بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش ئەمەلىيەتتە ئائىلە ئىستىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ياخشى ئىستىلغا ئىگە ئائىلىدە بېقىپ چوڭ قىلىنغان بالىنىڭ ئەخلاقى ياخشى بولىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىدىيىسى، قىلمىشى چەكتىن ئېشىپ كەتسە، بالىلارنىڭ كۆز قارىشىدىنمۇ مەسىلە كۆرۈلىدۇ. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، بىر ئادەمنىڭ ئاددى بولغان ھەرىكىتىدىن شۇ كىشىنىڭ قانداق تەربىيە ئالغىنى نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. ئائىلە ئىستىلى ياخشى بولمىغان ئائىلىدە، ئەخلاقى دۇرۇس بالا بېقىش ناھايىتى تەس. شۇڭا، ئەتراپىڭىزدىكىلەر تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى قىلسا، ئۇنىڭغا ئىھتىياتچان مۇئامىلىدە بولۇڭ.1. مەنپەئەت ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماسلىق بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا كىچىكىدىنلا مەنپەئەت ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بىرىدۇ. ئۇلار ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دوستلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئەتراپىدىكى يىقىنلىرىنى ئالدايدۇ.باشقىلارغا زىيان سېلىش ھېسابىغا ئۆزى پايدا ئالىدىغان، شەخسىيەتچى، ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلايدىغان ھېچنېمىدىن يانمايدىغان بولۇپ چىقىشى مۇمكىن !2. ئۇرۇق تۇغقانلار ئالدىدا باشقىلارنىڭ پەرزەنتىنى كەمسىتىش
بەزى كىشىلەر دائىم تۇغقانلىرىنىڭ ئالدىدا باشقىلارنىڭ بالىسىنى ھاقارەتلەيدۇ، تەڭلىكتە قويىدۇ، بالىنىڭ كەيپىياتىغا پەرۋا قىلماي، قۇلاققا ياقمايدىغان گەپلەرنى قىلىدۇ. ھەتتا ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، چەتتە تۇرۇپ ئويۇن كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى باشقىلارنىڭ بالىسىنى يامان كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ بالىسىغا پۇرسەت ھازىرلاش ئۈچۈندۇر!3. باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش بەزى كىشىلەر دوستلىرىنى ئېلىپ سىزدىن پۇل سورىغىلى كېلىدۇ، پۇل قايتۇرىدىغان چاغدا باھانە كۆرسىتىپ، سىزنى دوستىنى ئىزدەشكە بۇيرايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە قارشى تەرەپ قايتۇرۇپ بەرمىسە، ئۇ ئۆزىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەيدۇ. مال تۈرى بىلەن، ئادەم خىلى بىلەن. ئالدامچى كىشى ئالدامچى بىلەن دوست بولىدۇ. ناۋادا سىز مۇشۇنداق مەسىلىگە يولۇققاندا، چوقۇم ئۆز مەنپەئەتىڭىزنى قوغداشنى بىلىشىڭىز كېرەك، ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقسا، ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. بەزىلەر مۇشۇنداق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ئەتراپىدىكىلەرنى ئالدايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىغا ئېرىشىدۇ.يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئالدى بىلەن ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى ئېنىق تونۇپ يىتىشىمىز؛ ئىككىنچىدىن، ئۆزىمىزنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز؛ ئاخىرىدا، سىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئائىلىدىن يىراق تۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. دوست-بۇرادەرلەر ۋە خىزمەتداشلار بىلەن باردى-كەلدى قىلغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ئائىلە ئىستىلى، پەزىلىتىنى ئېنىق تونۇپ يىتىشىمىز، ئەھۋالغا قارىتا ئىش قىلىشنى بېلىشىمىز كېرەك!ھەردەمباغ ھەر قايسى تارماق دۇكان زاكاس نومۇرلىرى