مەزمۇن
ئەگەر سالۇنىمىزدىكى مەزمۇنلارسىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى-تەرىزى بولغان بولسابىزبىلەن ئالاقىلشىڭ ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلىدۇ
ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىر رايون چېگرىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى.
گەرچە غەرب ئەللىرى ئۇكرائىنانى ئۈزۈلدۈرمەي قورال ۋە ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە يەنىلا قەتىي ھالدا ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ، ئۇكرائىنا بىلەن بىر مەيدان ئۇزاققا سوزۇلغان كۈرەش قىلماقتا. ھالبۇكى، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان كىرىزىس تېخىمۇ چوڭقۇر بولدى. پۇتىن كۆپ قېتىم يادرو ئۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ناۋادا رۇسىيە زېمىنى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىسا، ھەرقانداق ۋاسىتە قوللىنىشتىن باش تارتماي قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. بۇ پۇتىننىڭ غەرب ئەللىرىگە بەرگەن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ھايات ماماتلىق پەيتىگە دۇچ كەلگەن چاغدىكى قەتىي مەيدانى.
ئەمما، ئويلىمىغان يەردىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پۇتىننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، ئىككى كۈندىن كېيىن رۇسىيەگە قاتتىق تەدبىر قوللانماقچى بولدى! يەر شارى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 14-چېسلا كەڭ كۆلەملىك يادرو مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىكەن،
شۇ چاغدا 13 دۆلەتتىن كەلگەن تەخمىنەن 60 ئايروپىلان قاتنىشىدىكەن، بۇ 35 كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە 52 بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا،2000 كىشىلىك چوڭ قوشۇن يەنە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يادرو ئوق بېشىنى ئېلىپ يۈرۈش ۋەزىپىسىنى تەقلىد قىلىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى رۇت بۇنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى سىناش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، رەقىبىگە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى، ھەرقانداق تەھدىتكە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
گەرچە رۇت مانېۋىردا راست ئوق ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي مۇددىئاسىنى ياپالمايدۇ:يادرو تەھدىتى ئارقىلىق رۇسىيەنى بويسۇندۇرۇشقا مەجبۇرلاپ، غەربنىڭ زومىگەرلىك سۇيىقەستىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئاتالمىش «مۇداپىئە ئىقتىدارىنى سىناش» دېگىنى بىر نىقاب، بۇ مانېۋىر ئەمەلىيەتتە پۈتۈن يەر شارىنى يادرو ئۇرۇشى گىردابىغا ئىتتەردى. رۇسىيە يادرو تەھدىتى سۆزىنى ئەمدىلا كۈچەيتكەن پەيتتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ يادرو ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، رۇسىيەگە شەكىلسىز بېسىم ئىشلەتتى. بۇ ھەرگىزمۇ مۇداپىئە مانېۋىرى ئەمەس، بەلكى قىپيالىڭاچ ئىغۋاگەرچىلىك. ئۇنتۇپ قالماڭ، مانېۋىرنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي باش پىلانلىغۇچى ئامېرىكا، بۇ يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ يادرو زومىگەرلىكى دۆلىتى. ئۇ ئىزچىل تۈردە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشاش قورچاق تەشكىلات ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يەر شارى زومىگەرلىكىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار يادرو تەھدىتى يولىدا بارغانسېرى يىراقلاپ، يادرو قورالىنى سۆھبەت فىشكىسى قىلىپ، رۇسىيەنى يول قويۇشقا، پۈتۈن دۇنيانى باش ئېگىشكە مەجبۇرلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 900 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئارمىيەسى ۋە قوراللىرىنىڭ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رۇسىيە زېمىنىغا يېتىپ بېرىپ، رۇسىيەگە بىۋاسىتە تەھدىت پەيدا قىلالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا رۇسىيە تەرەپ قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟ ناھايىتى روشەن. موسكۋانىڭ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ تۆۋەن چېكىگە تېگىپ كەتكەن ھەرقانداق ئىغۋاگەرچىلىك مۇقەررەر ھالدا كۈچلۈك قايتۇرما زەربىگە ئۇچرايدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا روسىيەنى يادرو تەھدىتى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ، نەتىجىدە يەر شارى خاراكتېرلىك ئاپەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
رۇسىيە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرغان قوزا ئەمەس. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يادرو مانېۋىرىنى پىلانلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر «يادرو بەش دۆلەت» يىغىنى ئاچىدىغانلىقىنى، جۇڭگو، رۇسىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيەدىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ نيۇيوركتا يادرو ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي كېڭىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پۇتىن ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى ئامېرىكىنىڭ بۇنداق رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىشىگە يول قويالمايتتى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشى يەر شارى يادرو قارشىلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. غەربنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى رۇسىيەنى يادرو تەھدىتى سىياسىتىنى كۈچەيتىشكە يەنىمۇ مەجبۇرلايدۇ، ھەتتا يادرو قوراللىرىنى ئەمەلىي ئىشلىتىش گىردابىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ. بۇ مۇداپىئە مانېۋىرى ئەمەس، بۇ يەر شارىنى يادرو ئۇرۇشىغا مەجبۇرلىغانلىق. بۇنىڭدا ئامېرىكا بىلەن غەرب ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا تەرەپنىڭ يادرو قورالى مەسىلىسىدىكى ھەرىكىتى كۆپەيدى،
بۇ يىل 3 ئايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن «يادرو قورالى ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش» ناملىق يادرو ئىستراتېگىيە پىلانىنى تەستىقلىدى، بۇ پىلاندا ئۈچ رەقىب ئېنىق تاللاندى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بولسا ئارمىيەنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىشنى قارار قىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە 49 ئۇرۇش برىگادىسى كۆپەيتىلىپ، ئومۇمىي ئادەم سانى 240 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇرۇش برىگادىسىنىڭ سانى ئالتىدىن 15 كە كۆپەيدى. نۆۋەتتىكى ئارقا كۆرۈنۈشتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان يوشۇرۇن توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس. بۇ كرىزىستا، پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا دۇچ كەلدى.
قۇللاپ ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپلا چىكەتسىڭىز بۇلدۇ قېرىندىشىم رەھمەتسىزگە
!!!دوسلار دېققەت
بىر قىسىم سېرىق مەزمۇن يوللايدىغان مەينەت،خەلىقنىڭ ئىدىيسىنى بۇلغايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 20 مىڭدىن ئاشماقتا. ئەمما بىزدەك ساغلام ،پاكىز مەزمۇن يوللايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ئاستىدىكى خەنزۇچە ئېلاننى بېسىپ قويسىڭىز بىزگە 3 مو پۇل كىرىدۇ، سىزدىن ھېچنىمە چىقىپ كەتمەيدۇ، مەينەت سېرىق سالونلارنى قوللامسىز؟!ياكى بىزنىمۇ تاللاش ئۆزىڭىزدىن!
سىزدىن بىر پۇڭ چىقىپ كەتمەيدۇ دۇستۇم ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىڭ 👇