مەزمۇن
ئەگەر سالۇنىمىزدىكى مەزمۇنلارسىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى-تەرىزى بولغان بولسابىزبىلەن ئالاقىلشىڭ ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلىدۇ
ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
ئۇكرائىنا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەن ئارمىيەسى مالىنىڭ ئۇپول ئەتراپىدا توپچى قىسىم مەشىقى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. زېلېنسكىيمۇ چاۋشيەن ئارمىيىسىنىڭ ئوكرائىنا ئالدىنقى سېپىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.
بۇ رۇسىيەنىڭ شەرقتىن كەلگەن كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. «ئۇكرائىنا كىيېۋ پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،3000 دىن ئارتۇق چاۋشيەن ئەسكىرى رۇسىيەنىڭ كۇرسىك ۋە بريانىسك ئىشتاتىغا كىرگەن، رۇسىيەنىڭ خىللانغان 11 - پاراشوتچىلار زەربىدارلار لۈيى بۇ چاۋشيەن ئارمىيەسىنى جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدا مەشىق قىلدۇرۇۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن باشقا،
پۇتىن دۆلەت دۇماسىغا چاۋشيەن بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى رەسمىي تەستىقلاشنى مەقسەت قىلغان بىر لايىھە تاپشۇردى. رۇسىيەنىڭ چاۋشيەن ئارمىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، ئۇنى مۇستەقىل ھالدا يېڭى بىر قىسىم قىلىپ تەشكىللەشنى ھەمدە ئۇنى زامانىۋى قورال - جابدۇق ۋە ھەربىي ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى.
بۇ ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولغىنى 2022 - يىلى 2 - ئايدا كىيېۋ ئانتونوف ئايرودۇرۇمىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 11 - پاراشوتچىلار زەربىدارلار لۈيى بولۇپ،
ئۇلار چاۋشيەن ئارمىيەسى ئۈچۈن ئالاھىدە جەڭ مەشىقى ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە ئۇلارغا رۇسىيەنىڭ خىللانغان پاراشۇتچى قىسمى بىلەن ئوخشاش قورال - ياراغلارنى سەپلەپ بېرىدۇ. ئۇكرائىنا ئەمەلدارى ئاندىرى كوۋالېنكو گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، لېكىن پەقەت %1 چاۋشيەن ھەربىيلىرىلا رۇس تىلىدا سۆزلىيەلەيدۇ، دېدى. بۇ چاۋشيەن قىسىملىرىنىڭ مۇستەقىل يىڭ دەرىجىلىك ئورۇن قىلىپ تۈزۈلسىمۇ، مۇرەككەپ جەڭ مەيدانى مۇھىتىدا رۇسىيەنىڭ دوست ئارمىيەلىرى بىلەن قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش دۇچ كېلىدىغان زور خىرىس ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. «كىيېۋ پوچتا گېزىتى» نىڭ تەھلىل قىلىشىچە،
پۇتىن دۆلەت ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىشتىن كۈچىنىڭ بارىچە ساقلىنىۋېتىپتۇ، لېكىن ئالدىنقى سەپتە ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا، رۇسىيە دۇچ كېلىۋاتقان ئادەم كۈچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى بارغانسېرى گەۋدىلىنىۋېتىپتۇ. پۇتىن دۆلەت ئىچىدىكى سەپەرۋەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلدى، شۇڭا ئۇ باشقا يوللار ئارقىلىق ئادەم كۈچى بايلىقىنى تولۇقلىدى، بۇ چاۋشيەن ئارمىيەسىنى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۆلچەرلىنىشچە نەچچە ئون مىڭ چاۋشيەن ئەسكىرى روسىيەنىڭ ئۇرۇش سېپىگە قوشۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئاندىرى كوۋالېنكو مۇنداق دەپ ھېسابلىدى:چاۋشيەن ئارمىيەسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلايدۇ، تۇنجى ئۇرۇش رايونى كۇرسىك بولىدۇ. چۈنكى رۇسىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق مۇداپىئەلىنىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، رۇسىيە چاۋشيەن ئەسكەرلىرىنى قانۇنلۇق ھالدا كۇرسك ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتىپ، ئۇكرائىنا كۈچىگە زەربە بېرەلەيدۇ. بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش رۇسىيەنى ئۆز زېمىنىدا چاۋشيەن
ئارمىيەسىدىن ئاشكارا پايدىلىنىپ، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، چاۋشيەن ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەن تەبىئىي ھەمكارلىق ئەۋزەللىكى مەۋجۇت. چاۋشيەننىڭ تاكتىكا ۋە قورال - ياراغ سىستېمىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ ئىككىسى ھەمكارلاشقاندا يوچۇقسىز جىپسىلىشالايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، چاۋشيەن ئەۋەتكەن ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇزۇن ۋاقىت مەشىق قىلغان كونا ئەسكەرلەر بولۇپ، ئوتتۇرىچە مەشىق ۋاقتى بەش يىلغا يېتىدۇ. نۆۋەتتىكى رۇسىيە - ئۇكرائىنا جەڭ مەيدانىدا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى ئەسكەر ۋە سەپەرۋەر قىلىنغان ئەسكەرلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، رۇسىيە تەرەپمۇ ئوخشاشلا يېڭى ئەسكەرلەرنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا،3000 نەپەر چاۋشيەنلىك كونا ئەسكەرنىڭ كېلىشى غايەت زور جەڭگىۋارلىقىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
ھالقىلىق پەيتتە، تەجرىبىسى مول بىر كونا ئەسكەرنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارى ئون يېڭى ئەسكەرگە باراۋەر كېلىدۇ. چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئۇرۇش قىلىشى دۆلەتنىڭ شان - شەرىپى ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى رۇسىيە - چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر، شۇڭا ئۇلار كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسىنى زىممىسىگە ئالغان، بۇ خىل بۇرچ تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇشى مۇمكىن. ئومۇملاشتۇرغاندا، چاۋشيەننىڭ كونا ئەسكەرلەر لۈيىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئوكرائىنا ۋە روسىيەنىڭ ئادەتتىكى ماشىنىلاشقان پىيادە ئەسكەرلەر لۈيىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇكرائىنا بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشنى تاللىمىدى،
بەلكى سۇزا رايونىغا ئەسكەر كۆپەيتىپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىش ئارقىلىق رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇندى. ئەمما روسىيە يەنىلا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. روشەنكى، زېلېنسكىي بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئارقىلىق غەربكە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ سۆھبەت ئۈستۈنلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەغلۇپ بولدى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىدىكى زۇڭلى نامزاتى فرىدرىخ مېلز ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۇكرائىنانىڭ يىراق مۇساپىلىك زەربە بېرىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىنى قوللىدى ھەمدە ئۇكرائىنانى سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەردى.
قۇللاپ ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپلا چىكەتسىڭىز بۇلدۇ قېرىندىشىم رەھمەتسىزگە
!!!دوسلار دېققەت
بىر قىسىم سېرىق مەزمۇن يوللايدىغان مەينەت،خەلىقنىڭ ئىدىيسىنى بۇلغايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 20 مىڭدىن ئاشماقتا. ئەمما بىزدەك ساغلام ،پاكىز مەزمۇن يوللايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ئاستىدىكى خەنزۇچە ئېلاننى بېسىپ قويسىڭىز بىزگە 3 مو پۇل كىرىدۇ، سىزدىن ھېچنىمە چىقىپ كەتمەيدۇ، مەينەت سېرىق سالونلارنى قوللامسىز؟!ياكى بىزنىمۇ تاللاش ئۆزىڭىزدىن!
سىزدىن بىر پۇڭ چىقىپ كەتمەيدۇ دۇستۇم ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىڭ 👇