چېچىنىيە رەھبىرى قادىروف: «مەن قىساس ئالىمەن»

文摘   2024-10-19 22:33   新疆  



                                     مەزمۇن

ئەگەر سالۇنىمىزدىكى مەزمۇنلارسىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى-تەرىزى بولغان بولسابىزبىلەن ئالاقىلشىڭ ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلىدۇ


گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى *** قادىروف شىمالىي كاۋكاز رايونىدىكى ئۈچ نەپەر رۇسىيە سىياسىيونىدىن قىساس ئالىمەن دەپ جار سېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى، دەپ ئەيىبلىگەن.


خەۋەردە دېيىلىشىچە، قادىروف 10-چېسلا چېچىنىيەنىڭ مەركىزى گروزىندا بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىغا سۆز قىلغاندا يۇقىرىقىدەك تەھدىت سالغان، ئۇ يەنە «تېلېگرامما» ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئالاقىدار سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلغان.

◄رۇسىيە چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى *** قادىروف ( رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ماتېرىيال سۈرىتى )
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقە روسىيەدىكى ئەڭ چوڭ توردا پارچە سېتىش سودىگىرى ياۋا بۆلجۈرگەن شىركىتىنى چۆرىدىگەن سودا توقۇنۇشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ توقۇنۇش 9-ئايدا موسكۋادىكى بىر قېتىملىق قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسىگە ئايلىنىپ، ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
قادىروفنىڭ تەھدىت ئوبيېكتى داغىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككى سىياسىيونى رۇسىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كرىموف بىلەن دۆلەت دۇماسىنىڭ ۋەكىلى *** ئىدى. ئۇ يەنە ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتى دۇماسىنىڭ ۋەكىلى بالاخويېفنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى ئۈچىنچى قىساس ئېلىش نىشانى قىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياۋا بۆلجۈرگەن شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تاتيانا كىن بىلەن ئۇنىڭ ئاجرىشىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ئېرى ۋلادىسلاۋ باكارچۇك شىركەتنىڭ نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق كىرىمىنى چۆرىدىگەن بىر مەيدان تالاش-تارتىشقا چېتىلىپ قالغان.
9-ئايدا باكارچۇك شىركەتنىڭ موسكۋادىكى باش شىتابىغا باستۇرۇپ كىرىشكە ئۇرۇنۇپ، ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،

ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن شىركەتنىڭ ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچىسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. داغىستان سىياسىيونى كىرىموف بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسىنى قوللىدى، قادىروف بولسا ھېلىقى ئېرىنى قوللىدى.
قادىروف كۆرۈنمە چاستوتىدا قوشنا رايونلاردىكى بۇ سىياسەتۋازلارغا تەھدىت سالغان، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا موسكۋادىكى ھېلىقى ۋەقەنى ئىرقىي توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان.



قۇللاپ ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپلا چىكەتسىڭىز بۇلدۇ قېرىندىشىم رەھمەتسىزگە


!!!دوسلار دېققەت

بىر قىسىم سېرىق مەزمۇن يوللايدىغان مەينەت،خەلىقنىڭ ئىدىيسىنى بۇلغايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 20 مىڭدىن ئاشماقتا. ئەمما بىزدەك ساغلام ،پاكىز مەزمۇن يوللايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ئاستىدىكى خەنزۇچە ئېلاننى بېسىپ قويسىڭىز بىزگە 3 مو پۇل كىرىدۇ، سىزدىن ھېچنىمە چىقىپ كەتمەيدۇ، مەينەت سېرىق سالونلارنى قوللامسىز؟!ياكى بىزنىمۇ تاللاش ئۆزىڭىزدىن!

سىزدىن بىر پۇڭ چىقىپ كەتمەيدۇ دۇستۇم ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىڭ 👇

Serlik Tabiyat
سېرلىق تەبىيەت سالۇنىمىزغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا قېرىندىشىم!
 最新文章