چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى 🧡 30-قىسىم

文摘   2025-01-08 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم
8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم
12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم
26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

نادىرە بۇنى پايلاقچىلىققا قويدىمۇ نېمە دەپ غۇژژىدە بوپ قالغان دولقۇن يەنىلا مۇرەككەپ كەيپىياتىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ شوپۇرغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى.

-ھە… ئەمىسە بوپتۇ. قېنى… ئۆرە تۇرىۋەرمەي ئولتۇرۇڭ!

دولقۇن، گۈلسۈم، شوپۇر ئۈچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوڭايسىز بىر خىل ھالەت داۋاملىشىۋاتاتتى. گۈلسۈم پۇت قوللىرى كالانپايلىشىپ نېمە ئىش قىلىشىنى بىلەلمەي قېلىۋاتاتتى. شوپۇر تارتىنىپ قۇرۇنغىنىچە ئولتۇراتتى. دولقۇننىڭ ئىچىنى بولسا بىر نېمە ئويۇپ يەۋاتاتتى.

ئاخىرى كەچمۇ بولدى «بۇ يەردە قېپ قالاي» دېگىنىگە مىڭ پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرغان شوپۇر ئاخىرى دولقۇنغا رۇخسەت قىلسىڭىز ئۆيگە قايتاي دەپ دولقۇن كۈتۈپ تۇرغان گەپنى قىلدى-دە، خوشلىشىپ كېتىپ قالدى.

شۇندىلا دولقۇن بىئارامچىلىقتىن ئازراق قۇتۇلغاندەك بولۇپ نادىرەنىڭ كېيىنكى قېتىملىق تېلېفونىنىڭ مەزمۇنىدىن گۈلسۈمنى خەۋەردار قىلدى.

-ھۇھ… ئادەم ئەمەس نېمىلەركەنغۇ بۇ؟ كىچىككىنە بىر قىزنى تۇتۇۋېلىپ، يەنە تېخى ئۇنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالغىنىنى. لېكىن… لېكىن خانىم زادى نېمە ئويلايدىغاندۇ؟… ئەمەلىيەتتىمۇ سىزنىڭ دېگىنىڭىز توغرىغۇ… ئۇنداق ئەسكى نېمىلەرنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ پۇلنى بەرگەن بىلەنلا شەمسىيەنى تىنچ ئامان قايتۇرۇپ بېرەمدۇ… بىچارە شەمسىيە… مەن… مەن ئۇنى يۈتتۈرۋەتمىگەن بولسام… -گۈلسۈم يەنە يىغلاشقا باشلىدى.

-قارىغاندا بۇ خوتۇننىڭ سورۇپ ماڭغان تىكەنلىرى ئۆزىنىڭ پۇتىغا سانجىلىۋاتقان ئوخشايدۇ. شەمسىيەنى تۇتۇۋالغانلار چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالغان ئادەملەر. شۇڭا… ئۇ ئۆزىدىن ئۆزى ئۈركۈپمۇ ساقچىغا مەلۇم قىلماڭ دەپ تۇرۇۋېلىۋاتامدىكىن دەيمەن.-دولقۇن يەنە چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ كەتتى.

گۈلسۈم بولسا شەمسىيە ئۈچۈن يىغلاشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىگىنى ئۈچۈن ئۆكۈنىۋاتاتتى.

يەنە بىر كېچە قاراڭغۇلۇقى تەبىئەتنى ئۆز قوينىغا ئالدى. بۇ كېچە ئۈچ ئادەمگە ئاجايىپ ئۇزۇن بىلىنىۋاتاتتى. ئۇلار ئۇخلاي دەپمۇ ئۇخلىيالمايتتى. بۇنىڭ بىرى دولقۇن. بىرى گۈلسۈم. يەنە بىرى نادىرە ئىدى.

نادىرە باشقا بىر شەھەردە. مېھرى سوغۇق كېسەلخانا ياتىقىدا پۈتۈن بەدىنىگە تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، چىرايى ئاقىرىپ ئورۇقلاپ، بۇرۇنقى ئوماق، كىملا قارىسا ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان، شەمسىيەدىن بىر يېرىم ياش چوڭ ئوغلى زەپەر ئىدى.

نادىرە ئوغلىغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئۈنسىز نىدا قىلاتتى.

« ئوغلۇم تېزراق ساقايغىن. شۇ تاپتا كېسىلىڭنى ئېلىۋالغىلى بولسا سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن ئاغرىشقا رازى ئىدىم.

« ئاپاڭ يارىماسكەن، ئەسلى سېنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك بالىغا ئايلاندۇرىمەن دېگەنىدىم.

ئەمما سەن كېسەل كارىۋىتىدا قىينىلىۋاتقىنىڭدا ساڭا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم. سېنى يامان كۆزلەردىن يوشۇرۇپ مېنىڭلا بەختىم بولسىكەن دېگەنىدىم. ئەمما ئاغرىپ قالغىنىڭدا دۇنيادىكى ئەڭ بەختسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم. بۇنى ئاز دەپ سىڭلىڭ تېخى ئۇ يەردە ئۆز يېشىغا ماس بولمىغان ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. ھۈ… ھۈ… ھۈ… مەن زادى قانداق قىلاي. ئېيتقىنە ئوغلۇم. ھەر ئىككىڭلار مېنىڭ يۈرەك پارەم. سەن بۇ ھالدا تۇرساڭ سېنى تاشلاپ قويۇپ قانداقمۇ سىڭلىڭنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولالايمەن. سىڭلىڭ شۇ تاپتا قانچە قورقۇۋاتقاندۇ؟ ئاپا ئاپا! دەپ چاقىرىۋاتقاندۇ؟ مەن سىلەرنىڭ ياخشى ئاپاڭلا بولالمىدىم ئوغلۇم. مېنى كەچۈرگىن! مېنى كەچۈرگىن.… »

نادىرەنىڭ كۆز ئالدىدا، كېسەل كارىۋىتىدا نەپەس ئالغىنىنىمۇ تەستە ئىلغا قىلغىلى بولىدىغان، مىدىر سىدىر قىلالماي ياتقان بۇ بىچارە بالا زەپەر دەل نادىرەنىڭ دولقۇننىڭ ئالدىدىكى بىردىنبىر تىل تۇتىقى، ھازىر كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىدى.

ئەينى يىلى نادىرە تۇنجى ئېرىدىن ئاجراشقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ بويىدا بار بولۇپ بوينى قاتتىق نادىرە بىشەم قېيىن ئاپىسىغا نەۋرىلىك بولغانلىقىنى، ئېرىغا تۇنجى بالىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرماسلىقنى ئاچچىقىنى چىقىرىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى قىلىۋالغانىدى.

ئەينى چاغدا ئۇ ھەتتا ئۆز ئاتا ئانىسىدىنمۇ بۇ ئىشنى يوشۇرغان بولۇپ، كېيىنچە مۇمكىنسىزلىق تۈپەيلى ئاتا ئانىسىغا بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما باشقا بىرەر دوستى ياكى ئۇرۇق تۇغقان تۇغقىنى بۇ ئىشنى پەقەتلا بىلمەيتتى. ئۇ شۇ چاغدا تۇيۇقسىز ئاجرىشىپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان كەيپىيات تۇراقسىزلىقىنى تەڭشەش ئۈچۈن ساياھەت قىلىۋاتىدۇ دېگەن باھانە بىلەن باشقا يەرلەردە يۈرۈپ ئوغلىنى يەڭگىدى. ئەمما يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن ئوغلىنىڭ كېيىنكى بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئىشەنچلىك ئادەملەرنىڭ ئالدىغا قويمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئاخىرى بۇ ئىشنى ئاتا ئانىسىغا ئېيتقان ئىدى. ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزۈڭگىدىن چۈشمەيدىغان قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە دەپ، ئىچىدە يىغلىسىمۇ تېشىدا بايرام ئوينايدىغان بۇ بىر ئاىلە كىشىلىرى ئاتالمىش يۈز ئابرۇيىنى دەپ بۇ ئىشنى بار كۈچى بىلەن يوشۇرۇپ كېلىۋاتاتتى.

كېيىن نادىرە دولقۇن بىلەن توي قىلدى. ئەمما، بۇ كۈي ئوغۇل نادىرەنىڭ ئاپىسىغا پەقەتلا ياقماي قويدى. ئۇنى ئاز دەپ قىزى ئاجرىشىپ كەتكەن بۇرۇنقى كۈيوغلىنىڭ ئىشلىرى بارغانسېرى يۈرۈشۈپ، ئوننىڭ ئىچىدىكى داڭدار شەخسلەرنىڭ قاتارىغا تىزىلغاندا نادىرەنىڭ ئاپىسى تۇرالمايلا قالدى. كۈندە دېگۈدەك نادىرەگە بۇرۇنقى ئېرىڭغا ئۇنىڭ بالىسىنى تۇغقانلىقىڭنى ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋال دەپلا يۈردى. ئەمما قىزىنى گەپكە كىرگۈزەلمىدى. ئۆز ئالدىغا بۇ ئىشنى ئۇلارغا ئېيتاي دېسە قىزىنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي ئىش قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەپ بۇنداق قىلىشقا پېتىنالماي يۈرەتتى. نادىرەنىڭ ئاپىسى ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بېرىپ نادىرە يەنە دولقۇندىن ھامىلىدار بولدى. تاكى شەمسىيە تۇغۇلغان كۈنگە قەدەر نادىرەنىڭ ئاپىسى نادىرەنىڭ بۇ بالىنى تۇغۇشىغا قارشى ئىدى. شەمسىيە تۇغۇلغان كۈنى دولقۇن دوختۇرخانىدا ئاڭلاپ قالغانلار دەل مۇشۇ ئىش بولۇپ، ئەمما، نادىرە بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسى دەۋاتقان بالا شەمسىيە بولماستىن بەلكى دەل مۇشۇ زەپەر ئىدى.

ئەمما دولقۇن بۇنى خاتا چۈشۈنۈپ قالدى. دولقۇن نادىرەنى مەن بىلەن توي قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇرۇنقى ئېرىدىن ئالاقىسىنى ئۈزمەي داۋاملىق ئۇنىڭ بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ شەمسىيەنى تۇغقان دەپ ئويلاپ قالغانىدى. كۆرسىلا بىئارام بولىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭغا بولغان ئۆچلىكى ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ نادىرەدىن پۇل ئۈندۈرۈۋېلىشتەك رەزىل خىيالنى قىلىشقا سەۋەبچى بولغان، شەمسىيەنىڭ ئۆز يۈرەك پارىسى، ئۆز پۇشتى ئىكەنلىكىنى دولقۇن ئەسلا بىلمەيتتى.

نادىرە دولقۇندىن يوشۇرۇن بېقىۋاتقان يەنە بىر ئوغلىنىڭ بارلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتى. ئەسلى ئىشلار بىر ئوبدانلا كېتىۋاتقان ئىدى. ئىشلار مۇشۇ بويىچە داۋام قىلسىلا نادىرە ئاتا ئانىسىنىڭ ئالدىدا ساغلام، ئەقىللىك چوڭ بولۇۋاتقان زەپەرنى ئاز كۈندىن كېيىن ئاتا ئانىسى بىلەن بىللە چەتئەلگە يولغا سالماقچى ئىدى. ئۇنىڭ ھەم ئوغلىنىڭ ئىستىقبالىغا پايدىسى بار ئىدى، ھەم بۇ يەردىكى چارچاشلىرى بىر ئاز يەڭگىللەيتتى.

ئوغلىنى كۆرگۈسى كەلسە يەنە كاماندىروپكا باھانىسى بىلەن چىقىپ ئۇنى كۆرۈپ كىرسە بولۇۋېرەتتى، بۇ يەردىكىدەك، ئۇ كۆرۈپ قالارمۇ، بۇ ئاڭلاپ قالارمۇ دەپ ئۇنچە ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئەمما كۈتۈلمىگەندە تۇيۇقسىزلا ئوغلى ئاغرىپ يېتىپ قالدى.

دولقۇن كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلگەن ھېلىقى كۈنى نادىرە بىر كېچە ئۆيگە كىرمىگەن شۇ كۈنى بۇ ئىش باشلانغان تۇنجى كۈن ئىدى.

شۇنىڭدىن بېرى نادىرە ئىككى ئارىلىقتا قاتراپ يۈرۈپ ئوغلىنى داۋالىتىۋاتاتتى، ئەمما زەپەر بۇ قېتىم ئېغىر يېتىپ قالدى.

جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش كىچىككىنە بالىنىڭ تارتىۋاتقىنى مۇشۇ كېسەلنىڭ ئازابى ئىدى.

ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بۆرەك تېپىلىشىنى ساقلاش ھازىرقى بىردىنبىر ۋە كىچىككىنە پىلىلداپ يېنىۋاتقان ئۈمىد ئۇچقىنى ئىدى.

نادىرە ئۆزىنىڭ يالغانچىلىق پاتقىقىغا ئىچكىرىلەپ پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاخىرى ھېس قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ يەنىلا تەن بەرگۈسى يوق ئىدى.

نادىرە تەكشۈرتتى. ئەمما ئۇنىڭ بۆرىكى ئوغلىغا ماس كەلمىدى. ئاخىرى بولماي ئۇ غۇرۇرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئوغلىنىڭ ئۆز دادىسى بىلەن ئالاقىلەشتى . بىر مۇنچە پاتپاراقچىلىقلاردىن كېيىن زەپەرنىڭ ئۆز دادىسىمۇ تەكشۈرتتى. ئەمما ئۇنىڭ بۆرىكىمۇ ماس كەلمىدى. يەردىن ئۆلگەندەكلا بىر نەۋرىسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى يەنە كېلىپ بالىنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىنى بىلگەن نادىرەنىڭ بۇرۇنقى قېيىن ئاپىسى باشتا ھاياجاندىن كۆز يېشى قىلدى. كېيىن يەنە بالىنىڭ ھازىر ئۆلۈم گىردابىدا ئىكەنلىكىنى، نادىرەنىڭ ئوغلىنى بالىسىغا بۆرىكىنى بېرىشكە قىستاش ئۈچۈن ئىزدىگەنلىكىنى بىلگەندە بولسا، پاللىدە بىرنى يورۇپ چۈشۈپ كەتكەن ئاقار يۇلتۇزنى كۆرگەنچىلىك بۇ قىسقىغىنا ھاياجاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئوغلىنى نادىرەنىڭ يېنىغا بېرىشتىن توسۇپ تۇرۇۋالدى .

ئاپىسىنىڭ« بۆرىكىڭنى بەرسەڭ ئۇ بالا راستتىنلا ساقىيامدىكەن. بالىنى كۆردۈم جېنى بىر تىنىقتا قاپتۇ. ھايات قېلىشىغا كۆزۈم يەتمىدى. بالىسى نېمە بولسا ئۇ خوتۇن ئۆزىدىن كۆرسۇن؟ مۇشۇ ۋاقىتقىچە بىزدىن بۇ ئىشنى يوشۇرۇپ كەپتۇ. مېنى چوڭ ئانا بولۇش، سېنى دادا بولۇش خۇشاللىقىدىن مەھرۇم قىپتۇ. ئەمدى ئوغلى ئۆلەر ھالەتكە كەلگەندە بىزنى ئىزدەپ نېمە قىلماقچىكەن؟ بۇرۇنراق دېگەن بولسا بەلكىم قۇتقۇزۇۋالغىلى بولار ئىدى. ئەمدى بولغاندا بىز نېمە قىلالايتتۇق؟ ئۇنىڭغا بۆرىكىڭنى بەرسەڭ ئۇ يەنىلا ئۆلۈپ كەتسىچۇ؟ سېنىڭ تېخى بالاڭ يوق، ھەر نېمە بولسا بىر ئوغلى بار ئىكەن دەپ خوش بولسام، ئۇمۇ ھازىر بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا ئىكەن. ناۋادا ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ ئۇ كېتىپ قالسا سەن بىر بۆرىكىڭ بىلەن قايتا بالىلىق بولالامسەن؟ بۇنداق ئەخمەقلىق قىلما ئوغلۇم. بۇرۇن ئوغلۇڭ بارلىقىنى بىلمەيتتىڭ، شۇ ۋاقىتتا تۇرمۇشۇڭ خاتىرجەم تىنچ ئۆتۈۋاتقان. ھازىرمۇ ئۇنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەن بول، ئۆز تۇرمۇشۇڭنىڭ غېمىنى قىل. بولىدىغان ئىش ھامان بولىدۇ، بىز تېپىرلاپلا قالىمىز شۇ كۆڭلۈڭنى توختات. بۇنداق ئەخمەقلىق قىلما!» دەپ يىغلاپ قاقشاپ توسۇشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي تەكشۈرۈتكەن زەپەرنىڭ دادىسىنىڭ بۆرىكىمۇ زەپەرگە ماس كەلمەيدىغان بولۇپ چىقتى.

ئەمدى ماس كېلىدىغان بۆرەك تەقدىم قىلغۇچىنى ساقلاشتىن باشقا ئامال قالمىغانىدى. بۇ بالا قۇتۇلۇپ قالسىلا نادىرەنىڭ يەنە بۇرۇنقى ئېرى بىلەن يارىشىپ قالىدىغانلىقىدەك ئېھتىماللىقىنى كۆرۈپ يەتكەن نادىرەنىڭ ئاپىسى بۇنىڭغا ھەممىدىن بەك ئالدىراۋاتقاندەك قىلاتتى.

بۇ جەرياندا ئۇ كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك ئاماللارنى ئويلاپ چىقىپ ئۇدۇللۇق نادىرەگە دەپ تۇردى. بىر كۈنى ئۇ ئاخىرى شەمسىيەنىڭ گېپىنى قىپ قالدى.

-ئاپا، نېمە دەۋاتىسىز ئۇ تېخى كىچىككىنە بىر قىز. بۇنداق خىيالنى ھەرگىز قىلغۇچى بولماڭ، ھەر ئىككىلىسى مېنىڭ يۈرەك پارەم بىرىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىرىنى ئوتقا ئىتتىرەلمەيمەن.- نادىرە ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتى ۋە شۇ ھامان ئۇنىڭغا رەددىيە بەردى.

-قانداقسىگە ئوتقا ئىتتىرگەن بولىسەن ئۇلار دېگەن ئانا بىر دادا باشقا قېرىنداش. ئىككىلىسىنى سەن تۇغقان. ناۋادا بۇ ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ قالسا ئىككىلى بالاڭ ھايات قالىدۇ. دېگىنە قېنى زەپەر كېتىپ قالسا سەن شەمسىيە بىلەن خۇشال ياشىيالامسەن. يۈرىكىڭنى ئوبدانراق تۇتۇپ بېقىپ گەپ قىل. يەنە كېلىپ، ھازىرلا شەمسىيەنىڭ بىر يېرىنى كېسىپ بۆرىكىنى چىقىرىۋالايلى دېگەن گەپ يوق. ئاۋۋال تەكشۈرتۈپ باقايلى دەۋاتىمەن. ماس كېلىپ قالسا ئاندىن قالغان ئىشلارنى ئويلاشساقمۇ بولىدۇ. شۇ چاغدا سەن قارار چىقارساڭ بولىدۇ!

-ئاپا بۇنداق گەپنى قىلماڭ ئۆتۈنۈپ قالاي! مەن شەمسىيەگە ھېلىمۇ كۆپ قەرزدار. ھېلى شىركەت ھېلى زەپەر دەپ قاتراپ يۈرۈپ ئۇنىڭغا يېتەرلىك مېھىر بېرەلمىدىم. ئۇنىڭمۇ كىچىككىنە تۇرۇپ بېشىغا كەلگەن ئىشلار ئاز ئەمەس. ئەمدى ئۇنىڭغا ئارتۇق ئازابنى قوبۇل كۆرەلمەيمەن. مەيلى زەپەرگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كەتسەممۇ مەيلى. ئەمما مېنىڭ شەمسىيەنىڭ ھاياتىنى تارتىۋېلىش ئۇنىڭ جېنىغا قەست قىلىش ھوقۇقۇم يوق.… - نادىرە شۇنداق دەپ يىغلاپ كەتتى.…

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章