كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
4-قىسىم | 5-قىسىم | 6-قىسىم |
7-قىسىم | 8-قىسىم | 9-قىسىم |
10-قىسىم | 11-قىسىم | 12-قىسىم |
13-قىسىم | 14-قىسىم | 15-قىسىم |
16-قىسىم | 17-قىسىم | 18-قىسىم |
19-قىسىم | 20-قىسىم | 21-قىسىم |
22-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
-ئەپەندى… -دېدى ئۇ تېلېفون ئۇلانغاندىن كېيىن يىغلاپ تۇرۇپ.- شەمسىيە ھېچ نەدە يوق، ئۇنى كۆرگەن ئادەممۇ يوقكەن. قانداق قىلارمىز؟ ھۈ… ھۈ… ھۈ… مەن يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا كىرىپ باقايمىكىن دەيمەن.-گۈلسۈم باياتىندىن بېرى قورقۇنچتاھەم شەمسىيەنىڭ دولقۇن دېگەندەك بىرەر يەردە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدەك رېئاللىقنى قوبۇل قىلغۇسى كەلمىگەچكە، ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ئەمما تېپىلىپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن يەنىلا ئۆزى ئىزدەپ يۈگۈرۈپ يۈرگەنىدى. ئۇنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلالماسلىقنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئۇ تۈنۈگۈن تېخى ئادەم بېدىكىگە ئوخشىتىلىپ، ئۇ يەرگە بىر قېتىم كىرىپ چىققان، گەرچە كېيىن ئىشلار ئېنىقلانغان بولسىمۇ، ئەمما بىرمۇنچە خىجىلچىلىق بولغانىدى. شۇڭا ئارىدىن تېخى بىر كۈنمۇ ئۆتمەيلا، يەنە ئۇ يەرگە دېلو مەلۇم قىلىپ كىرىشكە گۈلسۈمنىڭ بوينى قاتتىق كەلگەنىدى.
مانا ئەمدى ئۇنىڭ بارچە ئوي خىياللىرى يوققا چىقىپ پەقەت رېئاللىقتىن ئىبارەت رەھىمسىز سىرتماق ئۇنىڭ گېلىنى سىقىشقا باشلىغاندىلا ئاندىن بۇ ئويىنى دولقۇنغا ئېيتىۋاتاتتى. ھازىر ئۇنىڭ بۇ ئىش نادىرەنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالغۇچە،شەمسىيە تېپىلسا بولاتتى. دېگەن ئەنسىرەشلىرىنىڭ ئورنىنى شەمسىيەنى يامان ئادەملەر تۇتۇپ كەتكەن بولسا قانداقمۇ قىلارمەن، بىچارە شەمسىيە قانداقمۇ قىلار دېگەن ئەنسىرەش ئىگىلىگەنىدى.
-ھە… ياق… ياق… توختاپ تۇرۇڭ! مەلۇم قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ مەن قىلاي. لېكىن مېنىڭچە بۇ بالا چوقۇم يېقىن ئەتراپتا بىرەر يەردە بار توختاڭ-ھە! مەن ھازىر ئۆيگە كېتىۋاتىمەن. سىزمۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىڭ! مەن ئۇنى ئىزدەشكە ئادەم ئەۋەتتىم. بىز ئۆيدە خەۋەر كۈتەيلى.
گۈلسۈم دولقۇننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بايىقى ئەنسىرەشلىرى سەل بېسىقىپ قالدى. چۈنكى دولقۇن خۇددى شەمسىيەنىڭ بار يېرىنى بىلىدىغاندەكلا گەپ قىلىۋاتاتتى. ھەم ئۇنچە بەك ئەنسىرەپ كەتكەندەكمۇ قىلمايتتى. دولقۇننىڭ ئۆيگە كېتىۋاتىمەن دېگەن گېپى بىلەن گۈلسۈم «ئۇنىڭدىن ئارتۇق گۇمان قىلىپتىمەن. ھەرىكەت قىلىشىمۇ قولايسىز تۇرۇپ قىزىدىن ئەنسىرەپ دوختۇرخانىدىنمۇ چىقىۋاپتۇ، تېخى ئىزدەشكە ئادەم ئەۋەتىپتۇ. ئۇنىڭغا دائىم ئاۋارىچىلىقلا ئېپكېلىۋاتىمەن.ھەي…
ئەگەر بۇ بىر قېتىملىق چاقچاق بوپ قالغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە!. بىرەرسى ماڭا چاقچاق قىلىپ شەمسىيەنى مۆكتۈرۈپ قويغان بولسىكەن. ئۆيگە بارسام شەمسىيە ئالدىمغا كۈلۈپ چىقسا خۇشاللىقتىن يۈرىكىم يېرىلىپ كېتەرمۇ!» دېگەندەك باش ئاخىرى يوق خىياللىرى بىلەن ئۆيگىمۇ كېپ قالدى.
ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرگۈچە قوللىرى تىترەپ كەتتى، ئەمما ئارزۇ قىلغىنىدەك ئىش يۈز بەرمىدى، شەمسىيە ئۆيدە يەنىلا يوق ئىدى.
زال ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا دولقۇن بېشىنى چاڭگاللىغىنىچە چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى.
ئۇ گۈلسۈمنىڭ كىرگەنلىكىنى تۇيۇپ بېشىنى كۆتۈردى.
گۈلسۈم تۇرغان جايىدىلا قېقىلىپ يىغلاپ كەتتى.
دولقۇن چاقلىق ھارۋىنى ئىتتىرىپ گۈلسۈمنىڭ يېنىغا كەلدى، گۈلسۈم شۇ ھامان ئۇنىڭغا تىزلاندى.
-كەچۈرۈڭ ئەپەندى. مېنى كەچۈرۈڭ! مەن بەك ئەقىلسىزكەنمەن. مەن… مەن شەمسىيەگە ياخشى قارىيالمىدىم. ھۈ… ھۈ… ھۈ… مېنى تىللىغىڭىز بولسا تىللىۋېلىڭ ئەپەندى، مەن قىزىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم… ھەتتا مېنى ئۇرسىڭىزمۇ ماڭا ھەق… -گۈلسۈم شۇنداق دەپلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۆز-ئۆزىنى كاچاتلاشقا باشلىدى.
دولقۇن دەرھاللا ئېڭىشىپ ئۇنىڭ ئۆزىنى قوللىرىنى تۇتۇۋالدى.
-بۇنداق قىلماڭ! بولدى گۈلسۈم… ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. تىنچلىنىڭ دەيمەن… ماڭا بولغان ئىشلارنى ئەمدى تەپسىلىي بىر دەپ بېرىڭ. سىز بايا بىر كىمنىڭ بىر نېمىسىنى ئىزدىشىپ بەرگىلى كەتكەن دېدىڭىزمۇ-ھە؟!
-ھەئە، ئۇ مېنىڭ خىزمەتدىشىم ئايتۇنەم ئاچام. ئۇنىڭ بىر تال ھالقىسى يىتۈپ كېتىپتىكەن، ئۇ يېنىمغا ئىزدىشىپ بېرىڭ دەپ كەلگەنىدى. مەن ئۇ يەردە ئۇزاق ھايال بولمىغان، ئۇنىڭغىچە سىز تېلېفون قىلدىڭىز نەچچە مىنۇتلا پاراڭلاشتۇق. ئاندىن تېلېفوننى كۆتۈرۈپ شەمسىيەنىڭ يېنىغا كەلسەم ئۇ… ئۇ يوق تۇرىدۇ.ھۈ… ھۈ… ھۈ… ئەپەندى سىز ئەۋەتكەن ئادەملەر ئۇنى تاپالارمۇ؟ مېنىڭچە تېزراق ساقچىغا مەلۇم قىلساق بولامدىكىن؟… بىچارە شەمسىيە…
-توختاڭ! توختاڭ! مەن ئويلاپ باقاي. سىزنىڭ ئۇ خىزمەتدىشىڭىز قانداق ئايال… ئۇنى تولۇق چۈشىنەمسىز… شەمسىيەنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن ئۇنىڭ ئالاقىسى يوق دەپ كېسىپ ئېيتالامسىز؟
گۈلسۈم بىردىنلا يېغىدىن توختاپ ئويلىنىشقا باشلىدى، دەرۋەقە بەزىبىر گۇمانلىق نۇقتىلار، ئەمدىلەتىن ئۇنىڭ ئېسىگە كېلىۋاتاتتى.
« نېمىشقا شۇنچە جىق بالىلار بىللە ئوينىغان تۇرۇپ؟ ئارىدىن پەقەت شەمسىيەلا يوقاپ كېتىدۇ، يەنە كېلىپ شەمسىيەنىڭ ئۇ يەرگە بېرىپ ئويناۋاتقىنىغا تېخى ئىككى كۈنلا بولدى. ئۇ يەردە ئەسكى ئادەملەر ئۇ بالىلارنى پايلاپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ئىككى كۈندىلا دىققىتى شەمسىيەگە مەركەزلىشىپ قالغانمىدۇ. يەنە ئايتۇنەم ئاچام ئۇنىڭ بۈگۈنكى قىلىقلىرى بەكلا سىرلىق. نېمىشقا باشتىلا ئېسىمگە كەلمىگەندۇ؟» مۇشۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن گۈلسۈم دولقۇنغا دېدى.
-ئۇ… ئۇ ئايالنى بەك چۈشىنىپمۇ كەتمەيمەن، ئەمما مىجەز خاراكتېرىنى ئاز تولا بىلىمەن، ئۇ پۇلغا ئامراق. شەخسىيەتچى. يالغان گەپنى تولا قىلىدىغان، پۇرسەت بولسىلا بىراۋنى قۇيسام دەپلا تۇرىدىغانراق ئايال. يەنە قولى ئەگرىمۇ ئوخشايدىكەن …
ئازراق قولى ئەگرىمۇ ئوخشايدىكەن ئىلگىرى خىزمەت جەريانىدا شۇنداق بىر سەۋەنلىكلەرنى سادىر قىلغان. ئەمما شىركىتىمىزنىڭ تۈزۈمى شۇنچە چىڭ تۇرۇپ ئۇنى نېمىشقا ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى مەنمۇ بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ ئەمدى ئويلاپ باقسام ئۇ ئايال راستتىنلا گۇمانلىق تۇرىدۇ… مەن… مەن ھازىرلا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلاي.
دولقۇن گۈلسۈمنىڭ گەپلىرىنى تەھلىل قىلىۋاتقاندا، گۈلسۈم شۇنداق دەپلا ئايتۇنەمگە تېلېفون قىلىش ئۈچۈن تېلېفونىدىن ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئىزدەشكە باشلىدى.
-توختاڭ توختاپ تۇرۇڭ گۈلسۈم، سىز ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ نېمە دەيسىز؟ ناۋادا بۇ ئىشنى ئۇ خوتۇن قىلغان بولسا قاپ يۈرەكلىك بىلەن بۇنداق ئىشنى قىلالىغان ئادەم سىزنىڭ بىر تېلېفونىڭىز بىلەن شەمسىيەنى نېمە قىلغىنىنى ئېيتىپ بېرەرمۇ؟…
دولقۇننىڭ بۇ گېپى گۈلسۈمنى يەنە بىر قېتىم سەگىتتى. ئۇ ھازىر شەمسىيەدىن ئەنسىرەۋاتقىنىنى ياكى ئۇنىڭغا قارىغاندا ئۆزىنىڭ كېيىنلىكىدىن بەكرەك ئەنسىرەۋاتقىنىنى ئىلغا قىلالمايۋاتاتتى. ئەمما پۈتۈن ۋۇجۇدىنى چۇلغاپ يۈرىكىنى چىدىغۇسىز ئاغرىتىپ غاجاۋاتقان بىر تەشۋىش ئۇنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنىدى.
-توغرا… سىزنىڭ دېگىنىڭىز توغرا. مۇشۇ تۇرقىدا قانداق قىلىشىمنىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن. ياكى سىز ئىزدەشكە ئورۇنلاشتۇرغان ئادەملەر شەمسىيەنى تاپقانمىدۇ ئۇلارغا بىر تېلېفون قىلىپ باقساق بوپتىكەن… ھۈ… ھۈ… ھۈ…
-ئۇلار تاپقان بولسا ماڭا تېلېفون قىلاتتى. قارىغاندا… -دولقۇن گەپنىڭ ئاخىرىنى دېمىدى. شۇئان گۈلسۈمنىڭ يىغا ئاۋازى يەنە ئۆي ئىچىنى بىر ئالدى.
-ئەمدى قانداق قىلىمىز
ئەپەندى؟… مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك. ئايتۇنەمنى ئىزدەپ بېرىپ باقايمۇ؟!
-توختاڭ! توختاپ تۇرۇڭ! مەن ئوبدانراق ئويلاپ باقاي… -دولقۇن شۇنداق دېگىنىچە ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ يىغلاۋاتقان گۈلسۈمدىن سەل يىراقلىشىپ تۇرۇپ ئويلاشقا باشلىدى.
ئەمەلىيەتتە ئادەم قەلبىدە ئىككى ئىشىك بولۇپ بىرى ياخشىلىقنىڭ بىرى رەزىللىكنىڭ ئىشىكىمىش، ياخشىلىقنىڭ ئىشىكىنىڭ قۇلۇپى ئاجىزراقمىش. رەزىللىكنىڭ ئىشىكى قات-قات قۇلۇپلانغانمىش، ئەمما ئىنسان ياخشىلىق ئىشىكىنى ئېچىشنى خالىمىغان بىر پەيتتە، ئوي خىياللىرى رەزىللىككە كۈچ قۇۋۋەت بېرىپ، قۇترىغان رەزىللىك قات-قات قۇلۇپلارنى پاچاقلاپ تاشلاپ ئىشىكتىن چىقىۋالارمىش ۋە چىقىپلا ياخشىلىقنىڭ ئىشىكىنى چىڭ تىرەپ تۇرىۋالارمىش، ئۇنىڭ قېرىق قولى قېرىق پۇتى بار بولۇپ، ئۆزى ياخشىلىقنىڭ ئىشىكىنى تىرەپ تۇرسىمۇ پۇت قوللىرىنى ئىشقا سېلىپ ئىنساننىڭ ئوي خىيالىنى، ھېس تۇيغۇلىرىنى ھەتتا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى كونترول قىلىۋېلىپ، ئۆزى خالىغان ئىشلارنى قىلارمىش. بۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ قىلغان ھېچبىر ئىشى ياخشىلىققا تەۋە بولماستىن ئۆزى رەزىللىكنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالارمىش.
مانا دولقۇن دەل مۇشۇنىڭ مىسالى ئىدى.
بۈگۈن ئۇ نادىرەنىڭ شىركىتىنى يۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىلىقتا قويغان ئادەم بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشقاندا ئۇ ئادەم شىركەتنىڭ ئەھۋالىنىڭ دولقۇن ئويلىغاندەك ئۇنچە ياخشى ئەمەسلىكىنى، دولقۇن داۋاملىق شىركەتنى يۈتىۋېلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىركەشكەندە ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىگە ئېرىشكەنلىرىنىڭ بويلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا دولقۇن غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتتى.
ئۇ ئىچىدە « نادىرە بەك ھىيلىگەر، چوقۇم مەندىن ئېھتىيات قىلىپ پۇللىرىنى باشقا يەرگە يوشۇرۇپ قويغان گەپ. شىركەتنى يۈتىۋېلىش ئارقىلىق ئۇنى ۋەيران قىلغىلى بولمىسا، يەنە كېلىپ مەن تارتقان ئازاب ۋە خورلۇقلىرىمنىڭ بەدىلىگە ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمىسەم شۇنچە يىلدىن بېرى چىداشلىق بەرگىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى. بىر ئامال قىلىپ بۇ تۈلكىنىڭ تىقىپ قويغان پۇللىرىنى ئاشكارىلاتقۇزۇش كېرەك. مەن شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئېنىقلىغان ئىشلار بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. شىركەتنىڭ مالىيە ھېساباتى چوقۇم ئىككى خىل شەكىلدە باشقۇرۇلىۋاتىدۇ. خەپ نادىرە… سەن پۇللىرىڭنى زادى نەگە تىقتىڭ؟ سېنىڭ يېنىڭنىڭ توملۇقىنى، ئەمما ئۆزۈڭنى نىقابلاشقا بەك ئۇستىلىقىڭنى بىلىمەن. باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاىلە ئىقتىسادىدىمۇ ئاساسەن ئاددىيلىقنى قوغلىشىسەن… ئەمما بۇنى باشقىلاردىن يوشۇرالىغىنىڭ بىلەن… مەندىن يوشۇرالمايسەن. زادى قانداق قىلسام سېنىڭ تىقىپ قويغان پۇللىرىڭنى چىقىرالامەن، سېنىڭ ئاجىزلىقىڭ شىركەت بولمىسا ئۇنداقتا نېمە؟… شىركەتتىن باشقا مۇھىم بىلىدىغىنىڭ… شەمسىيە!… توغرا شەمسىيە!» دېگەنلەرنى ئويلاپ ئاجايىپ رەزىل بىر ئىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. بۇ ئۇنىڭ ھازىرغىچە قىلغان ئەڭ رەزىل خىيالى ئىدى. يەنى شەمسىيەنى تۇتقۇن قىلىش ئويۇنى ئويناپ، نادىرەدىن پۇل سۇغىرىۋېلىش، ئۇنىڭغا بىردىنبىر ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئامالدەك تۇيۇلىۋاتاتتى.
ئەمما، ئۇ تېخى خىيال قىلىۋاتقاندا ئاجايىپ غەلىتە ئىش يۈز بېرىپ، شەمسىيە راستتىنلا يوقاپ كەتتى.
بۇ ھال دولقۇننى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، ياكى نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قېلىپ خىيالىي تۇيغۇدا بولۇۋاتقاندەك گاراڭ بىر ھالەتكە ئەكېلىپ قويغانىدى.
شۇڭا گۈلسۈم ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئېيتقاندىمۇ ئۇ قورقۇپ كەتتى.
كېيىن سەل ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ ئويلاپ بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ قىلمىغانلىقى، ئۆزىنىڭ پەقەت خىيال قىلغانلىقىدەك ئەمەلىيەتكە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما شەمسىيەنىڭ ئۆزى سىيرىلما تاختا ئويناشقا قىزىقتۇرغانلىقى سەۋەبلىك سىيرىلما تاختا ئوينىغىلى بېرىپ، شۇ يەردە يوقاپ كەتكەنلىكىنى نادىرە بىلسە ئىشلارنىڭ يەنىلا چاتاق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئەمدىلىكتە باشقا ئامال قىلىپ بۇ مەسئۇلىيەتتىن چىرايلىق ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر پىلان تۈزمەكچى بولۇۋاتاتتى.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئاۋۋال گۈلسۈمنى بۇ خاتالىقتىن يىراقلاشتۇرۇشى كېرەك ئىدى. بولمىسا ئىشلار يەنە ئەسكى مازدەك سۆرۈلۈپ چىقىپ، نادىرە ئۇنى يەنىلا بوش قويۇۋەتمەيتتى.
ئۇ كاللا قاتۇرۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ يوشۇرۇپ قالالىغۇدەك يەرلىرىنى ئويلاشقا باشلىدى. ناۋادا نادىرە قايتىپ كەلگۈچە ياكى بۇلار ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا مەجبۇر بولغۇچە شەمسىيە تېپىلىپ قالسىغۇ ياخشى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا چوقۇم ئىشلارنىڭ تېخىمۇ يامىنىغا ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ياخشى بىر تەييارلىقى بولۇشى كېرەك ئىدى.
ئەڭ ئاۋۋال شەمسىيەنى يەر چىقمىغاندەك ئاتايىن شۇ يەرگە سىيرىلما تاختا ئويناشقا ئېلىپ بارغانلىقىنى يوشۇرۇپ قېلىش كېرەك ئىدى. ناۋادا دولقۇن بۇ ئىشتا مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ،«مەن پەقەت شەمسىيەنى سىيرىلما تاختا ئويناشقا ئىلھاملاندۇرغان، مەن ئۇ چاغدا دوختۇرخانىدا ئىدىم. لېكىن گۈلسۈم ئۇنى ئۆينىڭ ئەتراپىدا ئويناتماي ئاتايىن باشقا يەرگە ئېلىپ بېرىپتۇ ھەم شۇ يەردە ئۇنىڭغا ياخشى قارىماي يۈتتۈرۈپ قويۇپتۇ» دەپ تۇرۇۋالسىغۇ جىنايى جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈلۈپ قالسا گۈلسۈم بىلەنلا كېتەر. لېكىن نادىرە سۈرۈشتۈرۈپ قالسا، قىزىنىڭ ئىچ ئاغرىقىدا ئىشلا گۈلسۈم بىلەنلا تۈگىمەي ئاجرىشىمەن دەپ دولقۇننى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىشى،بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ كېيىنكى پىلانىنىڭ يولىنى چورتلا ئۈزۈۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا قىلچە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايتتى. ئەمدىكى ئىشلارنى ئەتراپلىق ئىنچىكىلىك بىلەن قىلىشقا توغرا كېلەتتى.
دولقۇننىڭ تېلېفونى سايراپ تېخىچە يىغلاۋاتقان گۈلسۈم ۋە چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ كەتكەن دولقۇننى چۆچۈتىۋەتتى.
-مەن شەمسىيەنى ئىزدەشكە ئەۋەتكەنلەر تېلېفون قىلىپتۇ!-دېدى دولقۇن تېلېفون ئېكرانىغا بىر قاراپلا.
گۈلسۈمنىڭ كۆزلىرىدە ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى.
-ۋەي!… ياخشىراق قارىدىڭلارمۇ؟… شۇنداقمۇ؟ ماقۇل… شۇنداق بولسۇن… سىلەرگە ئەتە تېلېفون قىلىمەن.
دولقۇن شۇنداق دەپ تېلېفوننى ئۈزۈۋېتىپ گۈلسۈمگە قارىدى.
گۈلسۈم ئۇنىڭ چىرايىدا ھېچبىر خۇشاللىق ئالامىتىنى كۆرەلمەي نېمە ئىش بولغىنىنى بىلدى-دە يەنە جايىدا لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
-يەنىلا تېپىلماپتۇ.-دېدى دولقۇن پەس ئاۋازدا.
-ھۈ… ھۈ… ھۈ… ئەپەندى، بىز ساقچىغا مەلۇم قىلايلى. ساقچىلارغا شەمسىيەنىڭ يوقاپ كېتىشىدە ئايتۇنەمنىڭ گۇمانلىق ئادەم ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتىمەن.ئۇلار مېنى تۇتۇپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ شەمسىيەگە بىر ئىش بولۇپ قالمىسۇن. ئۇنى تېزراق تېپىۋالايلى. شەمسىيەگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا مەن ئۆزۈمنى مەڭگۈ كەچۈرەلمەيمەن.… ھۈ… ھۈ… ھۈ…
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇