ئۇكرائىنا موڭغۇلىيەگە پۇتىننى قولغا قىلىشقا مەجبۇرلىدى!قاچۇرۋەتگ

文摘   2024-09-12 12:41   新疆  


سالونىمىزدىكى مەزمۇنلار دۆلىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق خەۋەر تور بىكەتلىرىدىن تەرجىمە قىلىنىدۇ، تەرجىمە قىلىنغان مەزمۇنلار تەرجىماننىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ-سالونىمىز دۆلىتىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىك قانۇنىغا ئاكتىپ بوي سۇنىدۇ

سالونىمىزنىڭ تەرەققىياتى تورداشلارنىڭ قوللىشىدىن كېلىدۇ . بىزنى قوللىسىڭىز ئاستىدىكى ئېلاننى چېكىشنى ئۇنۇتماڭ ، قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

 پۈتۈنلەي ئەسلى مەنبە بويىچە تەرجىمە قىلىندى.ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىلمىي كۆز قاراشتا بولۇشىنى سورايمىز. 

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ دۈشەنبە كۈنى موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتۇردا زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر موڭغۇلىيە پۇتىن چېگرادىن كىرگەندە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىسا ھەمدە ئۇنى مەزكۇر سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرسە، ئۇكرائىنا مۇناسىپ «تەدبىر» قوللىنىدۇ، دېدى.

پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى موڭغۇلىيە سەپىرى دەل 2023-يىلى 3-ئايدا گائاگا سوت مەھكىمىسىنىڭ پۇتىنغا قارىتا ئىمزا قويۇپ تارقاتقان قولغا ئېلىش بۇيرۇقى كۈچكە ئىگە بولغان پەيتكە توغرا كېلىپ، ICC غا ئەزا 124 دۆلەتتىن پۇتىن زېمىنىغا كىرگەندە ئۇنى دەرھال تۇتۇپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ۋاھالەنكى، پۇتىن موڭغۇلىيە زېمىنىغا قەدەم بېسىش ھارپىسىدا، كرېمل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوف موسكۋا تەرەپنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئىپادىلەپ، «بىز موڭغۇلىيەدىن ئىبارەت بۇ دوست دۆلەتنىڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىشىدىن ئەنسىرىمەيمىز» دېدى.

پۇتىننىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى موڭغۇلىيەگە ئوڭۇشلۇق قونغان ھەم زىيارىتىنى باشلىغاندا، ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى Georgy Tykhy تېزلىكتە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ئۈمىدسىزلىكىنى ئىپادىلىدى.  موڭغۇلىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە ئەيىبلەنگەن بىر ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ قانۇننىڭ جازاسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا يول قويغانلىق بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ۋاسىتىلىك ئۈستىگە ئالغانلىق ئىدى. ”
Tykhy يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : " بىز ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، موڭغۇلىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلانباتۇرغا بۇ قارارنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋىتىنى ھېس قىلدۇرىمىز. "
ئەمما،دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى،خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى گەرچە موڭغۇلىيەنىڭ قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىغان قىلمىشىنى رەسمىي ئەيىبلەشكە ھوقۇقلۇق بولسىمۇ،بىراق ئەمەلىيەتتە بۇيرۇقنى بىۋاستە ئىجرا قىلىدىغان مەجبۇرلاش كۈچى كەمچىل بولۇپ،موڭغۇلىيەگە جەرىمانە قويۇش،جازالاش ياكى باشقا شەكىلدىكى جازالاشنى يولغا قويۇشقا ئامالسىز. ئۇنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمى پۈتۈنلەي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېسىمگە رىئايە قىلىش-قىلماسلىقىغا باغلىق.

كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى،روسىيە بىلەن ئوكرائىنا ئوخشاشلا < < رىم ئەھدىنامىسى>>گە ئىمزا قويغان دۆلەت ئەمەس،بۇ ئەھدىنامىدە 1998-يىلى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بېكىتىلگەن. گەرچە ئوكرائىنا پارلامېنتى ئالدىنقى ئايدا بۇ كېلىشىمنى تەستىقلىغان بولسىمۇ، لېكىن قوشۇمچە شەرتلەردە بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئوكرائىنا پۇقرالىرىغا چېتىلىدىغان دېلوغا بولغان باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى ئېنىق بىلدۈرۈلدى.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 3-ئايدا ئېلان قىلغان قولغا ئېلىش بۇيرۇقىدا ئاساسلىقى پۇتىن ۋە رۇسىيەنىڭ بالىلار ھوقۇقى مەخسۇس خادىمى مارىيە لىۋوۋا بېلوۋانىڭ بالىلارنى «ئۇكرائىنا ئىشغالىيىتىدىكى رايون»دىن قانۇنسىز قوغلاپ چىقارغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر ئاساس قىلىنغان. موسكۋا تەرەپ بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلدى ھەمدە ئۆز ئارمىيىسىنىڭ خەتەرلىك ئۇرۇش رايونىدىن پۇقرالارنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنانىڭ توپقا تۇتۇشى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.


تىمىلارنى تەرجىمە قىلىپ ئىجادىي تەييارلاۋاتىمىز! ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹

Serlik Tabiyat
سېرلىق تەبىيەت سالۇنىمىزغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا قېرىندىشىم!
 最新文章