخانا تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى. كوللېكتىپ ھەمكارلىق ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ قېتىملىق تۈزۈملەشكەن مەشىقكە مۇئاۋىن دىرېكتورلار، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى تارماق دۇكانلارنىڭ دۇكان باشلىقلىرى، مۇئاۋىن دۇكان باشلىقلىرى ھەمدە باش شىركەتنىڭ ھەر قايسى بۆلۈملىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ھەربىر قەۋەتتىكى مۇلازىملار قاتناشتى.




مەشىققە قاتناشقان ھەممەيلەن گۈرۈپپىلارغا  بۆلۆنۈپ بىرلىكتە جاپالىق ئەمما كۆڭۈللۈك بولغان مەشىقىنى باشلىدى. مەشىقتە ئۆزىنى يېڭىش، ئىرادىنى چېنىقتۇرۇش، ھەمكارلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئۆز-ئارا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، جاپاغا چىداش روھىنى يىتىلدۈرۈش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئويۇن بىلەن مەشىق بىرلەشتۈرۈلگەن پائالىيەتلەر ئېلىپ بىرىلدى.
3 كۈنلۈك تۈزۈملەشكەن مەشىق ئاياغلاشقاندىن كىيىن دەرىجىلەرگە بۆلۈنۈپ ھەربىر گۈرۈپپىىغا مۇكاپات ۋە گۇۋاھنامىلەر تارقىتىلدى.





بۇ بىر ئاددىي مەشىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر مەيدان روھىي سىناق، بىر قېتىملىق ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش. كۈنسىرى كەسكىنلەشكەن بازار رىقابىتىدە، بۇ قېتىملىق تۈزۈملەشكەن مەشىق ئارقىلىق بارلىق قاتناشقۇچىلار بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھىنى ئۆستۈرۈپ، قەيسەر ئىرادە ۋە جاپا-مۇشەققەتكە چىداش روھىنى يېتىلدۈردى.










一甸丝路
新疆海尔巴格餐饮股份有限公司是一家以新疆地方民族旅游、餐饮、娱乐、客房、零售、房地产、医药为一体化的具有独立法人资格的股份制企业,是全国特色餐饮业中以大众食品特色餐饮为主的兼具食品加工和经营的龙头企业。
 最新文章