مەزمۇن
ئەگەر سالۇنىمىزدىكى مەزمۇنلارسىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى-تەرىزى بولغان بولسابىزبىلەن ئالاقىلشىڭ ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلىدۇ
ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆمەك باشلاپ 11 - نۆۋەتلىك بېيجىڭ شياڭشەن مۇنبىرىگە قاتنىشىدىكەن. ئويلىمىغان يەردىن ئامېرىكا شياڭشەن مۇنبىرىگە ئادەم ئەۋەتتى.
شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىلگىرى ئامېرىكا شياڭشەن مۇنبىرىگە ئەزەلدىن پىسەنت قىلمايتتى. سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن شانگرى - لا مۇنبىرى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسىي مەيدانى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار مۇنبەردە بىزگە ئاز ھۇجۇم قىلمىدى. شۇڭا بۇ ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن شياڭشەن مۇنبىرىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا نېمە سەۋەب ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، جۇڭگونىڭ ئاساسىي مەيدانىغا كېلىپ شياڭشەن مۇنبىرىگە قاتنىشىشىغا سەۋەب بولدى؟ مەلۇم بولۇشىچە بۇ قېتىم روسىيە، ئۇكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 90 نەچچە دۆلەت، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى،
مەيلى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ياكى دەرىجىسى جەھەتتە بولسۇن يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى. مۇشۇ نۇقتىدىن تەھلىل قىلغاندا، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ يېتىم قېلىشىدىن قورقامدۇ؟ ناۋادا بۇ قېتىمقى مۇنبەردە كۆپ دۆلەت قانداق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى چوڭ دۆلەت بىئارام بولارمۇ؟ شۇنى بىلىش كېرەككى ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى رەھبەرلىك ئورنى ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇپ،
جۇڭگونىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر كۈچى ۋە ئۈستۈنلۈكىنى كېڭەيتىشىنى توسماقچى بولدى. شياڭشەن مۇنبىرى جۇڭگو يېتەكچىلىكىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مېخانىزىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاساسلىق يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ياكى ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى دۆلەتلەرنى، ھەتتا روسىيە ۋە ئۇكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتىكى مۇشۇنداق سەزگۈر ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئامېرىكا تەبىئىيلا بۇ مۇنبەرنىڭ جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىك ئىدىيەسى ۋە مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى سۆز قىلىش ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكا جۇڭگوغا يەنە دۈشمەنلىك غەرىزىدە بولغان تەقدىردىمۇ، جۇڭگونى يەنە ياخشى كۆرمىسە،
بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە بۇ دۆلەت چوقۇم قاتنىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە كۆرۈنۈشتە جۇڭگو بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئىزدەۋاتىدۇ، ئۇنداقتا ئەگەر جۇڭگو شياڭشەن مۇنبىرىگە قاتنىشىش تەكلىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەۋەتسە، ئامېرىكا رەت قىلسا، ئۆزىنىڭ يۈزىگە ئۇرغانلىق بولمامدۇ، سىرتتىكىلەر ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى خالىمايدۇ، دېگەن قاراشقا كېلىپ قالمامدۇ؟ بۇ خىل ئۆز ئوبرازىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىش ئامېرىكا قىلمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئامېرىكىمۇ بۇ خىل يۈزەكى ماھارەتنى ئىشلەشكە ماھىر. بولمىسا، ئىلگىرى قانداق قىلىپ بىر تەرەپتىن جۇڭگوغا زەربە بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ساختا قىياپەت بىلەن جۇڭگو بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاتالمىش «ياخشى نىيەتلىك سىگنال» نى قويۇپ بېرىدۇ؟ ئامېرىكا يەنە باشقا نېمە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن بۇ قېتىمقى مۇنبەردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى كۆزەتمەكچى ۋە چۈشەنمەكچى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا جۇڭگونى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچى رەقىب دەپ قارىدى، مەيلى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن - كەلمىگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، بۇ دۆلەت جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتى ۋە دىپلوماتىيە يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشتا چىڭ تۇردى. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، شياڭشەن مۇنبىرى جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلام خادىملىرى ۋە ھەربىي تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ نۇتۇق سۆزلىشى ۋە كۆز قارىشىنى ئاڭلايدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت.
ئامېرىكا جۇڭگونى چەكلەش ۋە باستۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تەبىئىي ھالدا جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىك ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى توپلىشى ۋە تەھلىل قىلىشى كېرەك. بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى ئامېرىكا قولدىن بېرىپ قويمايدۇ. گەرچە بۇ پەقەت بىر پەرەز بولسىمۇ، لېكىن بىز چوقۇم ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك، قانداقلا بولمىسۇن ئامېرىكا جۇڭگوغا دوستانە مۇئامىلە قىلىدىغان دۆلەت ئەمەس. بىراق گېپىمىزگە كەلسەك، بەك جىددىيلىشىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ،90 نەچچە دۆلەت بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە قاتناشقاندا، جۇڭگونىڭ خەلقئارادا بەلگىلىك تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇڭا ئامېرىكا بۇ مۇنبەرنى بۇزۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ھېچبولمىغاندا كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن يۈز - خاتىر قىلمايدۇ، يۈزەكى دوستلۇق يەنە داۋاملىشىدۇ.
قۇللاپ ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپلا چىكەتسىڭىز بۇلدۇ قېرىندىشىم رەھمەتسىزگە
!!!دوسلار دېققەت
بىر قىسىم سېرىق مەزمۇن يوللايدىغان مەينەت،خەلىقنىڭ ئىدىيسىنى بۇلغايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 20 مىڭدىن ئاشماقتا. ئەمما بىزدەك ساغلام ،پاكىز مەزمۇن يوللايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ئاستىدىكى خەنزۇچە ئېلاننى بېسىپ قويسىڭىز بىزگە 3 مو پۇل كىرىدۇ، سىزدىن ھېچنىمە چىقىپ كەتمەيدۇ، مەينەت سېرىق سالونلارنى قوللامسىز؟!ياكى بىزنىمۇ تاللاش ئۆزىڭىزدىن!
سىزدىن بىر پۇڭ چىقىپ كەتمەيدۇ دۇستۇم ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىڭ 👇