مەزمۇن
ئەگەر سالۇنىمىزدىكى مەزمۇنلارسىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى-تەرىزى بولغان بولسابىزبىلەن ئالاقىلشىڭ ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلىدۇ
ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكەتتە، كۇرسكنىڭ ھۇجۇمى «يادرو تەھدىتى» ئۇقۇمىغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىدىغان سىناق تېشىغا ئايلاندى. ئۇزۇندىن بۇيان،
يادرو قورالى دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كاپالىتى، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىنى توسۇيدىغان بىر خىل ئەڭ ئاخىرقى ۋاسىتە دەپ قارىلىپ كەلدى. ئەمما، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كۇرسكتىكى ھەرىكىتى بۇ ئەنئەنىۋى قاراشقا جەڭ ئېلان قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. يەر شارى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە 30 مىڭ كىشىلىك ياردەمچى قوشۇن يۆتكىگەن ھەمدە تېخىمۇ كۆپ گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇكرائىنا زېمىنىنى بومباردىمان قىلىشنى كۈچەيتكەن، لېكىن بۇ تىرىشچانلىقلار ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى رۇسىيە زېمىنىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرالمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە زېلېنسكىي كورسكىدىكى پىلانىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ،
رۇسىيە زېمىنىدا «سوخا» بولۇشقا قەسەم بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. گەرچە ھازىر 9000 دىن ئارتۇق ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بۇ يەردە يىقىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنى ئۇكرائىنا ئەمەس، بەلكى رۇسىيە. ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كۇرسكتىكى ھەرىكىتى بىر يادروسىز دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىم بىر يادرو چوڭ دۆلىتىنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،
ھەمدە كۆلىمى 1300 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بۇنى ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى. بۇ رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچىگە بىۋاسىتە خىرىس بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يادرو تەھدىتى نەزەرىيەسىگە بولغان بىر قېتىملىق رېئال سىناق. گەرچە غەرب دۇنياسى ئۇكرائىنانى رۇسىيەگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپى قىلىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، لېكىن رۇسىيە يادرو قورال ئامبىرى ئىزچىل غەربنىڭ ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمەسلىكىنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتى پۇتىننىڭ تۆۋەن چېكىنى سىناپ بېقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يادرو تەھدىتى نەزەرىيەسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى سىناۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى سىرتتىكىلەرنىڭ مۆلچەرلىگىنىدەك ئۇنداق كەسكىن ئەمەس ئىدى،
ئۇ ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇمىنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ بېكىتتى، «تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى» ئەمەس، بۇ خىل تاكتىكا جەھەتتىكى پەرق ئۇنى تېخىمۇ كۆپ ئىستراتېگىيەلىك جانلىقلىق بىلەن تەمىنلەپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. بۇ خىل بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى رۇسىيەنىڭ يادرو تەھدىتى نەزەرىيەسىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلگەندە، تېخىمۇ ئېھتىياتچان ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش پوزىتسىيەسىنى تاللىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. رۇسىيە گەرچە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ياكى زېمىن پۈتۈنلۈكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندىلا ئاندىن يادرو قورالى ئىشلىتىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كۇرسكتىكى ھەرىكىتى ئۇنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى. شۇنداق بولسىمۇ، رۇسىيە يەنىلا ئۇكرائىنانىڭ ئۆزى بېكىتكەن قىزىل سىزىقتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. بۇ خىل مۈجمەل پوزىتسىيە سىرتتىكىلەردە رۇسىيەنىڭ قىزىل سىزىقىنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىگە قارىتا گۇمان پەيدا قىلدى. ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتى جەڭ مەيدانىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى تېخىمۇ كەڭ ئىستراتېگىيە قاتلىمىدا رۇسىيە ئارمىيەسىگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈندۇر.
كۇرسكتىكى ھەرىكەت ئارقىلىق، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسىنى باشقا ئالدىنقى سەپتىن ئەسكىرىي كۈچ ئاجرىتىشقا مەجبۇرلىماقچى بولدى، گەرچە ھازىر بۇ ھەرىكەت مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇكرائىنا يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىناقنى باشلىدى.
سىياسىي جەھەتتە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتىمۇ بەلگىلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپلا قالماي، يەنە روسىيەنىڭ مۇداپىئە جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلىدى. رۇسىيە گەرچە يادرو قورالى ئىشلىتىش پىرىنسىپىنى ئۆزگەرتىشكە تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتى رۇسىيەنىڭ يادرو تەھدىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋەتتى. ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا، يادرو قوراللىرىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى كىشىلەر ئويلىغاندەك ھەل قىلغۇچ رول ئوينىماسلىقى مۇمكىن. شەھەر مۇھىتىدىكى ئېگىز بىنالار ۋە پولات چىۋىقلىق بېتون قۇرۇلمىلار يادرو قوراللىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۈچىنى مەلۇم دەرىجىدە يوقىتالايدۇ. ئەگەر رۇسىيە توقۇنۇشتا يادرو قورالى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتەلمىسە، بۇ ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەھدىت كۈچىگە زور زەربە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يادرو قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ،
ئۇكرائىنا ۋە پۈتكۈل غەرب دۇنياسىنىڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، پۇتىننىڭ يادرو قاتىللىق قورالىنىڭ راستىنلا پايدىسى يوقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، يادرو قورالى يەنىلا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق قورال، ھەمدە پۈتۈن دۇنياغا غايەت زور زەربە ئېلىپ كېلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيە يەنىلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدۇ، لېكىن ئەگەر ئۇكرائىنا ئارمىيەسى راستىنلا موسكۋاغا، ھەتتا كرېمل سارىيىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرسە، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ. ھالبۇكى، پۈتۈن دۇنيانىڭ يادرو ئۇرۇشىغا بولغان ئورتاق تونۇشى ئېنىق، يەنى يادرو ئۇرۇشىنى قىلغىلى بولمايدۇ ھەم يەڭگىلى بولمايدۇ. بۇ ئورتاق تونۇش نەچچە ئون يىللىق يادرو كىرىزىسى ۋە سۆھبەت ئارقىلىق تەدرىجىي شەكىللەنگەن. بەش يادرو چوڭ دۆلىتى يادرو ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغۇچى يوق، شۇڭا بۇنىڭدىن ساقلىنىش كېرەك، دەپ ئېنىق بىلدۈرگەن. شۇڭا يەنىلا رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ۋەزىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويماسلىققا مۇراجىئەت قىلىمىز.
قۇللاپ ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپلا چىكەتسىڭىز بۇلدۇ قېرىندىشىم رەھمەتسىزگە
!!!دوسلار دېققەت
بىر قىسىم سېرىق مەزمۇن يوللايدىغان مەينەت،خەلىقنىڭ ئىدىيسىنى بۇلغايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 20 مىڭدىن ئاشماقتا. ئەمما بىزدەك ساغلام ،پاكىز مەزمۇن يوللايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ئاستىدىكى خەنزۇچە ئېلاننى بېسىپ قويسىڭىز بىزگە 3 مو پۇل كىرىدۇ، سىزدىن ھېچنىمە چىقىپ كەتمەيدۇ، مەينەت سېرىق سالونلارنى قوللامسىز؟!ياكى بىزنىمۇ تاللاش ئۆزىڭىزدىن!
سىزدىن بىر پۇڭ چىقىپ كەتمەيدۇ دۇستۇم ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىڭ 👇