كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تالاش تارتىشىنى زەپەرنىڭ ئۆز دادىسى ئاڭلاپ قالدى. ۋە ئىچىگە جىن كىردى. شۇنچە يىل ئۆزىنىڭ مېھرىگە تەشنا بولۇپ ياشىغان بۇ ئوغلىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئىستىكى ئۇنى ھېچ ئارامىدا قويمايۋاتاتتى.
ئۇ پۇرسەت تېپىپ نادىرەنىڭ ئاپىسىدىن بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدى. ۋە ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن بىر پىلان تۈزۈپ بۇ پىلانىنى نادىرەنىڭ ئاپىسىغا ئېيتتى.
بۇ ئالا نىيەت خوتۇنمۇ بۇرۇنقى كۈيوغلىنىڭ بۇ پىلانىغا قوشۇلدى ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نادىرە كۆزگە ئىلماي يۈرگىنى بىلەن نادىرەنىڭ ئاپىسى نادىرەنىڭ ئۆيىدىكى ئىشلارغا ئوبدانلا كۆز قۇلاق بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىدى. بۇنىڭ ئۇلارنىڭ شەمسىيەنى ئاسانلا تۇتۇۋېلىشىغا ئوبدانلا پايدىسى بولدى.
نادىرە قوشۇلماي تۇرۇۋالغاچقا ئۇلار شەمسىيەنى يوشۇرۇنچە تۇتۇپ كېلىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشتەك بۇ پىلاننى ئويلاپ چىققان ئىدى. ئۇلار دولقۇننىڭ شەمسىيەنى ئۆز قىزىم ئەمەس دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغاچقا، نادىرەنى قايىل قىلغان ھالەتتىمۇ دولقۇن بىلسە يەنە تەس بولىدىغانلىقىنى، قىزىنىڭ بۆرىكىنى نادىرەنىڭ ئىلگىرىكى ئېرىدىن بولغان، دولقۇندىن يوشۇرۇپ بېقىۋاتقان ئوغلىغا بېرىشىگە قەتىي قوشۇلماي تۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇشقان ئىدى.
ئاخىرى شەمسىيەنىمۇ تۇتۇپ كېلىشتى. ئۇلار دولقۇننىڭ ئالدىراپ ساقچىغا مەلۇم قىلالمايدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى. شۇڭا ئۇلارغا ۋاقىت ھەر ھالدا يېتەرلىك ئىدى. ئەسلى تەكشۈرتۈپ بېقىپ شەمسىيەنىڭ بۆرىكىمۇ ماس كەلمەي قالسا ئۇنى يەنە جايىغا ئاپىرىپ قويۇشنى ئويلاشقان ئىدى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن شەمسىيەنىڭ بۆرىكىنىڭ زەپەرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چېقىلدى .
ئەمدى بۇ ھەقىقەت ئالدىدا نادىرەمۇ تەۋرىنىپ قالغانىدى. ئوغلىنى مىنۇت سېكۇنتلاپ ئۆلۈم ئېغىزىغا ئۇزۇتۇپ قويۇۋاتقاندەك بىر تۇيغۇدا بولۇپ قالغان نادىرە ئاپىسى بۇ گەپنى ئېيتقاندا ئاپىسىغا ئاچچىقلىنىشنىمۇ زەپەرنىڭ دادىسى بىلەن ئۇرۇشۇشنىمۇ ئۇنتۇپ ئۆچەي دەپ قالغان ئۈمىد شامىنىڭ پىلىكى ئۇزىراپ قالغاندەك بىر تۇيغۇدا ئېسەنگىرەپ ئولتۇرۇپ قالدى.
قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ئەس ھوشىنى بىلمەي تۇرغان بۇ پەيتتە ئاپىسىنىڭ توختىماي خىزمەت ئىشلىشى بىلەن، ئۇ ئاخىرى ئاپىسىنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇشنى ئويلاپ قالدى. گەرچە بۇ شەمسىيەگە ئادالەتسىزلىك بولسىمۇ، كىچىككىنە شەمسىيە ئاغرىق ئازابىدا قىينالسىمۇ، يەنە بۇنىڭ ئۇنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا ئاز تولا تەسىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئارقىلىق زەپەر ھايات قالالىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ ئىككىلا بالىسى كۆز ئالدىدا ھايات تۇرالايتتى. شەمسىيەنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىنى نادىرە ئۆزى ئورۇنلاشتۇراتتى، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا كەلگەن قولايسىزلىقلارنى ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاسانلاشتۇراتتى. مۇشۇلارنى ئويلاپ كۆڭلى سەل ئەمىن تاپقان نادىرە ئاخىرى ئاپىسىغا ماقۇل بولدى.
ئۇ دولقۇن بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشىۋاتقاندا ئاپىسىدىن كەلگەن تېلېفون دەل مۇشۇ ئىش توغرىسىدا ئىدى.. شۇڭا ئۇ ھاپىلا-شاپىلا دولقۇننىڭ بۇ ئىشنى ساقچىغا مەلۇم قىلىشىنى توسۇپ قالدى. ئۇ دولقۇننىڭ ئارتۇق گۇمانىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن شەمسىيەنى باشقىلار پۇل ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىۋاپتۇ دېگەن ھېكايىنى توقۇپ چىققان ئىدى. نادىرە ئەسلى دولقۇننى سىزغان سىزىقىمدىن چىقمايدۇ دەپ ئويلايتتى، ئەمما دولقۇننىڭ ئۆزىنى كوملاش ئۈچۈن ھەممىگە چىداۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭغا يول قويۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى.
ئىشلار مۇقىملاشقاندىن كېيىن نادىرە بۇرۇنلا بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەن قىزى شەمسىيە بىلەن كۆرۈشتى بېشىغا كېلىۋاتقان ئىشلاردىن ھەيران بولۇپ قورقۇپ ئاران قالغان شەمسىيە ئاپىسىنى كۆرۈپلا قار-يامغۇر يىغلاپ كەتتى.
-ئاپا! ھۈ… ھۈ… ھۈ… ئاپا! مەن بەك قورقۇپ كەتتىم ئاپا. مېنى باشقىلار تۇتۇۋېلىپ بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى، سىز بۇ يەردە نېمە قىلىسىز ئاپا؟ ئۇلار سىزنىمۇ تۇتۇۋالدىمۇ؟ بىز ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ دادام بىزنى قۇتقۇزغىلى كېلەمدۇ؟ … -شەمسىيەنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ سورىغان بۇ سوئاللىرى نادىرەنىڭ يۈرەك باغرىنى ئۆرتىۋەتتى.
-قورقماڭ! قورقماڭ! جېنىم قىزىم… ئەمدى سىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ. يېنىڭىزدا مەن بار. ئۇلار سىزنى تۇتۇپ كەلمىدى گېپىمنى ئاڭلاڭ قىزىم. سىزنى بەك كۆرگۈم كېلىپ كېتىپ بۇ يەرگە ئۆزۈم ئەكەلدۈردۈم.
-يالغان، سىز مېنى ئالداۋاتىسىز. مېنى تۇتۇپ كەلگەنلەر ماڭا يىڭنە سانجىدى. غەلىتە نەرسىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ مېنى رەسىمگە تارتتى. مېنى سولاپ قويغان ئۇ يەر بەك غەلىتە پۇرايدىكەن. ئۇلار بەك ئەسكى ئادەملەر ئىكەن ئاپا! سىزمۇ شۇنداق قورقۇپ كەتتىڭىزمۇ؟ ھۈ… ھۈ… ھۈ… ياكى ئۇلار دادامنىمۇ تۇتۇپ كەلگەنمىدۇ؟ ئۇنداق بولمىغان بولسا دادام بىزنى قۇتقۇزغىلى كېلەتتى.… ئۆيگە كەتكۈم كېلىۋاتىدۇ ئاپا، مېنىڭ بۇ يەردە تۇرغۇم يوق.… ھۈ… ھۈ… ھۈ…
-جېنىم قىزىم… ھۈ… ھۈ… ھۈ… ئاپىڭىزنى كەچۈرۈڭ قىزىم، مېنى كەچۈرۈڭ سىزنى قورقۇتۇپ قويدۇم. ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ قىزىم تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەن يېنىڭىزدا… ئەمدى سىزدىن ئايرىلمايمەن. قورقماڭ بولامدۇ؟ بىز بىللە تۈرىمىز …
ئانا بالا ئىككىسى خېلى ئۇزۇن يىغلاشقاندىن كېيىن شەمسىيە ھەر ھالدا ئاپىسىنىڭ يېنىدا ئۆزىگە خەتەر يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
بۇ ئىككىسى كۆرۈشكەن يەر زەپەر ياتقان دوختۇرخانىنىڭ يېنىدىكى نادىرە ئىجارە ئالغان ئۆي ئىدى.
ناتونۇش بىر ئادەملەر شەمسىيەنى بۇ يەرگە ئەكېلىپ نادىرەنىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندىن كېيىن كېتىپ قېلىشقان ئىدى.
نادىرە ئەمدى قىزىغا خىزمەت ئىشلەش باسقۇچىغا ئۆتتى.
ئۇ ئاۋۋال قىزىغا قىزى ئامراق تاماقلارنى ئېتىپ بەردى.
ئاندىن شەمسىيەنىڭ خاتىرجەم تاماق يەۋاتقان ھالىتىنى رەسىمگە تارتىپ دولقۇنغا يوللىدى.
ئارقىدىنلا دولقۇنغا :« شەمسىيەدىن ئەنسىرىمەڭ! ئۇ مېنىڭ يېنىمدا ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ . ئۇنى تېچ ئامان قايتۇرۇپ كەلدىم. سىز دوختۇرخانىغا قايتىپ ياخشى داۋالىنىڭ. شەمسىيەنى تۇتۇپ كەتكەنلەر بىلەن كېيىنكى ھېسابنى ئۆزۈم قىلىشىمەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ يەردە يەنە سەل ئۇزاقراق تۇرۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم. سىز دوختۇرخانىدا ۋاقىتتا شەمسىيەنى ئۇ مالاي خوتۇنغا تاپشۇرۇپ مەن خاتىرجەم بولالمايدىكەنمەن، ئۇ يەنىلا مېنىڭ يېنىمدا تۇرسۇن. بۇ يەردىكى ئىشلىرىم تۈگىگەندە ئۇنى ئېلىپ بىراقلا قايتىپ بارىمەن.» دەپ ئۇچۇر يوللىۋەتتى.
دولقۇن بولۇۋاتقان ئىشلارغا ئەقلى يەتمەي شۇ ھامان نادىرەگە تېلېفون قىلدى.
نادىرە تېلېفوننى ئۇزاقتىراق ئالدى. بۇ دولقۇننىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنىدى.
-دولقۇن… -دېدى نادىرە تېلېفوننى ئېلىپلا.-مەيلى ماڭا نېمىلا دېمەكچى بولغان بولۇڭ ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ بولامدۇ. بەزى ئىشلارنى ھازىر بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بولالمايمەن. مەن قايتىپ بارغاندا سىزگە ھەممىنى ئېيتىپ بېرىمەن. ئۇنىڭغىچە مەن دېگەندەك بەك ئەنسىرەپ كەتمەي خاتىرجەم داۋالىنىڭ. تېزراق ساقىيىڭ مەنمۇ شەمسىيەنى ئېلىپ تېزلا قايتىپ بارىمەن، بىز يەنە بىللە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىمىز.
-تېلېفوننى شەمسىيەگە بېرىڭ. مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىمەن.-دېدى دولقۇن شەمسىيەنىڭ يوقاپ كېتىشىدە نادىرە بىرەر ئويۇن ئويناۋاتقان ئوخشايدۇ، ئۇ ھازىرمۇ مېنى ئالداۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ.
ئەمما دولقۇننىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىپ تېلېفوندىن راستتىنلا شەمسىيەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-داد!… -شەمسىيەنىڭ يىغلىغۇسى بار ئىدى، ئەمما نادىرە ئۇنىڭغا تېلېفوننى بېرىشتىن ئاۋۋال تېلېفوننىڭ مىكروفونىنى توسۇۋېلىپ تۇرۇپ شەمسىيەگە:
-دادىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن يىغلىماي كۆرۈشۈڭ بولامدۇ قىزىم، ئۇ سىزدىن ئەنسىرەپ قالمىسۇن، سىز مېنىڭ يېنىمدىغۇ! ناھايىتى بىخەتەر. مېنىڭ بۇ يەردىكى ئىشىم تۈگىشى ھامان، بىز تېزلا بىللە ئۆيگە قايتىپ بېرىپ سىز مەن دادىڭىز ئۈچىمىز يەنە بىللە بەختلىك ياشايمىز. ماقۇلمۇ؟-دەپ شەمسىيەنىڭ تاشايلا دەپ قالغان كۆز ياشلىرىنى توختىتىپ قويغانىدى.
دەرۋەقە شەمسىيە بەكلا باتۇرلۇق قىلدى ئىچىدە يىغا قايناپ تۇرسىمۇ دادىسى بىلەن تولىمۇ خۇشالدەك بىر ھالدا پاراڭلاشتى.
-شەمسىيە… شەمسىيە… سىز قەيەردە؟!-دولقۇننىڭ بۇنداق سورىشى ئۇنىڭ شەمسىيەدىن ئەنسىرىگىنىدىن ئەمەس بەلكى نادىرەنىڭ زادى نېمە ئويۇن ئويناۋاتقىنىغا بولغان قىزىقىش تۈپەيلىدىن ئىدى.
-مەن… ئاپامنىڭ يېنىدا دادا مەندىن ئەنسىرىمەڭ.
-ھە… ھې… ھېلىقى… ئەمىسە ئاپىڭىز قەيەردە؟
-بىز… بىر ئۆيدە.
-ھە… مەن بۇ يەردىكى ئىشلارنى تۈگەتكىچە تۇرىدىغانغا ۋاقىتلىق ئۆي ئىجارىگە ئالغان شەمسىيە ئىككىمىز شۇ ئۆيدە… - نادىرە دولقۇننىڭ شەمسىيەنى ئېزىقتۇرۇپ سوئال سوراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ بۇنىڭغا ئۆزىلا جاۋاب بېرىۋەتتى.
-مەن شەمسىيە بىلەن پاراڭلىشىمەن مېنى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقىلى قويۇڭ!-، دولقۇن بۇ قېتىم چىڭراق تەلەپپۇزدا شۇنداق دېدى.
نادىرە ئارتۇق گەپ قىلالمىدى.
-شەمسىيە… شەمسىيە…
-ھە، مەن بار دادا!
-قىزىم سىزنى ئاپىڭىزنىڭ يېنىغا كىم ئېپ باردى؟
شەمسىيە بۇ سوئالغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي نادىرەگە قارىدى.
نادىرە شۇ ھامان شەمسىيەنىڭ قولىدىن تېلېفوننى ئېلىپ دولقۇنغا قاتتىق تەگدى.
-دولقۇن نېمانداق قىلىسىز؟ نېمىشقا شەمسىيەدىن بۇنداق سورايسىز! ئۇ بەك قورقۇپ كېتىپتۇ. ئاران بىر بەزلەپ توختىتىپ، ھازىر تېخى تاماق يېگۈزىۋاتىمەن. ئاۋۋال ئۇنىڭ كۆڭلى سەل جايىغا چۈشىۋالسۇن ماقۇلمۇ؟ مۇھىمى مەن قىزىمنى تىنچ ئامان قايتۇرۇپ كەلدىم، ئۇ ھازىر ناھايىتى بىخەتەر. ئەگەر بەكلا ئەنسىرەپ تۇرالمىسىڭىز، ماڭا پەقەت ئىشەنمىسىڭىز يېنىمىزغا كەلسىڭىزمۇ مەيلى! مېنىڭ بۇ يەردىكى ئىشلىرىم تۈگىگىچە ئۈچىمىز بىللە تۇرۇپ، ئاندىن بىللە قايتىپ كەتسەك بولىدۇ. خوش ئوبدان ئويلىشىپ تېلېفون قىلىڭ!
نادىرە تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.
دولقۇن تۇرۇپلا قالدى. ئۇنىڭ ھازىر بىردىنبىر قىلىدىغان ئىشى تېزراق ساقىيىشلا بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى، نۇرغۇن ئىشلارغا ئۇنىڭ چاقلىق ھارۋىدا ئولتۇرۇپ قالغىنى توسالغۇ بولۇۋاتاتتى.
نادىرە دولقۇننىڭ تېلېفونىنى ئۈزۈۋېتىپ ئەمدىلا شەمسىيەنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇراي دەپ تۇرۇشىغا ئۇنىڭغا يەنە تېلېفون كەلدى.
تېلېفون ئاپىسىدىن كەلگەنىدى.
-ئاپا!
-قانداق بولدى، ھېلى تېلېفون قىلاي دېگەنچە يوقاپ كەتتىڭغۇ؟
-ئاپا، بۇنىڭغا بىر ئاز ۋاقىت كېتىدۇ، مەن شەمسىيەگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشۈم كېرەك.
-ئەمما زەپەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بۇنىڭغا يار بېرەمدۇ؟ ۋاقىتنى بەك سوزىۋەتمە.…
-كىچىككىنە بالىغا نېمە چۈشەندۈرۈش ئىكەن ئۇ، ئۇ تېخى بۇ ئىشلارنى چۈشەنگۈدەك ياشتا ئەمەس، سەن ئۇنىڭ ئاپىسى قارار چىقىرىش ھوقۇقى سەندە؟ بىر قارارغا كەلگەنكەنسەن دەرھال ئىشنى باشلايلى!بولمىسا كىيىن پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ.
-ئۇقتۇم! ئۇقتۇم ئاپا.!- نادىرە تېلېفوننى زەردە بىلەن بېسىۋەتتى.
ئاندىن تېلېفوننى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ بېشىنى ئىككى ئالىقىنى ئارىسىغا ئېلىپ ئولتۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى.
-ئاپا! ئاپا! نېمە ئىش بولدى؟!-ئەمدىلا كۆڭلى ئارامىغا چۈشكەن شەمسىيە يىغلىغىنىچە ئاپىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ شۇنداق دەپ سورىدى.
-ھېچ… ھېچ ئىش جېنىم قىزىم! مېنى كەچۈرۈڭ مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن.- نادىرە قىزىنى باغرىغا بېسىپ يەنە يىغلاشقا باشلىدى.
-ئاپا، سىزگە راستتىنلا بىر ئىش بوپتۇ، نېمە ئىش بولغىنىنى ماڭا دەڭ بولامدۇ؟ بولمىسا مەن بەك قورقۇپ كېتىدىكەنمەن. بىز زادى نېمىشقا بۇ يەردە تۈرىمىز … ئۆيگە كېتەيلىچۇ ئاپا!
-قىزىم كەتسەك بولمايدۇ… ھازىر كەتسەك بولمايدۇ قىزىم.… - نادىرە ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ شەمسىيەگە ھەقىقىي ئەھۋالنى دېيىش قارارىغا كەلدى.-ۋە قىزىنىڭ كۆكرىكىگە قويۇۋالغان بېشىنى كۆتۈرۈپ ياش يۇقى كۆزلىرى بىلەن قىزىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ دېدى.-مەن سىزگە بىر ئىشنى دەي قىزىم… ئەمما مەندىن رەنجىمەڭ بولامدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ئامالسىزلىقتىن مۇشۇنداق بوپ قالدى، مەن ئامالسىز قالدىم… ھۈ… ھۈ… ھۈ…
-نېمە ئىش ئاپا؟-سورىدى شەمسىيە قورقۇمسىراپ.
-مەن… مەن سىزگە سىزنىڭ بىر ئاكىڭىز بار دېسەم سىز خۇش بولامسىز؟
-نېمە… -شەمسىيەنىڭ ھەيرانلىقتىن ئېغىزى كاماردەك ئېچىلىپ قالدى.
-مەن… مەن ئەسلى بۇ گەپلەرنى سىزگە بالدۇرراق دېيىشىم كېرەك ئىدى قىزىم. لېكىن بەزى ئىشلار تۈپەيلىدىن…
-بۇ زادى قانداق گەپ ئاپا! مېنىڭ قانداقسىگە ئاكام بولىدۇ؟
-بار قىزىم سىزنىڭ راستتىنلا بىر ئاكىڭىز بار… ئۇنىمۇ سىزنىمۇ مەن تۇغقان.
-ئىشەنمەيمەن… -شەمسىيە ئاپىسىنى سىلكىۋەتتى.
-قىزىم سىزنىڭ راستتىنلا ئاكىڭىز بار… ئۇ ئىزچىل چوڭ ئاپىڭىز بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ .
-ئۇ… ئۇ ئىزچىل چوڭ ئاپام بىلەن تۇرۇۋاتقان بولسا مەن نېمىشقا ئۇنى بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىدىم!
نادىرەنىڭ بېشى قايغاندەك بولدى ئۇ گەپنى دەپ بۇ يەرگە ئەكەلدى، ئەمما ئاخىرىنى شەمسىيەگە قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەيۋاتاتتى. ئاپىسى توغرا دەپتىكەن ھەقىقەتەن كىچىككىنە شەمسىيەگە ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرىمەن دېيىش بىر ئەخمەقلىق ئىكەن. نادىرە ھەممە گەپنى دېگەن ھالەتتىمۇ شەمسىيەنىڭ بۇنىڭ چۈشىنىشىگە ئەقلى يېتىشى ئۆزى بىر مەسىلە ئىكەن. نادىرە ئاخىرى بايىقى ئويىدىن يالتىيىپ قالدى ۋە شەمسىيەگە ھازىرچە داۋاملىق يالغان سۆزلەپ تۇرۇش قارارىغا كەلدى.
-چۈ… چۈنكى… ئاكىڭىز تۇغۇلۇشىدىنلا كېسەلچان ئىدى. ئۇنىڭغا ئىزچىل چوڭ ئاپىڭىز قاراۋاتىدۇ، ئەمما ئۇ دائىم دېگۈدەك دوختۇرخانىدا تۇرىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى بەكلا ئاجىز بولغاچقا بەك كۆپ ئادەملەر بىلەن كۆرۈشسە بولمايدۇ. مەن ئەسلى ئاكىڭىزنىڭ سالامەتلىكى تولۇق ئەسلىگە كەلگەندە سىلەرنى كۆرۈشتۈرمەكچى ئىدىم. ئۇ چاغدا سىلەر بىللە ئوينايتتىڭلار سىزنى بىرەرسى بوزەك قىلسا ئۇ ئۆچىڭىزنى ئېلىپ بېرەتتى…
قورقۇپ كەتكەن شەمسىيە يىغلاشقا باشلىدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇