ھەردەمباغ كوللىكتىپ پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بىرىلماقتا!

美食   2024-09-11 21:01   新疆  


ئالتۇن كۈز ئايلىرىنىڭ بىرى بولغان 9-ئايدا، ھەردەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركەتتىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملارغا كوللىكتىپ دالا پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى. 9-سېنتەبىر سەھەردە شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جۇ جىفاڭ، يىمەك-ئىچمەك باش نازارەتچىسى يىن جىياخۇا، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى ئىلھام مەمەت، مەمۇرىي ئىشخانا مودىرى ڧىڭ ئەيپىڭ ھەردەمباغ كوللىكتىپ ئەزالىرىنى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ بەنفاڭگۇغا (板房) ئېلىپ كەلدى، بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت كوللېكتىپنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتۇش، ھەردەمباغنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىش ئۈچۈن ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش ئۈچۈندۇر.















بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:00 دا ئاپتوبۇس قوزغالدى، مەنزىلگە كەلگەندىن كېيىن بىر قانچە خىل ئويۇن ئويناش بىلەن بۇ پائالىيەت رەسمىي باشلاندى. تۇنجى بولۇپ ئىككى-ئىككىدىن بىر گۇرۇپپا بولۇپ پۇتىنى تېڭىپ يۈگۈرۈش ئويۇنى ئوينىدى. بۇنىڭدا كوللىكتىپ ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئىشەنچنى سىناپلا قالماي، كۆپچىلىككە «ئىتتىپاقلىق كۈچ» دېگەن ھەقىقەتنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. ئارقىدىن ئارغامچا تارتىش ئېلىپ بىرىلدى، ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە كۆپچىلىكنىڭ مەدەت بەرگەن ئاۋازى نەق مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە چىقاردى. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا كۆپچىلىك تاماق يېگەچ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش توغرىسىدا قىزغىن پاراڭلاشتى.






















ھەرخىل ئويۇنلار تۈگىگەندىن كېيىن، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى ئىلھام مەمەت  يېڭىپ چىققان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرگە مۇكاپات بۇيۇمى تارقاتتى. شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى بىر كۈنلۈك كوللىكتىپ پائالىيىتى مول ھوسۇل ۋە خۇشاللىققا چۆمگەن ھالدا ئاخىرلاشتى. كەلگۈسىدە ھەردەمباغنىڭ ھەر بىر ئەزاسى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ھەمكارلىق بىلەن شىركەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلغۇسى.






一甸丝路
新疆海尔巴格餐饮股份有限公司是一家以新疆地方民族旅游、餐饮、娱乐、客房、零售、房地产、医药为一体化的具有独立法人资格的股份制企业,是全国特色餐饮业中以大众食品特色餐饮为主的兼具食品加工和经营的龙头企业。
 最新文章