يالغۇزلۇق يېنىدا ئادەم بولماسلىق ئەمەس. يالغۇزلۇق ھېس قىلىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالماسلىق.
ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان كىشىلەر ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزدەشكە مەجبۇرلىغاندىن كۆرە، يالغۇزلۇقتىن كۆڭۈل خاتىرجەملىكى تاپقان ياخشى. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا شۇنى بايقايمىزكى، ئۆزىمىزنى مۇۋاپىق بولمىغان دائىرىگە ماسلىشىشقا مەجبۇرلىساق، ھېرىپ كېتىپلا قالماي، يەنە ئاسانلا ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز. يالغۇزلۇق قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى باشقىلارنىڭ رايىغا بېقىش ئۈچۈن ئۆزىگە ئۇۋال قىلىش.
بىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن مەجبۇرلىنىپ نەپەس ئالالماي قالدۇق، ھەتتا باشقىلارنىڭ رايىغا بېقىش ئۈچۈن ئۆزىمىزگە ئۇۋال قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق، بۇ بەلكىم بىزگە مەيداندىن چىقىپ، ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسىغا قايتىدىغان ۋاقىت بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىز پەقەت يالغۇز تۇرغاندىلا، ئاندىن ئۆزىمىزنى ھەقىقىي تونۇپ، قەلبىمىزنىڭ تىنچلىقىنى تاپالايمىز.
تەنھالىق ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئەقىل-پاراسەت، ئۆزىنىڭ قەلبىگە بولغان ھۆرمەت. يالغۇزلۇقنىڭ ئەمەلىيەتتە قورقۇنچلۇق يېرى يوق، ئۇ كۆپ ھاللاردا بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى بىر پارچە پاك تۇپراق.
ئىجتىمائىي ئالاقە بېسىمى چوڭ بولغان جەمئىيەتتە، بەزىدە بىز قانچە سىڭىپ كىرىشنى ئويلىغانسېرى، شۇنچە ئاسان چارچاپ ھالىمىزدىن كېتىمىز. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا، يان تېلېفوننى قويۇپ، تەشۋىشنى تاشلاپ قەلبىڭىزدىكى ئاۋازنى كۆپرەك ئاڭلاڭ.
ھەردەمباغ زاكاس نومۇرى بۇ يەردە--بېسىپ كىرىڭ.