كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
4-قىسىم | 5-قىسىم | 6-قىسىم |
7-قىسىم | 8-قىسىم | 9-قىسىم |
10-قىسىم | 11-قىسىم | 12-قىسىم |
13-قىسىم | 14-قىسىم | 15-قىسىم |
16-قىسىم | 17-قىسىم | 18-قىسىم |
19-قىسىم | 20-قىسىم | 21-قىسىم |
22-قىسىم | 23-قىسىم | 24-قىسىم |
25-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
-ئەپەندى… ئەپەندى، ئۇنداق ئەمەس، شەمسىيە يوقاپ كەتتى، لېكىن بۇنىڭ بىلال ئىككىمىز بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق. مەن خاتا قىلدىم… راستتىنلا خاتا قىلدىم. ئەسلى بىلالنى تونۇيدىغانلىقىمنى سىزدىن يوشۇرمىسام بولاتتى بىلال… بىلال ئىككىمىز يۇرتداش. يەنە يۇرتتىكى تام قوشنىلار بىز. ئەمما بىز قانداقتۇر تىلىمىزنى بىر قىلىۋېلىپ سىزنى ئالدىغان ئەمەس. ماڭا ئىشىنىڭ ئەپەندىم. خانىم مەندىن ھەمىشە گۇمان قىلىپ مەندىن قۇسۇر ئىزدەپلا يۈرگەچكە، مەن دوختۇرخانىدا بىلالنى تونۇيدىغانلىقىمنى ئېيتسام بۇ ئىش خانىمنىڭ قۇلىقىغا يەتسە بايا سىز دېگەندەك بىرى ئەر سېسترا بىرى ئۆي خىزمەتچىسى بولۇپ بىزگە بىرەر سۇيىقەست پىلانلاۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالمىسۇن دەپ بۇ ئىشنى سىزدىن يوشۇرۇپتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چاغدا ھەمىشە خانىمدىن دەككە يەپلا يۈرىدىغان بولغاچقا ھەم سىزنى يارىلاندۇرۇپ دوختۇرخانىغا كىرگۈزۈپ قويغىنىم ئۈچۈن ئۇ ماڭا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان بولمىغان بىرمۇنچە چىقىملارنى ئارتىپ قويغاچقا، كۆڭلۈم بەك پاراكەندە ھەممىدىن ئەنسىرەپ ئېھتىيات قىلىپلا يۈرىدىغان بولۇپ قالغانىدىم.
شۇڭا دوختۇرخانىدا بىلالنى كۆرگەن چېغىمدا دەماللىققا ئۇنى تونۇيدىغىنىمنى يوشۇرۇشلا خىيالىمغا كەپتۇ باشقىنى ئويلىماپتىمەن. دەۋاتقىنىمنىڭ ھەممىسى راست ئەپەندىم. سىزنىڭ مېنىڭ سەۋەبىمدىن يارىلانغىنىڭىزنى تەن ئالىمەن. ئەمما مەن بۇنى قەستەن قىلمىغان ئاشخانىدىكى جۈمەك راستتىنلا ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇزۇلۇپ كەتتى. ئۇ ۋاقىتتا گۆش چانايدىغان دۆشە قولۇمدىن تېيىلىپ چىقىپ كەتكەنىدى، دۆشە تېيىلىپ بېرىپ جۈمەكنى سۇندۇرۇۋەتتى . ئاندىن ياندا تۇرغان قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەنلا يەرگە چۈشتى. ئۇ ۋاقىتتا دىققەت قىلماپتىمەن، كېيىن قارىسام قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ قۇتىسى يېرىلىپ قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئاشخانىنىڭ پولىغا ئېقىپ كېتىپتىكەن، ئۇ سۇ بىلەن بىرلىشىپ شۇڭا شۇنداق تېيىلغاق بولۇپ قاپتۇ. بۇ ھەرگىزمۇ قەستەنلىك ئەمەس ئەپەندىم. بىلالنىڭ سىزگە ئەر سېسترا بولغانلىقىنىمۇ مەن بىلمەيتتىم. ئۇنى شۇ دوختۇرخانىدا يېنىڭىزدا كۆرۈپ ئاندىن بىلدىم. ئەپەندى… ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن دېسىڭىز مەن بۇنىڭغا قارشى تۇرمايمەن. ھەم تۈنۈگۈندىن بېرىمۇ مەن ئىزچىل ساقچىغا مەلۇم قىلايلى دەپ كېلىۋاتىمەن، چۈنكى شەمسىيەنىڭ يوقاپ كېتىشى مېنىڭ سەۋەنلىكىم، ئەمما ئۇ ئىشنى مەن قىلمىدىم. بىلالنىڭمۇ بۇ ئىش بىلەن ئالاقىسى يوق. ئۇ تېخى بۇ ئىشنى سىز دېمىگەن بولسىڭىزلا شەمسىيەنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. شۇڭا بىزنىڭ قورسىقىمىزنىڭ ئاغرىقى يوق. ساقچىلار چوقۇم ھەممىنى ئېنىقلاپ چىقالايدۇ، مەن شەمسىيەنىڭ يوقاپ كېتىشىدە ئۇنىڭغا ياخشى قارىمىغانلىقىمدەك مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئۈستۈمگە ئالىمەن. ئەمما مېنى بۇنداق قارىسىغا ئەيىبلىمەڭ ئەپەندى…
بۇ چاغدابىر ياندا بۇ جېدەلنىڭ پىلتىسىگە بەك جايىدا ئوت ياقالىدىم دەپ قىزىق تاماشا كۆرۈپ تۇرغان ئايتۇنەم يەنە ساقچىغا مەلۇم قىلىشنىڭ گېپى چىقىشى ھامان، دولقۇن گۈلسۈم ۋە بىلال ئۈچىنىڭ ئۆز دەردى بىلەن كاللىسى قاپاق بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ غىپپىدىلا چىقىپ كەتتى.
باياتىندىن بېرى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالغان بىلال گۈلسۈمنىڭ بارغانسېرى دولقۇننىڭ پۇتلىرىنى سۆيگۈدەك بولۇپ تىزلىنىپ يۈكۈنۈپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەمدى چىداپ تۇرالمىدى-دە بېرىپلا گۈلسۈمنى تارتىپ دېگۈدەك يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى.
-تۇرىڭە گۈلسۈم. تۇرۇڭ نېمە قىلىۋاتىسىز؟ ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلسا قىلىۋەرسۇن. سىز دېگەندەك بىزنىڭ قورسىقىمىزنىڭ ئاغرىقى يوق تاۋۇز يېيىشتىن قورقمايمىز. نېمە قالايمىقان گەپلەر بۇ؟ پۇلۇم بار، ياللاپ ئىشلىتىۋاتىمەن دەپلا بىزنى خالىغانچە بوزەك قىلسا بولامدىكەن، ئاساسسىز پاكىتسىز ھالدا قارىلىسا بولامدىكەن. ئۇنىڭغا يالۋۇرماڭ! قولىدىن كەلگىنىنى قىلسۇن.
بىلال مەڭزىگە چاڭڭىدە تەگكەن بىر تەستەك بىلەن گەپتىن توختاپ قالدى.
ياخشىلىققا يامانلىق ئارپىلىققا سامانلىق دېگەندەك بىلال گۈلسۈم ئۈچۈن سەدپارە بولۇۋاتسا گۈلسۈم ئۇنىڭغا قىلچە يۈز خاتىرە قىلمايلا ئۇنى بىر شاپىلاق سالغانىدى.
-بولدى گەپ قىلماڭ بىلال!-دېدى گۈلسۈم، يەنە بىر دەستەك بىلەنلا توختاپ قالماي.-مەن ئۇنىڭ قىزىنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم بىلىۋاتامسىز! ئۇ شۇ تاپتا مېنى چەيلەپ خېمىر قىلىۋەتسىمۇ بۇنىڭغا ھوقۇقلۇق. چۈنكى ئۇلار ماڭا ئىشىنىپ قىزىنى تاپشۇرغان. ئەمما مەن ھاڭۋاقتىلىق قىلىپ… ھۈ… ھۈ… ھۈ… دۆتلۈك قىلىپ ئۇنىڭ قىزىنى يۈتۈرۈپ قويدۇم.
شۇ تاپتا ۋىجدان ئازابى ۋە ئۆزۈمنى ئەيىبلەش تۇيغۇسى، خوجايىننىڭ مېنى ئەيىبلەشلىرىدىنمۇ ئۆتە قاتتىق تىكەنگە ئايلىنىپ يۈرىكىمگە سانجىلماقتا سىز بۇنى چۈشىنەمسىز؟ھۈ… ھۈ… ھۈ… ئۇنىڭغا ۋارقىرايدىغانغا نېمە سالاھىيىتىڭىز بار! ئۇ بىر قىزى يىتۈپ كەتكەن دادا! ئۇنىڭ قىزىنى مەن يۈتتۈرۈپ قويدۇم بىلىۋاتامسىز… ھۈ… ھۈ… ھۈ… ئەتىگەن چىقىپ كەتكەن ئادەم يەنە نېمە دەپ كەلدىڭىز-ھە. ھازىر سىز كەلمىگەن بولسىڭىز خوجايىن بۇنداق كۆڭلى پاراكەندە تۇرغان ۋاقىتتا يەنە بۇ ئىشنى ئۇقۇپ قېلىپ تېخىمۇ بىئارام بولۇپ كەتمەيتتى. ئەمەلىيەتتە ئىككىمىزنىڭ تونۇشلىقىنىڭ ھازىر نېمىگە پايدىسى نېمىگە زىيىنى-ھە، پەقەت خاتا ۋاقىتتا ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا كىشىنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. مەن خاتا قىلدىم… باشتىلا خاتا قىلدىم… ھەممىسى مېنىڭ سەۋەنلىكىم… -گۈلسۈم يۈرىكىگە مۇشتلاپ يىغلاۋېتىپ توساتتىنلا يېقىلىپ چۈشتى، ئۇ ھوشىدىن كەتكەنىدى. كاللىسىدىكى قالايمىقان خىياللار ۋە ئارقا ئارقىدىن يۈز بەرگەن قالايمىقان ئىشلار ئۇنى چارچىتىپ ھالىنى قويمىغانىدى. يەنە شەمسىيەگە بولغان ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسى ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ نەپەس ئالدۇرمايۋاتاتتى.
دولقۇن ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ راستتىنلا خاتا گۇمانلانغانلىقىنى بەكلا ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى ھېس قىپ قالدى.
-ھە! … گۈلسۈم… گۈلسۈم… -دېدى ئۇ تۇيۇقسىزلا ئايلىنىپ يىقىلىپ قالغان گۈلسۈمگە قاراپ ۋارقىراپ، ئەمما ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى قولايسىز بولغاچقا يەنىلا بىلالغا تايىنىشقا توغرا كەلدى.
-تېز… تېز ئۇنى كۆتۈرۈپ ساپاغا ياتقۇزغىن!
بىلال گۈلسۈمنى كۆتۈرۈپ ئۆرە بولغۇچە دولقۇنغا يەنە تېلېفون كەلدى، ئۇ تېلېفون ئېكرانىغا بىر قاراپلا گۈلسۈمدىن نەزىرىنى يۆتكەپ جىددىيلەشكەن ھالدا تېلېفوننى ئالدى.
-ۋەي… !… ھە… راستتىنلا پۈتتىما! بەكلا تېزغۇ!… مۇنداق دە!… ئالدىراپ پۈتتۈرىمەن دەپ بىرەر يوچۇق قويمىغانسەن.ھە… ئەمىسە ياخشى… ياخشى.…
-ئاخىرىدا مەن دېگەندەك قىلدىڭمۇ؟ ئۇنىڭغا قۇيرۇقىمىزنى تۇتقۇزۇپ قويساق بولمايدۇ. قولىمىزدا كېيىنچە ھەددىدىن ئاشقۇدەك بولسا تاناۋىنى تارتىپ قويىدىغان بىرەر نېمە بولمىسا بولمايدۇ… ھە… ئۇقتۇم. ئەمىسە خاتىرجەم بولدۇم… يارايسەن…
دولقۇن تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى ئۇنىڭ يۈزىدە بىلىنەر بىلىنمەس كۈلكە پەيدا بولغانىدى. بىلال قىزى يوقاپ كەتكەن بىر دادىنىڭ قانداقسىگە كۈلەلەيدىغانلىقىغا ھەم ئۇنىڭ قىلغان غەلىتە گەپلىرىگە ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالغانىدى.
دولقۇن بۇنى سېزىپ چىرايىدىكى كۈلكىنى دەرھاللا ئۆچۈردى ۋە ئۆزىنىڭ بايا ھەممىنى ئۇنتۇپ جىددىيچىلىكتە قالايمىقان بىرەر گەپ قىلىپ قويمىغانلىقىنى دەقىقە ئويلىنىپ جەزىملەشتۈرۈۋالغاندىن كېيىن بىلالغا ئالايدى.
-نېمىگە قارايسەن؟
بىلالمۇ ئۇنىڭغا زەردە بىلەن بىرنى ئالىيىپ قويغاندىن كېيىن گۈلسۈمنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ ساپاغا ياتقۇزدى.
گۈلسۈم تولىمۇ چىرايلىق بىر ھالدا ساپادا ھوشسىز ياتاتتى.
دولقۇن ئۇنىڭغا بىر قاراپلا« بۇنداق چىرايلىق بىر قىزدىن نېمىشقا گۇمانلىنىپ يۈرگەندىمەن. ئۇ قانداقمۇ ئۇنداق ئەسكى ئىشنى قىلسۇن؟ بايا تېخى ئۇنىڭغا ۋارقىرىدىم. ھەي… مەن تازىمۇ بىر ئەبلەخكەنمەن.» دەپ ئويلاپ قالدى. ھەم بىلالنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇۋېلىپ ئۇنىڭ ھېلى يۈز كۆزلىرىنى، ھېلى قوللىرىنى تۇتۇپ توختىماي:
-گۈلسۈم… گۈلسۈم… كۆزىڭىزنى ئېچىڭ!… -دەپ چاقىرىشلىرى ئۇنىڭ كۆزىگە سىغمايلا قالدى.
-ھەي، نېمە قىلىۋاتىسەن؟!-دولقۇن چاقلىق ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ بېرىپ بىلالغا ۋارقىرىدى.
-كۆزۈڭ كۆرمەمدۇ؟ ئۇنى ھوشىغا كەلتۈرىۋاتىمەن.-بىلالمۇ يانماي ئۇنى سەنلىدى.
-ئۆزۈڭنى دوختۇر چاغلاپ قالغان ئوخشىمامسەن؟
-دوختۇر بولمىساممىچۇ ئىشقىلىپ چاقلىق ھارۋىدا ئولتۇرىدىغان بىرىدىن ياخشىراق.
-سەن… -گۈلسۈم بىلەن بىلالنىڭ يۇرتداش يەنە كېلىپ تام قوشنا ئىكەنلىكى دولقۇننىڭ كۈندەشلىك ئوچىقىغا بىراقلا ئوت يېقىۋەتكەنىدى. يەنە كېلىپ بىلال ئۇنىڭغا ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان تۇرۇپ ھازىر قىلچە تەپ تارتماستىن ئۇنىڭغا يېنىۋاتاتتى.-ھەددىڭنى بىل جۇمۇ دەپ قوياي!
-نېمە؟ نېمە دەيسەن؟ ماڭا سېنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىمەن دېگۈچە بولما! ئۇنىڭدىن ئاۋۋال مەن ئەمدى ساڭا ئىشلىمەيمەن تېخى بىلىپ قوي!
-ئەمىسە بۇ يەردىن يوقال!
بىلال دولقۇنغا ئاچچىق بىرنى ئالىيىپ قويغاندىن كېيىن گۈلسۈمنى كۆتۈرمەكچى بولدى.
-ھەي… نېمە قىلىسەن؟
-ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىمەن!
-يوقال! ئۇنى دوختۇرخانىغا ئۆزۈم ئاپىرىمەن.
-خىڭ! ئۆزۈڭنىڭ چاقلىق ھارۋىدا ئولتۇرىدىغان توكۇر ئىكەنلىكىڭنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىمامسەن.
-ھېلى بىكار ئاناڭنى!… ئۆيدىن چىقە يالاڭتۆش. ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدىغانغا ھازىرلا ماشىنا كېلىدۇ.
-خىڭ… نېمە؟! ئۇرىدىغان ئوخشىمامسەن؟! ئورنۇڭدىن تۇرالىساڭ ئاندىن بىر گەپ بولسۇن ھە! بۇ ھالىڭ بىلەن چىمچىلىقىمدا بىرنى ئىتتىرسەم يوق سەن. شۇڭا ھاياجىنىڭنى بېسىۋېلىپ قىسىپ ئولتۇر.
-ئۇ دېگەن مېنىڭ… -دولقۇن ئالدىراپلا بۇ گەپنى دەپ سېلىپ ئاخىرىنى چۈشۈرەلمىدى.
-نېمە؟!… -گۆركىرىدى بىلال.
-ئۇ دېگەن بىزنىڭ ئۆينىڭ خىزمەتچىسى ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇش ھوقۇقۇم ھەم مەجبۇرىيىتىم بار.
-ئۇ دېگەن مېنىڭ قىز دوستۇم! ئۇنى شاللاق قارا نىيەت خوجايىنىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويماسلىق ھوقۇقۇم مېنىڭمۇ بار!
ئىككىسى گەپ تالىشىش بىلەن بولۇپ كېتىپ گۈلسۈمنىڭ ھوشىغا كەلگەنلىكىنى تۇيماي قالدى.
گۈلسۈم ھوشىغا كېلىپ ئېسىنى بىر بىلىپ بىر بىلمەي تۇرغاندا بىلالنىڭ قىز دوستۇم دېگىنىنى ئاڭلاپ قۇيقا چېچى تىك تۇردى-دە، گەرچە بېشى قېيىپ تۇرسىمۇ سىلكىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ بىلالنى كۈچەپ ئىتتىرگەچ ۋارقىرىدى.
-نېمە دەۋاتىسىز؟ سىز كۆز ئالدىمدا پەيدا بولغاندىن تارتىپ ماڭا بىر كۈنمۇ ئارامچىلىق بوپ باقمىدى. يەنە نېمە دەپ تىلىڭىزنى چايناۋاتىسىز؟ بۇ خالىغانچە دېسە بولىدىغان گەپمىكەن. كىملا بولسا ئۇ نېمەم بۇ نېمەم دېسە بولىۋېرىدىغانغا مەن چاپلاپ قويسىلا تۇرىدىغان قەغەز ماركا كۆرۈنىۋاتامدىم كۆزىڭىزگە؟!
مەجبۇرىيەت مەسئۇلىيەتتىن سۆزلەپ كەتكىنىڭىزنى قانداق قىلاي! ئاتا-ئانىسى بىلەن كارى بولماي، ئۇلارنىڭ نېمە ئويلايدىغىنى بىلەن ھېسابلاشماي، ئېغى بىلەن بېغىنىڭ تاينى يوق بىر ئىشنى دەپ بۇ يەردە لاپاكلاپ يۈرگەن، ئاپام «ئال» دېدى دەپلا بىر خوتۇننى ئەپ قويۇپ، بىر يىل خوتۇن قىلىپلا ئاندىن «كۆڭلۈم چۈشمىدى» دەپ ئۇنى بىر توي قىلىپ ئاجراشقان دېگەن ئاتاققا قويۇپ يەنە بىرسىنىڭ ئارقىسىدىن سوكۇلداپ يۈرگەن بىرسىدە مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى بولامدىكەن. ئەمدى بولسىمۇ مېنى بىر ئارامىمدا قويۇڭ بىلال. بولسا كۆزۈمگە پەقەتلا كۆرۈنمىسىڭىز ئاجايىپ خوش بوپ كېتەتتىم.… -گۈلسۈم شۇنداق دەپلا بېشى قېيىپ سەنتۈرۈلۈپ يەنە ساپادا ئولتۇرۇپ قالدى.
بۇ قېتىم دولقۇن ئۇنى يۆلىۋېلىش ئۈچۈن قولىنى سوزۇپ قالدى-يۇ ئەمما چاقلىق ئورۇندۇقتا بولغاچقا ئەپلەشمىدى.
ئەمما بىلال ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇپمۇ ئۇنى يۆلەش ئۈچۈن قول سوزمىدى. گۈلسۈمنىڭ زەھەردىن ئاچچىق گەپلىرى ئۇنىڭ جان جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى، ھەرقانداق بىر غۇرۇرى بار ئەركەك قانداقمۇ بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، يەنە غۇرۇرىنى قايرىپ قويۇپ كۆڭۈلنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ يۈرەلىسۇن!
-ياخشى… ياخشى، سىز سۆزلەڭ… سىز سۆزلىسىڭىزلا بولىدىكەن گۈلسۈم، مەن تېخى سىزنى نېمىشقا بۇنداق قىلغىنىمنى چۈشىنىدۇ دەپ يۈرۈپتىمەن. لېكىن مېنىڭ سىزنىڭ قەلبىڭىزدە كىچىككىنە بولسىمۇ ئورنۇم بولمايلا قالماستىن، يەنە تېخى مېنى دۈشمىنىڭىز چاغلايدىكەنسىز! ياخشى… ئۆزىڭىزنىڭ پاتقاققا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كېتىۋاتقىنىڭىزنى بالدۇرراق ھېس قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرى چىقماس بىر يولغا كىرىپ كېتىۋاتىسىز گۈلسۈم! بۇ ئەرگە يان بېسىپ مېنى سەتلەۋاتىسىز. ئەمما ئۇنتۇپ قالماڭ ئۇ دېگەن سىزنىڭ خوجايىنىڭىز خوتۇنى بالىسى بار ئادەم. سىزگە قىلىۋاتقان ياخشىلىقلىرىنىڭ ئارقىسىغا قانداق قارا نىيىتىنىڭ يوشۇرۇنغىنىنى بىلىشىڭىز كېرەك.
-ئېغىزىڭىزنى يۇمۇڭ بىلال! ھازىر قانداق ۋاقىت؟ كىچىككىنە بىر قىز يوقاپ كەتتى. كۆڭلۈم بەك پاراكەندە. لېكىن سىز مۇشۇ ۋاقىتتىمۇ يەنە خىيالىڭىزغا كەلگەن گەپلەرنى قىلىپ ماڭا ھاقارەت قىلىۋاتىسىز. كۆڭلۈمنى ئېلىشتۇرماي بىر يوقۇلۇڭ خوش بوپ قالاي!
-ماقۇل… ماقۇل… ھۇ… پەس-دېدى بىلال چىشلىرى ئارىسىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ ۋە ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغان خىزمەت كىنىشكىسىنى ئېلىپلا ئارقىسىغىمۇ قارىماي ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ چىقىپ كەتتى. ئۇ ئەسلى بۇ يەرگە ئۇنتۇپ قالغان خىزمەت كىنىشكىسىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنىدى.
بىلال چىقىپ كەتكەندىن كېيىن گۈلسۈم قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
-بولدى… بولدى يىغلىماڭ… يىغلىماڭ بولامدۇ،! مەن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن گۈلسۈم.… بايا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي بەك ئاشۇرۇۋېتىپتىمەن. كۆڭلۈم پەقەت ئارامىدا ئەمەس. شەمسىيەدىن بەك ئەنسىرەۋاتىمەن، شۇڭا…
-ئۇنداق دېمەڭ ئەپەندى! سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىز ھەقلىق. بولسا مېنى تېخىمۇ تىللاپ توختىماي ئەيىبلىگەن بولسىڭىز ۋىجدان ئازابىم ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىگەن بولاتتى. بىچارە شەمسىيە ھازىر نەدىدۇ؟ كېچىچە قانداقراق يەردە ياتقاندۇ؟ ئۇسسىغاندۇ؟ قورسىقى ئاچقاندۇ. مەن يارىماس… مەن ئەسكى… سىزنىڭ قىزىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم.… ھۈ… ھۈ… ھۈ… -گۈلسۈم شۇنداق دېگىنىچە يۈرىكىگە مۇشتلاپ يىغلاشقا باشلىدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇