چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى 🧡 25-قىسىم

文摘   2025-01-03 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم
8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم
12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-بەك داپ يۈز نومۇس ھۈجەيرىڭىز يوقلىكەنسىز ئاچا مېنى بىلمەيدۇ دېمەڭ، سىز مېنى شەمسىيەنىڭ يېنىدىن قەستەن ئېلىپ كەتتىڭىز؟ بولمىسا مېنى ئېزىقتۇرىۋېتىپلا ئۆزىڭىز يوقاپ كېتەمتىڭىز. ھالقىڭىزنى تاپقان ئادەم ماڭا بىر ئېغىز دەپمۇ قويماپسىز! تېخى بالىلار ئويناۋاتقان يەرگە كېلىپ شەمسىيەنى مەن تەرەپكە بۇيرۇپ قويۇپسىز. ئېيتىڭە شەمسىيە قەيەردە دەۋاتىمەن! شەمسىيەدەك كىچىككىنە بىر قىزغا قارا قولىڭىزنى سۇنغىلى قانداق يۈرىكىڭىز چىدىدى دەيمەن؟ ئېيتىڭە بۈگۈن شەمسىيەنىڭ قەيەردىلىكىنى ئېيتىپ بەرمەيدىغان بولسىڭىز، بۇ ئىشىكتىن چىقىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ! مەن ساقچىغا مەلۇم قىلدىم ئۇلار ھازىرلا كېلىدۇ!

- ۋۇيىت خان! كاللىڭىزدىن ئازراقلا ئەمەس خېلى ئوبدانلا چاتاق چىقىپتۇ جۇمۇ سىزنىڭ. سىزگە ھالقامنى ئىزدىشىپ بېرىڭ دېگىنىم راست، لېكىن سىز ماڭا ھالقا ئىزدىشىپ بەردىڭىزمۇ ياكى تېلېفوندا خوجايىنىڭىز بىلەن مۇھەببەتلەشتىڭىزمۇ؟ماۋۇ يۈزى قېلىن رەسۋانى قارا! ھۇ ئايىغاننى بىلمەيدىغان ئېغىزىمنى كوچىلايدۇ تېخى مېنىڭ. سىز نومۇس قىلمىغىنىڭىز بىلەن قاراڭ قېلىن خېنىم. ئاچام سىڭلىم دېيىشكەن ئادەملەر ئىكەنمىز دەپ مەن نومۇس قىلدىم. ھالقامنى تېپىۋالدىم دەپ يېنىڭىزغا باراي دېسەم مەن سىزگە يېقىن كەلگەنچە قېچىپ بىر بۇلۇڭغا تىقىۋالغانسىز ئۆزىڭىز خوجايىنىم بىلەن بولغان رەسۋاچىلىقىمنى بىلىپ قالمىسۇن دەپ! ئارقىڭىزدىن قوغلاپ يۈرۈپ ھالقامنى تېپىۋالغىنىمنى دوكلات قىلىش ۋەزىپەم بولمىغاندىن كېيىن يېنىپ كەلدىم شۇ… قانداق؟ ساقچى كېلىدۇ دېگەندەك قىلدىڭىزمۇ نېمە بايا! ئەجەب ئوبدان… ئەجەب ئوبدان! مەن مۇشۇ يەردە مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ ئۇلارنى ساقلاي. مەن ئەسلى بىلمەيتتىم ئۆزىڭىز بىلدۈرۈپ قويدىڭىز قارىغاندا خوجايىنىڭىزنىڭ قىزى يىتۈپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ. ساقچىلار شۇڭا كېلەمدۇ؟ ئوبدان بولغۇدەك… ئۇلار مەندىنمۇ گەپ سوراپ قالار. خاتىرجەم بولۇڭ ئۇلارغا ھېچنېمىنى يوشۇرۇپ قالماي دەپ بېرىمەن. ئەر خوجايىنىڭىز بىلەن تېلېفوندا رەسۋالىشىپ، قاقاچ تېرىپ يەپ يۈرۈپ ئۇ قىزنى يۈتتۈرۈپ قويغىنىڭىزنى ئېيتىمەن. بۇ گېپىمنىڭ بەلكىم قىزچاقنىڭ تېپىلىشىغا ياردىمى بولۇپ قالار قانداق دېدىم!

باياتىندىن بېرى بۇ ئىككىسىنىڭ تالاش تارتىشىغا قاراپ ئولتۇرۇپ ھەر نېمە بولسا گۈلسۈم، بۇ خوتۇننى خېلى قاتتىق سوراقلاۋاتىدۇ دەپ قالغان دولقۇننىڭ مانا ئەمدى بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.

گۈلسۈم ئۇنىڭغا ئەھۋالنى ئېيتقاندا ئۆزى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە بۇ خوتۇننىڭ يېنىدا بارلىقىنى ئېيتمىغانىدى، مانا ئەمدى يەنە بىر ئاۋارىچىلىك قوشۇلدى.

بۇ خوتۇننىڭ ئېغىزى بالا بولۇپ مۇشۇنداق بولغاننىمۇ بولمىغاننىمۇ قوشۇپ سۆزلىگىلى تۇرسا ئېغىزىدا شەھەر ئېلىپ، ئۇ شەھەرگە دولقۇننى پادىشاھ گۈلسۈمنى خانىش قىلىپمۇ ئۈلگۈرىدىغاندەك قىلاتتى.

-تو… تولا ئېغىزىڭىزغا كەلگەننى دېمەڭ! خوجايىنىم دېگەن خوتۇنى، بالىسى بار ئادەم سىز كۆزۈم ياخشى كۆرمەيدۇ ھالقامنى ئىزدىشىپ بېرىڭ دەپ مېنى چاقىرىپ كەتكەن. ئەمما ئەمدى قارىسام قۇلىقىڭىزدىنمۇ چاتاق چىقىپتۇ، شۇڭا پەرزىڭىزگە ئاساسەن ھېكايە توقۇماڭ.گەپ ئېغىزىڭىزدىن چىققۇچە سىز باشقۇرىسىز ئېغىزىڭىزدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن سىزنى باشقۇرىدۇ ئايتۇنەم ئاچا! تېلېفونچۇ ئۆزۈمنىڭ كىم بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلسە، شۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىمەن، نېمىشقا پاراڭلاشقىنىم چوقۇم خوجايىنىم بولغۇدەك؟ سىز يەنە گەپنى ئەگىتىپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىۋاتىسىز؟ بوپتۇ سىزنى ھالقىڭىزنى تاپقاندىن كېيىن ماڭا دەپ قويۇش مەجبۇرىيىتىڭىز يوق دەپمۇ تۇرايلى. ئەمىسە كېيىن شەمسىيەنىڭ يېنىغا يەنە نېمە دەپ باردىڭىز! ئۇنى نېمىشقا بالىلاردىن ئايرىپ مەن تەرەپكە بۇيرۇپ قويىسىز!

-ھا… ھا… ھا… كۆزۈمنىڭ ياخشى كۆرمەيدىغىنى راست، ئەمما بۇ قۇلىقىم بىلەنچۇ يەر ئاستىدىكى يىلاننىڭ كۆشگىنىنى بىلەلەيدىغان خوتۇنمەن! نېمە ئىش قىلغىنىڭىز كۆڭلىڭىزگە ئاياندۇ؟-ئايتۇنەم شۇنداق دەپ گۈلسۈمنىڭ كۆزلىرىگە سەت تىكىلىپ قاراپ گۈلسۈمنى يەنە ھۇدۇقدۇرىۋەتتى.-كېتىپ بارسام ئۇ قىز بالىلار بىلەن خاتىرجەم ئويناۋېتىپتۇ. ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بەختلىك ئائلىسىنى نەدىكى بىر ئۆي خىزمەتچىسى بۇزۇپ ئاپىسىنىڭ ئورنىنى ئگەللىۋالماقچى بولۇۋاتسا ئۇ قىز تېخى ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەن.

شۇڭا ئۇنىڭغا ئاز تولا شەپە بېرىپ قويدۇم شۇ. ئەجەب ئۇ قىزنى كىمگە تۇتۇپ بەردىڭىز دەپ كانىيىڭىزنى كېرىسىز يا ماڭا! توختاپ تۇرۇڭ ماڭا مۇشۇ گەپنى قىلغىنىڭىزغا بۇرۇنى قۇلىقىڭىزغىچە تويۇپ قالىسىز تېخى! دەڭە ئۇ قىزنى سىزنىڭ يېنىڭىزغا بۇيرۇپ قويغىنىمنى شۇ يەردە ئويناۋاتقان بالىلار دېگەندۇ؟ بالىلار ئۇ قىزنى مېنى تۇتۇپ كەتتى دېدىمۇ ياكى سىزنىڭ يېنىڭىزغا كەتكەن دېدىمۇ؟

ھىىىىمممممم… گۈلسۈمخان ئەمدى دەڭە ئۇ قىزنى سىز كىمگە تۇتۇپ بەردىڭىز؟ قىلغۇلۇقنى ئۆزىڭىز قىلىپ بۇ يەردە ئويۇن قويۇۋاتامسىز؟!

-سىز… سىز نېمە دەۋاتىسىز ئۇ دېگەن خوجايىنىمنىڭ قىزى، مەن قاراۋاتقان قىز، ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلمايمەن… گۈلسۈم ئايتۇنەمنىڭ گەپلىرىدىن ھودۇقۇپ ئۇنىڭغا رەددىيە بەرگەچ دولقۇننى قانداق ئويلاپ قالغاندۇ دەپ ئۇنىڭغا قارىدى.

شۇ ھامان ئايتۇنەممۇ ئۇ تەرەپكە قاراپ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان دولقۇننى كۆردى ۋە قەددى تېخىمۇ تىكلىشىپ پايپاسلىغىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.

-پاھ، پاھ، پاھ! بۇ كىمۇ!… ئۆزلىرى مۇشۇ ئۆينىڭ ئەر خوجايىنى بولىدىغان ئوخشىماملا! ۋاي!ۋاي!ۋاي! ھەجەپمۇ كېلىشكەن بالاكەنلىغۇ؟ گۈلسۈمخاننى تېلېفوندا سۆزلەشكەنگىمۇ نېمانچە ئېرىپ مەي بولۇپ كېتىدىكىن دېسەم، ئەسلى ئۆزلىرى بىر ئوت ئىكەنلا ئەمەسمۇ! گۈلسۈمخاننىڭ پەرۋانە بولۇپ كەتكىنىنى توغرا چۈشەنسەم بولغۇدەك ھې… ھې… ھې…

-سىز… سىز تولا ئېغىزىڭىزغا كەلگەننى جۆيلىمەڭ ئايتۇنەم…

-ۋاي ئىشىڭىزنى قىلىڭا خېنىم! بۇ يەردە جاھاننى بىر ئېلىپ كار كىرىسىڭىز تېخى بۇ ئۆيدە يالغۇز ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ئەر خوجايىنمۇ باركەن مانا. ئەمىسە ئايال خوجايىن قېنى؟ ئۇنىڭغا ئۆيىنىڭ بۇزۇلۇۋاتقىنىنى ئۆز ئېغىزىم بىلەن دەپ قوياي. … توختاڭ! توختاڭ! ئۇ ئۆيدە يوقكەندە، شۇڭا تاغدا يولۋاس بولمىسا مايمۇن پادىشاھ دەپ سىزنىڭ شاشلاپ كەتكىنىڭىز دەڭ!

ۋاي رەسۋا! ۋاي رەسۋا!

ئايتۇنەم ئېغىزى بېسىقماي سۆزلەپ دولقۇننىڭ بىرەر ئېغىز گەپ قىلىشىغىمۇ پۇرسەت بولماي تۇرغاندا تۇيۇقسىز ئۇنىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى. نادىرە ئۇنىڭغا يەنە سىنلىق پاراڭلىشىش ئۇلىغانىدى. ئۇ ئايتۇنەم دېگەن بۇ زۇۋاندار خوتۇن توختىماي ۋاتىلداۋاتقان بۇ پەيتتە تېلېفوننى تېخىمۇ ئالالمايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم بەك چوڭ تەۋەككۈلچىلىك قىلغانلىقىنى ھېس قىلدى. نادىرەگە بىلدۈرمەيمەن دەپ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە تېزىنى باسسا مېزى چىقىپ ئىشلار تېخىمۇ يامىنىغا سۆرەپ كېتىۋاتاتتى. ئەسلى بۇ خوتۇننىڭ ئېغىزىدىن بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولارمىكىن دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى.

-ئايتۇنەم تولا ئېغىزىڭىزغا كەلگەننى دەپ گەپنى باشقا ياققا بۇرايمەن دېمەڭ!-دېدى گۈلسۈم ئاخىرى چىداپ بولالماي.-ھازىرغۇ ئايال خوجايىن ئۆيدە يوق، ئەگەر ئۇ ئۆيدە بولغان ھالەتتىمۇ، ئۇ سىزنىڭ توقۇغان بۇ يالغان ياۋىداق گەپلىرىڭىزگە ئاساسەنلا بىر ئىشلارغا قارار چىقىرىدىغان ئايال ئەمەس. ھەم مېنىڭ خوجايىن بىلەن ھېچقانداق ئىشىم يوق. شۇڭا بۇ گەپنى مەيلى قەيەردە كىمگىلا دېمەڭ ھېچقانداق ئىشنى ئۆزگەرتەلمەيسىز. شەمسىيەنىڭ يوقاپ كېتىشىدە چوقۇم سىزنىڭ قارا قولىڭىز بار. بۇنى يۈرىكىم تۇيۇپ تۇرىدۇ.

-ماڭا قاراڭ گۈلسۈمخان، مەن بۇ يەرگە سىزنىڭ كىم بىلەن ئىشىڭىز بار يوقلىقىنى تەكشۈرگىلى كەلمىدىم. مېنى بۇ يەرگە ئۆزىڭىز چاقىرتىپسىز؟ ئاندىن ھېچگەپتىن ھېچگەپ يوقلا ماڭا بوھتان چاپلاپ يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەيسەن دېسىڭىز قاراپ تۇرسام بولامتى ئەمىسە! خوجايىن بىلەن ئىشىڭىز بولمىسا يەنە بىرسى بىلەن بادۇ! ئىشقىلىپ ھېلى تېلېفوندا سائەتلەپ پاراڭلىشىپ، ھېلى كافىيخانا سوغۇق ئىچىملىك دۇكانلىرىدا يەنە بىرسى بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ يۈرسىڭىز خوجايىن تاپشۇرغان ئىشنى ياخشى قىلماي ئۇنىڭ قىزىغا ئوبدان كۆز قۇلاق بولمىسىڭىز مۇشۇنداق نېمە ئىش بولسا بولىدۇ تازا!

-سىز… سىز نېمە دەۋاتىسىز؟ كۆتىگە شاپاللاپلا گەپ تاپىدىغان خوتۇنكىنا بۇ!-گۈلسۈم بۇ خوتۇن ھەرقانچە بولسىمۇ بىلال بىلەن سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىدا ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ قالمىغاندۇ دەپ ئويلاپ تۇرۇۋىدى دەرۋەقە ئايتۇنەم شۇ ئىشنى سۆزلەشكە باشلىدى.

-نېمە؟ نېمە بولدى كۆزلىرىڭىزنى ئۈچ بۇرجەك قىلىسىزغۇ! مەنمۇ ھەيران. رەسۋاچىلىقىڭىزنىڭ ھەممىسى ماڭا ئۇچراپ قالامدۇ دەپ. تېخى ئالدىنقى كۈنىلا بىر بالا بىلەن سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىدا بىر بىرىڭلارنى يەۋەتكۈدەك قاراپ ئولتۇرۇپ دوغاپ ئىچكىلى تۇرۇپتىكەنسىزغۇ! ماڭا ئۇچرىمىغىنىدىن قانچىسى بار تېخى. ئىشقىلىپ خوجايىنىڭىزنىڭ قىزى يوقاپ كەتكەن بولسا ئەمچەكنى تاپالماي پورداققا ئۈسۈپ يۈرمەي ھەممىنى ئۆزىڭىزدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق قالايمىقان ئىشلىرى بەك كۆپ سىزدەك ئايالنى بۇ ئۆيدە ئىشلەتكەندىن كېيىن خوجايىنلىرىڭىزنىمۇ نەس بېسىپتۇ.

دولقۇن ئايتۇنەمنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان يېڭى-يېڭى گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقى تېخىمۇ چېكىگە يەتتى.

-ئۇ… ئۇ دېگەن مېنىڭ بىر دوستۇم.-گۈلسۈم ئىشلارنىڭ بارغانسېرى ئۆزىگە پايدىسىز بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئالاقزادىلىك بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.-مېنىڭ ھېچقانداق قالايمىقان ئىشىم يوق…

بۇ چاغدا تۇيۇقسىزلا ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى. ئايتۇنەم گۈلسۈمنىڭ بايا ساقچىغا مەلۇم قىلدىم دېگەن گېپىنى ئېسىگە ئېلىپ سەل جىددىيلىشىپ قالدى.

گۈلسۈم ئايتۇنەمنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنى قارلاۋاتقىنىغا جىلە بولغان ھالدا بېرىپ مۈشۈك كۆزدىنمۇ قارىماستىن ئىشىكنى ئاچتى.

-بىلال!

ئىشىك ئالدىدا بىلال قاراپ تۇراتتى.

گۈلسۈم بىلالنى ئايتۇنەمنىڭ كۆرۈپ قالسا بولمايدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ بولغۇچە ئايتۇنەم بويۇنداپ قاراپلا كەلگىنىنىڭ ساقچى ئەمەسلىكىنى بىلىپ كۆڭلى تىنىش بىلەن بىرگە، گۈلسۈمنى سەتلەشتۈرىدىغان تېخىمۇ ئوبدان پۇرسەت بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتتى.

-ۋوي! كېلىشىپ قويغىنىڭىزدىن يەنە بىرسى كەپتۇ-دە. خوجايىنىڭىزنىڭ بۇ ئۆيىنى مېھمانساراي قىلىۋالدىڭىزمۇ نېمە؟ بۇ ئىشىككە قىزىل مىلەڭزە تارتىپ قويىدىغان ئىشلا كەم قالغاندەك قىلىدۇ ھازىر…

-ئېغىزىڭغا بېقىپ گەپ قىل ساراڭ خوتۇن… -گۈلسۇم غەزەپتىن تىترەپ ئايتۇنەمنى بىراقلا سەنلەپ چۈشتى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى.

-ۋوي… ۋوي… ۋوي! ھېلىقى بىللە دوغاپ ئىچىشكەن بالا شۇكەنغۇ بۇ؟-ئايتۇنەم سېمىز بەدىنىگە ماس كەلمىگەن بىر چەبدەسلىك بىلەن دولقۇننىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالدى. ئېغىزى بولسا داۋاملىق سۆزلەۋاتاتتى.

-قاراڭ ئەپەندى ئۇكام… -دېدى ئۇ ئەمدى دولقۇننى يەللەشكە ئۆتۈپ.-بۇ قىزنى سىڭلىم دەپ يۈرۈپتىمەن. بۇ رەسۋاچىلىقلىرىنى كۆرۈپ، ئەمدى سىڭلىم دېگەن ئېغىزىم ئۇيۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. قاراڭا ئۇ ئۆيىڭىزنى نېمىگە ئوخشىتىپ قويدى، بەلكىم بۇ ئىشلاردىن يا خەۋىرىڭىز با يا يوق. قىزىڭىز يوقاپ كېتىپ كۆڭلىڭىزنىڭ يېرىم بولۇۋاتقىنىنى بىلىمەن، ئەمما بۇ ئىشلارغا قاراپ ئۆزىڭىزنىڭ يىتۈپ كەتمىگىنىگە خۇش بولسىڭىز بولىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم جۇمۇ!

-گۈلسۈم بۇ زادى نېمە ئىش؟-دولقۇن گۈلسۈمگە غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى.-بىلال بىلەن تونۇشمايمەن دېگەنىدىڭىزغۇ؟ دوختۇرخانىدا بىر قېتىم كۆرۈشۈپلا كافىيخانا سوغۇق ئىچىملىك دۇكانلىرىدا مۇڭدىشىپ كېتىدىغان بولۇپ كەتتىڭلارمۇ؟

-ياق… ئەپەندى … بۇ ئۇنداق ئەمەس… قەھۋەخانىغا كىرگەن ئىش يوق…

-ۋاي… ۋاي… ۋاي! ماۋۇ يۈزى قېلىننى قارا، يالغان گەپ دېگەننى كۆزىنى مىت قىلىپمۇ قويماي تۇرۇپ بېرەلەيدىكىنا بۇ؟ ھەي يىگىت سىز دەڭە ھە؟ بۇ خېنىم بىلەن سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىدا دوغاپ ئىچىشكەن سىز بولغىيتتىڭىز؟

-بۇ… بۇ… -بىلال نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي دۇدۇقلاپ قالدى.

گۈلسۈمنىڭ ئۇنىڭ جۈرئەتسىزلىكىگە بەكلا ئاچچىقى كەلدى. ناۋادا بىلال جانلىقراق بولۇپ:« ياق، ئۇ مەن ئەمەس، گۈلسۈمنى راستتىنلا تونۇمايمەن» دېيەلىگەن بولسا ئىككىدە بىر بولۇپ ئايتۇنەمنىڭ گېپى ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنمىغانمۇ بولاتتى. بىراق دولقۇن ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىق بىلمىگەچكە دەماللىققا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالغانىدى.

-سەن… سەنلە ئىككىڭ بىر بولۇپ مېنى ئالداشقا پېتىندىڭمۇ! بىلال… ھۇ ناكەس… سەن ئەسلى مەقسەتلىك ھالدا ماڭا ئەر سېسترا بولۇپ ياللانغان شۇنداقمۇ؟ ئەسلى ئىككىڭ… بۇرۇنلا پىلانلاپ قويۇپتىكەنسەن توغرىمۇ! بېرىڭ ئۆي خىزمەتچى. بېرىڭ ئەر سېسترا بولۇپ… مېنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىممۇ ئالدىن پىلانلانغان ئىش توغرىمۇ؟ مەن تېيىلىپ كەتكەن ئۇ يەر بىر نەرسە تۆكىۋەتكەندەكلا بەكمۇ سىېيلىقكەن. مەن شۇ چاغدىلا غەلىتىلىك ھېس قىلغان زادى… خەپ… خەپ… توختاپ تۇرۇش! مەن ھازىرلا ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن… گۈلسۈم دېگەن رەسۋا، مەن سېنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئارقىغا سۆرەپ كەلدىم… ئەمما… سەن ئىككىڭ بىر بولۇپ مېنىڭ دوپپامغا جىگدە سېلىشىپسەن. ئېيتىشە شەمسىيەنى نەگە ئاپىرىۋېتىشتىڭ!… -دولقۇن غەزەپتىن ئەقلىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىدى.

ئۇ ئەسلى باشتىن ئاخىرى بۇ ئويۇنغا مەن رېژىسسورلۇق قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلاپ كەلگەنىدى، مانا ئەمدى ئۆزىنى سىنارىيەدىنمۇ خەۋىرى يوق ئارتىسقا ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ غەزىپىنى باسالماي قېلىۋاتاتتى.

گۈلسۈم شۇ ھامان تىزلىنىپ دولقۇننىڭ ئالدىغا ئۆمىلەپ دېگۈدەك كېلىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章