باشقۇرغۇچىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش تەدبىرى باشقۇرغۇچىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ. ئەگەر ھەر قانداق مەسىلىنى ئۆزىڭىز باشقىلارغا تايانماي ياخشى بىر تەرەپ قىلالىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ خىزمەتتىكى قىممەت ئورنىڭىزنى ھېچكىم باسالمايدۇ. سىزنىڭچە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى دېگەن نېمە؟ بۇ تىلغا ئېلىنسىلا، بەزى باشقۇرغۇچىلار يول، ئۇسۇل-چارە تاپساقلا مەسىلىنى ھەل قىلالايمىز دەپ ئويلايدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇلار مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر چارە. ھالبۇكى، ئۇسۇل ئەلۋەتتە ناھايىتى مۇھىم، لېكىن ئۇ يۈزەكى، ئىشەنچىلىك ئەمەس. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئەزەلدىن ئۇسۇلدا ئەمەس. باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئەگەر سىز ئۇسۇل قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، باشقىلارنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆلۈك ھالدا قوللانسىڭىز، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلالمايسىز. 1. ھەر قانداق ئۇسۇل-چارە چەكلىمىلىككە ئىگە 1. سىز ئۆگىنەلەيدىغان ئۇسۇل چوقۇم باشقىلارنىڭ ئىلگىرىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندىن كېيىن ھاسىل قىلغان تەجرىبىسى، ئۆلچىمى ۋە تەپەككۇرىنىڭ يەكۈنى. شۇڭا، ھەر قانداق ئۇسۇل ئۆتمۈشنى ئاساس قىلىدۇ، سىز ئۇنى ئۆزگەرتمەي ئىشلەتسىڭىز، ئىلگىرىكى ئۇسۇلنىڭ ھازىر ئۈنۈم بېرىشى ناھايىتى تەس.مەسىلەن، ئىلگىرى بەزى باشقۇرغۇچىلار ھوقۇق ئارقىلىق باشقىلارنى بېسىشنى ياخشى كۆرەتتى، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ تاللىشى ئاز بولغاچقا، باشلىقىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايتتى. لېكىن ھازىر دەۋر ئۆزگەردى، تاللاش كۆپەيدى، سىز بۇ كونا ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ خىزمەتچىلىرىڭىزنى باشقۇرسىڭىز، چوقۇم قارشىلىققا ئۇچرايسىز.2. ھەرقانداق ئۇسۇلنىڭ بارلىققا كېلىشى باشقىلارنىڭ مۇئەييەن مۇھىتتا، مۇئەييەن ئادەم ۋە مۇئەييەن مەسىلىگە يۈزلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ. سىز دۇچ كەلگەن ئادەم، ئىش، نەرسە، مۇھىت بىلەن ئوخشىمايدۇ. سىز ئۇنى پاراللېل يۆتكەپ كېلىپ، ئەينەن ئىشلەتسىڭىز، خەقنىڭ مېڭىشىنى دورىغىنڭىزدۇر. 3. تەييار ئۇسۇل ۋە ھيلە-مىكىرلىك ئاسانلا بىر خىل خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ، بەزى ھورۇن باشقۇرغۇچىلار پىكىر يۈرگۈزمەي ۋە پەرقلەندۈرمەي، ئۆزىنىڭ كوللېكتىپىغا ئېلىپ كىرىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى قىينايدۇ. بۇ پىسخىكا جەھەتتە ئاسانلا تايىنىۋىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ھەم كەسىپنى، ھەم قوشۇنىنى ياخشى باشقۇرالماي، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھەتتا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنىمۇ يوقىتىپ قويىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە باشقۇرغۇچىنىڭ ئىستىقبالى ۋە قىممىتى بولمايدۇ.
2. مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، مۇھىمى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئېنىقلىما بېرىش ئەڭ مۇھىم ھەم ئەڭ قىيىن خىزمەت توغرا جاۋاب تېپىش ئەمەس، بەلكى مەسىلىنى توغرا بايقاش. مەسىلىنى توغرا بايقاشنىڭ يادروسى مەسىلىگە ئېنىقلىما بېرىش. سىز مەسىلىگە ئېنىقلىما بېرەلىسىڭىز، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنىڭ قەيەردىلىكىنى تاپالايسىز، شۇ ئارقىلىق ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلالايسىز. باشقۇرۇش خىزمىتى ناھايىتى كۆپ، لېكىن يىغىنچاقلىغاندا مەسىلىنى چوقۇم پەرقلەندۈرۈپ، ئېنىق ئېنىقلىما بېرىپ، ئاندىن قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئوخشاش بولمىغان تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىشىڭىز كېرەك. 1. كۈندىلىك مەسىلىلەر دېگىنىمىز- قارىماققا ئاددىي، تەكرار كۆرۈلىدىغان، ئەمما چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. بىر مەسىلە ئالدىڭىزغا كەلگەندە، سىز چوقۇم تېز سۈرئەتتە پەرقلەندۈرۈشىڭىز، ئېنىقلىمىڭىز ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ كۈندىلىك مەسىلىگە كىرسە، ئۇنداقتا سىز ئۇنى كۈندىلىك تەرتىپ قائىدىسىگە كىرگۈزۈشىڭىز كېرەك. ھەر بىر شىركەتنىڭ كۈندىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا دائىملىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بولىدۇ، ئېنىق بەلگىلىمە بولمىغان تەقدىردىمۇ، يوشۇرۇن ئورتاق تونۇش بولىدۇ، تەكرار كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى كىمنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش، قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك دېگەندەك. باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن كۈندىلىك مەسىلىلەرگە يۈزلەنگەندە، بىرىنچىدىن، تەرتىپتىن پايدىلىنىشىڭىز؛ ئىككىنچىدىن، ھوقۇق بېرىشنى بىلىشىڭىز كېرەك.
2. تېخنىكىلىق مەسىلە ئادەتتە ئالاھىدە كەسىپ، ئالاھىدە نىشان توغرىسىدا پەيدا بولغان قىيىن مەسىلە. ئۇنىڭدا تەييار چارە يوق، پەقەت يادرولۇق تايانچلار، مەخسۇس خادىملارنىڭ تەجرىبىسى، ئۇسۇلى ۋە بىلىمىگە تايىنىدۇ. باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، چوقۇم تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى پەرقلەندۈرەلىشىڭىز كېرەك، چۈنكى بۇ سىز نۇقتىلىق باشقۇرۇشقا تېگىشلىك، شۇنداقلا سىزنىڭ قىممىتىڭىزنى نامايان قىلىدىغان جاي. باشقۇرۇش تېخنىكىلىق مەسىلىسى ئىشتىن بۇرۇن ۋە ئىشتىن كېيىن دەپ ئىككى نۇقتىغا بۆلۈنىدۇ. ئىشتىن بۇرۇن، سىز خىزمەتچىلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تۈزۈمىنى ياخشى بېكىتىشىڭىز كېرەك. ئىشتىن كېيىن، سىز بىلىم، تەجرىبە توپلاپ، ئۇنى تەرتىپلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك مەسىلىگە ئايلاندۇرۇشىڭىز كېرەك. بۇ ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتىڭىز، چۈنكى يادرولۇق تايانچلارنىڭ بىلىمى ۋە تەجرىبىسى ئۇنىڭ كاللىسىدا مەۋجۇت، ئۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ. شۇڭا، سىز ئۇنىڭ تەجرىبىسىنى ئايرىپ چىقىپ، تەرتىپ ۋە سىستېما شەكىللەندۈرۈپ، كوللېكتىپنىڭ تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدىغان بايلىق ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇشىڭىز كېرەك. كوللېكتىپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىگە يولۇققاندا، خالىغان ۋاقىتتا يۆتكەپ ئىشلىتەلەيدۇ. بۇ تېخنىكىلىق مەسىلىنى كۈندىلىك مەسىلىگە ئايلاندۇرۇشتۇر. باشقىلارنىڭ سىزگە ئەگىشىدىكى سەۋەب، ئۇ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، لېكىن سىز يۆنىلىشنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىسىز. شۇڭا سىز چوقۇم باشقىلار كۆرەلمەيدىغان پۇرسەتلەرنى كۆرۈشىڭىز، كوللېكتىپنىڭ يۆنىلىشىنى، شىركەتنىڭ يۆنىلىشىنى، كەسىپنىڭ يۆنىلىشىنى بىلىشىڭىز كېرەك. سىز ۋەزىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھازىرقى ئەندىزىنى ئۆزگەرتىپ، سەرخىل قوشۇنلارنى تەشكىللىگەندىلا، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، مانا بۇ يىراقنى كۆرەرلىك.ئەڭ ئاخىرىدا خۇلاسىلىساق، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئۇسۇلدا ئەمەس، چۈنكى ئۇسۇلنىڭ چەكلىمىسى ناھايىتى چوڭ. باشقۇرغۇچىلار مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسا، مەسىلىنى پەرقلەندۈرەلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئېنىقلىما بېرەلىشى، ئاندىن نىشانلىق ھالدا بىر-بىرلەپ ھەل قىلىشى كېرەك.
ھەردەمباغ ھەر قايسى تارماق دۇكان زاكاس نومۇرلىرى