ئايگۈل ناسىر ياسىمەن || قايت كۆڭلۈم ​

文摘   2024-12-25 00:03   新疆  

قايت كۆڭلۈم


ئايگۈل ناسىر ياسىمەن


سەن قەدەھتىن سىرغىغان شاراب،

ياكى دىلنى چۇلغىغان ئازاپ.

بۇ ھىجراندا كەتسەڭمۇ قاناپ،

قايتقىن كۆڭلۈم، قايتقىن ئۆزۈڭگە...


يارى ئەمەس، سەن يار دېگەننىڭ،

سايىسى سەن ئۇ يار بىلگەننىڭ،

جەبرىسى كۆپ گۈلدەك تىكەننىڭ،

قايتىقىن كۆڭلۈم، قايتقىن ئۆزۈڭگە...


كۆيمىگەندىن ئۈمىد كۈتمىگىن،

سۆيمىگەندىن ھەسرەت يۈتمىگىن،

قىسمىتىڭگە خارلىق پۈتمىگىن،

قايتقىن كۆڭلۈم، قايتقىن ئۆزۈڭگە...


پارە- پارە بولساڭمۇ ھەردەم،

بىلىندۈرمە، ياشىغىن بەردەم،

سۆيمىگەنگە ئالمىغىن قەدەم،

قايتقىن كۆڭلۈم، قايتقىن ئۆزۈڭگە...



HijranKechisi
ھىجران كېچىسى ئەسەرلەر جەمگاھىغا قوشۇلۇڭ 欢迎关注欣之夜订阅号!
 最新文章