غەرىب دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتورا شەرىق مۇساپىرلىرىنى جۇڭگو ئەپ قېلىپ بېقىشى كېرەك،
دىگەن سۆزىگە قارىتا دۆلىتىمىز ئىنكاس قايتۇردى.
دۇنيانىڭ ئەندىزىسى ئىزچىل تۈردە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ كەلدى، 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى قۇتۇپتا زومىگەرلىك تالىشىش ئەندىزىسىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ بىردىن بىر كۆپ كۈچلۈك ئەندىزىسىگە، ئاندىن بۈگۈنكى كۈندە ئاستا ـ ئاستا كۆپ قۇتۇپلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇنداق ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق. ئەمما، بىز جۇڭگودەك بىر قۇدىرەتلىك دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز، كۆرگەن، باشتىن كەچۈرگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئاسايىشلىق، بەخىتلىك مەنزىرە بولدى، لىكىن يەنە نۇرغۇن رايونلاردا ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا، دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن تەقدىردىمۇ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ بېسىمىغا ھەتتا ھۇجۇمىغا
ئۇچراش ئەھۋالىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، بۇ دۆلەتلەردىكى مىليونلىغان مۇساپىرلار يۇرۇت-ماكانلىرىنى تاشلاپ چەتئەللەرگە قېچىپ كەتتى.
ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، چوڭراق ئۇرۇش قايتا يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇرۇش ۋەھىمىسى ئىچىدە ياشايدۇ، مەسىلەن، ئوتتۇرا شەرق رايونى دائىم ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىمۇ نۇرغۇن مۇساپىرلار بار ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى، غەرب دۆلەتلىرى ئەكسىچە جۇڭگو بۇ مۇساپىرلارنى ئېلىپ قېلىشى كېرەك دېدى.
ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۈشمەنلىشىش ھالىتى بىكار قىلىنماي، ئەكسىچە 44 يىلغا سوزۇلغان دۈشمەنلىشىش ھالىتىنى باشتىن كەچۈردى. بىراق سوۋېت ئىتتىپاقى 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئىزچىل ئامېرىكا بىلەن كۈچ سىنىشىپ كەلدى، بۇمۇ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىش ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پارچىلانغاندىن كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقى گەرچە بىر قانچە دۆلەتكە بۆلۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاساسلىقى يەنىلا رۇسىيە، رۇسىيەمۇ ئوخشاشلا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەنىلا ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە تۇرغان. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئۇلار دائىم سىياسىي، ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن كۈچ سىنىشىپ تۇرىدۇ.
ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بولسا ئۇلارنىڭ كۈچ سىنىشىشىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىش ئوتتۇرا شەرق رايونىنى دۇنيادىكى ئەڭ قالايمىقان رايونغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش، ھەتتا ئىچكى مالىمانچىلىقمۇ بار، بۇ ئۇرۇشلارنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار دەل ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى بىگۇناھ خەلق. بۈگۈنكى كۈندە، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇساپىرلارنىڭ سانى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر سانغا يەتتى. چۈنكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۇلار ماكانسىز قالدى، يىل بويى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن ئۇلارمۇ ئۆز دۆلىتىدە تۇرالمايدۇ.
لېكىن، مۇساپىرلار ئەزەلدىن قارشى ئېلىنمايدۇ. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇساپىرلار ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە قېچىپ كەتتى، لېكىن ھەممىسى رەت قىلىندى. ھەتتا ئامېرىكا تىرامپنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چېگرادا چېگرا تېمى قۇرۇپ، مېكسىكىدىكى مۇساپىرلارنىڭ ئامېرىكا چېگراسىغا قېچىپ كېتىشىنى توسۇشقا ئۇرۇندى، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەتتا قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن باش تارتماي بۇ مۇساپىرلارنى توستى، ئەمدىلىكتە ئۇلار ئۆزى قىلالمىغان ئىشلارنى دۆلىتىمىزگە مۇراجىئەت قىلدى، بۇنداق قىلمىش ھەقىقەتەن بەك نومۇسسىزلىق.
ئەمما غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو بۇ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشى كېرەكمىش، چۈنكى جۇڭگو زېمىن كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ دۆلەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو بۇ نەچچە يىلدا تېز تەرەققىي قىلدى، ئىقتىسادى ئەھۋالى ياۋروپانىڭكىدىن كۆپ ياخشى، شۇڭا بۇ مۇساپىرلارنى جۇڭگو قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇنىڭغا قارىتا، دۆلىتىمىز يېقىندا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىش قىلغاندا مەسۇلىيەتچان بولۇش كېرەك. ئەگەر غەرب ئەللىرى توختىماي ئۇرۇش قوزغىمىغان بولسا، بۇنداق كۆپ بىگۇناھ مۇساپىرلار نەدىن كېلەتتى، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى بۇزغان كىم؟ بۇنى كىم قىلغان بولسا شۇلار ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، بىز جۇڭگو قانداقلا بولمىسۇن غەرب ئەللىرىنىڭ ئىنىك ئانىسى ئەمەس، شۇڭا غەرىب ئەللىرىنىڭ لاققا ـ لۇققىلىرىنى يىغىشتۇرمايمىز!
دۆلىتىمىز ئەزەلدىن تىنچلىقنى سۆيىدىغان دۆلەت، مۇساپىرلارغا بىزمۇ ناھايىتى ھېسداشلىق قىلىمىز، لېكىن بىزنىڭ ئۇلارنى ئېلىپ قېلىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق، بىزنىڭ ئاتالمىش ئۈلگىلىك رول ئويناش مەجبۇرىيىتىمىز تېخىمۇ يوق، گەرچە ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن دۆلىتىمىز يەنىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئەگەر ئۈلگىلىك رول ئوينايمىز دېسەك، ئۇنداقتا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئالدى بىلەن ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى ئۆزى تېرىغان بالا ـ قازالارنى يىغىشتۇرۇشنى خالىمىسا، جۇڭگو تېخىمۇ يىغىشتۇرمايدۇ!
لېكىن ئېلىمىزمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر غەرب ئەللىرى ئالدى بىلەن مۇساپىرلارنى ئېلىپ قالسا، ئەگەر مۇساپىرلار بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، دۆلىتىمىزمۇ بىر ئۈلۈش كۈچ چىقىرىپ، بىر قىسمىنى ئېلىپ قېلىشنى ئويلىشىپ باقىدۇ. ئەگەر بۇ گەپلەرنى جۇڭگۇغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ئۈچۈن پەيدا قىلغان بولسا بىزنىڭ مەيدانىمىز شۇكى: بىزگە 1مىلىيارد 400مېلىيۇنغا يېقىن خەلىق يېتەرلىك باشقىلارنىڭ لازىمى يوق. ئۇرۇشنى كىم قوزغىغان بۇ يۇرۇت ماكانىدىن ئايرىلغان كىشىلەرگە شۇلار ئىگە. ئەگەر غەرىب ئەللىرى ئۇرۇش قوزغىمىغان بولسا بۇنچە كۆپ مۇساپىرلار، بۇنچە كۆپ قىيىن مەسىلىلەر كېلىپ چىقمىغان بولاتتى.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹