ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
تۈنۈگۈن بىر كۈندىلا رۇسىيە ئارمىيەسىدىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى 1460 قا يەتتى، رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، رۇسىيە ئارمىيەسىدىن 680 مىڭ ئەسكەر چىقىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ مەيداندىن چۈشۈشكە تەييارلىق قىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ توپچى قىسىملىرى ھەرىكەتكە كەلدى 26 ئۆكتەبىر، رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى «كىشىلەر تەييارلىنىپ بولدى! شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى روسىيە چېگرىسىغا ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەك توپلاۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى فىنلاندىيەنىڭ روۋاييېرۋى مەشىق مەيدانىدا «24 قارىغا ئېتىش» ناملىق چوڭ كۆلەملىك توپچى قىسىم مانېۋىرى ئۆتكۈزدى،
بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئوت كۈچى نامايەندىلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالدى، مانېۋىرغا قاتناشقان ئەسكىرىي كۈچ 28 ئەزا دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، تەخمىنەن 5000 ئەسكەر رۇسىيە چېگراسىغا 100 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا يىغىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە مانېۋىر 28 نويابىرغىچە داۋاملىشىدىكەن. فىنلاندىيە بىلەن شۋېتسىيە بىر يىل ئىلگىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولغان، يەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھازىر رۇسىيەنىڭ غەربىي
چېگراسىغا بىۋاسىتە تەھدىت سالالايدۇ. فىنلاندىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇل بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىتتىپاق بىلەن رۇسىيەنىڭ تىركىشىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان،28 دۆلەتنىڭ ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەكلىرى ۋە باشقا ھەربىي قورال - ياراغلىرى ئارقا - ئارقىدىن فىنلاندىيەگە يېتىپ كەلدى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يىراق مۇساپىلىك ئوت كۈچى رۇسىيە زېمىنىغا تەھدىت پەيدا قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.
فىنلاندىيە ھۆكۈمەت تەرەپ باياناتىدا بىۋاسىتە ئىغۋاگەرچىلىكتىن ساقلانغان بولسىمۇ،
بىراق 8 - ئايدىلا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى فىنلاندىيەنىڭ مىكېلى شەھىرىگە 5000 كىشىلىك بىرونېۋىك برىگادىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، روسىيە چېگرىسىغا ئوخشاشلا 100 كىلومېتىر كېلىدىكەن. رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى رۇسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت پەيدا قىلدى، دەپ قارىدى.
دەسلەپتە، رۇسىيە ئارمىيەسى ھالقىلىق ئىستراتېگىيەلىك تايانچ پونكىت ۋۇكلايدارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىگەندىن كېيىن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاشنى پىلانلىغان. ئەمما، كېيىن كەلگەن خەۋەر پۇتىننى ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى رۇسىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيە ئەسلىھەلىرى، ئارقا سەپ تەمىنات لىنىيەسى ۋە مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. رۇسىيەنىڭ نەچچە يۈز كۈرەشچى ئايروپىلانى 10 مىنۇت ئىچىدە ۋەيران بولدى،
رۇسىيەنىڭ ھانسكايا ئايرودۇرۇمى قىسقىغىنە 10 مىنۇت ئىچىدە 57 كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئوت يالقۇنى يۇتۇپ كەتتى. ئارقىدىنلا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ، ساقلانغان شاھىد - 136 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن 400 نى پاچاقلاپ تاشلىدى. بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار رۇسىيەنىڭ يىراق مۇساپىلىك زەربە بېرىشىدىكى مۇھىم قورالى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەيران قىلىنىشى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا،
ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە،16 - بەلگىلىك بىر ئايروپىلان رۇسىيەنىڭ سۇ - 34 تىپلىق ھۇجۇمچى بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېتىپ چۈشۈرگەن، بارلىق ئايروپىلان ئەزالىرى ئامان قالغان. روسىيەنىڭ ھالقىلىق ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش 9 - ئايدىن بۇيان، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى روسىيەنىڭ ھالقىلىق ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. زىچ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز
ئايروپىلان بىلەن زەربە بېرىش ئارقىلىق، ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا، راكېتا ۋە توپچى قىسىم زاپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلدى. قىرىمدىكى بىر مۇھىم ئېنىرگىيە بازىسى بەش كۈن لاۋۇلداپ كۆيگەندىن كىيىن ئاران ئۈچۈرۈلدى. روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ھازىر سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە.