ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
يېقىنقى ئىككى كۈندە، ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئۇكرائىنادىن ئىبارەت بۈگۈنكى دۇنيادا ئىسسىق ئۇرۇش بولۇۋاتقان ئىككى جەڭ مەيدانىدا چوڭ ئىش چىقتى. ئوتتۇرا شەرقتە، ئىسرائىلىيە خاماسنىڭ رەھبىرى سىنۋارنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشىدا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. سىنۋال ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە خاماسنىڭ قالدۇق ئۇنسۇرلىرىغا تەسلىم بولۇشقا ئۈندەشكە باشلىدى. ئىسرائىلىيەلىك پېنسىيىگە چىققان باي:بىر تۇتقۇننى قويۇپ بەرگەن خاماس ئەزالىرى ياكى باشقا ھەر قانداق كىشىگە 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇمۇ تۇتقۇننى قويۇپ بەرگەن خاماسنىڭ ھەرقانداق ئەزاسىنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنى بىلىش كېرەككى، سىنۋال ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، ئىسرائىلىيە سىنۋالنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشقا قەتئىي ۋەدە بەرمىگەن. سىنۋال ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىتىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئىسرائىلىيە ئەڭ يوقاتماقچى بولغان ئادەم ئۆلۈپ كەتتى، قالغانلىرىنى پارچىلاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپمۇ خاماس ئۇنسۇرلىرىغا يا تەسلىم بولۇش، يا ئۆلۈش توغرىسىدا ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى. باشقا يول قالمىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىسرائىلىيەنىڭ تەشۋىقاتى يەنىلا رول ئوينىدى،
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان كۆرۈنمە چاستوتىدا كۆرسىتىلىشىچە، غەززەنىڭ شىمالىدا خاماس قوراللىق ئۇنسۇرلىرىدىن نەچچە يۈز كىشى ئىسرائىلىيەگە تەسلىم بولغان. ناھايىتى ئېنىقكى، خاماسنىڭ داھىيسى سىنۋال ئۆلگەندىن كېيىن، غەززەنىڭ شىمالىي قىسمىنى بېسىپ ياتقان خاماس قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ پىسخىك مۇداپىئە سېپى بىتچىت قىلىندى. سىنۋال ئۆلگەندە غەززەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى چوڭ كوچىدا جەسەتنى بىر كۈن ئاشكارىلىسىمۇ ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى، بۇ خاماسنىڭ قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
غەززە ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتقان پەيتتە، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇنىڭ تۇرالغۇسى تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر شەنبە كۈنى نىتانىياخۇ ئىسرائىلىيەدە بولسىلا، ئۇ قەيسەرىيەدىكى شەخسىي تۇرالغۇسىدا ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئىسرائىلىيەدە ئاشكارا خەۋەر. شەنبە كۈنى، بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان نىتانىياخۇنىڭ شەخسىي تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلدى.
بىراق ھۇجۇمدا خەتەر يوق، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسىدا ھېچقانداق ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. نىتانىياخۇ ۋەقەدىن كېيىن بۇ قېتىمقى ھۇجۇم توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ:«مېنى ھېچقانداق نەرسە توسىيالمايدۇ! ئىسرائىلىيەنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئىران ئۆزىنىڭ ۋاكالەتچىسى ھ پارتىيىسىگە قىلغان. بىراق شۇ كۈندىكى ب د ت يىغىنىدا ئىران ۋەكىلى بۇ قېتىمقى
ھۇجۇمغا قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلدى. بىراق، يەرشارى ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، چۈنكى ئىسرائىلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كۆپ قېتىم ئىرانغا ئويلىمىغان ھەربىي زەربە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى، بۇ ئىراننىڭ مۇقەددەس ھوقۇق دائىرلىرىنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالدى، ئۇلار ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشىنى توسۇشقا مۇراجىئەت قىلدى.
ئەپسۇسكى،
ب د ت نىڭ ھازىر ئۆزىمۇ ئاغزى - بۇرنى قانغا بويالغان بولۇپ، ئىراننى باشقۇرىدىغان ۋاقتى يوق. ئالدى تەرەپتىكى يېقىن شەرق مۇساپىرلار قۇرۇلۇش باشقارمىسى بىلەن خاماسنىڭ يەڭ ئىچىدە تىل بىرىكتۈرگەن ئىشى ھەر خىل ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئاشكارىلاندى.ھازىر تىنچلىق ساقلاش قىسمى بىلەن ھ پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىق بولمىغان مۇناسىۋەت، ئىسرائىلىيە تانكىلىرى تەرىپىدىن گازارما دەرۋازىسى ئالدىدا توسۇلۇپ قالسا قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ. قىسقىسى، ئىسرائىلىيەلىكلەر خاماس بىلەن پارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى جەڭ مەيدانىدا زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرى ئەمدىلا ئامېرىكىنىڭ ئېغىر تىپتىكى يەر بۇرغىلاش بومبىسى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىپ، ئامباردىكى ئوق - دورا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. ئىراننىڭ ئۈچ ئىنىسى ھازىر ئاساسەن يېرىم ئۆلۈك ۋە مېيىپ ھالەتتە تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ كەينىدە يەنە ياخشى كۈن بارمۇ يوق بىلمەيمەن. ئۇكرائىنا جەڭ مەيدانىدىكى بۇ بىر نەچچە كۈندىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر چاۋشيەننىڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى بولدى. يېقىنقى زامان تارىخىدا، ئىزچىل تۈردە ياۋروپالىقلار ئاسىياغا، ھەتتا
پۈتۈن دۇنياغا بېرىپ ئۇرۇش قىلىپ كەلگەن، چاۋشيەن ئاسىيا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قوشۇن ئاسىيادىن بۆسۈپ چىقىپ،01 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ياۋروپاغا ئەۋەتىپ، بىر ياۋروپا دۆلىتىنىڭ يەنە بىر ياۋروپا دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بەرگەن، بۇ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. چاۋشيەننىڭ بۇنداق ئۆزىنى كۆرسىتىشى پۇتىنغا بەخت ئېلىپ كەلدى، بۇ ئىشتىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ھەقىقەتەن چوڭ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ،
بولمىسا ئۇلار قانداقمۇ چاۋشيەنلىكلەرنى ياردەمگە تەكلىپ قىلسۇن؟ قانداقلا بولمىسۇن، چاۋشيەن ئەينى يىلى باشقىلارنىڭ ياردىمىدە ھالاك بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلۇپ قالغان. يېقىندا، ئۇكرائىنانىڭ جەڭ مەيدانىدىكى ئىپادىسىمۇ يامان ئەمەس بولدى، گەرچە رۇسىيەلىكلەرگە ئەجەللىك زەربە بېرەلمىسىمۇ،
ئەمما ئۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئاجىزلىقى بارغانسېرى روشەنلەشتى، رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىدا زور مەسىلىلەر كۆرۈلدى، گەرچە ئىران ۋە چاۋشيەن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ قوراللىرى ئەسلىدىنلا ئىككىنچى دەرىجىلىك مال ئىدى ھەتتا يەنىلا رۇسيەنى قاندۇرالمىدى.