ھەرخىل ئىجتىمائىي ئالاقە، نەپەس ئالالمىغۇدەك بېسىم، تۈگىمەس خىزمەتلەر سىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىڭىزنى، يەنى ئەركىنلىكىڭىزنى ئوغرىلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئاستا-ئاستا ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويىۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟
ئۇنداقتا ئەركىنلىك دېگەن زادى نېمە؟
مەلۇم بىر كىشى مۇنداق دېگەنىدى: «بىر ئادەم پەقەت يالغۇز تۇرغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئۆزى بولالايدۇ؛ ئەگەر ئۇ يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرمىسە، ئەركىنلىكنى ياخشى كۆرمەيدۇ؛ چۈنكى يالغۇز تۇرغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي ئەركىن بولغىلى بولىدۇ»دەپ.
نۇرغۇن كىشىلەر يالغۇزلۇقتىن قورقىدۇ، يالغۇزلۇقنى زېرىكىش، تاشلىنىپ قىلىش، تەنھالىق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي تەنھالىق ھەمراھ بولىدىغان ئادەم يوق دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ كىشىلەر توپىدىن ئۆزىنى تاپالماسلىق دېگەنلىكتۇر.
قانچىلىك ئادەم توختاپ ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆزىتىشنى خالايدۇ؟
بىر كۈندىكى 24 سائەتتە، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەتتىن باشقا، قالغان ۋاقتىنى ئەھمىيەتسىز ئىجتىمائىي ئالاقىگە سەرپ قىلىپ، ئۆزى بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
يالغۇزلۇق سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ناچارمۇ ئەمەس. ئەكسىچە، يالغۇزلۇق بىزنى شاۋقۇن-سۈرەندىن يىراقلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي ئۆزىمىزنى قايتۇرۇپ بىرىدۇ. شاۋقۇن-سۈرەن ئىچىدە ئېزىپ قالغاندىن كۆرە، يالغۇزلۇقتىن ھۇزۇرلانغان ئەڭ ياخشى.
بىر كىشى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: "مەن ھەر قېتىم دېڭىزنى كۆرىۋاتقان ۋاقتىمدا، باشقىلار بىلەن مۇڭداشقۇم كېلىدۇ. لېكىن باشقىلار بىلەن پاراڭلىشۋاتقاندا، ھېچنىمە قىلماي دېڭىزغا قاراپ تۇرغۇم كېلىدۇ" دەپ.
بەزىدە يالغۇزلۇق نورمال، ئۇنىڭدىن ياخشى ھۇزۇرلىنىڭ. پەقەت يالغۇز تۇرغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئۆزىڭىزنى، ئەركىنلىككە تەشنا روھىڭىزنى ئاستا-ئاستا تاپالايسىز.
شۇڭا ئەركىنلىك دېگەن-بەلكىم، نىقابىمىزنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، يالغۇزلۇقتىن ھۇزۇرلانغاچ، ئۆزىمىزگە قايتىدىغان بىر خىل ھالەت بولۇشى مۇمكىن.
ھەردەمباغ ھەر قايسى تارماق دۇكان زاكاس نومۇرلىرى