ئىسرائىلىيە 12-قانال تېلېۋىزىيەسى يېقىندا بىر ۋىدېيونى ئېلان قىلدى. ۋىدېيودا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىك بىر مەھبۇسنى جىنسىي جەھەتتىن خورلىغان.
بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر ئۆكتەبىردە بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تۇتقان پەلەستىنلىك 10 مىڭغا يېقىنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە نەچچە يۈز بالا ۋە ئايال بار ئىكەن. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئىسرائىلىيە سىستېمىلىق ھالدا مەھبۇسلارنى خورلاش ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارغا زوراۋانلىق قىلغان ۋە ئۇلارنى جىنسىي جەھەتتىن خورلىغان.