بەختىمگە پۇتلاشماڭ 🧡 13-قىسىم (ئاشنىڭىز كۈچۈپ كەتسۇن)

文摘   2025-01-04 00:04   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ياش يازغۇچى، تەرجىمان دىلىم قەلىمىدە ئۆزلەشتۈرۈپ يېزىلغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەختىمگە پۇتلاشماڭ» ناملىق روماننىڭ يازما نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ يېقىن يورۇقلارغا تارقىتىپ قويغاچ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ.

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

13-قىسىم

ئاشنىڭىز كۈچۈپ كەتسۇن

ئەلۋەتتە ئىلگىرى مەن مۇنداقمۇ ئويلاپ باققان ئېھتىمال مېنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى ئېرىم ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئاساسى بولغانلىقتىن  بولسا كىرەك، ئەگەر ئېرىم ئاشنىسى بىلەن  ئالاقەمنى ئۈزمەيمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالسا ھېچكىم ئۇنى تۇسۇپ قالالمايتتى،  يەنە بىر تەرەپتىن  ئەگەر ئۇنىڭ ئائىلىمىزگە ئازراق مېھرى مۇھەببىتى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىسا بۇنداق تارتىشىپ يۈرگىچە ئاجرىشىپ كەتسەكمۇ مەيلى «كۆمسەم پىشارمۇ ياپسام پىشارمۇ» دەپ يۈرگەندىن  بىراقلا ئاجراشقان ياخشىراق ئىدى، ئەگەر مەن ئاجرىششنى تاللاپ قالسام، ھەممىدىن قۇرۇق قېلىشىم ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەسلىكىم مۇمكىن .بۇنداق ئىشلارنى بەك كۆپ كۆرگەن، كۆپىنچە ئەرلەر يولدىن چىققاندىن كېيىن ئەسلىدىكى ئايالغا ھېچنېمە بەرمەي، ئايالىنى قىستاپ قۇرۇق قول ئۆيدىن چىقىرىۋېتىدىغان  ئىشلار بەك كۆپ ئىدى، ئەگەر كاللىسى ئىشلەيدىغان ئەر بولسا ئۆزىنىڭ ئاشنىسىنى دەپ ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىدىغان ئىشنى قىلمايتتى، ئەلۋەتتە مېنىڭ ئېرىمنىڭ بۇ جەھەتتە كاللىسى ئىشلەمدۇ ئىشلىمەمدۇ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك.

ناۋادا بىز ئاجرىشىپ كېتىپ قالساق، ئېرىمنىڭ ئىككى بالىنىڭ ھەممىسىنى ماڭا تاشلاپ بېرىپ مېنىڭ بېقىشىمغا  تاشلاپ بېرىشى ناتايىن، بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىمى ئاجرىشىپلا كەتسەك، بالىلارنىڭ ئىككىلىسى مەن تەرەپكە ئۈتىۋىلىپ، ئۇنىڭغا قارىماي قويىشى، قېرىغاندا ئۇنىڭ ھەتتا ئۆزىگە قارايدىغان ھېچكىمى يوق بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى، ئىشقىلىپ نۇرغۇن تەرەپتىن ھازىرقى ئەھۋال ماڭا پايدىلىق ئىدى شۇڭا مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىششقا ھەرگىز ئالدىرىمايتتىم، مىھمانخانىغا قايتىپ ئىككىمىز بىردەم بىر بىرىمىزگە  سۈركىلىپ «ئامراقلىق» قىلىشقان بولدۇق ئاندىن ئېرىم ئىشخانىغا قايتىپ كەتتى، پەرىزىمچە ئۇنىڭ ئاشنىسى بىر چۈشتىن بۇرۇن قورسىقى ئاچ، ئىشخانىدا قېيداپ ئولتۇردىغۇ دەيمەن«ھابدالقېيدىسا خورجۇنغا زىيان» يېمىسە ئاچ ئولتۇرسۇن ...

مەن ئۇخلاپ ئويغانغاندا چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت بولۇپ قالغان ئىدى، ئاۋال تېلېفون قىلىپ تاماق بۇيرۇتۇپ، كەلگەن تاماقنى شىرەگە تىزىپ قويدۇم، ئارقىدىنلا كارىۋاتقا بېرىپ يېتىپ ئۇزۇن پۇتلىرىمنى چىقىرىپ رەسىمگە تارتىپ ئېرىمغا يوللاپ قويدۇم، ئەلۋەتتە شىرەدىكى تاماقمۇ كەم قالمىدى، ھەممىنى ئېرىمغا يوللىۋېتىپ ئاستىغا:

-ئاڭلىسام سىلەر ئەرلەر ئىشتىن چۈشۈپ كەلگەندە مۇشۇنداق كۆرۈنۈشنى كۆرۈشنى خالايدىكەنسىلەر، -دەپ يوللاپ قويدۇم.

 ئېرىم شىرەدىكى تاماقلارنى نەزىرىدىن ساقىت قىلىۋېتىپ تىزلا جاۋاب قايتۇردى.

-ناھايتى شۇ بىر جۈپ پۇتكەنغۇ، بۇنىڭ كۆرگىدەك نېمىسى بار؟

-ئىشتىن چۈشۈپ كەلسىڭىز شىرەدە تاماق، كارىۋاتتا خوتۇنىڭىز ساقلاپ تۇرىدۇ جېنىم......

ئۇنىڭغا تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ، كۆڭلىنى بىسەرەمجان قىلىۋىتىپ، ئارقىدىن «سىزنى ساقلايمەن جۇمۇ »دېگەنرەسىملىك ئىپادىنى ئەۋەتىپ قويدۇم، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىپادىنى قىزىم يوللاپ بەرگەن، ئۇنىڭغا يوللىغىنىمدا ئىشقىلىپ مەنىسى باشقىچە چىقىپ قالدى.

 ئېرىم دەرھاللا جاۋابقايتۇردى ئۇنىڭ ماڭا قايتۇرۇپ يوللىغىنى«مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ جۇمۇ»دېگەن رەسىملىك ئىپادە ئىدى، مەن ئىككىمىزنىڭ ئوخشاش بىر تۈردىكى ئىپادە ئىشلەتكەنلكىمىزنى كۆرۈپ بىردىنلا «ئېرىم يوللىغان بۇ قونچاقنىمۇ قىزىم يوللاپبەردىمۇ نېمە؟ »دەپ گۇمانلىنىپ قالدىم .

دېگەندەكلا ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ سائەت دەل يەتتىدە مېنىڭ يېنىمغا ئۈنۈپ بولدى، كەچتە بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەۋېتىپ، مەن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلغان ھېسابتا :

-ئىككىمىزنىڭ بۇ تۇرقى ئېرىدىن، خوتۇنىدىن ئوغرىلىقچە ياتاقئ ېچىپ ئاشنا ئويناۋاتقانلارغا ئوخشاپ قالامدۇ قانداق؟سىزمۇ سىز ئۇنداق ھېسسىياتتا بولمىدىڭىزمۇ ياكى بولمىسا سىز مۇشۇنداق ھېسسىياتنى ياخشى كۆرەمسىز؟

-بىز قانۇنلۇق ئەر خوتۇن تۇرساق كەلگەن، كىم كەلگەن تەقدىردىمۇ بىزنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ، توي خېتىمىزنى  كۆرستىپ قويىمىز.

-نەدىمۇ ئۇنداق ئۇدۇل كەلگەنلەرگە توي خېتىنى كۆرسىتىپ يۈرۈيدىغان ئىش بولسۇن، باياتىن مېھمانسارايغا تىزىملاتقاندا ھېلىقى مۇلازىمنىڭ قاراشلىرىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟بىز بىر خۇددى يامان ئىش قىلغىلى ماڭغاندەك شۇنچىلىك سەت قاراۋاتىدۇ، ئۇنىڭ قانداق ئويلىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟

-ئەمىسە دەڭە قانداق قىلىمىز؟

-ئاشنىڭىزغا دەڭ، ئۆيدىن كۆچۈپ كەتسۇن .

-بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ئۇنى ئۆيدىن كۆچۈپ كەت دېسەم نەدە تۇرىدۇ ئۇنىڭ يېنىدا كىچىك بالا بار تۇرسا، ئۇلارنى كوچىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرسۇن دەمسىز ؟

- ئۆي زادى سىزنىمۇ ياكى ئۇنىڭمۇ؟ ئۆي كىنىشكىسى زادى كىمنىڭ ئىسمى يېزىلغان؟

-مەن ئۇ ئۆينى سېتىۋالغاندا تېخى ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن نېمىشقا ئۇنىڭغا ئۆي ئېلىپ بەرگۈدەكمەن؟پەقەت ۋاقىتلىق تۇرىدىغان يېرى بولمىغاچقا، مەن بىلەن بىللە تۇرىۋاتىدۇ .

-ئۇنداقتا سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز مەن سىزنىڭ قانۇنلۇق خوتۇنىڭىز تۇرۇپ ئۆيىڭىزگە بارالماي مېھمانسارايدا تۇرىمەن، ئاشنىڭىز مېنىڭ ئورنۇمنى ئىگىلەپ بىزنىڭ ئۆيدە تۇرىدۇ، ئۆي كېنىشكىسىگە سىزنىڭ ئىسمىڭىز يېزىلغاندىن بۇ دېگەن ئەر خوتۇن ئىككىمىزنىڭ ئورتاق مۈلىكى بولىدۇ، ئۇنتۇپ قالماڭ ..

ئېرىم گېپىمنى ئاڭلاپ جىمىپ كەتتى...مەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ:

-ياكى بولمىسا مۇنداق قىلايلى، سىز ماڭا بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپ بېرىڭ، پەقەت مېنىڭ ئىسمىمنى يازايلى، بۇ ماڭا تولۇقلاپ بەرگىنىڭىز بولۇپ قالسۇن، سىرتقا چىقىپ بىر سوراپ بېقىڭە، كىمنىڭ ئۆيىدىكى ئاشنىسى چوڭ ئۆي كىچك ئۆينىڭ مالىيەسىنى باشقۇرىدىكەن؟ ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى مېھمانخانىدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ ئاشنىسىنى ئۆيدە تۇرغۇزىدىكەن؟

-خوتۇن ئۆي ئالساق بولىدۇ، لېكىن بىر مەزگىل توختايلى، يىل ئاخىرى بولۇپ قالدى، قولۇمدا ئۇنچە جىق پۇل يوق، يەنە نۇرغۇن زاكازلارنىڭ پۇلىنى تېخى تولۇق ئېلىپ بولالمىدۇق .

-ماقۇل، پەقەت سىز ئۇنتۇپ قالمىسىڭىزلا بولدى، بۇ قېتىم پەقەت مېنىڭ ئىسمىمنى يازىمىز جۇمۇ .

-ئەر ئەر خوتۇن ئىككىمىزنىڭ ئورتاق مۈلكى بولىدىغان تۇرسا، سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى يالغۇز يازساق نېمە بوپتۇ، ئىككىمىزنىڭ ئىسمىنى يازساق نېمە بوپتۇ ؟

-مېنىڭ ئىسمىمنى يازساق سىزنىڭ مېنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويغىنىڭىزنى بىلدۈرىدۇ ئەمەسمۇ.

ئېرىم كۈلۈپ كېتىپ يۈزۈمنى چىمداپ قويدى، مەن ئۇنى قىستاش ئاشنىسى مەجبۇرلاپ كۈچۈپ كەتسۇن دەپ تۇرىۋالماسلىقىمدىكى سەۋەب بۇ ئۆي ئېرىمنىڭ نامىدا ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ جەزىملەشتۈرۈپ بولدۇم ئەمەسمۇ، كېيىنچە يامانلىشىپ قالساقمۇ، مەن ئالدىغا چىقىپ ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتسەم، ئەلۋەتتە ئاسان بولىدۇ، بىراق ھازىر ئۇنى قىستاپ ئاشنىسىنى كۆچۈرىۋېتىدىغان بولسام ئۇزۇنغا قالمايلا ئېرىم ئاشنىسىغا نىسبەتەن  ئۆكۈنۈش، خىجىلچىلىق ئىچىدە قېلىپ ئۇنىڭغا چوقۇم بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، ئۇ ۋاقىتتا يازىدىغىنى پەقەت ئاشنىسىنىڭ ئىسمى بولىدۇ، ئۇ دېمەك زىياننى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، شۇڭا مەن بىر قەدەم چىكىنىپ، ئۆينى ماڭا ئېلىپ بېرىڭ دەپ تۇرىۋالدىم، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن پايدىنى مەن ئالىمەن، يەنە تېخى ئىرىمنى قەرزدار ھسىياتىغا كەلتۈرۈپ قويىمەن، شۇڭا ئۇ ماڭا بۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۆي ئېلىپ بېرىدۇ، ئەمىلىيەتتە شۇنداق بولدىغۇ مانا .

ھازىر ئۇنىڭ يۈرىكى، قەلبى ئاشنىسىغا دۈم چۈشكەن، شۇڭا مېنىڭ ياخشى  تەرىپىمنى پەقەت كۆرەلمەيۋاتىدۇ، ئەگەر مەن ئۇنى قىستاۋەرسەم ئاخىرقى ئۈزۈمدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋېتىمەن، ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ، مەن ئۇنىڭ پۇلىنى ئۆزۈمنىڭ چۆنتىكىگە سالغىلى كەلگەن، ئېرىم مېنىڭ تىللا تۈكۈلىدىغان دەرىخىم، ئۇنى رەنجىتىپ قويسام بولمايدۇ ....

بىز بىر ئوبدان پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق، ئېرىمنىڭ ئاشنىسى يەنە تېلېفون قىلىشقا باشلىدى، ئۇ تېلېفۇننى ئۇلاپ بولغۇچە دەرھال قايتىپ كېلىشكە قىستىدى، ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ناھايىتى قاتتىق ئىدى .

مەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئېرىمنى قايتىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان بولدۇم، ئېرىم مېنىڭ خاپا بولۇپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ  جىم تۇرىۋالدى، مەن ئۇنىڭغا ئازراقمۇ خاپا بولمىغانلىقىمنى، ئىككى ئايال ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىمنى، ئۆزۈمنىڭمۇ مېھمانساراينىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن ھوزۇرلىنىشنى خالايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلىپ  يولغا سېلىۋەتتىم ئۇ ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا مېنى« سىرتقا چىقماڭ، قانداق ئىش بولسا ماڭا تېلېفون قىلىڭ ياكى پەستىكى مۇلازىمەت سۇپىسىغا تېلېفون قىلىڭ، قورسىقىڭىز ئاچسا سىرتتىن تاماق ئەكەلدۈرۈپ يەڭ»دېگەندەك بىر قاتار ئىشلارنى تاپشۇرۇپ ئاخىرى چىقىپ كەتتى، بۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ ئاۋۇ بۇزۇق بىلەن پاراڭ ئۈزۈلۈپ قالمىدى.

« يەنە مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ مەن بىلەن قېرىشقىنى، خەپ توختاپ تۇر، بۈگۈن كەچتە سەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ماڭا قانداق قىلغان بولساڭ، ھەممىنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغان بولسام»

 مەن ئېرىمنى يولغا سېلىۋېتىپ ئۇنى ئۆيگە بېرىپ بولدى دېگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا شىپىن يوللىدىم، ئۇ ئۇلىشىغا دەرھال ئەركىلەپ تۇرۇپ«ئېرىم»دەپ چاقىرىپ، ئاشنىسىدىن ئۆگەنگەنلىرىم بويىچە بىر قاتار ئەھۋال سورىۋېتىپ ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئائىلىدىكى بەزى ئىشلار توغرۇلۇق بىر مۇنچە پاراڭلاشتۇق، قىزىمىزنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىش جەريانىدىن باشلاپ دېيىشمىگەن گېپىمىزمۇ قالمىدى، ئېرىممۇ دائىم ئۆيدە تۇرالمىغاچقا، قىزىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاڭلاشقا قىزىقتى، بۇ يەتمىگەندەك ئېرىمنىڭ ئاكسىنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ گېپىنى قىلىشقا باشلىدىم، ئۇلارنىڭ ئاز كۈنگە قالماي ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلىقىنى، شەھەردىن ئۆي ئېلىش نىيىتى بارلىقىنى، ئاكام يەڭگەمنىڭ قولىدا ئۇنداق جىق كۆپ پۇل يوقلىقىنى سۆزلەپ، ئېرىمدىن ئازراق ياردەم قىلساق بولامدۇ دەپ ئۆتۈنگەن بولدۇم، ئېرىم مېنىڭ بۇ ئۆتۈنۈشۈمنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتى، ئاتا ئانىسى كىچىكىدە ئۆلۈپ كەتكەن پەقەت مۇشۇ بىرلا ئاكىسى بار بولۇپ بىر بىرىگە ھەمدەمدە بولۇپ چوڭ بولغان، ئەلۋەتتە ئئىككى جىيەنىىنمۇ  ئۆزىنىڭ ئوغلىدەك كۆرەتتى، يەنە كېلىپ يەڭگەم ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ  بىز ئىككىمىزمۇ ھېسابتا بىر بىرىمىزگە ھەمدەمدە بولۇپ، بىر بىرىمىزگە يۈلەك بولۇپ قىيىن كۈنلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ، مېھرى مۇھەببىتىمىز چوڭقۇرلىشىپ كەتكەن ئاچا سىڭىللاردىن ئىدۇق، شۇڭا ئۇنىڭغا ياردەم قىلالىغىنىمدىن ئۆزۈممۇ خۇشال بولۇپ قالدىم.

بىردەمدىلا ئېرىم بىلەن بىر سائەتتىن ئارتۇقراق پاراڭلىشىپتۇق، ئېرىمنىڭ ئاشنىسى توختىماستىن ئۇنى يۇيۇنۇپچىقىڭ دەپ چاقىرىشقا باشلىدى، مەنمۇ كۆزۈم قىيمىغان ھالدا تېلېفوننى قويىۋەتتىم، قويۇۋېتىش ئالدىدا تېخى يەنە ئېرىم يۇيۇنۇپ چىقىپ بولۇپ ماڭا گەپ قىلىۋېتىڭ  دەپمۇ ئۈلگۈردۈم.

يېرىم سائەتتەك ئۆتۈپ كەتتى، بىراق ئېرىم يۇيۇنۇپ چىقىپ بولۇپمۇ مەن بىلەن ئالاقىلاشمىدى، شۇڭا بۇ قېتىم يەنە ئاكتىپلىق بىلەن ئۇنىڭغا شىپىن قىلدىم، ئېرىم ئاللىقاچان ئۇخلاش كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ كارىۋاتقا چىقىپ بولغان بولۇپ، ئاشنىسى ئۇنىڭ يېنىدا ياتقان بولۇپ قەستەن بەدەننىڭ يېرىمىنى كۆرسىتىپ قويدى، ئېرىم ئاشنىسىنىڭ ئازراق يېرى كۆرۈنۈپ قالغانلىقىنى بايقاپ ئورنىنى سەليۆتكىدى، ئاشنىسىمۇ جىددىيلىشىپ قالدى بولغاي، ئېرىم ئۇنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇمۇ ئېرىمنىڭ يېنىغا سۈركىلىپ يېقىنلاشتى، مەن كۆرمەسكە سېلىپ، كەيپىياتىمنى تەڭشەپ گەپنى  باشلىۋالدىم.

- ئېرىم ئىلگىرى بىز بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمىزدا، شياۋلى ئىسىملىك بىر خىزمەتدىشىمىز بارلىقى ئېسىڭىزدە بارمۇ؟

- ئېسىمدە نېمە بولدى؟

شىياۋلى ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە تۇراتتى، بىز ئوخشاش بىر ئۆي ئىگىسىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرغان، ئۇ ھەم ئېرىم بىلەن خىزمەتداش بولغاچقا مۇناسىۋىتىمىزمۇ شۇنداق ياخشى ئىدى، بىر قېتىم ئېرىم كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەۋاتقاندا، ئوغلۇم قىزىپ كېتىپ قورقۇپ يىغلىغىنىمچە ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغىنىمدا، پۇل يوق بولۇپ قېلىپ ئوغلۇمنىڭ داۋالىنىش پۇلىنى تۆلەپ بەرگەن ئىدى .

مەن ئېرىمدىن مۇشۇ ئىشنىڭ ئېسىدە بار يوقلىقىنى سورىدىم

-ئەلۋەتتە ئېسىمدە بار، بىز ئۇنىڭغا ئادەمگەرچىلىك جەھەتتىن قەرزدار.

- ئېرىم ئەينى ۋاقىتتا مەن شياۋلىنىڭ ئايالى بىلەن ئۆز ئارا تېلېفون نومۇرىمىزنى قالدۇرغان، قايسى كۈنى ئولتۇرۇپ كونا تېلېفون خاتىرىسىنى ئاختۇرۇپ، ئۇنىڭ نومۇرىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئەينى يىلى بىزگە ياردەم قىلغانلىرىنى ئېسىمگە ئېلىپ ھەقىچان نومۇرنى ئالماشتۇرۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان بولساممۇ ئەمما ئۈمىد بىلەن سىناپ باقتىم شاۋلىنىڭ ئايالى نومۇرىنى ئالماشتۇرۋەتمەپتۇ، مەن ئۇنى ئۈندىدارغا قوشۇۋالدىم، ئىككىمىز شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتۇق، ئۇ بەك ھاياجانلىنىپ كەتتى، يېقىندا ئوغلىنىڭ تويىنى قىلماقچى ئىكەنلىكىنى دەپ بىزنى تويغا تەكلىپ قىلدى .

-ياخشى بوپتىغۇ، قاچان قىلىدىكەن ؟قاراپ باقاي ئەگەر ۋاقىت بولسا قاتنىشىپ كۆڭلىمىزنى ياخشىراق بىر بىلدۈرۈپ قويايلى .

-مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، كىلەر ئاينىڭ ئالتىنچى كۈنى، مېھمانسارايدا قىلىدىكەن سىزنىڭ ۋاقتىڭىز يېتىپ قالىدىغۇ دەيمەن .

ئېرىم ئەمدى بىر نېمە دېمەكچى بولغان ئىدى ئاشنىسى بېشىنى ئېرىمنىڭ قۇچىقىغا قويىۋالدى، مەن دەردىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ، چىرايىمغاسۇس كۈلكە يۈگۈرتۈپ:

-ۋوي يۈرەك پارىڭىزنى قۇچاقلاپ ياتقانمىدىڭىز ؟ بولدى سىزگە دەخلى قىلماي، -دەپلا تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتىم، ئېرىمغا گەپ قىلغۇدەك پۇرسەتمۇ بەرمىدىم تېلېفوننى قويۇۋېتىپلا، سائەتنىڭ ئىككى بولۇپ قالغىنىمغا قارىماي كارىۋاتتىن چۈشۈپ كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تاكسى توستۇم، ماشىنىغا چىقىپ بولۇپ يەنە ئېرىمغا  شىپىن قىلدىم، ئۇ ئېلىپلا مېنىڭ سىرتتا ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ:

-بۇ كەچ بولغاندا نەگە ماڭدىڭىز؟-دەپ سورىدى

-قۇياشنىڭ چىققىنىنى كۆرۈپ كېلەي دەپ ماڭدىم .

-قوياش چىقىدىغان ۋاقىت خېلى بارغۇ، بۇنچە ئەتىگەن بېرىپ نېمە قىلىسىز؟ يالغۇز يېرىم كېچىدە سىرتتا يۈرسە بىخەتەر ئەمەس.

مەن ئۇنىڭ گېپى پەرۋا قىلماي تېلېفوننى قويىۋەتتىم، ئېرىم قايتۇرۇپ ئالدى،

-زادى نەگە بارىسىز ؟

-كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس، بىردەم ئايلىنىپ كېلەي دەيمەن، سىز قەدىرلىكىڭىز بىلەن بالدۇرراق ئۇخلاڭ .

ئېرىم كارىۋاتتىن چۈشۈپ بىر تەرەپتىن كىيىمىنىكىيىپ بىر تەرەپتىن ئاچقۇچنى ئېلىپ زادى نەگە بارىدىغانلىقىمنى قايتىلاپ سوراۋەردى .

-مەن شۇ قۇياشنىڭ چىققىنىنى كۆرۈپ ئايلىنىپ كېلەي دەپ ماڭدىم .

-ساداقەت مېنى جىلە قىلماي، بارىدىغان يېرىڭىزنى ئېنىق دەڭ، مەن ھازىرلا سىزنى ئالغىلى باراي، -دەپ ۋارقىرىدى ئۇ.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



...............................................................................................................................................................................................................................................................................................ھە؟

-پۇشايمان قىلىۋاتامسىز؟

-ياقەي، مەن شۇ تازا ئىشنەلمەيۋاتىمەن، سىز باي ئائىلىنىڭ قىزى، مەن بولسام ھېچنىمەم يوق يالاڭتۆش،مېنى تاشلىۋەتمەيدىغانسىز ھە مۇنىرە؟

-مەن سىزنى بىر ئۆمۈر باقىمەن، ئەتىۋارلايمەن، ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن،-دېدىم مەن يادىكارنىڭ يۈزىنى سىلاپ.

-مېنى بوزەك قىلمايدىغانسىز؟

-ئەلۋەتتە ھەركۈنى بوزەك قىلىمەن.

-ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ تازا بىر ھازازۇلنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالدىممۇ نېمە؟ پۇشايمان قىلسام پۇرسەت بارمۇ؟

-ئەمدى پۇشايمان قىلسىڭىز بولمايدۇ، چىكىنىش يولىڭىز قالمىدى جۇمۇ، ئەتە ئەتىگەندىن باشلاپ سەھەر تۇرۇپ ماڭا ناشتىلىق تەييارلايسىز، ئاندىن ئۆي يىغىشتۇرىسىز، كىر يۇيىسىز، ئاندىن چىقىپ سەي ئەكىرىپ، ماڭا تاماق ئىتىپ بىرىسىز، مېنى ياخشى كۈتسىز.

بىز چاقچاقلىشىپ بىردەم كۈلۈشتۇق.

ئەتىسى ئەتىگەندە مەن يادىكارنى ناشتىغا چاقىرىپ كىرسەم ئۇنىڭ چىرايى تازا ياخشى ئەمەس كۆرۈندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، ناشتىلىقنى ياتىقىغا ئېچىقىپ بەردىم، يادىكار ئازراق قىزىپ قالغانىدى، دوختۇرخانىغا بارايلى دېسەم ئۇنىماي، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسىنى ئىچىپ قايتىدىن يوتقانغا كىرىپ ياتتى.

ئاپام يادىكارنىڭ قىزىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئەنسىرەپ ئولتۇرالماي قالدى.

-دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى.

-ئۇنىمىدى ئاپا، دورا ئىچىتى.

-مۇنىرە، يادىكار سەن ئۈچۈن بەك كۆپ قۇربانلىق بىرىۋەتتى، شۇڭا ئۇنى قەدىرلە، بۇرۇنقىدەك ئاچچىقلىنىپ قىلساڭ بولمايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ رايىغا باققىن، كۆڭلىنى ئاغرىتما ماقۇلمۇ؟

-بىلدىم ئاپا، مەن چۇقۇم دېگىنىڭدەك قىلىمەن.

-يەنە ئۆزۈڭنى تەكشۈرتۈپ باققىن، مەسىلە بولسا داۋالىنىپ، توغۇش ئۈچۈن تىرىشقىن.

مەن ئەسلىدىمۇ شۇنداق قىلىشنى ئويلاپ يۈرگەن، شۇ ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم شۇ.ئىلگىرى خالىدە دورامنى ئالماشتۇرۋەتكەچكە ھامىلدار بولمىغان، ئەمدى تەكشۈرۈتۈپ بېقىشىم كىرەك ئىدى.

بىر چاغدا ئىشك قوڭغىرىقى جىرىڭلىدى، بېرىپ ئىشكنى ئاچسام، يادىكارنىڭ ئاپىسنىڭ سىڭلىسى كەپتۇ، مەن بۇ ئايالنى بىر قېتىم باھار بىلەن بىللە تاماق يەۋاتقاندا كۆرگەن ئىدىم. مەن دەقىقە قاراپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئارقامغا قاراپ:

-ئاپا، يادىكارنىڭ كىچىك ئاپىسى كەپتۇ،-دېدىم.

ئۇ ئايال ئىشكتىن كىردى، ئۇ چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن مېڭىشلىرىمۇ شۇنداق چىرايلىق ئىدى.

ئاپام ئالدىغا چىقىپ ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن:

-بىلمىدىم خاسىيەتگۈل بىزنىڭ ئۆيدە نېمە ئىشڭىز بار ئىدى؟

-بۈگۈن مەخسۇس سىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىم نىگار خانىم،-دېدى يادىكارنىڭ كىچىك ئاپسى خاسىيەتگۈل.

-ھە...

«مەن بۇ خېنىم بىلەن ئەزەلدىن باردى كەلدى قىلىپ باقمىسام، مېنى ئىزدەپ كەلگۈدەك ياخشىراقمۇ تونۇشمايدىغان تۇرساق نېمىگە كەلگەندۇ؟»...

-يادىكارنىڭ مىجەزى سەل قوپال ھەم بەكلا جاھىل، بىر ئىشنى قارار قىلدىمۇ بولدى، ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شۇڭا نىگار خانىم ئۇنىڭغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولسىڭىز.

ئاپام ئىككىمىز يادىكارنىڭ بۇ كىچىك ئاپسىغا قاراپ ئولتۇرۇپ قالدۇق، بىز تېخى ئۇنى ئاچىسىنىڭ ئورنىدا بىزگە گەپ قىلىپ قايىل قىلغىلى كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمىز، بىراق ئۇنىڭ يادىكارنىڭ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمىز.

-مۇنىرە، ئەگەر بىزنىڭ يادىكار بولمىغان بولسا، سىزمۇ بۈگۈنكىدەك سورۇقچىلىق، كۆڭۈل ئاغرىقىلىرىنى تارتمىغان بولاتتىڭىز، ھەممىسى يادىكارنىڭ خاتالىقى، نېمىلا بولمىسۇن ھازىر بىللە ئۆتۈدىغان بولدۇڭلار، مەن بۇنىڭدىن بەكلا خوشال بولدۇم، مېنىڭ سىلەرگە بەرگۈدەك باشقا نەرسەممۇ يوقكەن، بۇنى ئىلىڭ، ئىككىڭلارغا بەخت تىلىگىنىم بولۇپ قالسۇن قىزىم،-دېدى خاسىيەت ئاپاش چىرايلىق بىر دۇخاۋا قاپنى ماڭا سۇنۇپ.

-رەھمەت خاسىيەتگۈل، كۆڭلىڭىز بىزگە تىگىل بولدى، بىراق بۇ سوۋغىتىڭىزنى بىز قوبۇل قىلالمايمىز،-دېدى ئاپام رەت قىلىپ.

-مۇنىرە، بۇنى چۇقۇم قۇبۇل قىلىڭ.

-....

-مەن ئىلگىرى يادىكارغا ۋەدە قىلغان، ئۇ توي قىلىدىغان چاغدا مەن كىلىنچەككە بىر سوۋغات بىرىدىغان بولغان، سىلەرنىڭ تويۇڭلارغا مەن ھەقاچان قاتنىشالمايمەن، شۇڭا قۇلۇمنى ياندۇرمىغان بولسىڭىز.

خاسىيەت ئاپاش ئۇنىمىغىنىمىزغا ئۇنىماي سوۋغىسنى قويۇپ قايتىپ كەتتى، ئۇ يادىكارنى سورىمىدى.

-ھەجەپ ئىش، خاسىيەت بىلەن خەدىچە بىر تۇققان بولسىمۇ، بىراق مىجەزى پەقەتلا ئوخشىمايدىكىنا.

-شۇ ئەمەسمۇ، ئۇ نېمىشقا چۇقۇم ماڭا سوۋغا بىرىمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ؟

مەن شۇنداق دېگەچ ئۇ قالدۇرغان سوۋغاتلىق قاپنى ئاچتىم، ئىچىدە ئىنتايىن نەپىس سۇقۇلغان بىر يۈرۈش ئالاھىدە نۇسقىلىق ئاق ئالتۇن يۈرۈشلىكى جۇلالىنىپ ياتاتتى.

-بۇ نەرسە قانداق بولۇپ خاسىيەتنىڭ قولىدا بولۇپ قالدى؟-دېدى ئاپام بىردىنلا تاتىرىپ.

-نېمە بولدى ئاپا؟

-بۇ ياقۇتتىن كۆز قويۇلغان ئاق ئالتۇن يۈرۈشلىكى قانداق بولۇپ ئۇنىڭ قولىدا بولۇپ قالدى دەيمەن؟

-ئاپا، ئادەمنى تېپىشماق تاپقىلى سالماي گەپنى ئۇچۇق قىلغىنە.

-بۇ بىر يۈرۈش زىبۇ زىننەت ئوتتۇز يىل ئىلگىرى بىر كىم ئارتۇق سېتىشتا بىر مىليۇن باھاغا سېتىلغان، ئەينى چاغدا داداڭ ئىككىمىز قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقت ئىدى، مەن شۇچاغدا بۇ بىر يۈرۈشنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغاچقا داداڭ يۇقىرى باھادا سېتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئاخىرىدا يادىكارنىڭ دادىسى بىر مىليۇن باھا بىلەن ئېلىۋالغان، ئۇ چاغدا بىر مىليۇن دېگەن بەكلا كۆپ پۇل ئىدى.

-يادىكارنىڭ دادىسى سېتىۋالغان بولغاندىكىن، خەدىچە خانىمنىڭ قولىدا بولماي نېمىشقا خاسىيەتگۈل ئاپاشنىڭ قولىدا بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە يادىكارنىڭ دادىسى بۇنى ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا بىرىشى كىرەكتۇ؟

-كىم بىلىدۇ دەيسەن؟ ئۇ ۋاقىتلاردا جەننەت ئاپاڭ بىلەن يادىكارنىڭ دادىسى يەھيا تېخى ئايرىلىپ كەتمىگەن، مەن تېخى ئۇنى جەننەتكە سوۋغا قىلامدىكىن دەپتىكەنمەن.

ئاپام مېنى بۇ قىممەت نەرسە ياخشىراق تىقىپ قوي دېگەچكە مەن بۇ زىننەت بۇيۇمىنى ياتاق ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ يىغىشتۇرۋەتتىم، بىر چاغدا يادىكار ئويغاندى.

-قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟

-ياق، ئۇسساپ قالدىم.

مەن ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان سۇقويۇپ بەرگەندىن كېيىن:

-ھەراست بايا كىچىك ئاپىڭىز كەپ كەتتى.

-ھە كىچىك ئاپام كەلدىمۇ؟ نېمە دەپ كەپتۇ؟

-بۇنى ئىككىمىزنىڭ تويىغا ئاتاپ ئەكەپتۇ،-دېدىم مەن بايا تىقىپ قويغان قاپنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلەپ.

-قارىغاندا كىچىك ئاپام سىزنى ھەقىقەتەن بەك ياقتۇرۇپ قاپتۇ، ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسنى بىرىشكە كۆزى قىيىپتۇ ئەمەسمۇ.

-يادىكار سىزنىڭ كىچىك ئاپىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز بەكلا ياخشىمۇ نېمە؟

-ھەئە، ئاپام بەكلا ئاچكۆز ئايال، ئۇ بوۋام مومامنىڭ ئۇنىڭغا شىركەتنىڭ موچەن پېيىنى ئۆزىگە تۇتقۇزمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە بىكار تۇرماي شىركەتكە ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى قانداق قىلسا قىلىپ كىرگۈزۈپ شىركەتنى قانداق قىلىپ كونتۇرول قىلىشنىڭ كۇيىدىلا يۈرىيدىغان ئايال، بىراق كىچىك ئاپام ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بەكلا مۇلايىم، ئەقىللىق، كۈيۈمچان ئايال، ئىلگىرى ئاپام ھەر تەرەپكە چېپىپ يۈرگەچكە ئاكام ئىككىمىزنىڭ ھالىدىن ئىزچىل كىچىك ئاپام خەۋەر ئېلىپ كەلگەن، مەن تۇغۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەممە ئىشمنى كىچىك ئاپام بىر قوللۇق قىلىپ، مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان، بىراق ئاپام بىرەر قېتىممۇ ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ باققىنى يوق، شۇڭا بىزنىڭ توي ئىشمىزدا ئاپامنىڭ پىكىرى مۇھىم ئەمەس دېگىنىم شۇ، بىراق كىچىك ئاپامنىڭ پىكىرى بەكلا مۇھىم.

-كىچىك ئاپىڭىز بىزنىڭ ئىشىمىزغا قارشى ئەمەستەك.

-ھەئە، ئۇ سىزگە بەكلا ئامراق ئىكەن، بولمىسا ماۋۇنى ئۇ ھەرگىز سىزگە بەرمەيتتى.

-يادىكار كچىك ئاپىڭىز نېمىشقا ھازىرغىچە توي قىلماي كەلدى؟ ئۇ شۇنداق چىرايلىق، مۇلايىم تۇرسا، بۇنداق يالغۇز ئۈتۈپ كەتسە ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ؟

-بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن، مېنىڭ قىياسىمچە كىچىك ئاپام مۇھەببەتتىن قاتتىق ئازار يىگەن شۇڭا ئۇ بۇ ئۆمرىدە ياتلىق بولماسلىقنى تاللىۋالغان بولسا كېرەك.

بىز توي خېتىنى ئېلىۋىتىش ئۈچۈن نوپۇس دەپتىرى كىملىكنى ئالغىلى بارغان بولساقمۇ، بىراق بوۋاي بىزنى ئىشكتىن كىرگۈزمەي قويدى، يادىكار تېلېفۇن قىلىغانىدى، ئالمىدى، قارىغاندا بىزنىڭ بىللە بولىشىمىز بۇنداق ئاسانغا توختىمايدىغاندەك قىلاتتى.

-مۇنىرە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن شىركەت تاقىلىپ قالسا، ۋەيران بولۇپ كەتسە قانداق قىلىمىز؟

-پەقەت سىزبىلەن بىللە بولسام، ھەممە نېمەمدىن ئايرىلىپ قالساممۇ مەن رازى.

تەلىيىمگە ئاپاممۇ بۇ قېتىم ئىككىلەنمەيلا بىز تەرەپتە تۇردى.

-بوۋىڭىز خالىغاننى قىلسۇن، ناھايتى كەلسە شىركەت ۋەيران بولار شۇ، قىزىم بەختلىك بولسىلا، قالغىنى چوڭ ئىش ئەمەس.

بىز نوپۇس دەپتىرىنىڭ ئىشىغا تاھىرنى ياردەم قىلامدىكىن دەپ ئۇنى چاقىرىپ چىقتۇق.

-كەچۈرگىن بۇرادەر، بۇ قېتىم بوۋاڭ بۇيرۇقنى بەك سوقتى، دادام«ئەگەر يادىكارغا ياردەم قىلىپ ئائىلىمىزنى بالاغا تىقىدىغان بولساڭ پاچىقىڭنى چېقىپ، ئىتنى باققاندەك باقىمەن» دەيدۇ، شۇڭا ساڭا ياردەم قىلالمايمەن، مېنى كەچۈر ئاغىنە.

-بوۋامغا دەپ قوي، ئەمدى مېنى قىستايدىغان بولسا، مېنىڭدىن رەنجىمىسۇن.

-نېمە قىلاي دەيسەن؟ بوۋاڭنىڭ مەقسىتى سېنى كەينىڭگە قايتۇرۇش، پەقەت سەنلا بېشىڭنى ئەگسەڭ ھەممە ياخشى بولۇپ كەتمەمدۇ؟

-مەن بېشىمنى ئەگسەم مەيلى بىراق شەرتىم شۇ مۇنىرە بىلەن توي قىلغىنىم قىلغان.

å-ياق، مەن نېمىشقا ئاشىقىمنى بۇنداق ئۇۋالچىلىققا قويغۇدەكمەن؟

-مۇنىرە، بىلىمەن يادىكار سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ئۆزىڭىزمۇ كۆردىڭىز بۇ سولتەك ئىشەكتەك جاھىل نېمە، سىز ئەقىللىق قىز، ياخشى ياماننى ئايرىيالايسىز، ئىككىڭلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، كەينىڭىزگە بىر قەدەم چىكىنىسىڭىز بولماسمۇ؟ يادىكارنىڭ قەلبىدە بەرىبىر سىز بولغاندىكىن، ئازراق ئۇۋالچىلىق تارتقانغا ھېچنىمە بولماس.

-بولمايدۇ، ئىشقىلىپ مەن ھەرگىز ئۇنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا گەپكە قالدۇردىغان ئىشنى قىلمايمەن، سەنمۇ بىزگە نەسىھەت قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولما، ھازىر بوۋاي مېنىڭ تېلېفۇنۇمنى ئالمايۋاتىدۇ، شۇڭا سەن ئۇنىڭغا دەپ قوي، مېنى بەك قىستىمىسۇن، ئەگەر قىستاۋەرسە، مەن ئاچچىقىمدا گوروھنىڭ رەقىبىگە ئىشلەپ قالسام ئۇچاغدا ئىشنىڭ ئاخىرىنى يىغىشتۇرۋالغىلى بولمايدۇ.

-يادىكار ساقتۇ سەن؟

-ھازىرچە ساق، ئەمما بۇۋام ماڭا ياشاش يۇلى بەرمىسە، قالغىننى ئۆزىدىن كۆرسۇن، سەن پەقەت گەپنى يەتكۈزۈپ قويساڭ بولدى، مېنىڭ مۇنىرەنى ئالغىنىم ئالغان، مەن دادام ئەمەس، ئۇ نېمىلا دېسە مەيلى دەپ ئۆز سۆيگىنىمدىن كىچىپ ئۇلارنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنىدىغان.

-ساراڭ بوپتىغۇ بولار، ماقۇل ماقۇل مەن يەتكۈزۈپ قوياي.

ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، بىر كۈنى تۇيۇقسىز ناتۇنۇش بىر نومۇردىن تېلېفۇن كەلدى.

-مۇنىرە، ئىككىمىز بىر كۆرۈشسەك بوپتىكەن.

بۇ يادىكارنىڭ مومىسى ئىدى، مەن قۇلۇمدىكى دەزمالنى پاتەمخان ھاممامغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، موماي دېگەن يەرگە كەلدىم.

-مۇنىرە، سىزدىن ئۈتۈنەي يادىكاردىن ئايرىلىپ كېتىڭ بولامدۇ؟ مېنى نېمە قىل دىسىڭىز شۇنى قىلاي.

-سىز يادىكارنىڭ مومىسى، شۇڭا مەن سىزدىن ئۈتۈنەي بىزنى ئايرىۋەتمىگەن بولسىڭىز.

-سىز مۇشۇنداق جاھىللىق قىلىپ، بىزنىڭ ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلمىغۇچە كۆڭلىڭىز تىنمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟

-مېنىڭ قولۇمدىن ئۇنداق قالتىس ئىشلار كەلمەيدۇ، يادىكار بىلەن ئىككىمىز بىرگە بولۇشى ئاسانغا توختىمىدى، شۇڭا بىزنى مۇرادىمىزغا يەتكىلى قويسىڭىز.

-مۇنىرە سىز يادىكارنى ياخشى كۆرسىڭىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا چىداپ تۇرالمىغان بولاتتىڭىز، يادىكار سىزنى دەپ پۈتۈن بىر گوروھتىن ۋاز كىچىپ كەتتى، بىراق سىزچۇ؟ مېنىڭ نەۋرەم ئۈچۈن نېمە قىلىپ بىرەلىدىڭىز؟سىزنىڭ مەقسىتىڭىز نەۋرەمنى ئالداپ، بىزنىڭ رىقابەتچى شىركەت بىلەن بىرلىشىپ ياپراقنى ۋەيران قىلىش شۇنداقمۇ؟

-ئۇنداق ئەمەس، مەن ئەزەلدىن ئۇنى سىلەر بىلەن دۈشمەنلىشىپ كەتسۇن دېگەننى ئويلاپ باقمىدىم، نېمىشقا بىزنى خاتىرجەم ياشىغىلى قويمايسىلەر؟

موما ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا چوڭلار سىز بىلەن بوۋامنى بىللە بولۇشقا قوشۇلمىغان بولسا سىز بوۋامدىن ۋاز كىچەمتىڭىز؟

-ھەقەپ گەپكە ئۇستىكەنسىز ھە،بىلەتتىم زادى سىز كۈرۈنىشتىكىدەك بۇنداق ئاددى، يۇۋاش قىز ئەمەس.

-موما، مەن يادىكاردىن ئايرىلمايمەن، شۇڭا نېمە دېسىڭىزمۇ پايدىسى يوق.

موماي ئۇزاقتىن ئوزاق ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى.

-مۇنىرە، مەن كەينىمگە بىر قەدەم چىكىنەي، سىزمۇ بىر قەدەم چىكىنىڭ.

-قانداق چىكىنىمەن؟

-سىز يادىكار بىلەن ئارلاشسىڭىز بولىدۇ، مەن قارشى تۇرمايمەن، بىراق ئۇنىڭ ئايالى سىز بولمايسىز، پەقەت ئادەم يوق يەردىلا يادىكار بىلەن بىللە بولىسىز، سورۇنلارغا، تويلارغا ئاشكارە يىتىلىشىپ بارمايسىز، يادىكار سىزنى ياخشى كۆرسە بولىدۇ، بىراق سىزنى ئالسا بولمايدۇ، ئۇ بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلاپ بىز دېگەن قىزنى ئېلىشى، ئۇنىڭ بىلەن بالىلىق بولۇپ ئائىلە ئىگىلىكىمىزنى گۈللەندۈرۈشى كىرەك.

-سىز مېنى يادىكارنىڭ يۇشۇرۇن ئادىمى، سەترەك قىلىپ دېگەندە مېنى نەۋرىڭىزگە ئاشنا بول دېمەكچىمۇ؟

-سىز ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان ئىش ئەمەسقۇ بۇ؟ مېنىڭ بىلىشمچە سىز ئىرىڭىز بار تۇرۇپ بىزنىڭ يادىكار بىلەن يىتىلىشىپ يۈرۈپتىكەنسىزغۇ؟-دېدى موماي مېنى مازاق قىلغاندەك قاراپ.

مەن ئەنە شۇ چاغدىلا دادامنىڭ نېمىشقا ماڭا يادىكار بىلەن بولغان ئىشمنى ئۇققنىدا ئاچچىقلاپ ئۆيگە سولاپ قويغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم، شۇ تاپتا يۈزۈم كۈيۈشۈپ ئاسمانغا چىقاي دېسەم يىراق يەرگە كىرىۋالاي دېسەم قاتتىق كىلىۋاتاتتى.

-ئەگەر قوشۇلمايدىغان بولسىڭىز، دادىڭىزنىڭ سىرتتىن تاپقان قىزى چولپاننىڭ ئىشنى ئاپىڭىزغا ئاشكارلىۋىتىمەن.

مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشنەلمەي مومايغا قارىدىم، ئۇلار شۇ قەدەر رەھىمسىز ئىدىكى ئۆز نەۋرىسىگە گەپ يىگۈزەلمەي مېنىڭ ئاجىزلىقىمدىن پايدىلىنىپ بىزنى ئايرىۋەتمەكچى بولىۋاتاتتى.

-قايتىپ كېتىپ ياخشى ئويلىنىپ جاۋاب بىرىڭ، ئەر كىشى دېگەن تېپىلىدۇ، بىراق مۇشۇ سەۋەبلىك ئاپىڭىزغا بىر ئىش بولۇپ قالسا، سىزمۇ بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابى تارتىسىز. مەنمۇ سىزنى يادىكاردىن ئايرىلىپ كەت دېمىدىمغۇ، ئىلگىرى ئۆزىڭىزمۇ دېگەن، يادىكارغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىمەن، ھېچقانداق نام مەنپەئەت يادىكاردەك مۇھىم ئەمەس دەپ، بۇ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى، يادىكار ئىگىلىكىمىزگە ۋارىسلىق قىلىشى كىرەك، بۇ ھەر ئىككىمىز ئۈچۈن ياخشى.

- موما بۇ گەپلرىڭنىڭ بەك ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلمىدىڭمۇ؟

يادىكارنىڭ مۇزدەك ئاۋازى يېنىمىزدىلا ياڭرىدى، ئۇ قاچانلاردا بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگەندۇ؟ قانداق تېپىپ كەلگەندۇ؟

يادىكار يېنىمغا كىلىپ قۇلۇمنى تۇتتى.

-موما، قانداق گەپ بولسا ماڭا دېسەڭلا بولمىدىمۇ؟ ئۇنى تەڭلىك قىلىپ نېمە قىلىسەن؟

-قارا بۇ سولتەكنى، موماڭغىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلامسەن؟ سەن جاھىللىق قىلىپ تۇرۋالمىغان بولساڭ بوۋاڭ ئىككىمىز ئۇنى ئىزدەپ يۈرەمتۇق؟

-موما، بوۋام تېلېفۇننى ئالغىلى ئۇنمىدى، شۇڭا سەن بوۋامغا دەپ قويغىن، مېنىڭ سەۋرىم چەكلىك، مۇنىرەنى ئۇچۇق ئاشكارە خوتۇن قىلىپ ئالىمەن، ھەرگىزمۇ بۇلۇڭ پۇشقاقلاردا ئوغۇرلۇقچە كۆرۈشۈپ جېنىمنى قىينايدىغان ئىشنى قىلمايمەن، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن موما، ئەمدى چولپاننىڭ ئىشنى قېيناپامغا ئېيتىدىغان نىيىتىڭدىن يان، مەن سېنى بۇ مەقسىتىڭگە يەتكۈزمەيمەن.

-سەن سولتەك، بۇرنۇڭغا يىمىگۈچە ئادەم بولمايدىغان ئوخشمامسەن؟

-موما ئۇنتۇپ قالما، بەش يىل ئاۋال، مەن سىلەرنىڭ قىستىشىڭلار بىلەن ۋاز كىچىپ بولغان، بۇ قېتىم ھەرگىز ئۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلمايمەن، گىپىم يەنىلا شۇ مېنى قىستاۋەرمەڭلار، ئاقىۋىتىنى سىلەر كۈتۈرەلمەيسىلەر، ساراڭلىقىم تۇتىدىغان بولسا، مەن ھەرقانداق ئاقىۋەتنى ئويلىماي ئەسكىلىكنى قىلىۋىتىشىم مۇمكىن.

-سەن بىزگە تەھدىت سېلىۋاتامسەن؟

-ياق موما، مەن پەقەت ئەسكەرتىپ قويىۋاتىمەن، ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ نېمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنىلىكمىنى، يەنە نېمىلەرگە يۈزلىنىدىغانلىقمنى ئىنىق بىلىمەن. شۇڭا بۇنداق بىسىم قىلىدىغان ئىشنى ئامال بار قىلمىغىنىڭلار ياخشى، موما سەنمۇ ئائىلىمىزنىڭ ئىگىلىكىنىڭ مېنىڭ قولۇمدا ۋەيران بولۇپ كېتىشىنى خالىمايسەنغۇ ھە؟

115-قىسىم 

ياق موما، مەن پەقەت ئەسكەرتىپ قويىۋاتىمەن، ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ نېمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنىلىكمىنى، يەنە نېمىلەرگە يۈزلىنىدىغانلىقمنى ئىنىق بىلىمەن. شۇڭا بۇنداق بىسىم قىلىدىغان ئىشنى ئامال بار قىلمىغىنىڭلار ياخشى، موما سەنمۇ ئائىلىمىزنىڭ ئىگىلىكىنىڭ مېنىڭ قولۇمدا ۋەيران بولۇپ كېتىشىنى خالىمايسەنغۇ ھە؟

يادىكار مېنى مومىسىنىڭ ئالدىدىن يىتىلىگەن پېتى چىقىپ كەتتى.

-بۇنىڭدىن كېيىن بۇۋام مومام تېلېفۇن قىلىپ قالسا ئالماڭ، ئۇلارغا تەڭ كىلەلمەيسىز، ئۇلار دېگەن گەپكىمۇ ھەرگىز ئىشەنمەڭ، بولمىسا ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كېتىسىز.

-بىراق ئۇلار ئاپامغا چولپاننىڭ ئىشنى دەپ قويامدىكىن دەپ بەكلا ئەنىسرەۋاتىمەن.

-ئۇنداق قىلمايدۇ، ئەگەر ئېيتىدىغان ئىشى بولسا بۇرۇنلا ئېيتقان بولاتتى، ھەرگىز ھازىرغا كەلگەندە سىزگە تەھدىت سالمايتتى.

-سىز شىركەتكە كەتمىگەنمىدىڭىز؟ قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كىلىپ قالدىڭىز؟

-ئوناق خوتۇنۇم ماڭا قوۋەت شورپىسى قىلىپ بىرىمەن دېگەن تۇرسا، شۇڭا قايتىپ كەلمىسەم قانداق چىدايمەن؟ قايتىپ كەلسەم سىز يوق، قېينئاپامدىن سورىسام، سىزنى تېلېفۇن كەلگەن ئېلىپلا ئالدىراپ چىقىپ كەتتى دېدى، شۇڭا ئىزدەپ كەلدىم.

-چولپاننىڭ ئىشى ھەرۋاقىت بېشىمغا بالا بولامدىكى دەپ ئەنسىرەپلا يۈرىۋاتىمەن، بۇ ئىشنى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلسام بولار؟

يادىكار ماڭا تەسەللى قىلىپ كۆڭلۈمنى تىندۇردى.

مەن بىر قانچە دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنگەن بولساممۇ بىراق نەتىجە ئوخشاش چىقتى، ئاپام كۆڭلۈمگە تەسەللى بىرىپ تۇرسىمۇ، نېمىشقىكىن كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم ئىدى، مەن لىتىپ دېگەن خۇمسى بىلەن بەش يىل بالىنىڭ دەردىنى تارتىقىنىم ئۈچۈن، ئەمدى يادىكار بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئاجىزلىقىمنىڭ بېشىمنى تۈۋەن قىلىپ قويىشىنى خالىمايتتىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە يادىكارنىڭ ئائىلىسىگە نىسپەتەن مەن توغمايدىغان بوپ قالسام ئۇلارغا ئۇۋال بولاتتى، يادىكارنىڭ ئاكىسى تۈگەپ كەتكەن، ھازىر شۇنچە چوڭ جەمەتتە، بوۋاينىڭ بىردىنبىر نەۋرىسى پەقەت يادىكار ئىدى، مەن بۇ ئىشقا قانداق يۈزلىنىشنى بىلەلمەي قالدىم. مەن يادىكارنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىگە ئىشەنمىگىنىم ئەمەس، بالىلىق بولۇش مەسلىسى راستىنلا ئاددى مەسىلە ئەمەس ئىدى.

مەن بۈگۈن شىركەتكە يادىكارنى ئىزدەپ بېرىپ، زالدا سانىيە بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىم.

-بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭىز؟-دېدىم مەن ئاچچىقىم بىلەن.

-ئەلۋەتتە يادىكارنى ئىزدەپ كېلىمەندە، مەن ئۇنىڭغا يىللاردىن بىرى ئۇنتۇيالماي كەلگەن ئاشىقىنىڭ ئۇچىرىنى يەتكۈزۈپ قوياي دەپ كەلگەن.

-ھېھ، ساختىپەز، مېنى يالغان گەپلەرگە ئىشەندۈرىمەن دەپ قالماڭ.

-سىز ئىشەنمىسىڭىز كارايىتى چاغلىق، يادىكار ئىشەنسىلا بولدى، بەك كۆرەڭلەپ كەتمەڭ«موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە»دەپتىكەن، نەچە كۈنگە قالمايلا يېلى چىققان توپتەك بولۇپ قالمىغىنىڭىزنى كۆرەي، ئۆزىڭىزچە يادىكار بىلەن ئەر -خوتون بولۇپ ئۆتىمەن دەپ قاپسىزدە، نامىڭىز شۇنداق سەت، يەنە كېلىپ توغالمايدىغان بىر قىچىرنىڭ يوغىناپ كەتكىننى كۆرەيمۇ؟

سانىيەنى دەيدىغاننى دەۋىلىپلا ماڭا گەپ قىلغۇدەك پۇرسەت بەرمەي تولغاپ دەسسەپ چىقىپ كەتتى. مەن بولسام ئاچچىق يۇتقان پېتى ئۇدۇل يادىكارنىڭ يېنىغا چىقتىم.

-مېنى يوقلاپ كەلدىڭىزمۇ؟-دېدى يادىكار مېنى كۆرۈپ كۈلۈپ.

-سانىيە نېمىگە كەپتۇ؟-دېدىم مەن دوقۇلداپ.

-ماڭا دەيدىغان ئازراق ئىش بار ئىكەن شۇڭا كەپتۇ، نەدىكى ئاقماس گەپلەرنى كۈتۈرۈپ كەپتۇ، كارىڭىز بولمىسۇن، نېمە بولدى ئاچچىقىڭىز كەپ قاپتىغۇ قوزام؟

-ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسىڭىز كۆڭلۈم بىئارام بولىدىكەن شۇ.

-بۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈشمەي.

يادىكار مېنى تىزىغا ئولتۇرغۇزۇۋېلىپ سۆيدى، مەن ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ:

-سىزگە دەيدىغان بىر گەپ بار ئىدى.

-ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇشقا ئۇستا جۇمۇ سىز، دەڭە.

-دوختۇرخانىغا بارغانىدىم...

-نەرىڭىز ئاغرىيدۇ؟

-ھېچ يېرىم ئاغىرىمايدۇ.

-ئەمىسە نېمىشقا دوختۇرخانىغا باردىڭىز؟

-مەن شۇ توغالامدىم يوق دەپ تەكشۈرتكىلى بارغان.

-بالىلىق بولغىڭىز كەپ قالدىمۇ؟-ئۇ يۈزۈمنى چىمدىپ،-ئاندىن قانداق بولدى؟

-دوختۇر مېنى ھامىلدار بولۇش نىسپىتىڭىز تۈۋەن دەيدۇ.

-قايسى دوختۇرخانىدا تەكشۈرتتىڭىز؟

-ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش بىلەن ھەربىي دوختۇرخانىدا.

-شۇنداقمۇ؟ ئۇلار دەپ قويۇپتۇ، سىزدە مەسىلە يوق، چۇقۇم ھامىلدار بولالايسىز.

-بىراق دوختۇر ئىنىق شۇنداق دېگەن تۇرسا، يەنە كىلىپ بىز سانسىز قېتىم بىللە بولغان تۇرۇپمۇ، ئازراق شەپىسىمۇ بولمىسا...

-مۇنىرە، سىز راست بىلمەمسىز ياكى بىلمەسكە سېلىۋاتامسىز؟

-نېمىنى؟

يادىكار كۈلۈپ كېتىپ قولىقمغا ئاستا پىچىرلىدى.

-مەن نېمىشقا بىلمىدىم؟

-بولدى ئەمدى بۇ مەسىلىنى دېيىشمەيلى،  راستىنلا ماڭا توغۇپ بەرگىڭىز بولسا، بۈگۈن كەچتە ئۆيگە كەتمەي، ياتاق ئېچىپ بالا تاپايلى قانداق؟

-نېمىشقا ياتاق ئاچىمىز؟

-ئۆيدە بولۇپ قالساق، ئاپام ئاڭلاپ قالىدۇ، سىزمۇ مەنمۇ خىجىل بولۇپ قالىمىز.

-مەن ئاۋازىمنى چىقارمىساملا بولمىدىمۇ؟

-بولمايدۇ، چىقىرىسىڭىز پەيزى بولمامدۇ؟ مەن سىزنىڭ تاتلىق چىقىراشلىرىڭىزغا ئامراق.

-داپ، قېلىن داپ...

كەچتە ئىككىمىز ھويلىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ئاپام يادىكارنى چاقىرىپ ئەكىرىپ كېتىپ ئۇزاققا قالماي يادىكارنىڭ تېلېفۇنى سايرىدى.

-تېشلىقمۇ؟

-....

قارشى تەرەپ گەپ قىلماي بىردەم تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن قويىۋەتتى.

بىردەمدىن كېيىن مەن ئۆيگە كىرىپ، يادىكارغا تېلېفۇننى ئۇزاتتىم.

-ھازىر بىرى تېلېفۇن قىپتىكەن، مەن ئالسام گەپ قىلماي قويىۋەتتى.

-خاتا ئۇرغان بولسا قويىۋەتكەندۇ؟-دېدى يادىكار ئىرەنشىمەي.

ھېلىقى نۇمۇردىن قايتىلاپ تېلفۇن كەلگەنىدى، يادىكار ئېلىپ ئىنگىلىزچە بىر قانچە ئېغىز پاراڭلىشىپ، چىرايى بىرىدىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى.

-نېمە ئىش بولدى؟

-ھە..ھېچ ئىش يوق ئەنسىرىمەڭ.

بىردەمدىن كېيىن يادىكار ئۆزىنىڭ تاھىر بىلەن كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويغانلىقىنى، كەچتە مېنى ساقلىماسلىقنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.

ئەتىسى شەكىلە ماڭا تېلېفۇن قىلىپ دوختۇرخانىغا بېرىشىپ بىرىشىمنى، يىقىندىن بىرى نېمىلا يىسە يېنىپ، ئاشقازىننىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفۇن قىلىپ قالدى.

بىز دوختۇرغا ئەھۋالنى دېگەندىن كېيىن، دوختۇر شەكىلەگە دورا يېزىپ بەردى.

دورا ئالايلى دەپ ماڭساق، يارى ھاىسراپ ھۆمىدەپ كەپتۇ.

-سىلەرنى ھەجەپ تەستە تاپتىم.

-خوتۇنۇڭنى يەپ كىتەرمىكى دەپ ئەنسىرەپ كەلگەن ئوخشىمامسەن؟

-ئۇنداق ئەمەس، بىردەم جىم تۇرە سەن، خوتۇن بىز ئاياللار بۈلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتەيلى.

-نېمىشقا؟

-سىز بەلكىم ئاشقازان كىسىلى بولماسلىقىڭىز مۇمكىن.

-دوختۇر مېنى ئاشقازان كىسىلى بولۇپ قاپسىز دېدى، سىز دوختۇرمۇ ياكى ئىچىدىكى دوختۇرمۇ؟

-دوختۇر سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى بىلمەيدۇ، بەلكىم قورسىقىڭىزدا بالىمىز بار بولىشى مۇمكىن، ئۇنداق قىلماي مەن بىلەن بىللە ئاياللار بۈلۈمىگە بېرىڭ بولامدۇ خوتۇن؟

-مۇمكىن ئەمەس.

-نېمىشقا مۇمكىن بولمايدىكەن؟ سىزنىڭ ھېلىقى نېمە بۇئايدا كەلمىدىغۇ.

-كىچىكىپ قالدى شۇ، كېلىدۇ، مەن ھامىلدار ئەمەس.

شەكىلەنىڭ بۇنداق دېيىشىدە ئۇ يارىغا ئۇقتۇرماي ئىزچىل ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يەۋاتقان بولغاچقا، شۇڭا ئۆزىنى ھامىلدار ئەمەس دېيەلەيتتى.

-مەن سىزنىڭ دورىڭىزنى ۋىتامىنغا ئالماشتۇرۋەتكەن، شۇڭا تەكشۈرتۈپ باقايلى.

-نېمە؟خەپ بۇ ئەبلەخنى...

-خوتۇن، ئوبدان خوتۇن ئاچچىقلانماڭ، گەپ بولسا چىرايلىق دېيىشەيلى، ئەگەر ھامىلدار بولغان بولسىڭىز خوشاللىق ئىش ئەمەسمۇ، جۈرىڭە.

-سىز كالۋا ماڭا زىيانكەشلىك قىپسىز.

-قانداق زىيانكەشلىك قىلدىم؟ بىز دېگەن ئەر خوتۇن، بالىلىق بولۇش دېگەن نۇرمال ھادىسە، قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، تىز بولىڭە تەكشۈرتۈپ چىقايلى.

-تەكشۈرتمەيمەن.

-مۇنىرە، دوستۇڭغا گەپ قىلە.

-شەكىلە، ئاۋال تەكشۈرتەيلى، بۇ سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس قارا، يارىنىڭ گىپىنى ئاڭلا ھە ئۇمىقىم.

يارى ئىككىمىز ئاران دېگەندە شەكىلەنى قايىل قىلىپ ئاياللار بۈلۈمىگە كىلىپ بىچاۋ تەكشۈرتتۇق، دېگەندەكلا شەكىلە ھامىلدار بىر ئايدىن ئاشقان ئىدى. يارى خوشاللىقىدا كىچىك بالىدەك سەكرەپ كەتتى، ئاندىن دەرھال تېلېفۇننى قولىغا ئېلىپ دادىسىغا ئۇلىدى:

-دادا، سەن بوۋا بولىدىغان بولدۇڭ،-دېدى.

يارى خوشاللىقىدا قاقاھلاپ كۈلۈپ ئۆزىنى باسالماي تۇرغاندا، شەكىلە بىر تەرەپتە تۇرۇپ ئۇنى تىللاۋاتاتتى.

-قېلىن داپ، ھىلىگەر، ساختىپەز....

-خوتۇن مەن شۇنداق قىلمىسام قاچان دادا بولالايمەن؟

-يەنە دېگىننى، سىزنىڭ بىر توپ ئامرىقىڭىز بار ئىدىغۇ، نېمىشقا ئۇلارغا دېمەيسىز؟ شۇلار توغۇپ بەرسە بولمامتى؟

-خوتۇن، يوق گەپنى قىلماڭە، مېنىڭ سىرتتا ھېچكىمىم يوق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنى جىلە قىلىش ئۈچۈن ئويناپ قويغان ئويۇنلىرىم خالاس، خوتۇن جۈرۈڭ ئۆيگە قايتايلى، ھەراست مەن ھازىرلا توغۇت باققۇچى تاپاي، مەخسۇس سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالسۇن.

-مېنى ياشىغىلى قويامسىز يوق؟

مەن يارىنىڭ شەكىلەنى يۈلەپ ئېچىقىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم، شەكىلەمۇ خوشاللىقىدا مېنى ئۇنتۇغان ھالدا قورسىقىنى تۇتۇپ يارى بىلەن چىقىپ كەتتى. مەنمۇ ئېغىر كۈنلەردە ماڭا ھەمدەم بولغان دوستۇم ئۈچۈن خوشال بولدۇم. مەن جايىمدا بىردەم تۇرغاندىن كېيىن، ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ماڭدىم، خىيال بىلەن ماڭغاچقا تۇيۇقسىزلا بىرسىگە سۇقۇلۇپ كەتتىم.

ئۇنىڭغىچە مەن سۇقۇلۇپ كەتكەن قىزنى ئارقىسىدىكى سېمىزرەك ئايال يۈلىۋالدى.؟ ھامىلدارلىقىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر سۇقۇپ يىقىتىۋەتسىڭىز قانداق قىلىسىز؟

-كەچۈرۈڭ.

مەن ئالدىدىمدىكى كۆزەينەك تاقاپ، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان قىزنىڭ قوللىرىغا قاراپ، ئۇنى بەك ئاق بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم

-قىزىم بىرنېمە بولمىغانسىز؟-دېدى ھېلىقى سىمىز ئايال.

-ياق.

مەن تۇنۇش ئاڭلانغان ئاۋازدىن بېشىمنى كۈتۈرۈپ قىزغا تىكىلىپ قارىدىم، بىراق قىز ھۇدۇقۇپ تىزلا كۆزىنى مەندىن قاچۇرۇپ يېنىدىكى ئايالغا:

-ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى بىز ماڭايلى،-دېگىنىچە تىز تىز مېڭىپ كەتتى.

مەن ئۇ قىزنىڭ ئارقىسدىن قاراپ ئاۋازى تۇنۇشلا بىلىنگەن بۇ قىزنى ھەرقانچە ئويلاپمۇ كىملىكىنى يادىمغا ئالالمىدىم، مەن بۇنداق بىرىنى تۇنۇمايتتىم، بىراق ئۇنىڭ ئاۋازى بەكلا تۇنۇشلۇق ئىدى. مەن زادى نەدە ئاڭلىغان بولغىيتتىم بۇ ئاۋازنى؟

-مۇنىرە، بۇ يەردە يۈرىيسەنغۇ، ئاغرىپ قالمىغانسەن؟

-ياقەي، شەكىلە ھامىلدار بوپتۇ، شۇڭا كەلگەن.

-شۇنداقمۇ؟ يارى دېگەن گۇي خوشال بولۇپ كەتكەندۇ؟

-ئۇنى بىر دېمە.

نىجات مېنى ئۇنىمىغىنىمغا قويماي بىللە تاماق يەيلى دەپ بىر يەرگە باشلىدى.

-مۇنىرە، يادىكار بىلەن قاچان توي قىلايلى دەۋاتىسىلەر؟

-بىلمەيمەن.

-بىلمەيمەن دېگەن قانداق گەپ؟ ئۇ توي قىلايلى دېمەيۋاتامدۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟

-يادىكارنىڭ نوپۇس دەپتىرى چوڭلارنىڭ يېنىدا بولغاچقا بەرمەيۋاتىدۇ.

-ئەمدى قانداق قىلىسىلەر؟

-بىلمىدىم، قاراپ باقارمىز، مەن يادىكارغا لايىق ئەمەس، توي قىلىپ ئاجراشقىنىمغۇ مەيلى، ئۈستىلەپ بالا توغالمايدىغان تۇرسام، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام پۇشايمان قىلامدىكىن دەپ قورقۇپ قالدىم.

-ئۆزۈڭنى بۇنداق تۈۋەن كۆرمە، سېنىڭ ھېچ يىرىڭ يادىكاردىن كەم ئەمەس، يادىكار توي قىلمىغىنى بىلەن ئۇنداق بوش ئەمەس، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ باھار بىلەن بولغان ئىشمۇ جاھانغا بىر بولۇپ كەتكەن.

مەن بۇگەپنى ئاڭلاپ نىجاتقا قاراپلا قالدىم، مەن ئىزچىل يادىكار بىلەن باھارنىڭ مۇناسىۋىتىنى سانىيە ئويدۇرۇپ چىقارغان دەپلا ئويلاپ كەپتىكەنمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى قېتىم باھار دوختۇرخانىدا ماڭا ئۇنداق گەپلەرنى قىلدى ئەمەسمۇ، ئەمدى بولغاندا نىجات ئۇلارنى بۇنداق دەۋاتىدۇ، بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ مېنىڭ ئۆتمۈشىمنى يادىكار ئىنىق بىلىدۇ، بىراق مەن ئۇنىڭ ئۆتمۈشى توغۇرلۇق ھېچنىمە بىلمەيدىكەنمەن.

-ئۇلارنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار ئىدى؟

-ھە... بۇ ئۈتۈپ كەتكەن ئىشلار، ئۇ ھازىر سەن بىلەن بىللە بولۇشنى قارار قىلغان ئىكەن، بۇ ئىشلارنى كولاپ يۈرگەننىڭ ئەھمىيىتى يوق.

-نىجات مەن بۇ ئىشقا بەكلا قىزىقىپ قالدىم، ماڭا دەپ بەرسەڭ بولامدۇ؟

-ئەمىليەتتىغۇ يوشۇرغىدەك ئىش ئەمەس، مېنىڭ بىلىشمچە يادىاكر بىلەن باھار ئىلگىرى ئارلاشقان، كېيىن يادىكارنىڭ بوۋا مومىسى قوشۇلمىغان بولغاچقا، سەل داغدۇغا قوزغاپ قويغان، ئاخىرىدا ئىككەيلەن يەنىلا ئايرىلىپ كەتكەن.

-مۇشۇنچىلىكمۇ؟

-ئەمىسىچۇ؟ يەنە قانداق بولسا بولاتتى؟-نىجات كۈلۈپ تۇرىۋالدى.

مەن بۇ ئىشنىڭ بۇنداق ئاددى ئەمەسلىكنى قىياس قىلدىم، نىجات دېمىگەن ئىكەن مەن قانداق قىلساممۇ دەپ بەرمەسلىكى ئىنىق.

تاماقتىن كېيىن مەن شىركەتكە كەلدىم، يادىكار يىغىندا ئىكەن، مەن ئۇنى ساقلىغاچ ئويۇن ئويناشقا چۈشتۈم، يادىكار تېلفۇننى قويۇپ چىقىپ كەتكەنىدى، بىر چاغدا ئۇنىڭ تېلېفۇنى سايراۋەردى، مەن دەسلەپ ئىرەن قىلمىغان بولساممۇ، بىراق كەينى كەينىدىن سايرىغاچقا، بېرىپ قارىدىم، تېلېفۇن قىلغىنى تاھىر ئىدى. مەن تېلېفۇننى ئېلىپ يادىكارنىڭ يىغىندا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويىۋەتكەندىن كېيىن تېلېفۇننى ئۈستەلگە قويىشىمغا تېلېفۇن ياندىكى شۇبىياۋغا تىگىپ كېتىپ ئىكىران يۇرىدى، ئىكراندا ئارقا تەرىپى ئىنتايىن تۇتۇق بولغان، ئەمما يان تەرەپتىن تارتىلغان ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىزنىڭ سۈرىتى پاقىراپ تۇراتتى. مەن دەرھال يىقىن كىلىپ قايتىدىن قارىدىم، بۇ باھاردەك قىلامدۇ نېمە؟ بىراق يادىكار نېمىشقا كومپىيوتېرنىڭ ئىكىرانىغا باھارنىڭ سۈرىتىنى قويۇپ قويىدۇ؟

مەن رەسىمگە ئۇزاقتىن ئوزاق قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىم، بۇ رەسىم ئىلگىرى بىز ساياھەت قىلىپ، كۆڭۈللۈك ئويناپ كەلگەن خاڭجۇدىكى ھېلىقى يەر شۇ ئىدى، مۇشۇ ئارىدا ئۇنىڭغا دائىم شۇ يەردىن تېلېفۇن كىلىدىغان، ئاندىن چىرايى ئۆزگىرىپ، نەچچە كۈنگىچە باشقىچە بولۇپ قالىدىغان بولۇپ قالغانلىقىمۇ راست ئىدى. مەن ئىچىم سىقىلغان ھالدا ئىشخانىدىن چىقىپ يىغىن زالىنىڭ ئالدىغا كەلدىم، قارىسام يادىكار تېخىچە يىغىن ئېچىۋىتىپتۇ، شۇڭا ئۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمايلا كەينىمگە ياندىم.

-ئوھوي، خاتىرجەم بولالماي، شىركەتكىچە قوغلىشىپ كەپسەندە.

مەن ئارقامغا قاراپ ئاپئاق پەلتۇ كىيىۋالغان چولپاننى كۆردۈم.

-ھەي مۇنىرە، سەن مۇشۇنداق چاپلاشقاق ئىكەنسەندە، يادىكارنىڭ سېنى تاشلىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ كەلگەن ئوخشىمامسەن؟ بىر يىرىڭ قىمىلداپ بولالماي قاپسەندە، چىك..چىك..چىك.. قارىغىنە چىرايىڭغا، سۇلۇپ، ئۇششاق قورۇقلار چۈشۈپ كېتىپتۇ، ئېغىزىڭدىكى گۆشنى خاتىرجەم يىيەلمەسلىكنىڭ بەكلا ئازابلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلمىدىڭمۇ؟ ساڭا شۇنى دەپ قوياي يىغلايدىغان كۈنلىرىڭ ئالدىڭدا تېخى.

چولپان ھازىر شىركەتتە ئاشۇ بەش پىرسەنىت پېيىغا تاينىپ ئەڭ تۈۋەن قاتلامدا ئىشلەۋاتاتتى، دادىسىمۇ مالىيە بۈلۈمىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ئاللىقاچان شىركەتتىن ھەيدەلگەن، يادىكار ئۇنىڭغا تىنغۇدەك ئارام بەرمىگەنىدى، ئەگەر ئاشۇ پاي بولمىغان بولسا، ئۇ شىركەتنىڭ ئىشىكىدىنمۇ كىرەلمەيتتى.

-چولپان، ئەجىبا «ئادەم ئېغىزىدىن كېتىدۇ»دېگەن گەپنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟

-يەنە نېمە قىلالايسەن؟ مېنى شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ بولدۇڭ يەتمىدىمۇ؟

-يەتمىدى قانداق؟ ئەڭ ياخشىسى چىشىمغا تەگمەي، كۆزۈمدىن نېرى تۇر، بولمىسا، ئۆيۈڭگە كەت، يوقال

Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章