قالقانسىمان بەز كېسىلىنىڭ 5 خىل سىگنالى

美食   2024-10-11 21:00   新疆  

نېمە ئۈچۈن قالقانسىمان بەز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ؟ قالقانسىمان بەزدىن مەسىلە چىقسا قانداق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ؟ ئادەتتە قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدا خىزمەت بېسىمى، تۇرمۇش تەرتىپسىزلىكى ۋە يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەكشى بولماسلىقى قاتارلىق ئىشلار ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدۇ، بولۇپمۇ قالقانسىمان بەزنى زەخىملەندۈرىدۇ. 
ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، قالقانسىمان بەز قۇتقۇزۇش سىگنالى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. 
1. كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، تەشۋىشلىنىش ياكى ئاسان ئاچچىقلىنىش 
قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يېتەرلىك بولماسلىق خامۇشلۇق ۋە كەيپىياتى چۈشكۈن بولۇش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپ بولسا بىئارام بولۇش ۋە ئاسان ئاچچىقلىنىشنى ئىپادىلىشى مۇمكىن، بەزىدە سەۋەبسىزلا يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ.

2. چارچاپ مۈگدەش ياكى ئاسان ئۇيقۇسىزلىنىش
قالقانسىمان بەز ئاجىزلاش ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەيلى قانچىلىك ئۇخلىسۇن، ئۇيقۇغا قانمىغاندەك ھېس قىلىدۇ. روھىي جەھەتتىن توختىماي ھاياجانلىنىپ، ئۇخلاش قىيىنلىشىدۇ، ئۇخلاش ۋاقتىمۇ زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ.

3. ھاجەتخانىغا كېرىش قېتىم سانى تۇيۇقسىز ئازلاپ ياكى كۆپىيىپ كېتىش 
قالقانسىمان بەز ئاجىزلاپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئاستىلاپ، قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، ئىچ سۈرۈش ياكى تەرەت قىلىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.

4. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۇيۇقسىز ئېشىپ كېتىشى ياكى تۆۋەنلەپ كېتىشى
قالقانسىمان بەز ئاجىزلاش بەدەن سەرپ قىلىدىغان ئېنېرگىيەنى ئازايتىۋېتىدۇ، گەرچە سىز بۇرۇنقىغا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئاز يېسىڭىزمۇ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز تەدرىجىي ئاشىدۇ. 
قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش بەدەننىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، گەرچە ئىشتىھايىڭىز نورمال بولسىمۇ، ھەتتا كۆپ يېسىڭىزمۇ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدۇ. 

5. چاچ شالاڭلاپ چۈشۈپ كېتىش، تېرە قۇرغاقلىشىپ كۆپ تەرلەش
قالقانسىمان بەز ئاجىزلىغان ئەھۋالدا، چاچ شالاڭلىشىدۇ ۋە ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ، تېرە قۇرغاقلىشىدۇ؛ قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش بەدەننىڭ كۆپ مىقداردا تەرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەگەردە سىزدە يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرەرسى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەكشۈرتۈپ، يامان ئەھۋالغا ئۆزگىرىپ، قالقانسىمان بەز راكى بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ. 
تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن ئادەتتە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەرەققىيات ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بىرىنچى قەدەم: ئەينەككە قاراپ، باشنى سەل ئارقىغا ئېگىپ، قالقانسىمان بەزنىڭ سىممېترىك ياكى سىممېترىك ئەمەسلىكى، ئىششىپ قالغان-قالمىغانلىقىغا قاراش؛

ئىككىنچى قەدەم: كۆرسەتكۈچ بارماق، ئوتتۇرا بارماق، نامسىز بارماق، ئۈچ بارماقنى جۈپلەپ، بوينىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىككى ياننى بويلاپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېنىك سىلاپ، ئېگىز-پەسلىكى بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك.

كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە دىققەت قىلغاندا، قالقانسىمان بەزنىڭ ناچارلىشىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
(1) ھەر كۈنى بالدۇر ئۇخلاش، ئاز دېگەندە يەتتە سائەت ئۇخلاش؛ 
(2) ئۈچ ۋاخ تاماقنى تەكشى يېيىش، تەركىبىدە يود مول بولغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش؛ 
(3) دائىم ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش، بىر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 450 مىنۇت ھەرىكەت قىلىش؛ 
(4) دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرمەسلىك، ئۈمىدۋار بولۇش؛ 
(5) تاماكىنى ئاز چېكىش، ھاراقنى ئاز ئىچىش.
بۇ كىسەللىك بىزگە ناھايىتى يىقىن  يەردە بولسىمۇ، بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، يېتەرلىك ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بىنورمال سېگنال بايقالغان ھامان ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنگەندە، كېسەلنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ھەردەمباغ ھەر قايسى تارماق دۇكان زاكاس نومۇرلىرى




 





一甸丝路
新疆海尔巴格餐饮股份有限公司是一家以新疆地方民族旅游、餐饮、娱乐、客房、零售、房地产、医药为一体化的具有独立法人资格的股份制企业,是全国特色餐饮业中以大众食品特色餐饮为主的兼具食品加工和经营的龙头企业。
 最新文章