چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى 🧡 32-قىسىم

文摘   2025-01-10 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم
8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم
12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم
26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-ئەمىسە… ئەمىسە ئۇ ھازىر نەدە؟… ئۇنىڭ كېسىلى شۇنچىۋالا ئېغىرمۇ؟ نېمىشقا ئىلگىرى داداممۇ سىزمۇ بۇ ھەقتە ماڭا پەقەتلا سۆزلەپ بەرمىگەن؟… زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ… مېنىڭ قانداقسىگە ئاكام بولىدۇ؟

-ئۇ… ئۇ ھازىرمۇ دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىڭىز بارمۇ؟

-ياق… ياق… مېنىڭ كۆرۈشكۈم يوق، سىز مېنى ئالداۋاتىسىز. مەن ئۆيگە كېتىمەن دادامنىڭ يېنىغا كېتىمەن… مېنىڭ ئاكام يوق… -شەمسىيە بەكلا قورقۇپ كەتكەنىدى.

-ئۇنداق قىلماڭ قىزىم… ئاكىڭىز ھازىر تېخىمۇ بەك ئاغرىپ قالدى. ئۇنى بىر كۆرۈپ بېقىڭ بولامدۇ؟ مەن سىزنى ئۇنىڭ يېنىغا ئاپىراي.

نادىرە ھېلى ئالداپ، ھېلى يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى شەمسىيەنى زەپەرنىڭ يېنىغا بېرىشقا كۆندۈردى.

زەپەر بۇرۇنلا ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ياتىقىغا يۆتكەلگەنىدى.

دوختۇرلارنىڭ تەلىپى بويىچە نادىرە بىلەن شەمسىيە مىكروب ئۆتكۈزمەيدىغان بىر تۇتاش كىيىمنى كىيگەندىن كېيىن زەپەر ياتقان ئېغىر كېسەللىكلەرنى كۆزىتىش ياتىقىغا كىردى.

شەمسىيەنىڭ ئاپىسى چىڭڭىدە تۇتۇۋالغان قوللىرى تىنىمسىز تىترەيتتى شەمسىيە كارىۋاتتا مىدىر سىدىر قىلماي ياتقان زەپەرگە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن نادىرەگە قارىدى، نادىرە يىغلاۋاتاتتى، ئۇ شەمسىيەگە قاراپ يەڭگىل باش لىڭشىتتى بۇنىڭدىن شەمسىيە كارىۋاتتا ياتقان بۇ بالىنىڭ ئاپىسى دېگەن ئاكىسى شۇ ئىكەنلىكىنى بىلدى.

ۋە بېشى قايغاندەك بولۇپلا يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ ھوشىدىن كەتكەنىدى.

-شەمسىيە… شەمسىيە قىزىم…

قورقۇپ كەتكەن نادىرە ئېغىزىدىن ماسكىنىمۇ ئېلىۋېتىپ يىغلىغىنىچە شەمسىيەنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرگەچ ۋارقىرىدى.

-دوختۇر… دوختۇر…

ئېنىقلا تۇيۇقسىزلا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار شەمسىيەنىڭ قوبۇل قىلىش چېكىدىن ھالقىپ كەتكەچكە ئۇ ھوشىدىن كەتكەنىدى.

شەمسىيە ھوشىغا كەلگەندە نادىرە ئۇنىڭ بېشىدا يىغلاپ ئولتۇراتتىئ چوڭ ئاپىسىمۇ بىر چەتتە قاپاقلىرى ساڭگىلىغان ھالدا ئولتۇراتتى.

-ھە… قىزىم قىزىم قانداقراق تۇرىسىز مېنى بەكلا قورقىتىۋەتتىڭىز!…

-مەن ساڭا نېمە دېگەن كىچىككىنە بالىغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرىمەن دەپ كاللىسىنى ئۇماچ قىلىۋەتتىڭ! ئەسلى پىلان بويىچە ئىش قىلغان بولساقلا ھېچقانداق چاتاق چىقمايتتى…

-ئاپا… بولدى قىلىڭ! چىقىپ كېتىڭ بولامدۇ! مېنى قىزىم بىلەن يالغۇز قويۇڭ!…

نادىرەنىڭ ئاپىسى يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولۇپ ئېغىزىنى ئۆمەللەپ بولۇپ نادىرەنىڭ ئۆزىگە تىكىلگەن غەزەپلىك كۆزلىرىگە قاراپ توختاپ قالدى ۋە دوق قىلغىنىچە چىقىپ كەتتى.

-ئاپا، مەنمۇ ئاغرىپ قالدىممۇ؟…

-ياق، ياق، قىزىم مېنى كەچۈرۈڭ… مەن سىزنى قورقۇتۇپ قويدۇم…

-ئاكام بەك بىچارىكەن…

-ھەئە،… ھەئە… قىزىم ئاكىڭىز بەكلا بىچارە. ئۇ بەكلا قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ…

-ئاپا، سىزنىڭ پۇلىڭىز جىققۇ! نېمىشقا ئاكامنى ياخشىراق دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ تېزراق داۋالىتىپ ساقايتمايسىز؟

-مېنى بۇنى ئويلىمايدۇ دەمسىز قىزىم… ئەمما مەن ئامالسىز… ئاكىڭىز بىرسىنىڭ ياردىمىگە موھتاج، ئەمما ئۇ ئادەم…

-ئۇ ئادەم نېمە بولدى؟…

-قىزىم… ناۋادا… ناۋادا ئاكىڭىز سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە موھتاج بولسا سىز ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى خالامسىز؟

شەمسىيە جىمىپ كەتتى.

نادىرە ئىككى ئارىلىقتا قورۇلۇپ جېنى تېرىقتەك قىلىۋاتاتتى.

-مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلالامدىم…

-ھەئە… ھەئە… قىزىم… سىز ياردەم قىلالايسىز!

-قانداق ياردەم قىلىمەن؟…

-سەن ئۇنىڭغا بىر بۆرىكىڭنى بەرسەڭلا! ئاكاڭ ھايات قالالايدۇ! ساڭىمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ…

قاچانلاردا كىرىۋالغىنىنى سەزمەيلا قالغان نادىرەنىڭ ئاپىسى تام تۈۋىدىن ھوشۇر چىققاندەكلا بۇ گەپنى قىلىشى بىلەن شەمسىيە تېخىمۇ قورقۇپ يىغلاشقا باشلىدى.

-

ئاپا!… ئاپا! … چوڭ ئاپام نېمە دەۋاتىدۇ؟ مەن بەك قورقىۋاتىمەن ئاپا! مەن بۇ يەردە تۇرمايمەن… ئۆيگە كېتىمەن مېنى دادامنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويۇڭ ئاپا! سىزدىن خوش بولۇپ قالاي… دادامنىڭ يېنىغا كېتىمەن.… دادا!… دادا!…

-ئاپا نېمە قىلىۋاتىسىز؟- نادىرە ئاپىسىغا ۋارقىرىدى.

-نېمە قىپتىمەن ھە!، نېمە قىپتىمەن؟ دوختۇر يەنە ئالدىرىتىۋاتىدۇ. زەپەرنىڭ ئەھۋالى بەكلا خەتەرلىككەن، سەن بۇ يەردە ئەزمەڭنى ئېزىپ ئولتۇرۇشساڭ زەپەرگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ ئۇ ئىككىسى دېگەن قېرىنداش. يەنە مەسلىھەتلەشكۈدەك چۈشەندۈرگۈدەك نېمە ئىش بار ئىدى. شەمسىيەنىڭ زەپەرنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشى ھەقلىق ئىش… يەنە نېمىگە تىلىڭنى چايناپ ئولتۇرىسەن بۇ يەردە كىچىككىنە قىزغا گېپىڭنى ئۆتكۈزەلمەي…

-ئاپا! بۇ دېگەن شەمسىيەنىڭ بىر تال تىرنىقىنى ئېلىۋەتكەنچىلىك ئاددىي ئىش ئەمەس ئۇقۇۋاتامسىز. ئۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇشى ئۆز ماقۇللۇقى بىلەن بۇنى خالىشى كېرەك. بولمىسا ھېچكىمنىڭ قىزىمنىڭ بىر تال مويىغا چېقىلىشىغا يول قويمايمەن…

-ياخشى… ياخشى نادىرە سەن نوچىكەنسەن. ۋاقتى كەلگەندە يەنە مۇشۇ نوچىلىقىڭدا تۇرالامسەنكىن قېنى شۇ چاغدا بىر گەپ بولسۇن… ھۈ… ھۈ… ھۈ… ۋاي مەن قانداق قىلاي؟ مەن زادى قانداق قىلارمەن. بىچارە نەۋرەم جان تالىشىپ ياتسا… ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئىككى ئېغىز گەپنى ئارتۇق قىلغىنىممۇ مېنىڭ خاتالىقىممۇ ئەمدى… ۋاي بۇ قېرى جېنىمدىن تويدۇم! كېسەلنى كىچىككىنە نەۋرەمگە بەرگۈچە ماڭا بەرسىچۇ!… ھۈ… ھۈ… - نادىرەنىڭ ئاپىسى دوختۇرخانىنى بىر ئېلىپ يىغلاشقا باشلىدى. ئەزەلدىن يۈز ئابرۇيىغا بەكلا ئەھمىيەت بېرىدىغان بۇ خوتۇن ھازىر نومۇس دېگەننىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويغانىدى.

-نېمانداق قىلىسىلە! بۇ يەر دېگەن دوختۇرخانا! يەنە كېلىپ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش رايونى. بۇنداق ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلساڭلار قانداق بولىدۇ! ئاچا بۇنداق قىلماڭ بولدى توختاڭ دەيمەن! بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭ!-دوختۇر ۋە سېسترالار پاتىپاراق بولۇشۇپ توختىماي جېدەل قىلىۋاتقان نادىرەنىڭ ئاپىسىنى تارتىشتۇرۇپ دېگۈدەك ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

قورقۇپ بىر بۇلۇڭغا تۈگۈلۈپ قالغان شەمسىيە بايىقىدىنمۇ بەكرەك يىغلاۋاتاتتى.

بۇ ئىشلارنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلىشقا پەقەتلا ئامالسىز قالغان نادىرە شەمسىيەنى بەزلەشنىمۇ ئۇنتۇپ جايىدىلا ئولتۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى.

بىردەمدىن كېيىن شەمسىيەمۇ نادىرەمۇ يېغىدىن توختىدى، ئەمما ئىككىلىسى بايىقى جايىدا بولۇپ بىر-بىرىگە يېقىن كېلىش خىيالىمۇ يوقتەك قىلاتتى.

شەمسىيەگە بۇ يەردىكى ھەممە ئادەم تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىلىنىۋاتاتتى. يىغلاپ بىرەرسىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويسا ئۇنى ھاپ قىلىپلا يۇتۇۋېتىدىغاندەك بىر قورقۇنچتا ئۇ ئەمدى يىغلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى.

-ئازراق چاي ئىچىپ تىنچلىنىۋېلىڭ!- نادىرە بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ ئۆزىگە چاي تەڭلەپ تۇرغان بۇرۇنقى يولدىشىنى كۆردى.

ئۇ راستتىنلا ئۇسساپ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەنىدى.

شۇڭا سوۋۇتۇپ تەييار قىلىنغان چاينى ئېلىپلا گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتى.

-سىزگە تەس بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمەن… بولمىسا بۈگۈنچە قىزىڭىزنى ئېلىپ قايتىپ كېتىپ تۇرۇڭ! زەپەرگە مەن قاراي… -دېدى نادىرەنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى ئۇنىڭغا كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا.

-دېمىسىڭىزمۇ مەن قىزىمنى ئېلىپ قايتىپ كېتىمەن، ئەمدى ئۇنى بۇ دوختۇرخانىغا ئەكەلمەيمەن. زەپەرنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگىنى شۇ ئوخشايدۇ… ناۋادا ئويلىمىغان يەردىن بۆرەك تەقدىم قىلغۇچى چىقىپ قالسا بۇنىڭ بەدىلى ئۈچۈن مەن جېنىمنى بېرىشكىمۇ تەييار…

-ناۋادا يەنىلا ئۈمىدسىز قالىدىغان ئىش بولسىمۇ… مەن ئەمدى بېشىمغا كەلگەننى كۆرۈشنى قارار قىلدىم. ئىشقىلىپ ئەمدى قىزىمنى بۇ ئىشقا سۆرەپ كىرىپ ئۇنى ئازابلىغۇم يوق.… - نادىرە سۆزلىگەچ ئورنىدىن تۇرماقچى بولغانىدى، ئەمما نېمىشقىدۇر بېشى قېيىپ، پۇت قوللىرى كالانپايلىشىپ ئۆز ھەرىكىتىنى ئۆزى باشقۇرالمايلا قالدى.

ئۆزىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھالەتكە ھەيران بولغان ھالدا بېشىنى سىلكىۋېتىپ قايتا ئورنىدىن تۇرۇش ئۈچۈن كۈچىگەنىدى ئەمما بۇ قېتىم خۇدۇنى بىلمەيلا يېقىلىپ قالدى.

قۇلىقىغا بەكمۇ يىراقتىن شەمسىيەنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك قىلدى، ئەمما شۇنچە قىلىپمۇ كۆزلىرىنى ئاچالمىدى.

ئۇ ئاخىرى شەمسىيە تۇرغان يەرنى كۆردى. غايەت زور بىر قوش شەمسىيەنى كۆتۈرگىنىچە ئۇنى كۆك قەھرىگە ئېلىپ چىقىپ كېتىپ باراتتى. نادىرە قۇشنىڭ كەينىدىن قوغلىدى. ئۇ يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ، ھېلى دەرەخ يىلتىزلىرىغا، ھېلى چېچىلىپ ياتقان تاشلارغا پۇتلىشاتتى. تېزراق يۈگۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقانسېرى پۇتلىرى ئېغىرلىشىپ كېتىپ باراتتى. ئۇ كۆك قەھرىدە شەمسىيەنى كۆتۈرگىنىچە ئۇچۇۋاتقان قۇشقا قاراپ مېڭىپ ئۆزىنىڭ چوڭقۇر بىر يار لېۋىگە كېلىپ قالغانلىقىنى تۇيمايلا قالدى. بىر چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ شىددەت بىلەن بىر چوڭقۇرلۇققا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى. ئۇنىڭ شەمسىيە بىلەن بولغان ئارىلىقى بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىپ باراتتى. ھېلىقى چوڭ قۇش شەمسىيەنى كۆتۈرۈپ ئۇچقىنىچە بۇلۇتلار ئارىسىغا شۇڭغۇپ كەتتى. بىراق نادىرە چۈشۈپ كېتىۋاتقان يەرنىڭ ھېچ تېگى باردەك قىلمايتتى. ئۇ قاتتىق بىر سىلكىنىپ كۆزىنى ئاچتى. بايىقى ئىشلار ئۇنىڭ چۈشى ئىدى.

-شەمسىيە… شەمسىيە… -ئۇنىڭ كۆزىنى ئېچىپلا دېگەن گېپى شۇ بولدى. ئۇ بىر كارىۋاتتا يالغۇز ياتقۇزۇپ قويۇلغان بولۇپ يېنىدا ھېچكىم يوق ئىدى.

ئۇ ماغدۇرسىز بىر ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ، سەنتۈرۈلۈپ ماڭغىنىچە شەمسىيەنى ئىزدەشكە باشلىدى.

ئىشىك تۈۋىگە بارغاندا يەرگە كىرگىلىۋاتقان ئاپىسى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى.

-ئو… ئويغاندىڭما؟!-ئاپىسى ئۇنىڭدىن كۆزلىرىنى قاچۇرۇپ تۇرۇپ دېدى.

-شەمسىيە قېنى؟

-ئۇ… ئۇ ياخشى.

-قەيەردە ياخشى… ئۇ قېنى دەۋاتىمەن.

نادىرەنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ بۇ سوئالىنى جاۋابسىز قويۇپ ياتاققا كىرىپ بايا نادىرە ياتقان كارىۋاتقا كېلىپ ئولتۇردى.

-شەمسىيەنى نېمە قىلىشتىڭ!-دەھشەتلىك ۋارقىرىدى نادىرە.

-ئۇنى ھېچكىم بىر نېمە قىلمىدى… شۇ ھازىر ئوپېراتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ!

نادىرە لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. ۋە بايا تۇنجى يولدىشىنىڭ ئۆزىگە بىر ئىستاكان چاي تەڭلىگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى-دە. دەس ئورنىدىن تۇرۇپ ياتاقتىن چىقىپ كەتتى.

- نادىرە… نادىرە نەگە بارىسەن؟

نادىرە ئاپىسىغا جاۋاب بەرمەستىن ئەتراپتىكى ياتاقلارغا بىرمۇ بىر كىرىپ تۇنجى يولدىشىنى ئىزدىدى.

بىراق ئۇ ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى.

-ئۇ ئەبلەخ قېنى؟ ئۇ ماڭا نېمە ئىچكۈزىۋەتتى؟ سىز بىلەتتىڭىز شۇنداقمۇ ئاپا؟ ئۇنىڭ چايغا بىر نېمە سېلىۋەتكەنلىكىنى بىلەتتىڭىز شۇنداقمۇ؟ سىز مېنىڭ ئاپاممۇ ياكى…

بۇ چاغدا يان تەرەپتىكى لىفىت ئىشىكى ئېچىلىپ ئىچىدىن ئىككى دوختۇر ۋە تۆت سېسترا بىر كارىۋاتنى ئىتتىرىگىنىچە چىقىپ كېلىشتى.

ئارقىدىنلا نادىرەنىڭ تۇنجى يولدىشىمۇ چىقىپ كەلدى. كارىۋاتتا ياتقىنى شەمسىيە ئىدى. ئۇ ھوشسىز بولۇپ، بىمارلار كىيىمى كىيدۈرۈلگەن ئېغىزىغا ئوكسىگېن سۈمۈرۈش قاپچۇقى تاقاپ قويۇلغانىدى، ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ نادىرەنىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى.

ئۇ ئېتىلىپ بارغىنىچە كارىۋاتنىڭ بىر تەرىپىدە تۇرۇپ يېنىدىكى باشقىلارنى ئىتتىردى.

-شەمسىيە… ھۈ… ھۈ… ھۈ… جېنىم قىزىم سىزگە نېمە بولدى؟ ئۇلار سىزنى نېمە قىلىشتى؟ مېنى كەچۈرۈڭ قوزام… مەندەك يارىماس ئاپىڭىزنى كەچۈرۈڭ! كىچىككىنە جىنىڭىزغا قىلىنغان بۇ زۇلۇملارنىڭ سەۋەبكارى مەن… ھۈ… ھۈ… ھۈ…

-خانىم ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ؟… قانداق گەپ بۇ؟ بىز بۇ ئوپېراتسىيەنى سىلەر مەسئۇلىيەتنامىگە قول قويغاندىن كېيىن ئاندىن قىلدۇق. قىزىڭىزغا ھەرقانچە ئىچىڭىز ئاغرىپ كەتكەن ھالەتتىمۇ بىزنى بۇنداق ئىتتىرىپ ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى داۋالاش تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزسىڭىز بولمايدۇ. بىز بىمارىمىزغا ئاخىرغىچە مەسئۇل بولىمىز، بىمار ئوپېراتسىيەدىن يېڭىلا چىقتى. يەنە يىگىرمە تۆت سائەت كۆزىتىلىشى كېرەك. بۇ يەردە بۇنداق ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلسىڭىز بىمارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىىز… -قاپىقى يامان بىر دوختۇرنىڭ دېگەن بۇ گېپى نادىرەنى يىغىدىن توختاتتى. ئۇ ئەمدى كارىۋاتقا ئېسىلىپمۇ تۇرۇۋالمىدى. ئۇلار كارىۋاتنى ئىتتىرگىنىچە ئوپېراتسىيە قىلىنغان بىمارلارنى كۆزىتىش ياتىقىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى.

ياتاق ئىشىكى يېپىلىشى بىلەن نادىرە كەينىگە بۇرۇلۇپلا يېنىدا تۇرغان بۇرۇنقى يولدىشىنى كۈچەپ بىر دەستەك سالدى.

-نېمە قىلىۋاتىسىز… ساراڭ خوتۇن!-بۇرۇنقى يولدىشىمۇ ئۇنى قىلچە ئاياپ ئولتۇرماي ئاغرىۋاتقان يۈزىنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭغا تىل سالدى.

-ماڭا نېمە ئىچكۈزىۋەتتىڭ ھۇ ئەبلەخ. چايغا نېمە سېلىۋەتتىڭ؟ مېنى ھوشسىزلاندۇرۇپ قويۇپ قىزىمنى ماقۇللىقىمنى ئالماي تۇرۇپلا ئوپېراتسىيەخانىغا ئەكىرىپ بەردىڭما! بۇ ھوقۇقنى كىم بەردى ساڭا؟…

تۇيۇقسىز نادىرەنىڭ كۆزلىرى چىمچىقلاپ، يەڭگىل ھاۋا ئېقىمى ئۇنىڭ چاچلىرىنى يەلپۈتىۋەتتىەلپۈتىۋەتتى.

ئەسلى ئۇنىڭ بۇرۇنقى يولدىشىمۇ ئۇنى ئۇرۇش ئۈچۈن قول كۆتۈرگەنىدى.

ئەمما، نادىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ:

قورققىنىدىن:

-ھۇھ… -دەپ ئىچىگە تارتىشى بىلەن ئۇ چاقماق تېزلىكىدە نادىرەنىڭ يۈزىگە قاراپ كېتىۋاتقان قوللىرىنى توختىتىۋالدى ۋە ئاستا-ئاستا پەسكە چۈشۈردى.

-ئىككى بالىسى كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان ئانا بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن بوپتۇ، بۇ بىر تەستەكنى بولدى قىلىۋېتەي. ناۋادا تۈزۈك بىر ھېساب كىتاب قىلىشايلى دېسىڭىز سىرتقا چىقساقمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئوتتۇرىمىزدىكى ھېساب كىتابنىڭ بىرەر تەستەك ياكى نەچچە ئېغىز گەپ بىلەن تۈگىمەيدىغانلىقى كۆڭلىڭىزگە ئايانغۇ دەيمەن.… -دېدى ئۇ چىشلىرى ئارىسىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ.

نادىرە ئارتۇق گەپ قىلالماي قالدى. چۈنكى نادىرە بۇ ئادەمگە، ئۇنىڭ نادىرە تۇغقان بىر ئوغلى بارلىقىنى، ھازىر كېسەل كارىۋىتىدا قىينىلىۋاتقانلىقىنى دېگەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، بۇ ئادەم ھېلىمۇ ئۆزىنى بەك تۇتۇۋېلىپ، ئامال بار نادىرەگە قاتتىق تېگىشتىن ساقلىنىپ كېلىۋاتاتتى.

ھەتتا كېسەل كارىۋىتىدا نېمجان ياتقان بالىسىنىڭ دەردىدە ئاران تۇرۇۋاتقان نادىرەگە ئارتۇق سۆزلەپ ئۇنىڭ دەردىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاپىسىنىڭ دوختۇرخانىغا كېلىشىنىمۇ توسۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى نادىرەگە ئايان ئىدى.

نادىرە دوختۇرخانىنىڭ سوغۇق تېمىغا يۆلىنىپ يىغلاشقا باشلىدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章