ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
زېلېنسكىيغا تۆت شۇم خەۋەر كەينى - كەينىدىن كەلدى. بىرىنچى ئىش، زېلېنسكىنىڭ ئىپادىسى كىشىلەرنى نارازى قىلدى پايدىلىنىش خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى يېقىندا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ توقۇنۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دەرھال ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ قارار گەرچە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن زېلېنسكىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ يىل 5 - ئايدا كىيېۋدىكى ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زېلېنس گېنى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش ۋە ئۇرۇش ئىپادىسى قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ كۆلەمدە نارازىلىققا ئۇچرىغان، ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتى %64 كە چۈشۈپ قالغان.
گەرچە نۇرغۇن سايلىغۇچىلار يېڭى زۇڭتۇڭ بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، زېلېنسكىنىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قارشى تۇرۇش سادالىرى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، زېلېنسكىي دەرھال ئىستىپا بېرىپ، زۇڭتۇڭلۇق ھوقۇقىنى پارلامېنت رەئىسىنىڭ يۈرگۈزۈشىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. زېلېنسكىي نۇرغۇن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسى كەمچىل كۆرۈنەتتى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلاشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن، لېكىن زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى تۇنجى قېتىم ئۇكرائىناغا چۈشۈپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، ئاندىن توقۇنۇشنىڭ ھەقىقىي يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغان.
دەسلەپتە ئاگاھلاندۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئېھتىمالى بولغان تەھدىتىگە سەل قارىدى، ھەتتا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى كەسكىن رەت قىلدى. كېيىنكى ئۈچ يىللىق توقۇنۇشتا، ئۇ ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن زىياننى كۆپ قېتىم قەستەن يوشۇرۇپ ياكى سۇسلاشتۇرۇپ، غەرب بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، رۇسىيە بىلەن داۋاملىق قارشىلىشىشنى تاللىدى. مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا، رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ پارتلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۇكرائىناغا كەلتۈرگەن ئېغىر زىيىنى ئۈچۈن زېلېنسكىي چوقۇم بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇڭا ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلىشى مۇمكىن.
ئىككىنچى ئىش، ئۇكرائىنا ئالىي رادا زېلېنسكىنى يىقىتامدۇ؟ ئۇكرائىنا ئالىي رادانىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يېۋگېننى شېۋچىنكو رۇسىيە بىلەن تېزدىن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى. شېۋچىنكو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:قانچە بالدۇر سۆھبەت ئۆتكۈزۈلسە، ئۇكرائىنانىڭ پايدىلىق ماددىلارغا ئېرىشىش پۇرسىتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، ئەڭ ياخشى شەرتنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئاساسى ئىككى:ئالدى بىلەن، دۈشمەن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا چوقۇم مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇ پەقەت بىر تەرەپكە ھوقۇق بېرىپ، يەنە بىر تەرەپكە مەسئۇلىيەت بېرىدىغان يەككە تەرەپلىك كېلىشىمگە قارشى تۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن،
شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۇبيېكتىپ تونۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، بۇ ئىشەنچكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، «ئۇچرىشىش» روھىي ھالەت مەسىلىسىگە تېخىمۇ چېتىلىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، ھازىرقى ئۇكرائىنادىكى ئەڭ يۇقىرى رادانىڭ ھوقۇقى ئاساسەن ئاجىزلاپ كەتتى، زېلېنسكىي بارلىق تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. زېلېنسكىي ئەمەس، ھەتتا ئۇ تەيىنلىگەن ئىشخانا مۇدىرى يېرماك ئەڭ ئالىي راداغا ئىنتايىن سوغۇق مۇئامىلە قىلاتتى.
بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەب شۇكى، ئامېرىكىنىڭ زېلېنسكىنى قوللىشى ئۇنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى قىسمىدا،
زېلېنسكىي بىلەن قارشىلاشقان ھەرقانداق ھەرىكەت ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا بىلەن قارشىلاشقانلىق بولۇپ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر سۆھبەتلەشكەن تەقدىردىمۇ زېليانسكىي بىلەن سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى ئاللىقاچان بىلدۈرگەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئىمزا قويۇشىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، زېليانسكىي زۇڭتۇڭلۇق ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان، شۇڭا ئۇكرائىنانىڭ ھوقۇقىنى ئەڭ يۇقىرى رادا كونترول قىلىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇكرائىنا ئالىي رادا
سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى، رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ ئاخىرلىشىش مۇمكىنچىلىكى بەلكىم يەتكىلى بولمايدىغان ھالەتتىن رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن. شېۋچېنكو كۆز قارىشى ھەقىقەتەن بۇ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈردى. ئۈچىنچى ئىش، ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ چوڭ يۆلەنچۈكى رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قۇربى يەتمىدى، ئامېرىكا، غەرب دۆلەتلىرىمۇ بۇنى ئېنىق بىلىدۇ. ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللاش، ئەمەلىيەتتە پەقەت رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىنى كەينىگە سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي سانائىتى بولسا بۇ جەرياندا كۆپ پايدا ئېلىش پۇرسىتىنى تېپىپ،
ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ داۋاملىق پايدا ئالدى. ھالبۇكى، بۇ خىل سىجىل ياردەم ئۇكرائىنانى خورىتىپلا قالماستىن، رۇسىيە بىلەن قارشىلىشىش خەتىرىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىۋاتىدۇ، بۇ ئامېرىكا كۆرۈشنى ئەڭ خالىمايدىغان ۋەزىيەت. تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇ بىر مەيدان ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى ۋاكالەتچىلىك ئۇرۇشى، ئەگەر ئامېرىكا ئۇنىڭغا چېتىلىپ قالسا، مۇقەررەر ھالدا ئۇنىڭ پۈتۈن يەر شارى مەنپەئەتىگە خەۋپ يېتىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ ئامېرىكىنىڭ ھالسىرىغانلىقىنى ھېس قىلدى، گېرمانىيە زۇڭلىسى شولتىس بىر قېتىملىق زىيارەتتە گەپنى ئوچۇق قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس دېدى.