تومۇز كۈنلىرىمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى. پەسىل ئالمىشىش ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا، ناھايىتى ئاسانلا قۇرغاقلىقنى ھېس قىلىمىز، بۇ «كۈزدىكى قۇرغاقلىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ پەسىلدە ھاۋانىڭ بارغانسېرى قۇرغاقلىشىپ، يۇتقۇنچاق قۇرۇش، يۆتىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، شۇڭا پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشكە ئاساسەن يېمەك-ئىچمەكنى ۋاقتىدا تەڭشىشىمىز كېرەك.1. ئىمكانقەدەر قۇرغاقلىقنى پەسەيتىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشىمىز كېرەك، بۇ كۈزدىكى قۇرغاقلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتىنى ئازايتىدۇ، شۇنداقلا ئۆپكىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ خىل يېمەكلىكلەردىن نېلۇپەر يىلتىزى، گۈلسامساق، نېلۇپەر ئۇرۇقى، ئاق مور، نەشپۈت، ئۈزۈم، ئانار قاتارلىقلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، يىمەكلىكلەرنى دائىم ئالماشتۇرۇپ يېيىشىمىز كېرەك.2. ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشيازدا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، تاماق ياخشى يىيىلمەيدۇ، شۇڭا ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پەسىل ئالماشقاندا كېسەل بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەردىن كالا گۆشى، بېلىق گۆشى، توخۇ گۆشى، دۇفۇ، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلار بار.
3. تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشيازدا دائىم مۇزدەك سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېگەچكە، تال ۋە ئاشقازاننى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ، شۇڭا كۈزنى ساغلام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، باش كۈزدىن كېيىن تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن پىچەكگۈل، تېرىق، نومى گۈرۈچى، كۆممىقوناق قاتارلىقلار بار.
ھەردەمباغ ھەر قايسى تارماق دۇكان زاكاس نومۇرلىرى