رۇسيە ئارمىيسى مىسلى كۆرۈلمىگەن رىكۇرت ياراتتى!شىددەتلىك ھۇجۇم ق

文摘   2024-10-20 22:00   新疆  

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى


رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ مىڭ كۈنلۈك ئۆتكەلگە قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، پۇتىننىڭ سەۋرچانلىقى ئاللىقاچان خوراپ تۈگىدى. بۇ ھەپتە روسىيە ئارمىيىسى كۇرسكتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىددەتلىك ھۇجۇمنى باشلىدى، بۇ ئۇكرائىنا ئارمىيىسىگە

نىسبەتەن بىر قېتىملىق ئېغىر مەغلۇبىيەت. رۇسىيە ئارمىيەسى تۇيۇقسىز يېڭى بىر باسقۇچلۇق قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى تەمتىرىتىپ قويدى. رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئارقا سەپ يولى ليۇبىموۋكا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 38-030 تاشيولىنى تېزلىكتە تارتىۋالدى. ئەگەر ئادەتتىكى ئادەم بولغان بولسا، ئاللىقاچان چېكىنىشنى تاللىغان بولاتتى؛ ئەمما، ئۇكرائىنا ئارمىيىسى قوماندانلىق شىتابى شىمالىي سەپكە ئەسكەر كۆپەيتىشنى تاللىدى. روشەنكى، بۇ قارار زېلېنسكىي چۈشۈرگەن بۇيرۇق بولۇپ، ئىشلەتكىلى بولىدىغان بارلىق ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلارنى سەپەرۋەر قىلىپ،

پۈتۈن كۈچى بىلەن كۇرسكقا قاراپ ئىلگىرىلىدى. 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 11 دە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى سۋېردلىكوۋو كەنتىدىن يولغا چىقىپ،38 - 030 تاشيولىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ توقۇنۇشتىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق قايتۇرما زەربە بەردى.

يېڭى ۋانوۋكا كەنتى سېپىدە. ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بىر پىيادە ئەسكەرلەر ليەنى بەش تانكىنى ئېلىپ،

بۇ كەنتكە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى، بىر مەيدان كەسكىن ئېتىشىش ئارقىلىق، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى كەنتنىڭ شەرق تەرىپىنى ئىشغال قىلدى. ئاندىن ئۇكرائىنا قوشۇنى يەنە ليۇبىموۋكا ۋە تولستېيلۇگ كەنتىدە كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى. گەرچە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي مۇداپىئە لىنىيەسىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ،

لېكىن تولستېي لۇگ كەنتىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىپ، رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن كەسكىن تىركىشىش ئۇرۇشى قىلدى. ئەڭ يېڭى ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇرۇشنىڭ مەركىزى يېڭى ۋانوۋكا بىلەن مالايا لوكنىيە ئارىسىدىكى ئالدىنقى سەپكە يۆتكەلگەن. بۇ ئۇرۇش سېپى ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. رۇسىيە ئارمىيەسى بۇ ئىككى كەنتنى ئىشغال قىلسا ھەمدە داۋاملىق ئىچكى قىسىمغا قاراپ ئىلگىرىلىسە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى قورشاۋدا قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى سۇجا شەھىرىگە نۇرغۇن زاپاس قوشۇن ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى تاشيول تورىدىن پايدىلىنىپ ئەسكىرىي كۈچىنى تېز يۆتكىمەكچى بولدى. ھالبۇكى،

رۇسىيە ئارمىيەسى ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرماي، نۇرغۇن كۆۋرۈكلەرنى تېزلىكتە پارتلىتىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئارقا سەپ لىنىيەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ياردەمچى قىسىمنى ئايلىنىپ مېڭىشقا مەجبۇر قىلدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، رۇسىيە گېنېرال مايورى ئاراۋدىنوفنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ سەرخىل

قىسمى كەڭ كۆلەمدە تەسلىم بولۇۋېتىپتۇ. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 16 - چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى كۇرسك يۆنىلىشىدە 350 ئەسكەر ۋە ھەر خىل ئاپتوموبىلدىن 28 نى زىيانغا ئۇچراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش زەمبىرەك بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ ئالتە ئەسكىرى تەسلىم بولۇپ روسىيە ئارمىيىسىگە قاتناشتى.

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسى كۇرسك يۆنىلىشىدە بىر كۈن ئىچىدە 350 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى يوقىتىپ، ھەر خىل برونېۋىك ئاپتوموبىلدىن 21 نى پاچاقلاپ تاشلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى تانكا، ئۈچ پىيادە ئەسكەرلەر ئۇرۇش ئاپتوموبىلى ۋە 16 برونېۋىك بار ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەش مىناميوت پارتلىتىۋېتىلدى، يەتتە ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالتە ئۇكرائىنا ئەسكىرى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇپ يورۇقلۇققا چىقتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۈچ ھالقىلىق نۇقتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتۇرۇۋالغان.

رۇسىيەنىڭ شاۋجياڭ مايورى ئاراۋدىنوف ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بۇ يەردىكى ئىشغالىيەت رايونىنىڭ %50 كە يېقىن زېمىنىنى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تارتىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، روسىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ نىشانلىرىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، بىر كۈن ئىچىدىلا 25 قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى رېكورت ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە ئارمىيەسى تېزلىكتە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پىيادە ئەسكەرلەر لۈيى ۋە پاراشوتچىلار تۈئەنى قاتارلىق نۇرغۇن كۈچلەرنى توپلاپ، كۇرسكقا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىدى.

Serlik Tabiyat
سېرلىق تەبىيەت سالۇنىمىزغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا قېرىندىشىم!
 最新文章