چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى 🧡 27-قىسىم

文摘   2025-01-05 00:04   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم
8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم
12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم
26-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-گۈلسۈم بولدى… بولدى ئۇنداق قىلماڭ! ئۆزىڭىزنى بۇنچە ئەيىبلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق… گۈلسۈم بولدى… ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە نادىرە سەۋەبچى. بۇ ئۇنىڭ تارىتقۇلىقى… ماڭا قىلغان خىيانىتى، مېنى توختىماي ئالداشلىرى… ئاخىرى ئۇنىڭ قىزىنىڭ بېشىغا چىقتى… .-دولقۇن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاۋاتقان گۈلسۈمنى بەزلەيمەن، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىمەن دەپ سۆزلىگەنچە قىزىشىپ ئاخىرى شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى بىر ئادەمگە تىنمىغان مەخپىيەتلىكنى دەپ باشلىدى. ئەمما دەپ بولۇپلا پۇشايمان قىلىپ گەپنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولۇۋىدى گۈلسۈم تېز چىقىپ بۇ گەپكە چىڭ ئېسىلدى.

-نې… نېمە… نادىرەنىڭ قىزى. شەمسىيە سىزنىڭمۇ قىزىڭىزغۇ؟ نېمىشقا… ئۇنى…

گۈلسۈم دەرھاللا دولقۇندىن ئۆزىنى تارتىپ ئۇنىڭغا قورقۇمسىراپ قارىدى.

-ئەجەبا شەمسىيەنى سىز…

-ئەستا نېمىلەرنى دەيدىغانسىز ئۇنداق ئىش يوق…

-ئەمىسە بۇ نېمە گەپ؟ ئەپەندى… خانىم بىلەن ئوتتۇرىڭلاردا قانداق ئىش يۈز بەرگىنىنى بىلمەيمەن، ئەمما ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ ئاچچىقىڭىزنى كىچىككىنە شەمسىيەدىن ئالسىڭىز بولمايدۇ. نا… ناۋادا… بۇ ئىشنى سىز قىلغان بولسىڭىز…

-ئەستا گۈلسۈم ئۇنداق ئەمەس… مەن… مەن… ھەرقانچە بولسىمۇ بۇنداق ئىپلاس ئىشنى قىلمايمەن.-دولقۇن بۇ گەپنى دەۋېتىپ ئۆزىمۇ ئەسلى شەمسىيەنى تۇتقۇن قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى لىپپىدە خىيالدىن ئۆتكۈزۈپ يەنە چۆچۈگەندەك بېشىنى سىلتىۋېتىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى.-ئەسلى بۇ دېمەيدىغان گەپ ئىدى، بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى سەتچىلىك. ئەرلېكىمگە قىلىنغان ھاقارەت. مەن بۇ گەپنى ئېغىزىمدىن قانداق چىقىرىشنىمۇ بىلمەيمەن…

-نېمە… مېنى قورقۇتمىسىڭىزچۇ؟-گۈلسۈم دولقۇننىڭ دەھشەتلىك تۈس ئالغان چىرايىغا قاراپ بارغانسېرى ئارقىغا داجىشقا باشلىدى.

-نېمە بولدى گۈلسۈم… مەندىن قورقۇۋاتامسىز؟ نادان… سىز بەكلا نادان… بەكلا ساددا. ئەمەلىيەتتە بىلسىڭىز بۇ ئۆيدە ئەڭ قورقۇنچلۇقى نادىرە…

-سىز زادى نېمىلەرنى دەۋاتىسىز… ئۆتۈنۈپ قالاي گەپنى ئېنىق قىلىڭ بولامدۇ؟ نادىرە نېمە بولدى… خانىم ئۇ؟…

-ماقۇل مەن سىزگە ئېنىق دەپ بېرەي. ئەمەلىيەتتە … ئەمەلىيەتتە شەمسىيە مېنىڭ قىزىم ئەمەس. ئۇنىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق.

-نې… نېمە… بۇ… بۇ… بۇ نېمە گەپ… خانىم بىلەن تۇنجى تويىڭىز ئەمەسما؟ ئۇ ئىلگىرى توي قىلغانمۇ؟

-ھەئە ئۇ ئىلگىرى بىر قېتىم توي قىلغان، ئەمما بۇ مېنىڭ تۇنجى تويۇم.

-ھە… ئەمىسە شەمسىيە خانىمنىڭ ئىلگىرىكى ئېرىدىن بولغان قىزىكەن-دە!

-ھەئە.… ئەمما… ئۇ بۇ قىزىنى بۇرۇنقى ئېرىدىن ئاجرىشىپ ئىككى يىلدىن كېيىن يەنى مەن بىلەن توي قىلىپ ئون بىر ئايدىن كېيىن ئاندىن تۇغقان.

-نې… نې… نېمە… بۇ نېمە گەپ؟ سىز بىلەن توي قىلىپ ئون بىر ئايدىن كېيىن تۇغسا ئۇ قانداقسىگە بۇرۇنقى ئېرىنىڭ بالىسى بولىدۇ؟ يەنە كېلىپ بۇرۇنقى ئېرىدىن ئاجراشقىنىغا ئىككى يىل بولغاندا…

-گېپىمنى چۈشەنمىدىڭىزمۇ گۈلسۈم… -ۋارقىرىدى دولقۇن ئۇ ھەر قېتىم بۇ ئازابلىق ئىشنى ئېسىگە ئالغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايلا قالاتتى.

-بۇ خوتۇن مەن بىلەن توي قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇرۇنقى ئېرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزمىگەن ھەم شۇ ئەبلەخ بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىپ شەمسىيەنى تۇغقان دەۋاتىمەن.

-نېمە… ئە… ئەمىسە… سىزبۇنى قانداق بىلىپ قالدىڭىز؟

-شەمسىيە تۇغۇلغان شۇ كۈنى مەن دوختۇرخانىدا نادىرەنىڭ ئاپىسى بىلەن قىلىشقان گەپلىرىنى تاسادىپىي ئاڭلاپ قالدىم.…

دولقۇننىڭ خىيال ئېكرانىدا شەمسىيە تۇغۇلغان شۇ كۈندىكى ئىشلار يەنە بىر قېتىم خۇددى سۈزۈكلۈكى يۇقىرى كىنودەك ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە دولقۇن شۇ كۈنى بىر قىزى بولغانلىقىدىن ئالەمچە خۇشال بولغانىدى.

نادىرەنىڭ ئاپىسى دولقۇن نادىرە بىلەن توي قىلغاندىن تارتىپ دولقۇننى قىلچە كۆزگە ئىلمايتتى. ئۇنى قىزىمغا ماس كەلمەيدۇ دەپ قارايتتى. بۇ كۈنىمۇ نادىرەنىڭ ئاپىسى يەنە ئېپى كەلسىلا دولقۇنغا نەشتىرىنى سانجىپ توختىماي ئىشقا بۇيرۇپ ھېچ ھالىنى قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما دولقۇن يەنىلا قېيىن ئاپىسى بۇيرۇغان ئىشلارنى بەجانىدىللىق بىلەن قىلىۋاتاتتى.

بىر چاغدا نادىرەنىڭ ئاپىسى يەنە دولقۇنغا « نادىرەگە سۈت كەلمەيۋاتىدۇ، بالىغا بېرىدىغانغا سۈت پاراشوكى ئەكىرىڭ ئەڭ قىممىتىنى ئېلىڭ!» دەپ بۇيرۇدى، دولقۇن بۇ ئىشقىمۇ رايىشلىق بىلەن ماڭدى، ئەمما ماڭىدىغان يولى يېرىملاشقاندا تۇيۇقسىزلا پورتمانىنى ياتاقتا ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى-دە! ئارقىسىغا ياندى. دەل ياتاق ئىشىكىنىڭ تۈۋىگە كەلگەندە ئاپىسى بىلەن نادىرەنىڭ دېيىشىۋاتقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدى.

-ئاپا! بولدى دەۋەرمىسىڭىزچۇ!-دەۋاتاتتى نادىرە ئاپىسىغا ئاچچىقلاپ.

-نېمىشقا دېمەيمەن؟ ھە! نېمىشقا دېمەيمەن! ئۇنىڭغا ھەر ھالدا بىر بالىسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشۇڭ كېرەك ئىدى. سەن ھېچقاچان بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلىمايسەن؟ ئەينى چاغدىمۇ ئوبدانراق ئويلاشمايلا ئۇياقتىن يۈرۈپلا بۇياقتىن توي قىلىۋالدىڭ. بوپتۇ دېدۇق. ئەمما ئۇزاق ئۆي تۇتمايلا ئاجرىشىمەن دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ چىقتىڭ. بىز ئەسلى باشتا تويۇڭلارغا قارشى چىققان، ئەمما كېيىن ئىككىڭلارنىڭ بەك ماس كېلىدىغانلىقىڭلارنى ھېس قىلىپ، بېشى باش ئايىغى تاش بولۇپ كېتەر دېگەن ئىدۇق، ئاجرىشىمەن دېگەن بۇ گېپىڭ بىزگە خېلىلا ئېغىر كەلدى. توستۇق ئۇنىمىدىڭ! دېگىنىڭنى قىلىپ يەنىلا ئاجراشتىڭ. لېكىن شارائىتى شۇنچە ياخشى قولىدىن ئىش كېلىدىغان بىرىدىن ئاجراشقاندىن كېيىن، ھازىر تەگكەن ئادىمىڭ ئۇنىڭدىن ياخشى بولمىسىمۇ ھەر ھالدا شارائىتى ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ يېقىنلاشقان بولسا توغرا بولاتتى. كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز ئەنە! يا قولىدىن تۈزۈكرەك ئىش كەلمىگەن. ئۆز ۋاقتىدا دادام ئۇنداق ئىكەنمىش بوۋام مۇنداق ئىكەنمىش دەپ قۇرۇق پو ئېتىشتىن باشقىنى بىلمىگەن. سېنىڭ تاپقىنىڭنى يەپ يىلىكىڭدە سۇ ئىچىپ، قاچانغىچە باقىسەن بۇ لامزەللىنى. گېپىمنى ئاڭلا نادىرە! سەن غۇرۇرۇڭغا ئېلىپ ئۇنىمىساڭ بۇ ئىشنى ماڭا قويۇپ بەر. ئۇنىڭغا چاندۇرماستىن ئىككىڭلارنىڭ بىر بالاڭلار بارلىقىنى بىلدۈرىمەن.

-ئاپا نېمانداق گەپ قىلىسىز! مەن دېگەن بىر ئادەم ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم! بىر ئادەم قانداقسىگە بۇنداق ئىشلارنى قىلالايدۇ-ھە! ئەقىلگە سىغقۇدەك گەپ قىلىڭ!

-يۈرىكىڭنى ئوبدانراق تۇتۇپ بېقىپ گەپ قىل نادىرە! ئۇنى ئۇنتۇيالمىغىنىڭنى مېنى بىلمەيدۇ دېمە! مەن چېغىمدا بالاڭغا ھەر بىر قارىغىنىڭدا كۆزلىرىڭدىن ئۇنىڭ سېماسىنى كۆرۈۋاتىمەن. ئۆزۈڭنى بۇنداق قىيناپ نېمە كەپتۇ؟ بالىنى بىللە باقساڭلا ياخشى ئەمەسمۇ؟

-بولدى دېمەڭ! بولدى دېمەڭ ئاپا!ھۈ… ھۈ… ھۈ… . يۈرەك يارامنى تاتىلاپ نېمىمۇ قىلارسىز؟ راست! ئۇنى راستتىنلا ئۇنتۇيالمىدىم! نېمىلا دېگەن بىلەن تۇنجى سۆيگىنىم ئەمەسمۇ؟ ئۇنى ھېلىھەممۇ ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ئۆزۈممۇ ئېتىراپ قىلىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ سەۋەبىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن. ئەسلى ئەر خوتۇن ئىككىمىز ياخشى ئۆتۈۋاتاتتۇق. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن تارتىپ ئاجراشقانغا قەدەر ئۇنىڭ ئاپىسى ماڭا ئۇ ئۆيدە بىر كۈنمۇ ئارامچىلىق بېرىپ باقمىدى. مەن ئەسلى ئۇنىڭ بىردىنبىر ياخشى كۆرىدىغىنى مەن. ئاپىسىنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى ئېيتسام چوقۇم مەن تەرەپتە تۇرىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. لېكىن… لېكىن ئۇ ئاپىسىغا مەندىن بەكرەك ئامراقكەن. شۇ كۈندىن كېيىن ئۇ مەندىن ئۆزىنى تارتىدىغان بولۇۋالدى ئاپىسى بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا قېلىشنى خالىمىدى. شۇڭا ئۇنى بىر چۆچۈتۈپ قوياي دەپ ئاجرىشىمەن دەپتىمەن. لېكىن ئۇ قوشۇلدى… ھا… ھا… ھا… - نادىرەنىڭ يىغىسى ئەمدى ئاچچىق كۈلكىگە ئالمىشىپ كەتكەنىدى.-ئۇ ماڭا «مېنى ياخشى كۆرىمەن دەيسىز، ئەمما مەن ئۈچۈن ئاپامنى ياخشى كۆرۈشىڭىزنى تەلەپ قىلسام سىز بۇنى قىلالمىدىڭىز، بۇ شۇنچە تەس ئىشمۇ؟ مېنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈردىڭىز!» دەيدۇ. ئۇ قانداقمۇ بۇنچە ئاددىي مەسىلە بولسۇن. بۇ دېگەن بىراۋنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنىنى دەڭسەش. ئۆز غۇرۇرىنى قوغداش مەسىلىسى. ھې… ھې… ھې… بەزىدە ئويلاپ قالىمەن. مېنى نېمىشقىمۇ بۇنچە ئەركە! ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىپ چوڭ قىلغان بولغىيتتىڭلار دەپ. ئاخىرىغا كېلىپ ئىككى قوچقارنىڭ كاللىسى بىر قازاندا قاينىمايدۇ دېگەندەك ئىش بولدى شۇ. ئاجراشتۇق… ئەمما ئاپا، بۇنىڭلىق بىلەن مېنى ھازىرقى تۇرمۇشىڭدىن ۋاز كەچ دېسىڭىز بولمايدۇ. كۆڭلۈمنى دەپ تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزىمغا ئالسام بولمايدۇ.

-ھۈ… ھۈ… ھۈ… -ئەمدى نادىرەنىڭ ئاپىسى يىغلاۋاتاتتى.

-سېنىڭ بۇ باشباشتاق، ھېچكىمگە بويۇن ئەگمەيدىغان مىجەزىڭنى بىز ساڭا ئاش-تاماققا قوشۇپ يېگۈزۈۋەتمىگەن قىزىم. ئەمما بۇنىڭدا بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزمۇ يوق ئەمەس. ئىگىلىك تىكلەش جەريانى ئۇزۇن ھەم تولىمۇ مۇشەققەتلىك بىر يول. بۇ يولدا بىزنىڭ تارتقان جاپالىرىمىز ئاز كەلگەندەك سەن يەنە بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەۋاتىسەن. كىچىك چاغلىرىڭدا ھە دېسىلە شىركەت خىزمەت دەپ ساڭا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمىدۇق. سەن تولا چاغلاردا يالغۇز قالاتتىڭ. بىرەرسى سېنى بوزەك قىلسا دەرھاللا چىقىپ ئۆچۈڭنى ئېلىپ بېرىدىغان ئادىمىڭنىڭ يوقلىقىنى بىلگىنىڭ ئۈچۈن، ھېچكىمگە بوزەك بولماسلىقتەك مىجەزنى يېتىلدۈرىۋالدىڭ! مەنپەئەتىڭگە تاقىشىدىغان ھەرقانداق ئىشتا بىر قەدەم ئالدىدا تۇرسام ماڭا پايدىلىقكەن دەپ ئويلىۋالدىڭ! غەلىبە قازىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم تىك تۇرۇش، قەتىي كەينىگە يانماسلىق دەپ بىلدىڭ! ئەمەلىيەتتە مەجنۇن تالمۇ ئۆزىنىڭ ئىگىلىشچانلىقى، ئەۋرىشىمچانلىقى بىلەن نۇرغۇن بوران چاپقۇندىن ئامان قالغان. ئەمما سەندە بۇ ھەقىقەتنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغان مىجەز بار. ئەمدى بولسىمۇ كاللاڭنى سىلكىۋەت قىزىم. بىز ساڭا مەڭگۈ يۆلەك بولالمايمىز. كېيىن بالىلىرىڭ بىلەن قىينىلىپ قالىسەن. ماقۇل-دە ئۇنىڭغا ئېيتايلى. ئىشلاردا ھېچقانچە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، پەقەت بىرىنىڭ ئورنىغا بىرى ئالمىشىدۇ شۇ. يەنە كېلىپ ياخشىسى ئالمىشىدۇ. كۆڭلۈڭگە ياقىدىغىنى ئالمىشىدۇ…

-ئاپا بۇنداق دېمەڭ! دولقۇنچۇ! دولقۇن قانداق قىلىدۇ مەن بۇنداق يۈزسىزلىكنى قىلالمايمەن. ئەمەلىيەتتە دولقۇننىڭمۇ قولىدىن خېلى ئىش كېلىدۇ، پەقەت ئىشنىڭ ئېپىنى تازا بىلىپ بولالمايۋاتىدۇ شۇ. ئۇ بەك ساددا. بۇرۇنقى ئېرىمدەك ھېلە-مىكىرنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئىشلىرى سەل ئاقساپ قىلىۋاتىدۇ. بۇنى دېمىگەندىمۇ ئۇ مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ئاپا! شۇڭا مېنىڭ بىر قېتىم توي قىلغىنىمنى كۆڭلىگە ئالماي مەن بىلەن توي قىلدى.

-ئەمىسە سەنچۇ! سەن ئۇنى ياخشى كۆرەمسەن؟!، ئۇ ئەھۋالىمنى تولۇق بىلسە مېنى قوبۇل قىلمايدۇ دەپ بەزى ئىشلارنى ئۇنىڭدىن يوشۇرۇۋاتقانسەن، ئەمدى ئۇنى بۇنچىۋالا بۈيۈك كۆرسىتىپ ئۆزۈڭنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزۇۋاتىسەن خالاس. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ سېنى بەختلىك قىلالىشىغا كۆزۈم يەتمەيدۇ. ئۇنى بۇرۇنقى ئېرىمدەك ھېلە-مىكىرنى بىلمەيدۇ دەيسەن تېخى. ئەمما ئۇ ئالدىمدا كۈچۈكلىنىپ كەتكىنى بىلەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىساملا بىر يەرلىرىدىن كۈچلۈك بىر نارازىلىقنى سېزىپ قالىمەن. مەن بۇنى پەقەتلا ياقتۇرمىدىم. خۇددى ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىدە يەنە بىر كۆز باردەكلا. ھازىرقىسى ئۇ ھەقىقىي ئۆزى ئەمەستەكلا! ئانىلارنىڭ تۇيغۇسى توغرا چىقىدۇ قىزىم. ئىشقىلىپ كېيىن ساڭا ئۇ تەرىپىدىن بىرەر خەتەر يېتىپ قالمىسا بولاتتى…

-ئاپا! ئۇنى نېمىشقا ياقتۇرمايدىغىنىڭىزنى پەقەتلا چۈشەنمەيمەن. بۇنچىۋالا مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتمەڭ! سىز پەقەت ئۆز-كۆز قارىشىڭىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىسىز؟ ئۇنىڭغا بۇنچە جاھىللىق بىلەن قادىلىپ تۇرۇۋالماڭ! ياخشى تەرەپلىرىنى ھېس قىلىڭ…

-ئەمىسە بالاڭچۇ ئۇنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ ئۇنى ئۆز دادىسىنىڭ مېھرىگە ئېرىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلامسەن. مۇشۇنداقلا ياتنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويامسەن!

گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە شەمسىيە خۇددى بىرسى چىمدىۋالغاندەكلا قاتتىق يىغلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قۇلاققا ئايلاندۇرۇپ، تىىمسىز تىترەۋاتقان بەدىنىنى ياتاقنىڭ ئىشىكىگە تەستە يۆلەپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاۋاتقان دولقۇننى چۆچۈتىۋەتتى. ۋە قولىدىكى بايا سېسترا تۇتقۇزۇپ قويغان دورىلار يەرگە چۈشۈپ چېچىلىپ كەتتى. نادىرە ۋە نادىرەنىڭ ئاپىسى سىرتتىكى بۇ شەپىنى سەزدى ۋە شۇ ھامانلا پارىڭىنى توختاتتى.

دولقۇن نادىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ، ئىشىك تەرەپكە كېلىۋاتقان شەپىسىنى ئاڭلاپ، ھاپىلا-شاپىلا دورىنىڭ قولىغا چىققىنى ۋە قۇتىسىنى ئېغىزىنى ئېلىپلا تازىلىق ئۆيىگە ئۆزىنى ئاتتى.

نادىرەنىڭ ئاپىسى ئەجەبلەنگەن ھالدا ئىشىك ئالدىدا چېچىلىپ تۇرغان دورىلارغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كىرىپ كەتتى.

-كىمكەن. نېمە ئىش بوپتۇ.-دەپ سورىدى نادىرە ئەنسىزلىك بىلەن.

-ئىشىك ئالدىدا بىرەرسىنىڭ كۆتۈرۈپ ماڭغان بىر نەرسىسى چۈشۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ ئەنسىرىمە!-دېدى نادىرەنىڭ ئاپىسى يىغلاۋاتقان شەمسىيەنى قولىغا ئالغاچ. كۆڭلىدە بولسا بايا ئىشىك تۈۋىدە دولقۇننىڭ تۇرغان بولۇشىنى، بولۇنغان ھەممە گەپلەرنى ئاڭلىغان بولۇشىنى، شۇنىڭ بىلەن قىزىدىن ئاجرىشىپ ئۇنىڭ پۇتىنى بىكارلاپ قويۇشىنى بەكلا ئۈمىد قىلىۋاتاتتى.

دولقۇن ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن بۇ ئىشنى گۈلسۈمگە تولۇق ئېيتىپ بەردى.

گۈلسۈمنىڭ چىرايىدا قان دىدارى قالمىغانىدى. كۆزلىرى ھەيرانلىقتىن يوغىناپ كەتكەنىدى.

-سىز… ئەمىسە… ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا خانىمدىن ئاجرىشىپ كەتمىدىڭىز؟-سورىدى گۈلسۈم دولقۇن سۆزلەشتىن توختاپ بەك ئۇزاق جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەسرەتلىك چىرايىغا تىكىلىپ.

-نېمىشقا ئاجراشقۇدەكمەن؟ ھە، نېمىشقا ئاجراشقۇدەكمەن؟ ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنىمۇ كۈتكىنىمۇ مۇشۇ تۇرسا يەنە ئۇلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈپ ئۆز-ئازابىم ئۆزۈمگە دەپ ئولتۇرامدىمەن. مەن…

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章