بىر سەۋەبى بار
مەمەتجان مەسئۇت ھەبىبى
ھەر پەسىلدە گۈللىمەس چېچەك،
قەدەمدە بىر كەلمەيدۇ باھار.
قەدىرلەنسە كېچەمدۇ يۈرەك؟
كەچكەن بولسا بىر سەۋەبى بار.
كۈلگەن ئىنسان كۈلىۋەرمەيدۇ،
گاھى ئەزىز، گاھى بولۇر خار.
ياغسىز چىراغ كۆيىۋەرمەيدۇ،
ئۆچكەن بولسا بىر سەۋەبى بار.
شاراب تاتلىق ئەمەستۇر بەلكىم،
شۇنداقتىمۇ قىلارمىش خۇمار.
ئىچسە «مەيخور» دەيمىز، ۋە لېكىن،
ئىچكەن بولسا بىر سەۋەبى بار.
ئۇسسۇل تۈزدە ياخشى، گەپ يۈزدە،
گەپ- سۆز تاپماڭ بىكاردىن بىكار.
چۈشەر ياپراق سارغايسا كۈزدە،
چۈشكەن بولسا بىر سەۋەبى بار.
ساۋاق ئېلىڭ كەتكەن يىللاردىن،
ھارارەتسىز ئېرىگەيمۇ قار؟
مۇھەببەتمۇ كۆچەر دىللاردىن،
كۆچكەن بولسا بىر سەۋەبى بار.