مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 25-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 24-ئۆكتەبىردىكى ئۇقتۇرۇشىدا ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر كۈندە، رۇسىيەنىڭ تاكتىكىلىق ئاۋىياتسىيە قىسمى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى، توپچى قىسمى قاتارلىقلار 139 رايوندا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ جانلىق كۈچلىرى ۋە قورال-ياراغلىرى توپلانغان جايغا زەربە بېرىپ، ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي قورال-ياراغلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغان. رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسمى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكىدا ياسالغان «سەقەنقۇر» ناملىق ئالتە راكېتا بومبىسى ۋە 77 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە، رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى رۇسىيەنىڭ كۇرسىك ئوبلاستىغا كىرمەكچى بولغان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى داۋاملىق چېكىندۈردى، دېيىلدى.
ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى 24-چېسلا ئېلان قىلغان ئۇرۇش خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنگە قەدەر، ئالدىنقى سەپ رايونىدا 101 قېتىم ئۇرۇش بولغان. ئالدىنقى سەپنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇپ، رۇسىيە ئارمىيەسى ئادەم كۈچى ۋە قورال-جابدۇق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئىستىھكامىغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلدى. خاركوۋ، كۇپيانىسكى، پوكروۋسكى، كۇراخوۋو قاتارلىق رايونلاردا ئۇكرائىنا ئارمىيىسى بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ كۇرسىك رايونىدىكى ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا.
پۇتىن : «ئۇكرائىنانىڭ تەخمىنەن 2000 ئەسكىرى قورشاۋدا قالدى»
پايدىلىنىش خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 24-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنداق دېگەن : قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ رۇسىيەنى ئىستراتېگىيە جەھەتتە مەغلۇپ قىلىش ئويى يالغان.
خەۋەردە فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلدى : پۇتىن 10-ئاينىڭ 24-كۈنى قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رۇسىيەدىكى قارشى تۇرغۇچىلار «دۆلىتىمىزنى ئىستراتېگىيە جەھەتتە مەغلۇپ قىلىش مەقسىتىنى قىلچە يوشۇرمىدى»، «مەن ئۇدۇللا ئېيتسام، بۇ پىلانلارنىڭ ھەممىسى يالغان، پەقەت رۇسىيە تارىخىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرلا مۇشۇنداق ئويلايدۇ».
خەۋەردە دېيىلىشىچە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇدون دونېچىك رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، مۇھىم تەمىنات تۈگۈنى پوكروۋسكقا تەدرىجىي يېقىنلاشقان.
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ 24-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئۇكرائىنا تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ھەرقانداق لايىھەسىنى تەتقىق قىلىش ئويى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
پۇتىن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى : «ئۇكرائىنا بىلەن بولغان سۆھبەتكە كەلسەك، مەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشتىم... كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ سۆھبەتلەشكۈسى يوق، تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاش ئۈچۈن ھەربىي ھالەت بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئارقىدىنلا پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئېنىقكى، ( ئۇلار ) يەنىلا ئۇنىمىدى، توپ ئۇلار تەرەپتە. ”
پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى : «بىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئۇكرائىنا تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ھەرقانداق لايىھەسىنى تەتقىق قىلىش ئويىمىز بار، بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يوق.»
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى : پۇتىن رۇسىيە ئارمىيەسى ھەرقايسى تەرەپلەردە پۇختا قەدەم بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، ئۇرۇش لىنىيەسىدە ھەرقايسى تەرەپلەردە ئالغا ئىلگىرىلىدى.
پۇتىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، رۇسىيە ئارمىيەسى كۇرسك يۆنىلىشىدە خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى : «كۇرسىك ئوبلاستىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بىر قىسىم ئۇكرائىنا ئارمىيەسى قامال قىلىندى ۋە مۇھاسىرىگە ئېلىندى، تەخمىنەن 2000 ئادەم بار. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بۇ قىسىمغا بولغان قامالنى سىرتتىن بىكار قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ ھەمدە ئىچكى قىسىمدىن بۆسۈپ ئۆتۈۋاتىدۇ، لېكىن ھازىر تېخى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. رۇسىيە ئارمىيەسى بۇ قىسىمنى تازىلاشقا باشلىدى.»