چەمبىرەك پاراڭلىرى

文摘   2024-12-26 11:01   新疆  






ئىمكانىيەت بولسىلا ئۆز ھاجىتىڭدىن ئۆزۈڭ چىق، مىننەت سۆزى ئۆلۈمدىن يامان...


-كۆڭۈل



ھەر بىرىمىزنىڭ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايدىغان مەلۇم بىر ئىشى بولىدۇ، تاماق ئېتىشتەك، ئېچىلىپ كۈلۈشتەك، شېئىر يېزىشتەك، چۇڭقۇر سۆيۈشتەك، زېرىكمەي سېغىنىشتەك، ھەتتا ھارماي كۈتۈشتەك...


-ئاينۇر



ئۆزەڭگە مۇناسىۋەتلىك بولمىسا جېق ئىشلارغا ئارىلاشما، سىڭگەن نان ئەڭ ياخشى.


                   -خانقىز



ئېغىرىمىز، ھاجىتىمىز، ئېھتىياجىمىز، قىسقىسى، ھېچنىمىمىز ھېچكىمگە چۈشمىسۇن.

-لەيلا



مۇھەببەت كىملەر ئۈچۈن بىر سۆزدىن ئىبارەت، يەنە كىملەر ئۈچۈن بىر ئۆمۈردۇر...


-ئابدىراخمان



ئىشەنچ تۇرمىغان جايدا ھېچنەرسە تۇرمايدۇ.

 ‏ ⁠

                      -ئەتىرچى



كۈلكىمۇ، يىغىمۇ ئەمەستۇر ئەبەد، 

ئادەمگە ھەر ئىشلار كېلەر بىر نۆۋەت...


                      -مەريەم


          

يۈرەك ياۋايى مەخلۇق بولغاچقا، قوۋۇرغىلىرىمىز ئۇنىڭغا  قەپەزدۇر.


                       -مەريەم



قىممەت نەرسىلەردە مۇھەببەت ‏‭ىشۇلوب‬‏ ناتايىن، ‏‭اممەئ‬‏ مۇھەببەتلىك نەرسىلەنىڭ ‏‭مۇقوچ‬‏ قىممىتى بار.


 -خەيرىگۈل


ھىجران كېچىسى سالونى تەييارلىدى، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!

HijranKechisi
ھىجران كېچىسى ئەسەرلەر جەمگاھىغا قوشۇلۇڭ 欢迎关注欣之夜订阅号!
 最新文章