تۆشۈك مونچاق 🧡 1-قىسىم (يېڭى ئەسەر)

文摘   2025-01-10 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئانارگۈل ئابلىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۆشۈك مونچاق» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 




بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ھايات ئاجايىپ سىناقلىرى بىلەن ئىنساننى تاۋلايدىكەن. بۇ قىسمەتلەرگە بەزىلەر لېۋىنى چىشلەپ. دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، بېشىغا كەلگەن ئازابلارغا يۈرىكى لەختە قان، چېھرىدە كۈلكە ھالدا بەرداشلىق بەرسە، بەزىلەر تەخىرسىزلىك ئىلكىدە ئۆلۈم يولىنى تاللاپ، ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن. ئەمما، ھايات ھەرقانچە جاپالىق ھەم ئازابلىق بولسىمۇ، تۆشۈك مۇنچاق نامى بىلەن ئاتالغان بۇ گۈزەل قىز ئۆز ساداقىتى ھەم چىن مۇھەببىتى بىلەن باشقىلارنىڭ سۆز- چۆچەكلىرىگە پىسەنت قىلماي، بېشنى ئىچىگە تىقىپ، ئۆزى تاللىغان يول بىلەن ھاياتىنى داۋام ئەتتى. بەزى ئادەملەرگە ئامەتمۇ- ئاپەتمۇ قوش كېلىدىغان چاغلار بولسىمۇ، بۇ بىچارە بايقۇىشنىڭ ھاياتىدا كۆرگەن خۇشاللىقىدىن ئازابلىرى قوش بولدى. ئۇنىڭ تارتقان دەرد-ھەسرىتىگە بەزىلەر ئىچ ئاغرىتىپ ھېسداشلىق قىلسا، يەنە بەزىلەرگويا ئاجايىباتلار سەھنىسىدە كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولمىغان تىياتىرنى كۆرگەن تاماشىبىندەك ئىچ - ئىچىدىن خوش بولدى. يىغلىغانلار يىغلاۋەرمەيدىكەن، كۈلگەنلەرمۇ مەڭگۈ كۈلىۋەرمەيدىكەن. «تۆشۈك مۇنچاق يەردە قالماس» دېگەندەك، بۇ گۈزەل قىزنىڭمۇ چىن مۇھەببەتنىڭ شېرىن لەززىتدىن بەھىرلىنىپ، ھاياتنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىدىن بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىدىغان چاغلىرى ئاخىرى كەلدى. ئەمما، ئۇ خۇددى تاش ئۈستىدە گۈل ئېچىلغاندەك بەكمۇ تەستە كەلدى. چۈنكى ئۇ ساددا قىز بارلىقىنى پۈتۈن ئەقىدىسىنى ئۆزى سۆيگەن ئادىمىگە ئاتاپ، ئۆز ئارزۇسىدىن ۋە ئۆزى ئويلاپمۇ باقمىغان بىر پۇرسەتتە ئېرىشكەن خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ تۆلەشكە تېگىشلىك بولمىغان بەدەللەرنى تۆلەۋاتقانلىقىنى تېخى بىلمەيتى. ئۇنىڭ غۇبارسىز پاك قەلبىدە مۇھەببەت شۇنچىلىك ئۇلۇغ مۇقەددەس ئىدى، چۈنىكى ئۇ تمۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئاجايىپ شېرىنلىكىنى، يېڭىچە بىر دۇنياغا باشلاپ كىردىغانلىقىنى ھېس قىللاتتى، بىراق شۇ ئىشەنگەن ئادىمىنىڭ ئۇنى مۇھەببەت چۆلىدە يالغۇز تاشلاپ ئازاپتا قويىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

ئۇ ئىسمى جىسمىغا ئاجايىپ ياراشقان، ئۆزى ئايغا يانداشقاندەكلا چىرايلىق ئاينۇر بۇ يېزىدىكى قىزلارنىڭ ئالدى ئىدى. ئۇ تۇغۇلغاندا ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭ ئايدەك چىرايلىق ھۆسنىدىن پەخىرلىنىپ، « ئاينۇر» دەپ ئىسىم قويغان. ئاينۇر تۇغۇلغان زامانلار پىلانلىق تۇغۇت تېخى يولغا قويۇلمىغان بولغاچقا، ئاتا- ئانىسى نامرات بولسىمۇ، ئارقا -ئارقىدىن يەتتە بالىلىق بولدى. بالىلار ئىككى ياشتىن پەرقلىنەتتى، ئاينۇر بالىنىڭ تۆتىنچىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن چوڭ ئىككى ئاكىسى، بىر ئاچىسى، كىچىك بىر ئىنىسى، ئىككى سىڭلىسى بار ئىدى. بۇ بالىلار بىر-بىرىدىن چىرايلىق بولغاچقا، مەھەللىدىكى ئاياللار بىر يەرگە يىغىلىپ قالسىلا: «ۋىيەي، مۇشۇ مەھەللىدىكى ئايسىخاننىڭ بالىلىرى بەك چىرايلىق جۇمۇ، راستىنلا ئىچى چىرايلىق چوكان ئوخشايدۇ بۇ» دېيىشىپ كېتەتتى. بۇرۇنقىلار بالىلىرى چىرايلىق تۇغۇلغان ئانىلارنى« ئىچى چىرايلىق» دەپ ئاتىشاتتىكەن.. ئايسىخان ئانا ئۇلار ئېيتقان «ئىچى چىرايلىق» ئانىلار قاتارىدا بولۇپ، كۆڭلى-كۆكسىنىڭ كەڭلىكى، ھەسەت-ئاداۋەتتىن يىراقلىقى، قوشنا-قۇلۇملار بىلەن ئىجىل-ئىناق ئۆتىدىغانلىقىدەك ئېسل پەزىلىتى بىلەن ھەممىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايتى. ئۇلارنىڭ بايلىقى يەتتە پەرزەنتى ئىدى. ئۇ چاغلاردا ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ئوخشاشلا نامرات ئىدى. ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن يىللاردا ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان يولدىشى ئەزىزئاكىنڭ قولىدا بىر ئوبدانلا ناۋايلىق ھۈنىرى بولغاچقا ئۇلار يەر تېرىماي، تىجارەت يولىغا ماڭغان ئىدى. بالىلار بىر- بىرىدىن ئۇششاق، تۇرمۇش جاپالىق بولسىمۇ، ئۇلار، بۇ تىجارەتتىن يامان ئەمەس كىرىم قىلدى، ھېچ بولمىغاندا قورساق غېمىدىن خالاس بولدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بارا - بارا ياخشىلىنىۋاتقان مەزگىللەردە ئەزىز ئاكا تولا يۆتىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلاشتى ھەم ئورۇقلاپ، ئىشقا ماجالى يەتمەس بولۇپ قالدى. ئايسىخان ئانا يەتتە بالىنى تۇغقانلىرىغا ئامانەت قىلىپ، ئەزىز ئاكىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۆپكە تۇبېركۇليۇزدەپ دىئاگنوز قويدى. ئايسىخان ئانا دوختۇرخانىغا تولا قاتراپ كۆيۈمچان ئېرىنى كۆپ داۋالاتقان بولسىمۇ، ئۇ چاغدا ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى داۋالاش تەس بولغان كېسەللىك بولغاچقا، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قىرىق سەككىز يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئايسىخان ئەزىز ئاكىدىن ئون ئالتە ياش كىچىك ئىدى، ئوتتۇز ئىككى يېشىدىلا يەتتە بالا بىلەن تول قېلىپ، چوڭى ئون ئالتە ياش، كىچىكى سەككىز ئايلىق بولغان بالىلارغا ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇپ، جاپا - مۇشەققەت ۋە ھەر خىل قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاجايىپ ھېكايىلەر ئىچىدە بالىلارنى چوڭ قىلدى.

بالىنىڭ چوڭى ئوغۇل بولۇپ، 16ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، كىچىكىدە ئەركە ئۆگىنىپ قالغاچقا، ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستگە ئوغۇل بالىنى دادا باشقۇرمسا بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ روھى ھالتىدە ئۆزگىرىش تېز بولۇپ ئەتراپىدىكى يامان باللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان، پات -پات مۇشتلشىپ جېدەل تېرىيدىغان ئەسكى ئادەتنى ئۆگىنۋالدى، شۇنىڭ بىلەن مەھەللىدە لۈكچەك ئاتىلىپ پات- پات ساقچخانلارغمۇ كىرىپ قېلپ ئايسخان ئاننى خېلى قاقشاتتى، بەزىدە مەست كىرىپ ھەتتا ئايسخاننمۇ ھاقارەتلەپ كېچچە ئۇخلاتمايتتى. بىچارە ئايسىخان ئانا بۇ بالىسىنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا بالىلىرىنىڭمۇ ئانچە كۆپ دەردىنى تارتىپ كەتمىدى. ئەمما ئاي قىزىم دەپ كۆزىگە قاراپ ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغان، بىز ھېكايىسىنى سۆزلىمەكچى بولغان، تۆشۈك مۇنچاق نامى بىلەن ئاتالغان ئاينۇر قىزنىڭ دەردىنى، خاپىلىغىنى قىزى بىلەن بىر ئۆمۈر تەڭ تارتتى. ئۇنداقتا تۆشۈك مۇنچاق زادى قانداق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندۇ ئۇنىڭ تەقدىرى قانداق بولار ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز بىز سۆزلىمەكچى بولغان تۆشۈك مۇنچاقنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرىدە بولسۇن:


ئوتتۇرا مەكتەپكە ئەمدىلا چىققان ئوماق ئاينۇر بىردىنلا بوي تارتىپ، خۇددى سەھەردە ئېچىلغان ئەتتىرگۈلدەك قارىغان ئادەمنىڭ مەستلىكى كېلىدىغان چىرايلىق قىز بولۇپ كەتكەن ئىدى. مەكتەپىكى ساۋاقداشلىرى ئۇنڭغا ھەۋەس قىلسا ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئۇنڭغا بەكلا ئامراق ئىدى. ئۇ دەرسلەردە ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، تۇرقىدىن جۈرئەت ۋە قەيسەرلىك، ئەقىل ۋە چېچەنلىك چىقىپ تۇراتتى. ئاينۇر كىچىكىدىنلا ناخشا ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن بولۇپ، سەنئەت جەھەتتىكى قابىلىيىتى سەۋەبلىك سىنىپتىكى بىر قىز ساۋاقدىشى ئۇنى ئۆچ كۆرەتتى. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ قىز ساۋاقدىشى سىنىپ باشلىقى بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنغان ھامان ئاينۇرقىز باشقا بالىلار بىلەن بىللە سىنىپقا كىرسىمۇ كېچىكتى، دەرس ۋاقتىدا جىم ئولتۇرمىدى دەپ، ئۇنى كۆپ قېتىم مۇئەللىمگە چېقىشتۇرۇپ، ئىزاغا قويدى. كىچىككىنە ئاينۇرنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇپ، نەچچە قېتىم بۇ ساۋاقدىشى بىلەن سوقۇشتى، ئاخىرى بىر كۈنى ئۇنىڭ سەۋر قاچىسى توشۇپ، سومكىسىنى يەرگە ئېتپ، ئوقۇمايمەن دەپ يىغلغان پېتى مەكتەپتىن چىقىپ كەتتى. ئۇ چاغلاردا مەجبۇرىي مائارىپ يولغا قويۇلمىغاچقا ئاينۇر ئاپىسىنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغىمۇ ئۇنىماي مەكتەپتىن چىقىۋالدى. مەكتەپتىن چىقىپ كەتكەن شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ قىسمەتلىرى باشقىچە بولۇپ كەتتى. ئون تۆت ياشلارغا ئەمدى قەدەم ئالغان ئاينۇر جەمىيەتكە قەدەم قويدى. ئۈجمىلەر مەي باغلاپ پىشقان، ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق ئەتىيازنىڭ بىر كۈنى ئۇ دوستى زۆھرەنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردى. ئىككى دوست قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆگزىگە ياندىشىپ ئېگىز ئۆسۈپ كەتكەن ئۈجمىنىڭ شېخىغا يامىشىپ چىقىپ كۈلكە -چاقچاقلار بىلەن ئۈجمە يېيىشتى. زۆھرەنىڭ ئاكىسىنىڭ تىككۈچىلىك دۇكىنى بار بولۇپ، ئاينۇرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىش خىيالىغا كەلگىلىنگە خېلى بولغانىدى، بولۇپمۇ، ماشىنىچىلىق ھۆنىرىگە كىچىكىدىن قىزىقاتتى، ئۇ بىرئاز ئارىسالدى بولۇپ، زۆھرەگە ئېغىز ئاچتى: 

- ئاكاڭدىن ماشنچىلىق ھۆنىرىنى ئۆگنەيمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم، سەنچە بولارمۇ ! ئاكاڭنىڭ تىككۈچىلىك ھۇنىرى بازار بويىچە ئا لدىنىقى قاتاردا تۇردۇ. مەھەللىدىكى ئاياللاركىيم تىكتۈرگىلى دۇكانغا بەك كىرىدىكەن، مەنمۇ كىرىپ كۆرۈپ باقتىم. ئاكاڭ تىككەن كىيىملەرنىڭ تىكلشمۇ بەك سۈپەتلىك ھەم ھازىرقى زامان مودىغا ماس كېلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيمۇ دۇكانغا يېىقىن ئۇكىلرىم كىچىك، ئازراق بولسمۇئۆي ئشلىرىغا يېقىن تۇرالايدىكەنمەن. شۇڭا شۇنداق ئويلاپ قالدىم. مەن بۇ خىيالمنى ھازىر ساڭلا دەۋاتمەن، قانداق سەنچە بولارمۇ؟-دېدى ئاينۇر خۇددى چوڭ بىر ئىشتىن ئۈمىد كۈتىۋاتقاندەك زۆھرەگە قاراپ.

 - ياخشى ئويلاپسەن ئاداش، راستىنلا ماشىنىچىلىق ئۆگىنىمەن دېسەڭ، مەن ئاكامغا دەپ باقاي، بىراق ئاناڭ قوشۇلامۇ؟- دېدى دېدى زۆھرە.

-بۇ خىيالىمنى ئانامغا تېخى ئېيتمدىم، مەنچە ئانام چوقوم قوشۇلدۇ، ئەمما ئاكاڭ مېنى بەك كىچىك ئاسان ئۆگنىلمەيدۇ، دەپ قۇبۇل قىلماي قالارمۇ ؟_ دېدى ئاينۇر، مەيۈسانە بىر ھالەتتە.

-مەكتەپتە ئوقۇمايمەن دەپلا چىقىۋالدىڭ، ھەقىقەتەن توغرا ئويلاپسەن، بىرەر ھۈنەر ئۆگەنمىسەڭ بولمايدۇ زادى. مەن ئاۋال ئاكامغا دەپ باقاي. -زۆھرە شۇنداق دەپ، ئاينۇرنىڭ مەڭزىنى يەڭگىل چىمدىپ قويدى.

 - ماقۇل، -دېدى ئاينۇر خۇشال بولۇپ، - مەنمۇ ئانامغا دەي، چۇقۇم ئۆگىنىمەن ئاداش. ئۇ ئۆزىگە چىرايلىق كىيىم تىكىۋاتقان ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىنىچە خۇشال ھالدا زۆھرە بىلەن پاراڭلىشىپ بولۇپ ئۆيىگە قايتىپ چىقىپ ئانىسى ئايسىخانغا ئۆزىنىڭ ماشىنىچىلىق ئۆگىنىش ئوينىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئايسىخان ئانىمۇ قىزىنىڭ بۇ ياخشى پىلانىغا ئاپىرىن ئوقۇپ <ئەقىللىق قىزىم!> بەك ياخشى ئويلاپسز دېگىنىچە ئۇنى باغرىغا باستى.. ئەتىسى ئايسىخان ئانا بىر داستىخان تەييارلاپ زۆھرەنىڭ ئاكىسى تۇرسۇنجان ئۇستامغا قىزىغا ماشىنىچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىتىپ قويۇش توغرىسىدا ئىلتىماس قىلىپ كىرگەنلىكىنى ئېيتتى. تۇرسۇنجان ئۇستامنىڭ شاگىرتلىرى كۆپ ئىدى، ئۆزىمۇ ھۈنەرگە پىشقان ئادەم بولۇپ، بۇ يېزىدا ئەرەنچە ئىشتان -چاپان، ئايالچە يوپكا، چاپان، پەلتۇلارنى تىكىشتە داڭقى بار ئىدى. تۇرسۇنجان ئۇستاممۇ ئايسىخان ئانىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلماي ئاينۇرنى شاگىرتلىققا ئالدى. شاگىرتلارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان ئوماق ئاينۇر ئىنتايىن زېرەك، بولغاچقا ئىككى يېرىم يىلدىلا ھۈنەرنى قولىغا ئېلىپ، مۇشۇ مەھەللىدە كىچىك بىر ماشىنىچىلىق دۇكىنى ئاچتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章