بۇ ئۆمرۈمدە چوڭ غايە ۋە ئارزۇيۇم يوق، پەقەت ئىزچىل ئاددىي ئادەم بولۇشنى ئويلايمەن، ھەرخىل كۈرەشلەرگە قاتناشقۇم يوق، يوقىتىپ قويۇشقا، ئىرىشىشكە پىسەنت قىلىپ كەتمەيمەن، بۇ قىسقىغىنە ھاياتىمنى ياخشى، ئەركىن-ئازادە ئۆتكۈزسەملا شۇ كۇپايە.
دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ ۋاقتى سائىتى بولىدۇ، زورلاپ ئېلىپ قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. يوقىتىپ قويغانلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، ئېرىشەلمىگەنلىرىڭىزنى بولدى قىلىڭ، ئېرىشكەنلىرىڭىزنى قەدىرلەڭ، چۈنكى قانائەت قىلىشنىڭ ئۆزى بەخت.
كىشىلىك ھايات يولى ئۇزۇن، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغا كىرىشۋىلىپ، كەينىڭىزگە قاراپ يۈرمەڭ، تەقدىر-قىسمەتنى زورلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ، قوبۇل قىلىشنى ئۈگىنىڭ، قالغان ئۆمرىڭىزدە تىرىشىپ ئۆزىڭىزنىڭ باش رولچىسى بولۇڭ، كىشىلىك ھايات سەھنىڭىزدە ئالقىش سادالىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىپ قانغۇچە ھوزۇرلىنىپ ياشاڭ.
ياشلىق باھارى مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. تۇغۇلۇش، قېرىش، كېسەل بولۇش، ئۆلۈش تەبىئىي قانۇنىيەت. ئېرىشىش، يوقىتىش كىشىلىك ھاياتتىكى نورمال ھالەت. مەيلى نېمىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇڭ، مەيلى نېمە ئىشقا يولۇققان بولۇڭ، ھەممىسى ھاياتلىق يولىڭىزدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش.
مەيلى ھېسسىيات ئىشىنى بولسۇن، مەيلى تۇرمۇشتىكى باشقا ئىشلار بولسۇن، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ئەڭ ياخشى جاۋاب.يوقىتىپ قويسىڭىز بەك كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىڭىز، تەمكىن بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. پەقەت كەيپىياتىڭىز ۋە روھىي ھالىتىڭىزنى توغرىيالىسىڭىزلا، كۆز ئالدىڭىزدىكى ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايسىز.كىچىك ئىشلارغا ئىسىلىپ ئۇنى زىغىرلاپ يۈرمەڭ، ھاياتلىق تولىمۇ قىسقا، ۋاقىت ئاتقان ئوق، مۇھىمى قانائەت قىلىش ۋە شۇ قىسىقىغىنە ھاياتنى قەدىرلەش !ھەردەمباغ ھەر قايسى تارماق دۇكان زاكاس نومۇرلىرى