شىنجاڭ لەغمىنىنىڭ ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى

美食   2024-09-03 21:00   新疆  

سىزنىڭچە ھەقىقىي شىنجاڭ گۇيرۇ لەغمەن قانداق بولىدۇ؟

شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك جەمئىيىتى 27-ئاۋغۇست گۇيرۇ لەغمەننىڭ مىقدار ئۆلچىمىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

شىنجاڭ گۇيرۇ لەغمىنىنىڭ خام ماتېرىيال ئۆلچىمىدە،  شىنجاڭنىڭ يەرلىك بۇغداي ئۇنى، كالا گۆش ياكى قوينىڭ سان گۆشى؛ كۆكتاتلاردىن-يېسىۋېلەك، شوخلا، كۆك- قىزىلمۇچ، پىياز، سامساق، قۇرۇق مۇچ، قېرىنقۇلاق؛ تېتىتقۇلاردىن-جياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، قارىمۇچ، كىراخمال، تۇخۇم قاتارلىقلار ئىشلىتىش بەلگىلەندى.

شىنجاڭ گۇيرۇ لەغمىنىدە گۆشكە ئالاھىدە تەلەپ قويۇلغان بولۇپ، كالا گۆشى ياكى قوي گۆشى 120 گىرامدىن كەم بولماسلىقى، قىلىنلىقى 1.5 مىللىمېتىردىن 2 مىللىمېتىرغىچە نېپىز توغۇرلۇپ مايدا داغلىنىپ، قازاندىن چىققاندا ئازراق ئاچچىقسۇ بىلەن تەملەندۈرۈش، لەغمەن سىينىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 450 گىرامدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. 

گۇيرۇ لەغمەندە سەي ۋە چۆپ ئايرىم-ئايرىم تەخسىدە ئالدىڭىزغا ئېلىپ كېلىنىدۇ، لەغمەننىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 800 گرام بولسا مۇۋاپىق. 

ھەردەمباغ تارماق دۇكىنىدىن ياشلار يولىدىكى ئېدىن چاي تائاملىرى ۋە دىۋاڭ تارمىقى قاتارلىق ھەر قايسى دۇكانلاردىكى گۇيرۇ لەغمەننى تېتىپ بېقىڭ.

شىنجاڭ يىمەك-ئېچمەك جەمئىيىتىنىڭ بۇنداق ئۆلچەم چىقىرىشتىكى مەقسىتى شىنجاڭ گۇيرۇ لەغمەن بازار تەرتىپىنى يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش شۇنداقلا ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈندۇر.





ھەردەمباغ تارمىقىدىكى ھەر قايسى دۇكانلىرىنىڭ زاكاس نومۇرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ. 


  新疆日报 تورىدىن ئېلىندى.

一甸丝路
新疆海尔巴格餐饮股份有限公司是一家以新疆地方民族旅游、餐饮、娱乐、客房、零售、房地产、医药为一体化的具有独立法人资格的股份制企业,是全国特色餐饮业中以大众食品特色餐饮为主的兼具食品加工和经营的龙头企业。
 最新文章