ئائىلە دېگەن مىھىر-مۇھەببەتكە تولغان، بىزگە ھۇزۇر ئاتا قىلىدىغان جاي. ئۆيىڭىز چوڭ، ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز ھەمراھ بولسا، ئائىلىدە مېھىر-مۇھەببەت بولسا ئەڭ مۇھىمى شۇ. مەيلى نېمە ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆيىڭىزنىڭ مۇشۇ 3 يىرى كۆڭلىڭىزدەك بولسىلا بەخت دېگەن شۇ.1. مېھمانخانا: ئىللىقلىققا تولۇپ تۇرىشىمېھمانخانا بىر ئائىلە كىشىلىرى پىكىر ئالماشتۇرىدىغان جاي. مېھمانخانىنىڭ مۇھىتى پاكىز بولسا، كىشى روھىي جەھەتتىن ئازادە، راھەت بولالايدۇ؛ 2. ئاشخانا: خۇش پۇراققا تولغان بولۇشى ئەگەر بىر ئائىلىدە ھەر كۈنى تاماق ئىتىلمىسە، ئاشخانا ئۆيدىن ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلمىسە، مېھىر-شەپقەت، بىر-بىرىنى قەدىرلەش، تەسىرلىنىشمۇ بولمايدۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېگەندە، مىھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. ئىشتىن ھىرىپ ئۆيگە كەلگىنىڭىزدە، ئىسسىق تاماق ھىدى ئۆينى بىر ئالغان ھالەت كىشىگە باشقىچە بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ؛ مۇشۇنىڭدەك ئاددى ئىشلار كىشىنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ.3.ياتاق ئۆي: سىزگە خاتىرجەملىك ھېس قىلدۇرىدىغان تۇرالغۇياتاق ئۆي بىزنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئالىدىغان جايىمىز، ياتاق ئۆيدە كۆپ نەرسە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، جىمجىتقىنە ئارام ئالالىسىڭىز، تىنچ ئولتۇرۇپ ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان كىتابنى ئوقۇيالىسىڭىز، سىزگە راھەتلىك، ئىللىقلىق، ھوزۇر ئاتا قىلالىسا تۇرمۇشتىكى بەخىتنىڭ ئۆزى شۇ.ئازادە، پاكىز مىھمانخانىمىز ئادەمنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازادە قىلىدۇ؛ خۇش پۇراققا تولغان ئاشخانا ئۆيدىكىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ؛ پاكىز، ئىللىق ياتاق ئۆي، سىزنىڭ ياخشى ئۇخلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ ئۈچ جاي ئائىلىمىزنىڭ بەخت-سائادەتلىك بولۇشىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، ئائىلىمىزنى مېھىر-مۇھەببەتكە تولدۇرۇپ، بىر-بىرىمىزگە غەمخۇرلۇق قىلىپ كۆيۈنۈپ، بەختىلىك تۇرمۇشنى ئۆزىمىز قولغا كەلتۈرەيلى!ھەردەمباغ ھەر قايسى تارماق دۇكان زاكاس نومۇرلىرى