كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
4-قىسىم | 5-قىسىم | 6-قىسىم |
7-قىسىم | 8-قىسىم | 9-قىسىم |
10-قىسىم | 11-قىسىم | 12-قىسىم |
13-قىسىم | 14-قىسىم | 15-قىسىم |
16-قىسىم | 17-قىسىم | 18-قىسىم |
19-قىسىم | 20-قىسىم | 21-قىسىم |
22-قىسىم | 23-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
دولقۇن بېشىنى ساڭگىلىتىپ يىغلاۋاتقان گۈلسۈمگە بىزارلىق بىلەن قاراپ قويۇپ «كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدى دېسەم چاتىقى جىق خېنىمكەنغۇ بۇ! قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ باقمىدىم، ئەمما كۈنلىرىم ئۇنىڭ كاساپىتىگە كېتىش بىلەنلا ئۆتۈۋاتىدۇ ھەي…» دەپ ئويلىدى.
بايا تېلېفون قىلغىنى دەرۋەقە دولقۇن ياللىغان ئادەم بولۇپ، دولقۇن ئۇنى شەمسىيە يوقاپ كەتكەن جايغا بېرىپ ئۇنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلغاچ، ئۇ يەردە كۆزىتىش كامېراسى بار يوقلىقىنى ئۇقۇپ بېقىشقا ئەۋەتكەنىدى.
بۇنىڭدا ئۇنىڭ ئىككى مەقسىتى بولۇپ بىرىنچىسى، ناۋادا نەق مەيداندا كۆزىتىش كامېراسى بولسا، شۇ ئارقىلىق شەمسىيەنىڭ زادى قەيەرگە كەتكەنلىكىگە ئالاقىدار يىپ ئۇچىغا ئېرىشىش. ئىككىنچىسى بولسا، ناۋادا ئۇ يەردە كۆزىتىش كامېراسى بولمىسا شەمسىيەنىڭ، ئۇ يەرگە بېرىپ ئوينىغانلىقىنى گۈلسۈم بىلەن دولقۇن ئېيتمىسىلا باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن باشقىچە تەدبىر قوللىنىش ئىدى.
دولقۇن ياللىغان ئۇ ئادەم بايا شەمسىيەنى ئۇ يەردىن تاپالمىغانلىقىنى، ھەم ئۇ يەرنىڭ ئەتراپىدا خېلى يەرگىچە كۆزىتىش كامېراسى يوقلۇقىنى ئېيتىپ تېلېفون قىلغانىدى.
ئەمدى دولقۇن پەقەت ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى كۆزىتىش كامېراسىنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلسىلا شەمسىيەنىڭ گۈلسۈم بىلەن بىللە چەت جايغا سىيرىلما تاختا ئوينىغىلى بېرىپ شۇ يەردە يوقاپ كەتكەنلىكىدەك ئىسپاتنى ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولاتتى ۋە بۇ ئارقىلىق ئىشلارنىڭ گۈلسۈمگە چېتىلىپ قېلىشىنىڭ، ئاندىن نادىرەنىڭ گۈلسۈمنىڭ ئېغىزىدىن ئۆزىنىڭ شاللاقلىقىنىڭ شەمسىيەنىڭ يوقاپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى.
-بولدى يىغلىماڭ… -دېدى ئۇ گۈلسۈمگە.-سىزمۇ كىنو كۆرۈپ باققان بولغىيتتىڭىز كىنولاردا ئەسكى ئادەملەر بالىلارنى تۇتقۇن قىلىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى پەقەتلا پۇل، ئەمما بالىلارنىڭ ئاتا ئانىسى ساقچىغا مەلۇم قىلسا ئۇلار تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويىدۇ، شۇڭا مەن ئالدىراقسانلىق قىلىشقا پېتىنالمايۋاتىمەن.
-مېنىڭچە شەمسىيەگە راستتىنلا بىز ئويلىغاندەك كېلىشمەسلىك كېلىپ قالغان بولسا، ھېلىغىچە بىزگە تېلېفون كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بىز كېچىچە ساقلاپ باقايلى. يەنىلا بىرەر خەۋىرى بولمىسا ئاندىن ئەتە ھېلىقى خىزمەتدىشىڭىزنى ئۆيگە چاقىرىڭ، ناۋادا ئۇنىڭ شەمسىيەنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن راستتىنلا ئالاقىسى بولسا، بىز ئۇنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى. ئەگەر ھازىر ئۇنى ئىزدەپ بارىمىز دېسەك ئىشنى چوڭايتىپ قويۇشىمىز مۇمكىن. قېنى ئەتە بىر بولسۇن … ئەھۋالغا قاراپ بىر ئىش قىلارمىز…
« توغرا، كىنولاردا راستتىنلا شۇنداق ئىشلار بولىدىغۇ، تاس قاپتىمەن… بىچارە شەمسىيەگە زىيانكەشلىك قىلىپ قويغىلى. زادى قانداق قىلسام بولار… بۇ قېتىم بەك چوڭ ئىش تېرىپ قويدۇم؟ نېمىشقىمۇ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالىمەن ئېرىنى تارتىۋېلىپ كۆزىگە كۆرسىتىپ قويىمەن دەپ يەنە بۇ يەردە قېپ قالغاندىمەن، ئۇ ھەيدىۋەتسە كەتكەن بولسام ھەرقانچە بولسىمۇ ئىشلار بۇنچىلىك يامان بولماس ئىدى.» گۈلسۈم شۇلارنى ئويلاپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز تېلېفون كېلىپ ئۇنى چۆچۈتىۋەتتى..
نادىرە تېلېفون قىلغانمىكىن دەپ گۈلسۈمنىڭ يۈرىكى ئېغىزىغا كەپلىشىپ قالدى، ئەمما تېلېفون ئېكرانىدا پارقىراپ تۇرغان بىلالنىڭ نومۇرىنى كۆرۈش بىلەن ئۇنىڭ كەيپى ئۇچتى ئىچىدە <مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ ئادەمنى ئارامىدا قويمىغان» دەپ غۇدۇراپ قويدى-دە، تېلېفوننى بېسىۋەتتى.
-كىمكەن بېسىۋەتتىڭىزغۇ؟-سورىدى دولقۇن.
گۈلسۈم دولقۇنغا ئۆزىنىڭ بىر كېچە ساقلاشقا تاقىتى يوقلىقىنى، ھېچ بولمىسا ئۆزىمۇ بولسا چىقىپ شەمسىيەنى يەنە بىر ئىزدەپ بېقىشنى ئېيتاي دەپ تۇرغاندا ئۇنىڭ تېلېفونى يەنە سايراپ كەتتى تېلېفون قىلغىنى يەنىلا بىلال ئىدى.
گۈلسۈمنىڭ چىشلىرى غۇچۇرلاپ تېلېفوننى يەنە بېسىۋېتەي دەپ تۇرغاندا دولقۇن:
-ئېلىڭە! مۇھىم ئىشى بولمىسا قايتا-قايتا تېلېفون قىلماس بولغىيتتى.-دەپ قالدى.
گۈلسۈم ئامالسىز تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن تېلېفوننى ئۇلىدى.
-ۋەي!
-ۋەي گۈلسۈم… -دېدى بىلال ئالدىراپلا.
-ھە… ياخشى ئۆزۈڭلارچۇ سىلەرمۇ ياخشى تۇرۋاتامسىلەر-دېدى گۈلسۈم چاندۇرماستىن.
بىلال بىردەم تۇرۇپ كېتىپ نېمە ئىش بولغىنىنى بىلدى بولغاي يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
-ھە… گۈلسۈم. قارىغاندا سىزگە ئەپسىز ئوخشايدۇ. مەن پەسرەك سۆزلەي. مەن دېمەكچى ئۇ ئۆيدە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
-ھە، ياق، ياخشى… ياخشى.-دېدى گۈلسۈم ھودۇقۇپ.
-ئەمىسە خوجايىنىڭىز تۇيۇقسىزلا ئۆيگە كېتىپ قالدىغۇ؟
-ھە… شۇنداق… دېدىمغۇ مەندىن ئەنسىرىمەڭلا… ياخشى تۇرۇۋاتىمەن . مەن كېيىن سىلەرگە ئۆزۈم تېلېفون قىلاي بولامدۇ؟ ھازىر سەل ئالدىراش ئىدىم.
گۈلسۈم شۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى ۋە كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا دولقۇنغا قارىغاچ تېلېفونىنى چاندۇرماستىن ئاۋازسىز قىلىۋەتتى.
-نېمە ئۆيىڭىزدە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
-ياقەي! ئۆيۈمدىكىلەر ياخشى، شۇ… ئۇلارنىڭ سەل ئۇششاق گېپى جىق. ماڭا ئاساسەن پۇل دەپ تېلېفون قىلىدۇ.… شۇڭا بايا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا تېلېفونىنى ئېلىشنى ئەپسىز ھېس قىلىپ بېسىۋەتكەنىدىم.
بۇ چاغدا دولقۇننىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى، نادىرە ئۇنىڭغا سىنلىق پاراڭلىشىش ئۇلىغانىدى.
بۇ ئىككىسىنىڭ جىددىي كەيپىياتىنىڭ ئۈستىگە ئارقا ئارقىدىن ئېلىشنى خالىمايدىغان تېلېفونلار كېلىپ بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىپ باراتتى.
دولقۇنمۇ تېلېفوننىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ ئالمىدى.
- نادىرەكەن.-دېدى،
ئۇ ئۆزىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرغان گۈلسۈمگە. گۈلسۈمنى يەنە قورقۇنچ بېسىۋالدى.
-ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى بىلمەيمەن، شۇڭا ئالمىدىم. ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقىۋالغىنىمنى بىلسە چوقۇم سەۋەبىنى سورايدۇ شەمسىيەنىڭ ئىشىنى بىلسە ئۇ نېمە بولۇپ كېتەر… شۇڭا شەمسىيە ئاپىسى بۇ ئىشنى بىلىپ قالغۇچە تېپىلسا بولاتتى، بۇ قىز زادى نەدە يۈرىدىغاندۇ … دولقۇن يەنە شەمسىيە ۋە نادىرەگە ئىچ ئاغرىتقان بولۇۋېلىپ ئۆز ئەپتى بەشىرىسىنى يوشۇرۇۋاتاتتى .
-ھۈ… ھۈ… ھۈ… ئەپەندى مەن چىقىپ ئۇنى يەنە ئىزدەپ باقاي.-گۈلسۈم شۇنداق دېگىنىچە ئىشىك تەرەپكە ماڭدى.
-توختاڭ، گۈلسۈم، مېنى ئارامىمدا قويۇڭ بولامدۇ؟ يەنە ئىش تاپماڭ؟ مەن ئادەم ئورۇنلاشتۇردۇم، سىز ئىزدىگەنگە تاپالايدىغان ئىش بولسا ئۇنى بۇرۇنلا تېپىپ ئەكىرىپ بولغان بولاتتىڭىز… -دولقۇن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ۋارقىراپ تاشلىدى، گۈلسۈم قورقۇمسىراپ ئۇنىڭغا قارىدى.
-كە… چۈرۈڭ مەنمۇ بەك ئەنسىرەۋاتىمەن… شۇڭا كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق، ھازىر… ھازىر مېنى بىردەم تىنچ قويۇڭ بولامدۇ، بىردەم ھۇجرىڭىزغا كىرىپ تۇرۇڭ!
گۈلسۈم بۇ بۇيرۇققا قارشى چىقالماي يىغلىغىنىچە ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى.
دولقۇن چاقلىق ھارۋىنى ئىتتىرىپ شەمسىيەنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى.
ئۈستەل ئۈستىدە شەمسىيەنىڭ كۈلۈپ چۈشكەن بىر پارچە سۈرىتى بار ئىدى، دولقۇن ئۇنىڭغا قاراپ ئېغىر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كېيىن تېلېفونىنى چىقىرىپ كىملەرگىدۇر تېلېفون قىلىشقا باشلىدى.
بىر چاغدا ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى. بۇنى ئاڭلاپ ھۇجرىسىدا يىغلاپ ئولتۇرغان گۈلسۈم سىرتقا چىقتى. زال ئۆيدە دولقۇن كۆرۈنمەيتتى. گۈلسۈم ئىشىكنى ئېچىپ ئىشىك ئالدىدا قاراپ تۇرغان بىلالنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.
-سىز… سىز بۇ يەرگە نېمىگە كەلدىڭىز؟ تېلېفونىڭىزنى ئالالمىغىنىم ئۈچۈن ئۆيگە ئىزدەپ كېلىدىغان گەپمۇ؟ بىز ھەممىنى دېيىشىپ بولغان ئىدۇققۇ؟-دېدى گۈلسۈم ئارقىسىغا ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ قويغاندىن كېيىن.
-كەلدىڭىزمۇ؟-دولقۇننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ گۈلسۈم بىر چەتكە ئۆتتى.
گۈلسۈمنىڭ گېپىگە ئەمدىلا جاۋاب قايتۇراي دەپ تۇرغان بىلال گۈلسۈمدىن نەزىرىنى يۆتكەپ دولقۇنغا قاراپ ماڭدى.
-ھەئە…
-تېزلا كەپسىز!
-ھەرىكەت قىلىشىڭىز قولايسىز، شۇڭا سىزنى قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ تېلېفون قىلىشىڭىز ھامانلا كەلدىم.
-ھە، ياخشى بوپتۇ..
گۈلسۈم شۇ چاغدىلا بىلالنى دولقۇننىڭ چاقىرتقانلىقىنى بىلدى.
بىلال گۈلسۈمنىڭ يېغىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ قېلىۋاتاتتى.
-بولدى سىز ھۇجرىڭىزغا كىرىپ كېتىۋېرىڭ ئىش بولسا چاقىرىمەن.-دېدى دولقۇن گۈلسۈمگە.
گۈلسۈم كىرىپ كەتكەندىن كېيىن دولقۇن بىلالغا ئۆزىنى، ئادەتتە نادىرە ئۆيدە يوق ۋاقىتلاردا تۇرىدىغان ھۇجرىغا ئېلىپ كىرىشنى ئېيتتى.
دولقۇن بىلالنى ئۆيگە كېلىپ مۇلازىمەت قىلىشقا چاقىرغانىدى.
گۈلسۈم ھۇجرىسىغا شۇ كىرگەنچە قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى تۇيمىدى ئەتىسى ئۇ يۈرىكى ئېغىپلا ئويغاندى. تاڭ ئېتىپ كەتكەن بولۇپ، ئەمما كېچىچە دولقۇن ئۇنى بىر قېتىممۇ چاقىرمىغانىدى، ئۇنىڭ چاقىرىشى ئەلۋەتتە شەمسىيەدىن خەۋەر كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. دېمەك شەمسىيەدىن كېچىچىمۇ ھېچبىر خەۋەر بولمىغانىدى.
ئۇ روھسىز ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈز كۆزىنى يۇيغاندىن كېيىن ئاشخانىغا كىردى. بۇ چاغدا بىلالمۇ دولقۇننى چاقلىق ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئىتتىرگىنىچە زال ئۆيدە پەيدا بولدى.
گۈلسۈمنىڭ بۇ ئۆيدە ئارتۇق سۆزلەشكە ياكى ئارتۇق بىرەر ئىش قىلىشقا ھوقۇقى يوق ئىدى، بولسىغۇ ئۇنىڭ شۇ تاپتا دولقۇندىن شەمسىيەدىن خەۋەر كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى سورىغۇسى بار ئىدى. ئەمما ئۇ قايسى سالاھىيىتى بىلەن خوجايىنىنى سوراققا تارتىدۇ، شۇڭا ئۇ دولقۇن ئېغىز ئېچىپ بىر نېمە دېگۈچە ئىچى سىقىلغان ھالدا ناشتىلىق تەييارلىدى.
ناشتىدىن كېيىن دولقۇن بىلالغا قايتىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى بىرەر ئىش بولسا ئۇنى چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىر كېچە بۇ ئۆيدە دولقۇننىڭ مالايلىقىنى قىلغان بىلال، بۇ ئۆيدە زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى گۈلسۈمنىڭ نېمىشقا يىغلىغانلىقىنى بىلەلمەيلا چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋاتاتتى. ھەر ھالدا كېچىدىن گۈلسۈم بىلەن دولقۇننىڭ بۇ ئۆيدە يالغۇز قالمىغانلىقى ئۆزىنىڭمۇ بۇ ئۆيدە ئىكەنلىكى ئۇنىڭ كۆڭلىنى سەل خاتىرجەم قىلغان بولدى.
-بىر كېچە ئۆتۈپ كەتتى. شەمسىيەدىن ھېچقانداق خەۋەر يوق، ماڭا بىرەر يەردىن تېلېفونمۇ كەلمىدى. ئەمدى يەنە ئارقىغا سۆرىسەك بولمىغۇدەك، سىز ھازىر ھېلىقى ئايال خىزمەتدىشىڭىزنى بۇ ئۆيگە چاقىرىڭ، لېكىن ئۇ سىزنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمىسۇن. ئۇنىڭدىن گۇمان قىلىۋاتقىنىمىزنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويساق بولمايدۇ. سىز ئۇنى ھېلىقى يەرگە سائەتلىك ئىشلەشكە بېرىپتىكەن دېدىڭىزغۇ! بۇ يەرگىمۇ سائەتلىك ئىشلەيدىغان ئادەم لازىم دەپ چاقىرتىڭ! بۇنى قىلالامسىز؟-دەپ سورىدى دولقۇن بىلال چىقىپ كەتكەندىن كېيىن گۈلسۈمدىن.
-قىلالايمەن مەن قىلاي.… -گۈلسۈم شۇھامان تېلېفونىنى چىقىرىپ بىردەم ھەپىلەشكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆيدىكى مۇقىم تېلېفون بىلەن ئاىلە مۇلازىمەتچىلىك شىركىتىگە تېلېفون قىلدى.
-ۋەي، ياخشىمۇسىز؟ ئۆي تازىلايدىغان ئىش بار ئىدى، ئىككى سائەتلىك ئىشلەيدىغان ئادەم لازىم. مەن سىلەرنىڭ شىركەتنىڭ ئالدىن كېلىشىش سۇپىسىدىن بەلگە ئۇرۇپ قويغان ئەللىك تۆتىنچى نومۇرلۇق خىزمەتچىنى تېزراق ئەۋەتكەن بولساڭلا!
ئايتۇنەمنىڭ ئالدىن كېلىشىش ئورنىنىڭ دائىملا ئاق قالىدىغانلىقىنى گۈلسۈم بىلگەچكە ئۇنى بۇ يەرگە چاقىرتىش ئاسانغا توختىغانىدى.
دەرۋەقە، ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتمەيلا ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى، گۈلسۈم ئىشىكنى ئاچتى ئايتۇنەم ئۇنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.
-سىز… بۇ… بۇ…
گۈلسۈم ئۇنى قولىدىن كۈچەپ تارتىپ ئۆيگە ئەكىرىپلا ئىشىكنى ياپتى.
-نېمە؟! مەن… قانداق… ؟! مەن بۇ يەردە بولسام بولمامدىكەن؟-دېدى، گۈلسۈم ئايتۇنەمنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپلا تېخىمۇ ھودۇقۇپ كەتكىنىدىن ئۇنىڭغا بولغان گۇمانى كۈچىيىپ.
-ھە… ياقەي سىڭلىم سەھەردىلا بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالدۇق-ھە،ھې… ھې… ھې… گۇرۇپپا باشلىقى مېنى ئىككى سائەتلىك ئىش بار ئىكەن، دەرھال بېرىڭ دەپ ناشتامنىمۇ تۈزۈكرەك قىلغىلى قويماي بۇ يانغا ھەيدىگەنىدى. بۇ يەردە سىز بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىمنى ئويلىماپتىمەن.-ئايتۇنەم دەرھاللا ئۆزىنى ئوڭشاپ يالغان ھىجىيىپ شۇنداق دېدى.
گۈلسۈم ئۇنىڭ قۇلىقىغا قاراپ ئىككىلى قۇلىقىدا ھالقا تۇرغانلىقىنى كۆردى.
-ھالقىڭىزنى تېپىپسىز-دە؟
-ھەئە! تۈنۈگۈن سىز تېلېفون سۆزلىشىۋاتقاندا تېپىۋالدىم.
-خىڭ… خوجايىنىڭىزنىڭ قىزىنى ئېلىپ كېتىدىغانلار ئېلىپ كېتىپ بولغاندىن كېيىنلا تېپىۋالدىم دەڭە!
-نې… نېمە… نېمىلەرنى دەۋاتىسىز سىڭلىم… ئەتىگەندىلا ئالا جوقا سۆزلەپ.-ئايتۇنەم شۇنداق دېگەچ گۈلسۈمدىن كۆزلىرىنى ئېلىپ قاچتى.
-ئاچا، تولا گەپ ئەگىتىپ بىلمەس بولىۋالماڭ! مېنى قەستەن ھالقامنى ئىزدىشىپ بېرىڭ دەپ شەمسىيەنىڭ يېنىدىن ئېلىپ كەتتىڭىز شۇنداقمۇ؟ دەڭە، شەمسىيە قەيەردە! ئۇنى كىم ئېلىپ كەتتى؟
-چاقچاق قىلماڭە ئۇكام، شەمسىيە دېگەن كىم؟
-شەمسىيە دېگەن تۈنۈگۈن سىز باشقىلارغا تۇتۇپ بەرگەن قىز شۇ. خوجايىنىمنىڭ قىزى ئۇ قەيەردە دەۋاتىمەن.
-ۋۇيىت! ئۇكام ياپياش تۇرۇپلا نېرۋىڭىزدىن ئادىشىپ قالمىغانسىز. نېمە ئوڭ تەتۈر ۋارقىراپ يۈرۈيسىز ئادەمگە ئەتىگەندە! بۇ يەرگە مېنى سىز چاقىرتقان ئوخشىمامسىز؟ دېگەن گېپىڭىزنىڭ بىرىنى چۈشەنسەم نېمە دەي؟ مەن ئالدىراش ئادەم. شىركەتتىكىلەرگە دەپ قوياي قاراڭ كېلىپ سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپارسۇن ئۇنىڭغىچە بىردەم ئۆز ئۆزىڭىزگە سۆزلەپ ئوينىغاچ تۇرىڭە! ئوھۇشتە! كەتتىم مەن…
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇