كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
-مەن تېخى ھەممىڭنى ئۆلگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. -ئەمما دولقۇننىڭ ئەجەبلىنىپ دېگەن گېپىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلمەستىنلا نادىرە دەھشەتلىك ۋارقىراپ شۇنداق دېدى. -دولقۇن نېمە ئويۇن ئويناۋاتىسەن. ئاڭلىسام دوختۇرخانىدىن چىقىۋاپىسەن. بۇنى، نېمىشقا مەن بىلمىدىم؟ ھېلىقى مالاي خوتۇنچۇ! سەنغۇ ھاياتكەنسەن، ئەمىسە ئۇ ئۆلگەن ئوخشىمامدۇ. نېمىشقا ئىككىلىڭ تېلېفونۇمنى ئالمايسەن؟ ماڭا كاللا ئوينىتىمەن. شۇملۇق قىلىمەن دېگۈچى بولما دولقۇن. ئاپام مېنى ئەسكەرتكەن، ئەمما مەن ئىزچىل ساڭا ئىشىنىپ كەلدىم، مېنىڭ بۇ ئىشەنچ تېغىم غۇلاپ چۈشسە سېنى كۇكۇم تالقان قىلىۋېتىدۇ دولقۇن.
- نادىرە سىز… سىز نېمە دەۋاتىسىز؟ ئالدىرىماي گېپىمنى ئاڭلاڭ بولامدۇ؟… -دولقۇننىڭ ئىچىدە قورقۇنچ بولغاچقا، دەماللىققا نادىرەنىڭ بۇنچە غەزەپلىنىشى قوشۇلۇپ ئۇنى خېلىلا ھودۇقتۇرۇپ قويغانىدى.
-قۇرۇق گېپىڭنى قويۇپ تېلېفوننى قىزىمغا بەر، مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىمەن، ئۇ نېمىشقا مەكتەپكە بارمىدى؟ ئوقۇتقۇچىسى ماڭا تېلېفون قىلىپتۇ. مالاي خوتۇنغا تېلېفون قىلسا ئۇ ئالماپتۇ. ئېيتە قىزىمنى نېمە قىلىشتىڭ؟ئۇ قېنى دەۋاتىمەن…
بۇ چاغدا شوپۇرمۇ كىرىپ دولقۇنغا قىلغان سالىمى جاۋابسىز قالغاندىن كېيىن ئوڭايسىزلىنىپ جايىدىلا تۇرۇپ قالغانىدى.
- نادىرە!-دولقۇن سەللا بوش تۇرسا نادىرەنىڭ ۋاتىلداشلىرى بېسىقماي ئۆزىنىڭ گېپىنىمۇ قىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئاخىرى ئۇنىڭدىن يانماي ۋارقىرىدى.-مەندىن گەپ سورىغىلى تېلېفون قىلغاندىن كېيىن، مېنىڭ گەپ قىلىشىمغىمۇ پۇرسەت بەرسىڭىز قانداق؟ شۇ تاپتا مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا شەمسىيەدىن ئەنسىرەپ تۇرۇۋاتىمەن . ئۇنىڭغا كىمنىڭ نېمە قىلغىنىنى مېنىڭمۇ بەكلا بىلگۈم بار. شەمسىيە يوقاپ كەتتى… ئۇ يوقاپ كەتتى بىلىۋاتامسىز؟
-نېمە؟!… نېمە دەۋاتىسز! شەمسىيەدىن بەك ئەنسىرىگەچكە سىزگە ئاچچىقلاپ قالدىم… ئەمما بۇنداق گەپ قىلىپ مېنى قورقۇتماڭ!… - نادىرەنىڭ ئاۋازى ئاخىرى پەسەيدى.
-ھازىر سىزنى قورقۇتۇپ ئوينايدىغانغا تەۋىم يوق نادىرە! قىزىمىز يوقاپ كەتتى. راستتىنلا يوقاپ كەتتى، ئۇ ئاخشام سەككىز يېرىم بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ. گۈلسۈم ئۇنىڭ ئۆيدە يوقلىقىنى كۆرۈپ ماڭا تېلېفون قىپتىكەن، شۇڭا ئۆيگە يېنىپ كەلدىم. ئاندىن ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇنى ئىزدىدىم. لېكىن مۇشۇ چاغقىچە خەۋىرى يوق. ئىلگىرىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار بولغانغۇ بىرەر كۈن، بىرەر كېچە ئىزدەپ ئۇنى تېپىۋالاتتۇق. شۇڭا ئۇنى يەنە تاپالايدىغىنىمغا ئىشىنىپ سىزنى ئەنسىرەتمەي دەپ سىزگە بۇ ئىشنى ئېيتمىغان. تېلېفونىڭىزنى ئالساممۇ سىزگە نېمە دەيمەن؟ ئېنىقلا شەمسىيەنى سورايدىغىنىڭىزنى بىلەتتىم. … -دولقۇن يالغاندىن مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى.
قارشى تەرەپتىن نادىرە نىڭمۇ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
-ئۇ خوتۇن نېمىشقا ماڭا تېلېفون قىلمايدۇ؟… نېمىشقا شەمسىيەگە ياخشى قارىمايدۇ؟ھۈ… ھۈ… مېنىڭ كۆڭلۈم تۇيغان بىر ئىش بولغىنىنى كۆڭلۈم تۇيغانىدى.
-ئۇمۇ دەماللىققا جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ. مىجەزىڭىز ئىتتىك تۇرسا سىزگە تېلېفون قىلىشتىن قورققان گەپ.…
-ئۇنى… ئۇنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمەن، ئۇ قىزىمنى يۈتتۈرۋېتىپتۇ، نېمىشقا ئۇنىڭغا ياخشى قارىمايدۇ؟… ھۈ… ھۈ…
- نادىرە تەتۈرلۈك قىلماڭ بولامدۇ؟! ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ! ئىلگىرى قىزىمىزغا ئۆزىمىز قارىغان تۇرۇپمۇ نەچچە قېتىم مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرگىنى ئېسىڭىزدە باردۇ؟
-ئۇ چاغدا دېگەن قىزىم ئاغرىپ قالغان…
-ھازىرمۇ ئۇنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىگە ھېچقايسىمىز جەزم قىلالمايمىز نادىرە! سىز كەتكەندىن بېرى ئۇنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم. ئېچىلالمايلا يۈرگەنىدى. ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالغانىدىم. ئەپسۇس مەنمۇ دوختۇرخانىدا بولۇپ قالدىم. ئۇھ! شۇنچە ئىشلار يۈز بەردى ئەسلى سىز بۇ ئىشلاردىن ئىبرەت ئېلىپ، قىزىمىزغا ئوبدانراق كۆڭۈل بۆلسىڭىز توغرا بولاتتى. ئۇنى بىرىنچى ئورۇنغا خىزمەتنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇشىڭىز كېرەك ئىدى، ئەمما سىز ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلەر كەلمەيلا يەنە خىزمەت خىزمەتلا دەيدىغان بوپ كەتتىڭىز؟
-بولدى… بولدى دېمەڭ.ھۈ… ھۈ… ھۈ… مەن ئەسكى قىزىمغا ياخشى قارىيالمىدىم. قىزىم… مېنىڭ بىچارە قىزىم، ئۇ ھازىر نەدىدۇ؟… دولقۇننىڭ تاكتىكىسى ئۈنۈم بەرگەنىدى، ئۇ نادىرە نىڭ يۈرەك يارىسىنى تاتىلاش ئارقىلىق ئۇنى بېسىقتۇرۇپ قويدى. نادىرەنىڭ دولقۇنغا« ئەمىسە سىزچۇ؟ سىز ئۇنىڭغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلىدىڭىزمۇ؟ بۇ قېتىمغۇ دوختۇرخانىدا بولۇپ قالدىڭىز، لېكىن باشقا ۋاقىتلاردىچۇ؟ مەن ئاپىسى بولسام سىز ئۇنىڭ دادىسىغۇ!» دېگۈسى بار ئىدى. ئەمما دولقۇننىڭ تولا كاماندىروپكىغا چىقىشىنىڭ دادىسى ئاپىسىنىڭ ئۇنى كۆزگە ئىلماي توختىماي زىتىغا تېگىشى سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆزلەشنى خالىمىدى.
ئۇ تۈنۈگۈن كەچتە دولقۇنغا تېلېفون قىلىپ، ئۇ تېلېفوننى ئالمىغاندىن كېيىن يەنە ماڭا قېيداۋاتىدۇ دەپ قايتا تېلېفون قىلمىغانىدى. ئەمما ئەتىگەن شەمسىيەنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ شەمسىيەنىڭ مەكتەپكە كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقاندا نادىرە قاتتىق ئەندىشىگە چۈشۈپ دولقۇنغا قايتا-قايتا تېلېفون قىلدى. ئەمما دولقۇن تېلېفوننى ئالمىدى. گۈلسۈمگە قىلدى، ئۇمۇ ئالمىدى، ئۇ ئاخىرى شوپۇرغا تېلېفون قىلىپ دولقۇننىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ، خىيالىغا يەتمىگەن ئىش قالمىغانىدى. ئاپىسى ئېيتقاندەك دولقۇننىڭ ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىپ، نادىرەنىڭ ھەممە پۇلىنى ئېلىپ گۈلسۈم بىلەن قېچىپ كېتىۋاتقانلىقى، شەمسىيە ئۇلارنى توسىۋالماقچى بولغاندا ئۇلارنىڭ شەمسىيەنى ئۇرۇپ نىمجان قىلىپ قويغانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر كۆزىگە كۆرۈنۈپ كەتكەنىدى.
شۇڭا بايا شۇ خىيالىنىڭ ئاسارىتىدىن چىقىپ كېتەلمەي دولقۇنغا شۇنچە قاتتىق تېگىشى ئىدى. ئۇ ھەرخىل ئىشلارنى ئويلاپ كەتكەن، ئەمما شەمسىيەنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى. ئەمدى بولغاندا دولقۇننىڭ ئېغىزىدىن ئاتالمىش ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ بايىقى دەھشەتلىك خىياللىرىدىن سەسكىنىپ كەتتى ھەتتا كېسىلىم يەنە قوزغىلىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئۆزىدىن گۇمانلىنىپمۇ قالدى.
دولقۇنغا ئىشەنمەي قالايمىقان گۇمان قىلغىنى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبلەپ كەتتى.
تېلېفون ئۇلاقلىق ئىدى. ئەمما نادىرە گەپ قىلماي بەك ئۇزاق يوقاپ كەتكەندىن كېيىن دولقۇن يالغاندىن ئەنسىرىگەن ھالدا ئۇنى چاقىردى.
- نادىرە! نادىرە! مېنى ئەنسىرەتمىسىڭىزچۇ! گەپ قىلىڭ نادىرە!
شۇ چاغدىلا قارشى تەرەپتىن يەنە نادىرەنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
-كەچۈرۈڭ دولقۇن.-دېدى نادىرە يىغلاپ تۇرۇپ.- شەمسىيەدىن بەك ئەنسىرەۋاتىمەن، شۇڭا كەيپىياتىمنى كونترول قىلالماي قالدىم… بىز ساقچىغا مەلۇم قىلايلى. شەمسىيەگە ھەرگىز بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسۇن ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ دولقۇن…
-مەنمۇ شۇنداق قىلاي دەپ تۇرغان. سىز بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ نادىرە… قىزىمىزغا چوقۇم ھېچ ئىش بولمايدۇ. ئۇنى چوقۇم تىنچ ئامان ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىمىز… -دولقۇن ئىچىدە يەنە نادىرەگە يالغان تەسەللىي بېرىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى ئويلاپ تۇرۇۋىدى ئۇنىڭغىچە نادىرە:
-دولقۇن ئاپام تېلېفون قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئېلىۋېلىپ ئاندىن سىزگە تېلېفون قايتۇراي!-دەپلا تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.
قېيىن ئاپىسىنىڭ گېپى چىقىشى بىلەن دولقۇننىڭ خېلىلا پەسىيىپ قالغان قورقۇنچى يەنە ئۇلغىيىپ قالدى، چۈنكى قېيىن ئاپىسى ئارىلاشقانلىكى ئىشلاردا دولقۇن ئۆتكۈزگەن كىچىككىنە خاتالىقمۇ كۆپۈپ يوغىناپ بىر مۇنچە بولۇپ سورۇنغا چىقاتتى.
ھېلىمۇ ياخشى قېيىن ئاتا-قېيىن ئاپىسى ساياھەتكە چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ناۋادا ئۇلار ئۆيىدە بولغان بولسا، نادىرە دولقۇنغا تېلېفون ئۇرۇپ ئالالمىغاندىن كېيىن ئۇلارغا بىرلا تېلېفون قىلىپ قويسا، ئۇلار دەرھاللا بۇ ئۆيگە ئۈنۈپ بولاتتى-دە، دولقۇننىڭ ھېچبىر چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىماستىن ئانا مانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىپ بولغان بولاتتى. گۈلسۈم بىلەن مەسلىھەتلىشىۋېلىشقىمۇ پۇرسەت بولمىغان بولاتتى-ئەلۋەتتە!
دولقۇننىڭ خىياللىرى ئاخىرلاشماستىنلا نادىرە ئۇنىڭغا يەنە تېلېفون قىلدى.
-ۋەي!
-ھە… دولقۇن سىز… سىز تېخى ساقچىغا مەلۇم قىلمىغانسىز؟
-ياق ھازىر تېلېفون قىلايمىكىن دەپ تۇرغان…
-بولدى… بولدى قىلماڭ!
-نېمە؟… نېمە ئىش بولدى؟…
-ما… ماڭا ھازىر تېلېفون كەلدى. بىز ساقچىغا مەلۇم قىلساق ئۇلار… ئۇلار شەمسىيەنى…
-نېمە… نېمە دەۋاتىسىز؟ شەمسىيەنى بىرەرسى تۇتۇۋاپتىمۇ! ئۇلار… ؟ ئۇلار دېگىنىڭىز كىم. شەمسىيەنى تۇتۇۋالغان زادى كىمكەن؟
-مەن… مەن بىلمەيمەن دولقۇن… ئۇلارنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن. لېكىن شەمسىيەنىڭ تىنچ ئامان ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇ… ئۇلارغا شۇ پۇل لازىمكەن.
- نادىرە ؟ نې… نېمە دەۋاتىسىز؟ ئەجەب ماڭا بۇنداق تېلېفون كەلمىدىغۇ؟ سىز ئۆزىڭىز ياخشىمۇ؟ بايا ئاپام تېلېفون قىلىۋاتىدۇ دېدىڭىز… ئەمدى ئۇلار تېلېفون قىلىپتۇ دەيسىز، بۇ قانداق؟… -دولقۇن نادىرەنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنەلمەي ئۇنى يەنە كېسىلى قوزغىلىپ قالايمىقان سۆزلەۋاتامدىكىن دەپ قالغانىدى.
-مەن ناھايىتى نورمال دولقۇن. ماڭا ئىشىنىڭ بولامدۇ. سىزگە ئارتۇق چۈشەندۈرەلمەيمەن. شۇ ئۇلارغا پۇل لازىم ئىكەن، پۇل بەرسەكلا قىزىمىزنى قويىۋېتىدىكەن. مەن… مەن دەرھال پۇل تەييارلىشىم كېرەك.
-ۋەي… ۋەي نادىرە سىز ھازىر زادى قەيەردە. قەيەردە تۇرۇپ تېلېفون قىلىۋاتىسىز؟ ئۆيىمىزدە بۇنچە چوڭ ئىش چىققان تۇرسا نېمىشقا قايتىپ كەلمەيسىز؟ ئاۋۋال قايتىپ كېلىڭ! مەسلىھەتلىشىپ بىر ئىش قىلايلى بولامدۇ؟ ئۇلارغا پۇل بەرسەكلا قىزىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىغا كىم كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟… -دولقۇن ئىزچىل ئەنسىرەۋاتقان ئىشنى نادىرەنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ بىراقلا كەيپى ئۇچقانىدى.
ئۇ ئىزچىل شەمسىيەنىڭ بىرەر يەردە ئېزىقىپ قالغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىۋاتاتتى. ئەسلىدە شەمسىيەنى تۇتقۇن قىلىش، ئاندىن بۇ ئارقىلىق نادىرەدىن پۇل تەلەپ قىلىش دولقۇن ئەمدىلا خىيال قىلىۋاتقان ئىشلار تۇرسا، ئويلىمىغان يەردىن بىرسى دولقۇننىڭ خىيالىدىنمۇ تېز چىقىپ، شەمسىيەنى تۇتقۇن قىلىۋالسا، ئاندىن نادىرە دىن پۇل تەلەپ قىلىۋاتسا، بۇنى دولقۇن قانداقمۇ قوبۇل قىلالىسۇن؟ مۇشۇنى باھانە قىلىپ نادىرە ھەممە پۇللىرىنى ئۇ ئەبلەخلەرگە بېرىۋەتسە دولقۇنغا نېمە قالىدۇ؟
ئۇ شۇنچە يىللاردىن بېرى تورنى كەڭرى يېيىپ، دەھشەتلىك بوران چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ چىداپ تۇرۇۋاتقان تۇرسا، ئەمدى بولغاندا تورنى يىغاي دېگەندە بىر لەھەڭ پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ تورغا چۈشكىلىۋاتقان بېلىقلىرىنىڭ ھەممىنى يۈتىۋېلىپ، يەنە تېخى تورنى يىرتىپ قېچىپ كېتىمەن دەۋاتسا دولقۇن بۇنىڭغا قانداقمۇ يول قويالىسۇن؟
-بىز… بىز ئەڭ ياخشىسى ساقچىغا مەلۇم قىلايلى نادىرە! مەن ھازىرلا مەلۇم قىلاي، ئۇ ئەبلەخلەرگە پۇل بەرسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ. نېمىشقا قىزىمىزنى تۇتۇۋالغان ئەبلەخلەرگە يەنە پۇل بەرگۈدەكمىز؟…
-دولقۇن!… - نادىرە سەت ۋارقىرىدى.-مېنى تولا سىزگە قوپاللىق قىلىشقا قىستىماڭ. شۇ تاپتا ئارانلا تۇرۇۋاتىمەن . پۇل دېگەننى تېپىۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما قىزىمىزغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا بىز بىر ئۆمۈر ئۆزىمىزنى كەچۈرەلمەيمىز.… ئۆلگەندىن بەتتەر ھالغا چۈشۈپ قالىدىغىنىمىز ئېنىق. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلىشنى قارار قىلدىم. ئۇلار… ئۇلار راستتىنلا پۇل بەرسەملا قىزىمنى قويىۋېتىدىغان بولدى. بۇ قانداقتۇر كاپالەت، توختام، ھۆججەت، دېگەندەكلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرىدىغان ۋاقىتمۇ دولقۇن. بۇ دېگەن بىر ئىشەنچ قىزىمىزنىڭ تىنچ ئامان قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ. ھەرقانداق ياخشى ئىشنىڭ بىر بەدىلى بولىدۇ. بەلكىم بۇ بىز تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەلدۇ… - نادىرەنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتتى.
دولقۇن ئۆزىنى بەكلا تۇتۇۋېلىۋاتاتتى. ئىچىدە نادىرە نى توختىماي تىللاۋاتقان بولسىمۇ تېشىغا چىقىرالماستىن يەنىلا ئاجىزلىق بىلەن ئۇنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارغا پۇل بېرىشتىن توسۇپ قىلىش ئۈچۈن سۆزلەشكە باشلىدى.
-ۋەي… نادىرە گېپىمنى ئاڭلاڭ!؟ بۇ قانداق؟…
-بولدى… ناۋادا ساقچىغا مەلۇم قىلغىنىڭىزنى ئاڭلاپلا قالىدىغان بولسام بىز چىرايلىق كۆرۈشمەيمىز دولقۇن… قىزىمغا بىرەر ئىش بولۇپ قالىدىغان بولسا مەنمۇ ياشىمايمەن. شۇڭا مەن دېگەندەك قىلسىڭىزلا بولدى… تېلېفونۇمنى ساقلاڭ!-تېلېفون ئۈزۈلدى.
دولقۇن بۇ قېتىم ئاچچىقىغا چىداپ تۇرالماي تېلېفوننى يەرگە زەردە بىلەن ئاتتى. شوپۇر بىلەن گۈلسۈم چۆچۈپ كەتتى.
گۈلسۈم دولقۇننى چاقلىق ئورۇندۇقتىن يىقىلىپ كېتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەپ:
ئەپەندى… ئاۋايلاڭ!-دېگىنىچە ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈردى.
دولقۇن مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگكىنىچە لاغىلداپ تىترەۋاتاتتى.
-ئەپەندى ئەپەندى… سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ دېدى شوپۇرمۇ ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ ئەنسىرىگەن ھالدا.
-ئەپەندى… بەك بىئارام بولۇۋاتامسىز؟ ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىڭ بولامدۇ… ئۆزىڭىزنى بۇنداق قىينىماڭ. بولمىسا مېنى تىللىۋېلىڭ… ئۇرسىڭىزمۇ مەيلى … بىزنى قورقۇتماڭ ئەپەندى… ئەپەندى… -دېدى گۈلسۈم يىغلاپ تۇرۇپ.
شوپۇر ۋە گۈلسۈمنىڭ ئەتراپىدا بىر مۇنچە پايپېتەك بولۇشىدىن كېيىن دولقۇن ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلدى. تىترەشلىرى ۋە غەزىپى ئاستا-ئاستا بېسىقتى.
-بولدى… بولدى… ھېچقىسى يوق، مەن ياخشى ئەنسىرىمەڭلا! قىزىم… قىزىمدىن بەكلا ئەنسىرەۋاتىمەن.… -دولقۇن مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى، لېكىن ئۇنى شەمسىيەدىن ئەنسىرەپ يىغلىدى دېگەندىن كۆرە، ئۆزىگە مەنسۇپ بولۇش ئالدىدا تۇرغان، لېكىن ھازىر باشقىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكىلىۋاتقان پۇل ئۈچۈن يىغلىدى دېگەن تۈزۈك ئىدى.ئۇ نېمە ئىش بولغىنىنى گۈلسۈمگە ئېيتىپ بېرىشنى خالايتتى، ئەمما شوپۇرغا قاراپ توختاپ قالدى.
-سىزگە نادىرە تېلېفون قىلغانمۇ؟-سورىدى ئۇ شوپۇردىن.
-ھەئە خانىم سىلەرنى، تېلېفوننى ئالمايۋاتىدۇ ئۆيگە بېرىپ قاراپ بېقىڭ دېگەنىدى.
-ھە… كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك ئۆيىمىزدە ئازراق ئىش بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن كۆڭلىمىز پاراكەندە … ئىم… -گېلىنى قىرىپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى دولقۇن.-سىز ئەمدى قايتىپ ئىشىڭىزنى قىلىڭ! ئىش بولسا سىزنى چاقىرىمىز.
-كېرەك يوق ئەپەندى… سىزمۇ دوختۇرخانىدا ئەمەس. خانىممۇ بۇ يەردە يوق، شۇڭا مېنىڭ باشقا ئىشىممۇ يوق. كەتمىسەممۇ بولۇۋېرىدۇ . ئىش بولسا ماڭا دەۋېرىڭ…
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇