رۇسىيە مىسلى كۆرۈلمىگەن ھۇجۇم قۇزغىدى!ئۇدىسسا شىتاتى ۋە ئىۋانۇ ۋ

文摘   2024-08-31 22:01   新疆  



                                     مەزمۇن

ئەگەر سالۇنىمىزدىكى مەزمۇنلارسىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى-تەرىزى بولغان بولسابىزبىلەن ئالاقىلشىڭ ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلىدۇ

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى


رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا شۇنچە ئۇزۇن تىركەشكەندىن كېيىن،

پۇتىن ئاخىر مېھرىبانلىق قىلماي، ئۇكرائىناغا قاتتىق قول سالدى! يەر شارى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە توپلىشىپ زەربە بەرگەن، تۇ-95 تىپلىق 11 دانە كۆپ خىل ئىلغار قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى پەرقسىز بومباردىمان قىلىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلغان. ئودېسسا شىتاتى ۋە ئىۋانو فرانكوفسك شىتاتىنىڭ ئېنىرگىيە ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى ئىسكىلاتى نۇقتىلىق زەربە بېرىش ئوبىكتى بولۇپ قالدى. ئودېسسا ئۇكرائىنانىڭ مۇھىم پورتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى ھەربىي سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىنتايىن مۇھىم؛ ئىۋانو ـ فرانكوفسكى ئوبلاستىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىسكىلاتى ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمى ئۇكرائىنانىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى كىرىزىسنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، كىيېۋدىكى ھالقىلىق سۇ توسمىسى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالدى. بۇ توسما كىيېفنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە سۇ بىلەن تەمىنلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم، ناۋادا زىيانغا ئۇچرىسا، ئۇنىڭغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. گەرچە ھازىر توسما تېخى پۈتۈنلەي ۋەيران بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن داۋاملىق بومباردىمان قىلىش ئۇنى خەۋىپ ئىچىدە قالدۇردى.

بۇ ۋەزىيەت ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە خەلق ئاممىسىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى، ئىلگىرىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۈمىدۋارلىق كەيپىياتى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا يامغۇرى ئاستىدا تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ كەتتى. رۇسىيە ئارمىيەسى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە يۇقىرى ئاخبارات توپلاش ۋە ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

ئۇلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نىشاننى توغرا بېكىتەلەيدۇ ھەمدە دەل زەربە بېرەلەيدۇ، بۇ ئالدىن ئەتراپلىق ئاخبارات توپلاش ۋە ئۇرۇش قىلىش پىلانى تۈزگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدار ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ توقۇنۇشتا بىر قاتار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. پۇتىننىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق ئىدى، ئۇ بولسىمۇ بۇ خىل يۇقىرى سىجىللىقتىكى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئۇكرائىنانى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قەھرىتان قىشتىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش قىلماي چېكىنىشكە مەجبۇر قىلىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنا دۆلەت ئىچىدىكى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، خەلق ئاممىسىنى

ئۇكرائىنا دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى رۇسىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە ياكى بىۋاسىتە تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلىدى. ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كۇرسك رايونىدىكى زىيىنى كىشىنى تېخىمۇ چۆچۈتىدۇ. ئۆتكەن 20 كۈندە،6200 دىن ئارتۇق ئادەم ۋە نۇرغۇن قورال - ياراغلار زىيانغا ئۇچرىدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى كۇرسكتىكى 100 ئاھالىلەر نۇقتىسىنى، جەمئىي 1200 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىننى كونترول قىلدۇق دەپ جار سالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ساقلاپ قالالىشى ناتايىن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا 24 سائەت ئىچىدە 170 قېتىم ئۇرۇش قىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 8.5 مىنۇتتا بىر قېتىم ئېتىشىدىكەن.

بۇ خىل يۇقىرى سىجىللىقتىكى جەڭ ئۇكرائىناغا نىسبەتەن ئېغىر زەربە بولدى. كۇرسكنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى گەرچە قىسقا ۋاقىت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش تەييارلىقى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى تايىنىدىغان غەربنىڭ ئىلغار قورال - ياراغلىرىنىڭ سەرپىياتى زور بولسىمۇ، ئارقا سەپ تەمىناتىغا يېتىشەلمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئەسكىرىي كۈچنىڭ يېتىشمەسلىكىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە، سەرخىل قىسىمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى زىيانغا ئۇچرىدى. مەغلۇبىيەتكە قارىتا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى رۇسىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ دىققىتىنى يۆتكەش پىلانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇكرائىنانىڭ ئىستىراتىگىيىلىك سەۋەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە موسكۋاغا ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىشى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى.

ئەمما زېلېنسكىينىڭ پوزىتسىيەسى يەنىلا قاتتىق بولدى، ھەتتا چېگرانى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئۇكرائىنانىڭ «غەلىبە پىلانى» پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، ھەمدە ئامېرىكىغا سۇنۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ، دەپ جاكارلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنا غەرب تەرەپكە تېخىمۇ كۆپ يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 16 - دىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك ھالقىلىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەڭ مەيدانىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ جەڭ مەيدانىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە جىددىيلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ئىككى تەرەپنىڭ رىقابىتى كۈچىيىۋاتىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن. رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇش ئوتى يەنىلا يامراۋاتىدۇ، ھەر قېتىملىق زەمبىرەك ئاۋازى تىنچلىقنىڭ چاقىرىقى. بۇ توقۇنۇشتا يەڭگۈچى يوق، پەقەت ئازاب ۋە زىيانلا بار. دىپلوماتىك يول ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش يەنىلا رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش.

قۇللاپ ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپلا چىكەتسىڭىز بۇلدۇ قېرىندىشىم رەھمەتسىزگە


!!!دوسلار دېققەت

بىر قىسىم سېرىق مەزمۇن يوللايدىغان مەينەت،خەلىقنىڭ ئىدىيسىنى بۇلغايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 20 مىڭدىن ئاشماقتا. ئەمما بىزدەك ساغلام ،پاكىز مەزمۇن يوللايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ئاستىدىكى خەنزۇچە ئېلاننى بېسىپ قويسىڭىز بىزگە 3 مو پۇل كىرىدۇ، سىزدىن ھېچنىمە چىقىپ كەتمەيدۇ، مەينەت سېرىق سالونلارنى قوللامسىز؟!ياكى بىزنىمۇ تاللاش ئۆزىڭىزدىن!

سىزدىن بىر پۇڭ چىقىپ كەتمەيدۇ دۇستۇم ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىڭ 👇

Serlik Tabiyat
سېرلىق تەبىيەت سالۇنىمىزغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا قېرىندىشىم!
 最新文章