كۆڭۈلگە چاقچاق || 4-قىسىم توردىكى مۇھەببەت

文摘   2024-12-22 11:00   新疆  



3-قىسىم
2-قىسىم
1-قىسىم
=
=4-قىسىم





(4-قىسىم)

توردىكى مۇھەببەت


ئاپام كەلمەيدىغانلىقىنى ئېتىپ تېلېفوننى زەردە بىلەن قويغاندىن كېيىن قايتىدىن ئىچىم پۇشۇشقا باشلىدى. ئالدىمدا ۋەيرانە تۇرقى بىلەن سوزۇلۇپ ياتقان ئۆيلەرنى يىغىشتۇرغۇممۇ كەلمىدى، ئۆزۈم يالغۇز قانچىلىك ئىش قىلىپ بولالايتتىم؟ بۇ ئۆيلەرنى ئۆي سىياقىغا كىرگۈزۈپ بولغۇچە شاڭخەيدىن پارقىرىتىپ تارىنىپ ياسىنىپ كەلگەن ماۋۇ تۇرقۇممۇ دىۋانىدىن بەتتەر بولۇپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. مەن تېخى ئۆز خىيالىمدا ئاپام ھازىرلا يولغا چىقسا، ئىككى- ئۈچ سائەتلەرگىچە كېلىپ بولسا، ئۇ چاغقىچە شەھەرگە كىرىپ ئاپامنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن ئوبدانلا بىر ئۈستەل زىياپەت ھازىرلاپ تۇرسام، بىر ئائىلە كىشىلىرى چىرايلىق جەم بولۇپ كۆڭۈللۈك غىزالانساق دەپ پىلان تۈزۈپ كېتىپتىمەن. مۇشۇنداق ئويلىمىغان يەردىن كۆڭۈلگە ياغاچ تىقىدىغان قېلىقى تۈگىمەي ئاپام دۇنيادىن كېتەمدىكىن دەپمۇ قالىمەن بەزىدە. يەنە بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشقا ھەققى بار دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. قانداقلا بولمىسۇن «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن» دەپ تۇرىۋېلىپ ئۇنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلدىم ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئاپامنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماي ئوقۇشتىن توختاپ، ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئۆينى باققان بولسام، ئۇمۇ «ئەرگە تېگىپ بىر ئەرنىڭ تېپىپ بەرگىنىنى يەيمەن» دەپ بۇ ئۆيلەرنى ماڭا تاشلاپ قويۇپ كېتىۋېلىپ يۈرمەيتتى.

«ئاپامنىڭ ئارزۇسى» دېگىنىم بىلەن كەلگۈسى ئىستىقبالنى ئويلىمىساق يەنە بولمايتتى. ئەمما كەلگۈسى ئىستىقبال دەپ ئوقۇغان ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن بولساممۇ، جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپنىڭ دىپلومىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ھەممىلا يەردە خىزمەت ئىزدەپمۇ ئۆز ئىستىقبالىمنى تاپالمىغانمەن. ئاپامنىڭ ئاچچىقلاپ كايىپ قالىدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ مەسىلە. «شۇنچىۋالا پۇل خەجلەپ كاتتا بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغاندىكىن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ ياخشى خىزمەت تېپىپ، مۇشۇ يەردە ئىشلەپ قالىدۇ» دەپ ئويلىغان ئاپامنىڭ بۇ ئارزۇسىمۇ جايىدىلا تۇنجۇقۇپ قېلىپ، مەن خىزمەت تاپالمىغاننىڭ ئۈستىگە يانچۇقۇم قۇرۇق، يەي دېسەم ئاش- نېنىم يوق ھالدا يەنىلا ئاپامغا قولۇمنى سوزۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. بۇ چاغدا ئاپام كېيىنكى ئۆگەي دادامنىڭ ئۆيىدە بولۇپ، ئۇ ئۆگەي دادام ھەرھالدا قولى كەڭ، باي ئادەم ئىدى. مەن پۇل دېسەم قىلچە ئىككىلەنمەي بېرەتتى. ئاپامنى تەڭقىسلىقتا قويۇشنى، چىرايىمىزنىڭ سارغىيىپ قېلىشىنى خالىمايتتى. شۇڭا مەن ئاپامنىڭ باھانىسىدە ئۆگەي دادام بىلەن تونۇشۇپ يېقىن بولۇۋېلىپ، پۇلۇم تۈگىسىلا ئۇنىڭغا ئەركىلىپ ياخشىچاق بولۇپ پۇل ئېلىپ خەجلەپ ئويناپ يۈرىۋەردىم. بۇ كۈنلەر ئۇزاققا بارماي، بىر كۈنى ئۆگەي دادام مەن توغرۇلۇق ئاپام بىلەن پاراڭلىشىپ ئەمدى ماڭا يەنە پۇل بەرمەيدىغانلىقىنى، ئەگەر خىزمەت تېپىپ ئىشلىگەچ ئوينىسام ئۇنىڭغا بولىدىغانلىقىنى، ئىشقا بېرىپ كېلىدىغانغا موتسېكلىت ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇدەك. بۇ گەپلەرنىڭ ئارىسىدىكى «موتسېكلىت ئېلىپ بېرىمەن» دېگەن گەپ ماڭا ياغدەك ياققان بولسىمۇ، «ئىشلىسۇن، بىكار يۈرسە بولمايدۇ» دېگەن گەپنى چورتلا ياقتۇرمىدىم. ئۇدا بىر يىل ئىزدەپمۇ تاپالمىغان خىزمەتنى ئۆگەي دادامنىڭ مۇشۇ بىر ئېغىز گېپى بىلەنلا تاپالىشىم مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر قولىدىن كەلسە ئۆزى خىزمەت تېپىپ مېنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسۇن، بولسا ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ گېزىت كۆرۈپلا ئاي توشسا مائاش ئالىدىغان خىزمەت بولسا، جاپا تارتمىسام، ئىشى يەڭگىل بولسا تېخى ياخشى.

مۇشۇ خىيالىمنى ئاپامغا دەپ بارغان كۈنۈم ئاپام ئىككىمىز خېلى ئۇزۇن جېدەل ئوينىدۇق. تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئاپام ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى بۇ جېدەلنى تېشىدىكى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ قالغان ئۆگەي دادام ماڭا شۇ قېيدىۋالغىنىچە ئىككىنچى قارىماي قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆگەي دادامدىن پۇل ئېلىپ خەجلەيدىغان كۈنلىرىم ئاخىرلىشىپ، يانچۇقۇم قاچانلا قارىسا نامراتلىقتىن سولىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. داۋاملىق پۇل سوراپ جېدەل قىلىشىمدىن بەزگەن ئاپاممۇ ئىزدىسەم يېقىن يولىمايدىغان، تېلېفون قىلسام ئالمايدىغان، بۇ ئۆيگە ھەپتە- ئايلاردا بىرەر قېتىم كەلمەيدىغان بولىۋالدى. ئەتىگەن- كەچلەردىكى تاماقلاردا ھە دېسە قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چېپىۋەرگىلى بولمىدى. 

ئاخىرى تىكەندەك يالغۇز قالغان بۇ ئۆينى، قەدىناس مەھەللەمنى، ماڭا قېيدىۋېلىپ قارىمايۋاتقان ئاپامنى تاشلاپ، مەنمۇ ئۇلارغا قېيدىۋېلىپ ئۇدۇل شاڭخەيگە كەتتىم. بۇ پىلاننى ماڭا ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم كۆرسەتكەن ئىدى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇمۇ شاڭخەيگە بېرىپ بىر تاشقى پېرېۋوت شىركىتىدە ئىشلەپ ئوبدان كەسىپ ئەھلىدىن بولۇپ قالغان ئىدى ۋە بېرىشنى خالىسام كىراغا يەتكۈدەك پۇل قەرز بېرىپ تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇ دېگىنىنى قىلىپ پۇل قەرز بەردى، لېكىن مەن شاڭخەيگە بارغاندىن كېيىن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم. ئۇ ئېيتقان تاشقى پېرېۋوت شىركىتىگە ئىزدەپ بارغىنىمدا خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا بىر ئالدامچىلىق ۋەقەسىگە چېتىلىپ قېلىپ سولاققا كىرىپ قالغانلىقىنى، بۇ ئىشنىڭ پات ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتمەي ئۆز ئىشىمنى قىلىۋېرىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بۇ ئىش ماڭا بەكلا زەربە بولغان بولسىمۇ، بىر ياخشىلىنىش بولۇپ قالار دەپ ئويلاپ ئۇ قەرز بەرگەن پۇلدىن بېلەت ئېلىپ ئېشىپ قالغان ئازغىنە قىسمىنى ئاۋايلاپ خەجلەپ نەچچە كۈن شۇ يەردە جاھاندارچىلىق قىلىپ تۇردۇم. لېكىن شاڭخەيدەك ئىستىمال سەۋىيىسى يۇقىرى ئۇنداق چوڭ شەھەردە نەچچە يۈز يۈەن پۇل ئاز كۈنلا تىرىكچىلىك قىلىشقا يېتەتتى. پۇلۇم تولۇق تۈگىگەندىن كېيىن ياتىدىغان يەرمۇ يوق، يەيدىغان، ئىچىدىغان نەرسەممۇ يوق، كوچىدىلا قالدىم. ئاخىرى بولماي جېنىمنى بېقىش ئۈچۈن كىرمىگەن تۆشۈك، چىقمىغان دۆڭ قالمىدى. تەلىيىمگە يارىشا بىر نەچچە شىركەتلەر سىناپ ئىشلىتىپ باقىدىغانغا ماقۇل بولغان بولسىمۇ، خىزمەت تۈزۈمىنىڭ قاتتىقلىقى، كونا خىزمەتچىلەرنىڭ ئارام بەرمەي ئىشقا بۇيرۇپ، چاي توشۇشقا، تازىلىق قىلىشقا سېلىپ، ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا قىلدۇرۇپ ھالىمنى قويماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ھېچ بىرىدە بەش كۈندىن ئارتۇق ئىشلىيەلمىدىم. ئۇنداق شىركەتلەرنىڭ تولىسى سىناق ئىشلىگەن مەزگىلدە مائاش بەرمەيدىكەن، ھەتتا تۇرمۇش خىراجىتىمۇ، ياللانما ئىشچىنىڭ ئىش ھەققىچىلىكمۇ پۇل بەرمەيدىكەن.

ئىشلار ئەنە شۇنداق بولىۋېرىپ، ئاخىرى يېنىمدىكى پۇلدىن موچەنمۇ قالماي، ئەخلەتلەر ئارىسىدىن ئەسكى- تۈسكىلەرنى تېرىپ سېتىپ، تاشلاندۇق يېمەكلىكلەرنى تېرىپ يەپ كۈن كەچۈرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدىم. پۇل سوراي دەپ ئاپامغا تېلېفون قىلسام ئۇ ئىزچىل ئۆزىنى مەندىن قاچۇرۇپ تېلېفونۇمنى ئالمايۋاتاتتى. پەمىمچە ئۇنىڭ شاڭخەيگە كېلىۋالغىنىمدىن خەۋىرى يوق بولۇپ، مەھەللىدە بىر ئوبدان تۇرىۋاتىدۇ دەپلا ئويلايتتى. «بۇ قېتىمدا ئالمىسا كېيىنكى قېتىمدا ئېلىپ قالار» دېگەن ئۈمىد بىلەن نەچچە كۈنلەپ ئۇدا تېلېفون قىلغان بولساممۇ، ئۇ تېلېفوننى پەقەتلا ئالماي قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ، ئۆزۈمگە تايىنىش قارارىغا كەلدىم. سىناق ئىشلىتىدىغان شىركەتلەرنىڭ ھېچ قاندىقىنى قوبۇل قىلمايتتىم، پەقەت بارغان ھامانلا ئىشقا ئېلىپ، ئاي توشقاندىن كېيىنلا مائاش بېرىدىغان خىزمەتلەرگە ئېھتىياجىم بار ئىدى.

مۇشۇ مەقسەتنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر مېھمانسارايدىن ئامانلىق ساقلىغۇچىلىق خىزمىتى تاپتىم. بۇ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىق خىزمىتى دېگەن گەپ بىزنىڭ تىلىمىزدىكى «باۋئەن» دېگەن گەپ شۇ ئىدى. گەرچە داڭلىق ئالىي مەكتەپنى خېلى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىۋاتقان ئىستېدادلىق بىر ياش بولساممۇ، جان بېقىش ھەلەكچىلىكى بۇ كىبىرلىكىمنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلدى. چۈنكى بۇ قورساق دېگەن نەرسە «مەن دېگەن كاتتا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارنى قىلسام، باۋئەنلىك خىزمىتى ئىشلىسەم بولمايدۇ، ئۇنداق قىلسام خەقنىڭ ئالدىدا بېشىمنى كۆتۈرەلمەي قالىمەن» دېگەن گەپكە ئۇنىماي، يۈز- خاتىرە قىلماستىن كۈندە ئۈچ ۋاق ئېچىۋېرەتتى. شۇڭا بۇ قورساقنى باقماي بولمايتتى ۋە جاھاندارچىلىقنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتى ھايات قىلىش، يەيدىغانغا ئاش- نېنى، خەجلەيدىغانغا پۇلى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئامانلىق ساقلىغۇچى بولسام ھېچ بولمىغاندا مېھمانساراي مېنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەيتتى، ئەتىگەنلىك ناشتامنىمۇ شۇ يەردىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەتتى. ئاي توشقاندا ئالىدىغان مائاشىم سىجىل كەينىمگە چۈشەتتى، دېسەممۇ بولاتتى. شۇڭا ئىككىلەنمەي مۇشۇ خىزمەتنى ئىشلەپ تۇرۇشنى تاللىدىم. ھېچ بولمىغاندا بىرەر مەزگىل جاھاندارچىلىق قىلىۋېلىپ، مۇۋاپىق بىرەر خىزمەتنىڭ ئېپى چىققاندا ئاندىن خىزمەت ئالماشتۇرساممۇ كېچىكمەيمەن، دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق ئويلىمىغان يەردىن بۇ خىزمەتنى بىرلا تاپقىنىمچە ئۇدا توققۇز يىل ئىشلەپ قېلىپ، مېھمانساراينىڭ ئەڭ كونا، ئەڭ قاملاشقان، ئەڭ ئىقتىدارلىق، ئەڭ بىلىملىك ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان ئىدىم. بۇياققا كېلەرىمدىمۇ ئەنە شۇ خىزمىتىمدىن ئىستېپا بەرگەن ئىدىم.

ئەينى يىلى شۇ خىزمەتنى تاپقانلىقىم ھەققىدە ئاپامغا سۆزلەپ بەرگىنىمدە، ئۇ قىلچە يۈز- خاتىرە قىلماستىن جاھاننى بېشىغا كىرىپ ۋارقىراپ:

-«ئەمدى ئوقۇمىغىن، ئىشلەپ ئۆينى باققىن، سەن دېگەن ئوغۇل بالا، ئۆينىڭ ئېغىر يۈكىنى ئۈستۈڭگە ئېلىشىڭ كېرەك» دەپ بىر چىرايلىق تەربىيە قىلسام ئۇنىماي، «ئالىي مەكتەپتە چوقۇم ئوقۇيمەن، چوڭ شەھەرلەردە، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولىمەن، ھەممە ئادەم ھەۋەس بىلەن قارىشىدىغان، ئاغزىغا چوڭ ئېلىشىدىغان قالتىس خىزمەت تاپىمەن» دەپ مەيدەڭگە مۇشتلاپ زۇۋانىڭنى بولۇشىچە كىرىۋاتمامتىڭ؟ سېنىڭ ئۇ ئارمان قىلغان كاتتا، قالتىس خىزمىتىڭ مۇشۇمىدى؟ ئاشۇ كىچىككىنە قوتۇر مېھمانسارايغا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇش ئۈچۈن بەش يىل ئالىي مەكتەپتە شۇنچە پۇلنى خەجلەپ، شۇنچە ئاش- ناننى يەپ، شۇنچە ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلىپ ئوقۇدۇڭما؟ مۇشۇ سېنىڭ ياراملىق، قالتىس ئادەم بولۇپ كەتكىنىڭما؟ تېخى نومۇس قىلماي ماڭا تېلېفون بېرىپ «ئاپا مەن خىزمەت تاپتىمەي، ئەمدى مۇقىم خىزمىتىم بار بولدىيەي...» دەپ ھىجىيىپ كېتىشلىرىنى قانداق قىلاي؟ بىرەرسى «ئوغلىڭىز خىزمەت تېپىپتىمۇ؟ قەيەردە ئىشلەيدىكەن؟» دەپ سورىسا نېمە دەيمەن؟ «قوتۇر، ئەبجەق مېھمانسارايدا باۋئەن بوپتۇ» دېيەلەمدىم؟ نومۇسۇمنى كەلتۈرمەي دەرھال خىزمىتىڭنى ئالماشتۇر! بىرەر بايغا شوپۇر بولساڭمۇ، ئوقۇتقۇچى بولساڭمۇ ياكى سېتىش خادىمى بولساڭمۇ مەيلى، بوينۇڭغا خىزمەت كېنىشكىسىنى تاقاپ، كىرگەن چىققانلارنى ئىشخانا- ئىشخانىلارغا باشلاپ قويىدىغان يول باشلىغۇچى، مۇلازىمەتچى خادىم بولساڭمۇ مەيلى، ئىشقىلىپ ماۋۇ باۋئەن دەيدىغان قالپاقنى كۆزۈمدىن يوقات! مەن ئۇنداق «باۋئەن ئوغلۇم بار» دەپ يۈرمەيمەن خەقكە...- دېگەن ئىدى.

مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ خىزمەت يامان ئەمەس ئىدى. ئۆز يۇرتۇمنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش تەمىنات ئەھۋالىغا قارىغاندا بىر قەدەر ياخشى ھېسابلىناتتى. يېرىم كۈن ئىشلىسەك يېرىم كۈن دەم ئالاتتۇق، پۈتۈن كۈن ئىشلەيمەن دېسەك مائاش قوشۇپ بېرەتتى. يەنە كېلىپ ئايلىق مۇقىم مائاش سەككىز مىڭ، پۈتۈن كۈن ئىشلەپ تاپقان پۇلىمىز بىلەن خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالاتتى. لېكىن ئاپام بۇ گەپلەرنى چۈشەندۈرۈشۈمگىچە تاقەت قىلىپ تۇرماستىن، گېپىمنىڭ بېلىگە تېپىپلا شۇ چاغدىمۇ جالداقشىپ تېلېفوننى قويۇۋەتكەن ئىدى. ئاپام ئەزەلدىن مېنىڭ نېمىلەرنى خالايدىغانلىقىمنى، نېمە ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمنى، نېمىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمنى ئويلىشىپ ئولتۇرمايتتى. پەقەت ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلساملا بولاتتى، ئارزۇسىغا خىلاپ ئىش قىلساملا مانا مۇشۇنداق چالۋاقايتتى. ھەتتا قىلچە يۈز قىلماي تىللاپ كېتەتتى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ گېپىگە كىرىپ خىزمىتىمدىن ئىستېپا بېرىپ باشقا خىزمەت تاپمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇ خېلى زامانلارغىچە قېيداپ يەنە تېلېفونۇمنى ئالمىغان ئىدى. ئۇنداق ۋارقىراپ كاكىراپ بۇيرۇق قىلىپ قويغان بىلەن، بۇ يەردە خىزمەت تاپماقنىڭ قانچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى، بىر ئورۇندا پۇت تىكلەپ تۇرماقنىڭ قانچىلىك قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى ئۇ بىلمەيتتى. ئۇ ھەم بۇ خىزمىتىمنىڭ مائاشىنىڭ ئۆز يۇرتۇمدىكى ئىش ھەققىگە قارىغاندا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ھازىر بىر ئايدا ئېلىۋاتقان ئىش ھەققىمنى ئۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ تىرىشىپ- تىرمىشىپ ئۈچ ئاي ئىشلىسە ئاندىن تاپالايدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.

ئۆتمۈشنى ئەسلەپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز قورسىقىمنىڭ ئېچىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. قانداقلا بولمىسۇن كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق بولغان ئاپامغا ساقلاپ ئولتۇرماي، مۇشۇ ۋاقىت بولسىمۇ قورساقنى تويغۇزۇپ تۇرۇش كېرەك ئىدى. مەھەللىمىز كىچىك ھەم چەت بولۇپ، بۇ يەردە بىرەر ئاشپۇزۇل ياكى كاۋاپخانا يوق ئىدى. شۇڭا ياخشىراق بىرەر ۋاق تاماق يېيىش ئۈچۈن يېزا مەركىزىنى نىشانلاپ ماڭدىم. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن توردا تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەن، تېخى دىدارىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولمىغان قىز دوستۇمنى ئىزدەپ بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.

قىزنىڭ ئىسمى ھەلىمە بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىنىمغا تۆت يىل بولغان بولسىمۇ پەقەت ئىككى قېتىملا سىنلىق پاراڭلىشىشتا كۆرۈپ باققان ئىدىم. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇ سىن ئېچىپ پاراڭلىشىشنى خالىماي قوياتتى. سەۋەبى ئاپىسىنىڭ ئۇنى تولىمۇ قاتتىق باشقۇرغانلىقى، يات ئوغۇللار بىلەن پاراڭلاشقىنىنى بىلىپلا قالسا پاچىقىنى چاقىدىغانلىقى قاتارلىق خېلىلا جىڭ باسىدىغان سەۋەبلەر ئىدى ۋە مەن بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ ئاپىسى ئالدىدا يۈزى سۆرۈن بولۇپ قېلىشىنى، دىلى ئازار يەپ قېلىشىنى خالىماي رايىغا قوياتتىم. شۇنداق قىلىپ بىز ئىزچىل يا تېلېفونلىشىپ پاراڭلىشاتتۇق، يا ئۈندىداردا ئاۋازلىق، خەت يېزىپ دېگەندەك پاراڭلىشىپ بىر- بىرىمىزنى ئاساسەن كۆرۈشمەيتتۇق. بۇ قېتىم يۇرتقا قايتىپ كېلىدىغانلىقىمدىن ھەتتا ئۇنىڭمۇ خەۋىرى يوق ئىدى. مەن خۇددى ئاپامنى تۇيۇقسىز خوش قىلىۋېتىشنى ئويلىغاندەكلا ئۇنىمۇ تۇيۇقسىز ھەيران قالدۇرۇشنى، تۇيۇقسىز خوش قىلىشنى ئويلاپ ئۇنىڭغىمۇ ئۇچۇر بەرمەيلا كەلگەن ئىدىم. قىياسىمچە قايتىپ كەلگىنىمنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىپادىسى ئاپامنىڭكىگە قىلچە ئوخشىمىغان ھالدا ناھايىتى قىزغىن ھەم خۇشاللىنارلىق بولاتتى. چۈنكى مەن نەچچە قېتىم ئۇنىڭغا «قايتىپ بارغان ھامانلا توي قىلىمىز، سىزنى ئەمرىمگە ئالىمەن، ئۆز قولۇم بىلەن يېتىلەپ بىزنىڭ ئۆيگە كېلىن قىلىپ ئېلىپ كىرىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم.


4


تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئاشخانىدىن چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىماي، قايتا- قايتا ئويلاپ نېمىلەرنى دېيىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈۋالغاندىن كېيىن قىز دوستۇمغا تېلېفون قىلدىم. ئۇ تېلېفوننى ئېلىپلا خۇشاللىقىدا قىن- قېنىغا پاتمىغان ھالدا ئاق قۇشقاچتەك جاۋۇلداپ سۆزلەپلا كەتتى. مېنى سېغىنغانلىقىنى، بەكلا پاراڭلاشقۇسى كەلگەنلىكىنى، ئۆيدىكى ئىشلار ئالدىراش بولغانلىقتىن تېلېفون قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغانلىقىنى، مېنىڭ تېلېفون قىلىشىمنى ساقلىغانلىقىنى، ئۆزۈم ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسام بەكلا خۇش بولىدىغانلىقىنى، ئەيتاۋۇر ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ ھېچ توختاي دېمەيتتى. ئۇنىڭ گېپى تۈگىگىچە ساقلاپ تۇرغاندىن كېيىن:

-سىزگە بىر خۇش خەۋەرنى دەيمۇ؟- دېدىم ھەييارلىق بىلەن ئۇنىڭ ئىپادىسىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ. ئۇ نېمە خوش خەۋەر ئىكەنلىكىنى سورىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يۇرتقا قايتىپ كەلگەنلىكىمنى، ھازىر يېزا مەركىزىدە ئىكەنلىكىمنى، ھېلىغىچە چىقالىسا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈم بارلىقىنى ئېيتتىم. ھەم شۇ گەپلەرنى دېگەچ، شاڭخەيدىن ئۇنىڭغا ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن بىرمۇنچە سوۋغاتلار قاچىلانغان سومكىغا مېھرىم بىلەن قاراپ قويدۇم. ئۇ بۇ گەپنىڭ راست- يالغانلىقىنى ئاڭقىرالماي جىممىدە تۇرۇپ كەتتى، ئاندىن «راست دەۋاتامسىز؟ راستلا قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟ چاقچاق قىلماڭ، بۇنداق ئىشقا چاقچاق قىلسىڭىز بولمايدۇ، راست گەپ قىلىڭە، سىز زادى قەيەردە؟...» دەپ بىرھازا سوراشتۇرۇپ كەتتى. مەن ھەقىقەتەن قايتىپ كەلگەنلىكىم ھەققىدە قايتا- قايتا چۈشەندۈرگەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ توختىماي سوراشلىرى جىممىدە بېسىقىپ قالدى. ئاندىن خوشمۇ دېمەي تېلېفوننى قويىۋەتتى. ئۇنىڭ بۇ قېلىقىنى چۈشىنەلمىدىم. ئەمما تېزلا «ئاپىسى كىرىپ قالغان بولسا خوش دېيىشكە ئۈلگۈرمەي قويىۋېتىپ قالغان بولمىسۇن يەنە» دېگەننى ئويلاپ توغرا چۈشىنىشكە تىرىشىپ، قايتا تېلېفون قىلسام تېلېفونۇمنى ئالماي بېسىۋەتتى. ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇرغىنىمدا «سۆزلىشىۋاتىدۇ» دەپ ئۇقتۇرۇش چىقىۋەرگەندىن كېيىن ھېلىغىچە تېلېفونى بىكار بولسا ماڭا تېلېفون قايتۇرىدىغۇ دەپ ئويلاپ شۇ تاماقخانىدا ساقلاپ ئولتۇرۇپ تۇردۇم. ئەمما يېرىم سائەت ساقلىغان بولساممۇ ئۇ تېلېفون قايتۇرمىغاندىن كېيىن، قايتا- قايتا، قايتا- قايتا ئۇرىۋەردىم. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ تېلېفونى ئىزچىل ئالدىراش ئىدى. 


4-قىسىم تۈگىدى، داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ، ئەسكەرتىش: ئىنكاس يازغاندا باش- ئاخىرىغا چىراي ئىپادىسى قوشۇپ يولىمىسىڭىز ئىنكاس كۆرۈنمەيدۇ.

ھەر قانداق بىرەيلەننىڭ بۇ ئەسەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشى چەكلىنىدۇ! 


HijranKechisi
ھىجران كېچىسى ئەسەرلەر جەمگاھىغا قوشۇلۇڭ 欢迎关注欣之夜订阅号!
 最新文章