كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
-مەن دەسلەپتە نادىرەنىڭ ئۆتكۈزگەن بۇ خاتالىقىنى ماڭا ئۆز ئېغىزى بىلەن دېيىشىنى ساقلاپ تۇردۇم. ئەمما ئۇ بۇ ئىشنى ماڭا دېيىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىدى. تېخى مېنى ئەخمەق، گول چاغلاپ داۋاملىق ئالداپ كەلدى، ئۇ ھازىرمۇ بۇرۇنقى ئېرى بىلەن كۆرۈشۈپ بۇزۇقچىلىق قىلىشىپ يۈرۈۋاتىدۇ . بۇ قېتىم كەتكەن كاماندىروپكىسىمۇ چوقۇم شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھې… ھې… ھا… ھا… -دولقۇن تەئەددى بىلەن كۈلدى.-مەن ئۇنىڭ ماڭا قىلغان خىيانىتىنىڭ، ماڭا سالغان خورلۇق ئازابلىرىنىڭ بەدىلىنى ئۇنىڭغا چوقۇم تۆلەتكۈزىمەن. ئۇ مەن كەبى قىينالمىغۇچە مېنىڭ ئازابىم ھەرگىز يەڭگىللىمەيدۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى دادىسى مېنى ئەزەلدىن كۆزگە ئىلماي كەلدى. مەن ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويىمەن… مەن دولقۇننىڭ نېمە ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويىمەن.…
گۈلسۈم لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
-شۇ… شۇڭا… شەمسىيەنى…
-ياق… سىزگە دېدىمغۇ؟ شەمسىيەنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق. دېمەكچىمەنكى ئۇ خوتۇننىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى قىزىنى سۆرەپ كەتتى. شەمسىيەنىڭ ھازىر نەدىلىكىنى بىلمەيمىز… نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز؟ … ئۇ خوتۇن بىلسە نېمە بولۇپ كېتەر-ھە.ھې… ھې… ھا… ھا…
-ياق… ياق… -دولقۇننىڭ سەت كۈلكە ئاۋازى. گۈلسۈمنىڭ بەدەنلىرىنى تىكەنلەشتۈرۈۋەتكەنىدى.-بۇنداق قىلماڭ ئەپەندى. مەن بەك قورقۇپ كېتىدىكەنمەن سىز ئادەتتە شەمسىيەگە بەك ئامراق ئىدىڭىزغۇ؟ مەن ئۇنىڭ سىزنىڭ ئۆز قىزىڭىز ئەمەسلىكىنى ئەسلا ھېس قىلماپتىمەن. شەمسىيەمۇ شۇ، ئۇ سىزگە بەك ئامراق. سىزنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئادەم دەپ بىلىدۇ. توغرا! خوتۇنىڭىز ياخشى قىلماپتۇ، ئەمما بۇ خاتالىقنىڭ بەدىلىنى شەمسىيە تۆلىسە بولمايدۇ. بىز ئۇنىڭ تىنچ ئامان بولۇشىنى ئۈمىد قىلايلى. ئۇ ئۆيگە تىنچ ئامان قايتىپ كەلسۇن. سىز ئاچچىقىڭىزغا پايلىماي مۇشۇنداق دەۋاتىسىز، لېكىن شەمسىيەگە راستتىنلا بىر ئىش بولۇپ قالسا ئىشىنىمەنكى، سىز بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلالمايسىز ئەپەندىم. ئۇنىڭ سىزگە قارىغاندىكى تاتلىق كۈلۈشلىرىنى. ئىشەنچ بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىنى ئەسلەڭ… ھۈ… ھۈ… ھۈ…
گۈلسۈمنىڭ بۇ گېپى بىلەن دولقۇن راستتىنلا يۈرىكىنىڭ ئېچىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ۋە گۈلسۈمنىڭ گەپلىرىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالمىدى.
-بولدى… بولدى گەپ قىلماڭ! ئۈمىد قىلىش بىلەن بىر ئىشنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟ ناۋادا ئۇ خوتۇن توختىماي ئالا كۆڭۈللۈك قىلمىغان بولسا قىزى يوقاپ كەتمەيتتى، ئۇ ئۆزىگە ئۆزى قىلدى. بىز نېمە قىلالايتتۇق؟ سىز گۇمان قىلغان ئايالمۇ، بۇ ئىشنى تەن ئالماقتا يوق، تېخى سىزگە بىر مۇنچە بوھتان چاپلاپ چىقىپ كەتمىدىمۇ ئەنە. تېخى ئۇنىڭ ئېغىزىنى ئېتىدىغاننىڭ ئىشىنى قىلمىساق نادىرە قايتىپ كېلىپ بۇ ئىشنى بىلىپ قالسا مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك دېگەندەك، ئۆزىنىڭ قىلغان شۇنچە رەسۋالىقلىرى ئېسىدە يوق بىزدىن گېپى يوغان ھالدا ئالدىمىزغا چىقىدۇ. راست… راست دەيسىز مېنىڭمۇ شەمسىيەگە ئۆچ بولغۇم بار، ئەمما نېمىشقىكىن يۈرىكىمدىن چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئۆچ بولالمايمەن. شۇ تاپتا مەنمۇ ئۇنىڭ تىنچ ئامان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمەن. ئەمما گۈلسۈم بىز بۇ ئىشتا ياخشىراق تەييارلىق قىلىۋالمىساق بولمايدۇ…
-قانداق … تەييارلىقنى دەيسىز!
-بىز ساقچىغا مەلۇم قىلايلى!
-ماقۇل… ماقۇل! ئەمىسە تېزرەك بولايلى.
-ئەمما، بۇنىڭدىن ئاۋۋال بىز مەسلىھەتلىشىۋالمىساق بولمايدۇ.
- نادىرە ئۇ يەرگە شەمسىيەنى سىزنىڭ بىللە ئېلىپ بارغانلىقىڭىزنى بىلسە ھەرگىز بولمايدۇ چۈشەندىڭىزمۇ! ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز شەمسىيەگە سىيرىلما تاختا تۇتقۇزغىنىمىزنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ غەزەپ نەپرىتىنىڭ چېكىگە يېتىشىگە تولۇق سەۋەب بولالايدۇ.
ۋاقتى كەلگەندە ئۇ بىر تەتۈرلۈك قىلىپلا، مېنى بۇ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىشى مۇمكىن. سىزنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغىنىنىمۇ پەرەز قىلىپ بولغانسىز بەلكىم. ئاقىۋىتىمىز چوقۇم ياخشى بولمايدۇ. بۇ خوتۇن بەك ھىيلىگەر، مەن شۇنچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئەمدىلا تېخى ئۇنىڭ ئۇلىنى كولايدىغان كىچىككىنە بىر تۆشۈك تاپتىم. بۇنداق ۋاقىتتا بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتسەم ھەرگىز بولمايدۇ. مەن چوقۇم پىلانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇم ئۇنىڭ قان يىغلىغانلىقىنى كۆرۈشۈم كېرەك. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا ھەق. سىز ماڭا ماسلىشىپ بېرىڭ! پەقەت ماڭا ماسلىشىپ بەرسىڭىزلا بولدى. بىز شەمسىيەنى ئىزدەيدىغان ئىشنى ساقچىلارغا تاپشۇرايلى! ئۇلار چوقۇم تاپالايدۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال، بۇ ئىشنى مەلۇم قىلغاندا شەمسىيەنى ئۆيدىن ئۆزى يالغۇز چىقىپ كەتكەن دېيىشىمىز كېرەك ئۇقتىڭىزمۇ؟
-نېمە ئەپەندى بۇنداق دېسەك ساقچىلارنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشىگە پايدىسىز بوپ قالمامدۇ؟ ئۇلار سۈرۈشتۈرسىلا بىلەلەيدۇ، ئۇ چاغدا بىزگە يەنە ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ قالمامدۇ. بۇ يەنە شەمسىيەنىڭ تېزرەك تېپىلىشىغىمۇ پايدىسىز.…
-مەن سۈرۈشتۈردۈم شەمسىيە يوقاپ كەتكەن ئۇ ئەتراپتا كۆزىتىش كامېراسى يوق ئىكەن، شەمسىيەنىڭ ئۇ يەردە يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتساقمۇ ساقچىلارنى ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدىغان ھېچقانداق شارائىت يوق دېگەن گەپ. يەنە ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى كامېرانىڭ ئىشىنىمۇ مەن ھەل قىلدىم. بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنە بىر دىققەت قىلىدىغان ئىش شەمسىيەنىڭ يوقاپ كەتكەن ۋاقتىنى كەچ سائەت سەككىز يېرىم. ئۇ ئۆزى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن دەيمىز چۈشەندىڭىزمۇ؟…
-بۇ… بۇ قانداق… ؟
-بولدى… ئارتۇق گەپ سورىماڭ، پەقەت مەن دېگەندەك قىلسىڭىزلا بولدى. بۇنىڭدا ھەم شەمسىيەنى زور كۈچ بىلەن ئىزدىگىلى، ھەم بىزنىڭ بۇ ئىشقا چېتىلىپ قېلىپ ئاۋارىچىلىككە قېلىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
-بىراق شەمسىيەنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن ۋاقتىنى نېمىشقا سەككىز يېرىم دەيمىز ئاڭلاشقىلا شۇنچىلىك غەلىتە. ئۇنداق ۋاقىتتا كىچىككىنە بىر قىز نېمە سەۋەبتىن ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ؟
-ئۇھ!… -دولقۇن چوڭقۇر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كېيىن دېدى.
-بىز شەمسىيەنى بىر مەزگىل نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا داۋالاتقان.
-نېمە… قانداقسىگە…
گۈلسۈمنىڭ ھەيرانلىقى ئەمدى چېكىگە يەتتى، كىچىككىنە بىر قىزنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇنچە كۆپ ئىشلار ئۇنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەنىدى.
-بۇمۇ ئاپىسىنىڭ سەۋەبىدىن، ئۇ قىزىنى نېرۋا كېسەل قىلىپ قويغان.
-ھۇھ… -گۈلسۈم قورقۇنچتىن قوللىرى بىلەن ئېغىزىنى ئېتىۋالدى.
بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن سەل تىنچلىنىپ قايتا سورىدى.
-بۇ زادى قانداق ئىش؟
-شۇ چاغدا نادىرە شەمسىيەنى مەكتەپتىن ئاپىرىپ ئەكىلىدىغانغا بىر شوپۇر ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەن. شۇ چاغدا ئۇ ئادەمنى بەك ئىشەنچلىك دېگەن. ئۇ ئادەم ئاىلىسىگە بەك سادىق ئەخلاقىمۇ يۈزدە يۈز ياخشى بولۇپ بىرەر يات ئايالغا قاش كۆتۈرۈپ قارىمايدىكەنمىش. شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىل ئۇ شوپۇر شەمسىيەنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكەلدى. قارىماققا ئىشلار بىر ئوبدان كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن ئۇ چاغلاردا ئاساسەن ئۆيدە تۇرمايتتىم. دوختۇرخانىدا شۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قالغاندىن بۇيان شەمسىيەنى كۆرسەملا ئىچىم قايناپ نادىرەگە قارىساملا ئۇنى بوغۇپ قويغۇم كېلىدىغان بولۇپ قالغاچقا كېيىنكى پىلانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېسىۋېلىشىم كېرەك بولغاچقا، ئامال بار ئۇلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ كەيپىياتىمنى تەڭشەيتتىم. ھە دېسىلا كاماندىروپكا باھانىسى بىلەن ئۆيدىن قاچاتتىم. قېيىن ئاپامنىڭ « دائىملا دېگۈدەك كاماندىروپكىغا چىقىدۇ. لېكىن بىر ئىشنىمۇ جايىدا پۈتتۈرۈپ كېلەلمەيدۇ» دېگەن گەپلىرىمۇ بۇ چاغدا ماڭا تەسىر قىلماس بولۇپ قالغانىدى. دەرۋەقە سودا ئىشلىرىدا راستتىنلا قولۇمدىن تۈزۈك ئىش كەلمەيتتى.
ناۋادا شەمسىيە ئۆز قىزىم بولغان بولسا، نادىرەدەك تۇغما سودىگەرلىك قابىلىيىتى بىلەن تۇغۇلغان ئايال سودىسىغا كىرىشسە، مەن ئۆيدە قىزىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكېلىپ، ياخشى تەربىيەلەشكە كاپالەتلىك قىلغان بولاتتىم. ئەلۋەتتە بۇمۇ بىر ئادەم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىدى، يەنە كېلىپ ئەڭ توغرا ئادەم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىدى. ئەمما ئۇلار ئاتالمىش يۈز ئابرۇيىنى دەپ ئەخلاقنىڭ تۆۋەن چېكىدىن ھالقىپ بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىغا سەۋەبچى بولدى. دېمەكچىمەنكى شۇ چاغلاردا شەمسىيەنىڭ ئىشلىرى بىلەن قىلچە كارىم بولمىدى. ھەممىنى نادىرەگە تاشلاپ قويدۇم. ئاندىن ئۇ ئىشلارغا يېتىشەلمەي شەمسىيەنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان شۇ شوپۇرنى تاپتى. ئارىلىقتا ئۇ شوپۇر توغرىسىدا بەزى بولمىغۇر گەپلەرنى ئاڭلاپ قاپتۇ. ئارقىدىنلا ئادەم قويۇپ تەكشۈرتۈپتۇ، دەرۋەقە ئىشلار ئۇنىڭ ئاڭلىغىنىدەكلا چىقىپتۇ.
يەنى ئۇ شوپۇر ھەمجىنىسكەن. ئۇ ئاياللارغا قاش كۆتۈرۈپ قارىمىغىنى بىلەن، ئەرلەر بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولىدىكەن.
قىزىنى مۇشۇنداق بىر بىنورمال قورقۇنچلۇق ئادەمنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويغىنىدىن قورقۇپ كەتكەن نادىرە ئۇ ئادەمنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ ئىشتىن بوشىتىش بىلەن بىرگە شەمسىيەنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتى. ھېلىمۇ ياخشى شەمسىيە فىزىيولوگىيە جەھەتتە ھېچقانداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىغان بولۇپ، لېكىن تاسلا قالغان ئىكەن، نادىرە بۇنى ماشىنىدىكى كۆزىتىش كامېراسىنى ئېسىگە ئېلىپ تەكشۈرگەندە بايقاپتۇ. ئۇ ئەبلەخ شەمسىيەگە ماشىنىدا بەزىبىر بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلغان ئىكەن. نادىرە شۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ نەچچە كۈن قۇرۇق ھۆ قىلىپ ئاغرىپ يېتىپ قالدى. ئاندىن توختىماي شەمسىيەدىن گەپ سوراپ، شەمسىيە بۇ ئىشنى ئۆز ئېغىزى بىلەن ئېيتقاندا ئۇنىڭغا توغرا چۈشەنچە بېرىپ ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىدىكى كىرنى تازىلىماقچى بولدى. ئەمما شەمسىيە خۇددى خاتىرىسىنى يوقىتىپ ھەممىنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەمدەكلا ئۇ ئىشنى قەتئىي دېگىلى ئۇنىمىدى. بۇ ئىش داۋاملاشقانسېرى نادىرە شەمسىيەنىڭ پىسخىكىسىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ روھى ساغلاملىقىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئەمما ئۇنى ھەقىقىي بىر پىسخىكا دوختۇرغا كۆرسىتىشكە ئۇنىماي تۇرۇۋالدى كېيىن بىلسەم شۇ چاغدا ئەسلى، شەمسىيەنىڭ ئەمەس، نادىرەنىڭ پىسخىكىسىدىن چاتاق چىقىپتىكەن. كىچىككىنە قىزىغا باشقىلارنىڭ بىنورمال قىلىقلارنى قىلغانلىقىدەك رېئاللىق ئۇنىڭ نېرۋىسىنى كاردىن چىقىرىپتىكەن. غەلىتە يېرى بۇنداق نېرۋا كېسەل بىمارلىرى پىسخىكا دوختۇرىنىڭ يېنىغا بېرىپ كۆرۈنۈش ئەمەس، ئىسمىنى ئاڭلاشنىمۇ خالىمايدىغان بولىدىكەن ھەممە ئىشنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلالايمەن دەپ ئويلايدىكەن.
-ئۆزىنىڭ ساق ئىكەنلىكىگە ئۆزىنىمۇ باشقىلارنىمۇ ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ساراڭ خوتۇن شەمسىيەنىڭ ئېغىزىدىن گەپ ئالالماي ئاخىرى ھېلىقى ئۆزى كۆرگەن كۆرۈنۈشنى شەمسىيەگە قايتا كۆرسىتىپ، بۇ ئارقىلىق شەمسىيەنى رېئاللىققا قايتۇرۇپ كېلىپ ئۇنىڭ قەلبىدىكى يارىنى داۋالىماقچى بوپتۇ. ئۇ بۇ ئىشنىڭ شەمسىيەنىڭ قەلبىگە كۆمۈلگەن بىر زەھەرلىك ئۇرۇق بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يەشمەكچى، ئۇنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن بىر قاباھەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بوپتىكەن. دەرۋەقە شەمسىيە ئۇ كۆرۈنۈشنى قايتا كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ چۈشى ئەمەس رېئاللىق ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ، شۇ چاغدا كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىپ قۇلىقىنى ئېتىۋېلىپ ۋارقىراپ بىر يىغلىغانچە ئاپىسىنىمۇ يېنىغا يېقىن كەلتۈرمەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بەكلا غەلىتە بوپ قالدى. ھېچكىمنى تونۇمايدۇ سەللا دىققەت قىلمىساق ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ھېچكىم يوق يەرلەرگە بېرىۋالىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ نادىرە تېخىمۇ تۈگىشىپ كەتتى. شۇ چاغدىلا نادىرەنىڭ نېرۋىسىدىنمۇ چاتاق چىققانلىقىنى بىلدۇق ۋە ئىككىلىسىنى دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق.
داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن نادىرەدە ياخشىلىنىش تېزراق بولدى. ئەمما شەمسىيەنى خېلى ئۇزۇن داۋالاتتۇق.
ئۇ نورمال ھالىتىگە قايتقىلى تېخى تولۇق ئىككى يىلمۇ بولمىدى…
گۈلسۈم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ نېمىشقا نادىرەنىڭ قايتا-قايتا جېكىلەپ« شەمسىيەنى يالغۇز قويماڭ. شوپۇر بىلەن ماشىنىغا يالغۇز چىقمىسۇن» دەيدىغىنىنى چۈشەنگەندەك بولدى.
-دېمەك سىز بۇ ئىشتىمۇ «شەمسىيەنىڭ شۇ كېسىلىنى باھانە قىلايلى! ئۇنى يەنە كېسىلى قوزغىلىپ قالغاچقا سەككىز يېرىم بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن دەيلى» دېمەكچىمۇ؟-دېدى گۈلسۈم دولقۇنغا نەپرەت بىلەن تىكىلىپ.
-ئەمىسە سىزنىڭچىچۇ قانداق قىلساق بولىدۇ، بەرىبىر ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېيتساقمۇ بۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى جىق. جەريان مۇھىم ئەمەس نەتىجە مۇھىم. ھازىرقى مەسىلە شەمسىيەنى ئىزدەپ تېپىش كەچكىچە ئۇنىڭ قانداق يوقاپ كەتكەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىپ ئولتۇرساق ۋاقىت ئۆتۈۋېرىدۇ.
-ئەمىسە ئۇ تېپىلغاندىن كېيىنچۇ! ئىشلار ئۇنىڭ ئېغىزىدىن بايان قىلىنغاندا ھەقىقىي ئەھۋال ھامان ئاشكارا بولىدىغۇ!
-كاللىڭىزنى ئىشلىتىڭ گۈلسۈم… كېيىن نېمە ئىش بولىدىغىنىنى ھېچقايسىمىز بىلمەيمىز. كۆز ئالدىمىزدىكى ئۆتكەلدىن تىنچ ئامان ئۆتۈۋالساق كېيىنكى ئۆتكەلگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن يەنە ۋاقىت چىقىدۇ. يەنە كېلىپ ۋاقتى كەلگەندە نېمە ئىش بولىدىغىنىنى ھېچقايسىمىز بىلمەيمىز. ئىشقىلىپ شەمسىيە تىنچ ئامان تېپىلسىلا، ئۇ چاغدا ئەھۋالىمىز بۇنچىلىك ئوسال بولماس…
گۈلسۈم كۆپ ئىككىلىنىشتىن كېيىن ئاخىرى دولقۇننىڭ دېگەنلىرىگە كۆنۈپ نېمە ئىش بولسا ۋاقتى كەلگەندە كۆرۈشنى قارار قىلدى.
تۇيۇقسىز ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭشىدى، گۈلسۈم بىلەن دولقۇن تەڭلا چۆچۈپ ئىشىككە قارىدى.
دولقۇن سەل ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئىشىكنى ئېچىڭ دېگەن مەنىدە گۈلسۈمگە باشلىڭشىتقاندىن كېيىن گۈلسۈم بېرىپ مۈشۈك كۆزدىن سىرتقا قارىدى.
ئىشىك تۈۋىدە نادىرەنىڭ شوپۇرى تۇراتتى.
بۇ چاغدا دولقۇننىڭ تېلېفونى يەنە سايراپ كەتتى. تېلېفون قىلغىنى يەنىلا نادىرە ئىدى. دولقۇن ئىزچىل نەسبەنىڭ تېلېفونىنى ئالمايۋاتقان بولۇپ، ھازىر گۈلسۈمنىمۇ كۆندۈرۈپ مەسلەھىتىنى پىشۇرۇۋالغاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئالماسلىققا ھېچقانداق باھانىسى قالمىغانىدى.
-ئىشىك تۈۋىدىكى كىمكەن!؟-دەپ سورىدى دولقۇن تېلېفوننى ئېلىشتىن بۇرۇن گۈلسۈمدىن.
-خانىمنىڭ شوپۇرىكەن.
-قارىغاندا ئۇ تېلېفون قىلىپ ئالاقىلىشالمىغاچقا شوپۇرنى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ بېقىشقا ئەۋەتكەن ئوخشايدۇ. تېلېفون قىلغىنىمۇ شۇكەن، سىز ئىشىكنى ئېچىۋېرىڭ!
دولقۇن چوڭقۇر بىرنى تىنىۋالغاندىن كېيىن گۈلسۈمگە يەنە بىر قېتىم قاراپ قويۇپ سەل ئەنسىزلىك بىلەن تېلېفوننى ئالدى.
-ۋەي!
-دولقۇن ھاياتكەنسىزغۇ! -تېلېفوندىن نادىرە نىڭ زەئىپ ئاۋازى ئاڭلاندى.
- نادىرە بۇ…
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇