1-قىسىم
نازۇك بىلەكلىرى بىلەن بوينىغا چىرمىشىپ، قىپقىزىل لەۋسۇرۇخىنىڭ ئىزىنى چىقىرىپ تۇرۇپ مەڭزىگە ئېزىپ سۆيۈپ خوشلاشقان ياش چوكاننى ئۇزىتىپ ئىشىك تۈۋىدە قالغان خەمىتنى بىردىنلا غەم باستى. ئۇ بايىقى زىلۋا بويلۇق، ناز-كەرەشمىسى يامان، كۈلۈشلىرى چىرايلىق چوكاننىڭ سىلىق-سىپايە، ئەمما ۋەزنى ئېغىر گەپلىرىنى قايتا-قايتا ئويلىماقتا ئىدى.
«-بۇ گەپنى مۇشۇ بىر قېتىم دەپ سالدىڭىز جېنىم، ئەمما ھەرگىز ئىككىنچى قېتىم دېمەڭ، مەن ھەرگىزمۇ سىزنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويۇپ يۈرىكىمنى تاتىلاپ ئاھ ئۇرۇپ ياشىمايمەن، تەڭ تۇغۇلماپتۇق، بەلكىم تەڭ ئۆلۈشمۇ پىشانىمىزگە پۈتۈلمىگەندۇ، لېكىن بىز چوقۇم ئىككىمىزدىن بىرىمىز ئۆلۈپ ئاندىن ئايرىلىمىز ھەم ئۆلۈم بىزنى ئايرىغىچە ئىناق- ئىجىل، مۇھەببەتلىك ياشايمىز، شۇڭا خاتىرىڭىزنى جەم قىلىپ، داۋاملىق مېنىڭ تاتلىق ئاشىقىم بولىۋېرىڭ!»
مۇشۇ گەپ دېيىلىشنىڭ ئالدىدا خەمىت ئۇنىڭ نازۇك بارماقلىرىنى ئويناپ تۇرۇپ ئەتەيچىلەپ «ئەگەر مەن باشقىسى بىلەن توي قىلسام، شۇنىڭدىن كېيىن سىزگە ھەمراھ بولالمايدىغان بولۇپ قالسام، مەندىن رەنجىپ قالارسىزمۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى. ئەسلى بۇ گەپ خۇپىيانە ئارىلىشىپ ئۆتۈۋاتقان بىر ئايالدىن سورايدىغان گەپمۇ ئەمەستى. ئىشقىلىپ خەمىت ئۇنىڭدىن ئەنە شۇنداق سورىدى. تولا ئويلىنىشتا كاللىسى گاراڭ بولۇپ كەتتىمۇ، ۋەياكى ئەمدىگە قەدەرمۇ يەنىلا ئەقىلسىزلەرچە ياشاۋاتامدۇ، مۇشۇ گەپ بىلەنلا كۆڭلىگە غەشلىك تېرىۋالىدىغانلىقىنى ئۇ شۇ چاغدا زادىلا ئويلىمىدى. شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە جاۋاب بەرمىگەن، ئۆزىدىن سەككىز ياش كىچىك بۇ يىگىتنىڭ كۆزلىرىگە سىنچىلاپ قاراپ جىمىپ كەتكەن بۇ چوكان خېلى ئۇزۇندىن كېيىن، بۇ ئۆيدىن كېتەر ۋاقتىدا ئاندىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن مۇشۇ گەپنى قىلغان ئىدى.
لېكىن بۇ گەپ خەمىتنىڭ كۆڭلىنى خېلىلا بىسەرەمجان قىلدى. ئۇ بۇ چوكان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ مەڭگۈ ئاخىرى چىقمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ئائىلە قۇرىدىغانلىقىغا، مەيلى قانچە ئۇزاقتىن كېيىن بولسۇن، ئىشقىلىپ ئايرىلىدىغان بىر ۋاقىتنىڭ ھامان كېلىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتى. بىراق ئەمدى ئايرىلىش ھەققىدە گەپ پۇراتقىنىدا ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان گېپى مۇشۇ بولىۋاتىدۇ. گەپلىرىگە ئىشەنمەي دېسە تېخى، ئۇ دېگىنىنى قىلىدىغان، ئاچچىقى يامان، تۈرگۈن ئايال. ئىشىنەي دېسە تېخى، ئۇنىڭ دېگەنلىرى بويىچە داۋاملىق خوش- خوشلاپ، ئۆمۈر بويى شۇنىڭغا بويسۇنۇپ، كىشى كۆرمىگەن يەرلەردە داۋاملىق مەخپى يېتىلىشىپ يۈرگىلى بولمايتتى.
راست! ياش ئوتتۇزغا تاقاشقاندا يەنە مۇشۇنداق ئۆتىۋېرىش زادىلا قاملاشمىغان ئىش بولىۋاتاتتى. ساۋاقداشلىرى، خىزمەتداشلىرى، ئاغىنىلىرى ۋە تونۇش- بىلىشلىرىدىن بولۇپ تەڭتۈشلىرىنىڭ ئالدىنىڭ ئىككىدىن بالىسى تۇغۇلۇپ، كەينىمۇ ناغرا- سۇنايچىلاپ مەشرەپ قىزىتىپ ئۆيىگە خوتۇن ئەكىرىپ بولغىنىغا نەۋاخ؟ لېكىن شۇ بىر قوتان قوينىڭ ئارىسىدىن بىر تۇياق ئۆچكە چىققاندەكلا، پۈتۈن ھەقەمسايىلەر ئىچىدىن پەقەت مۇشۇ خەمىتلا ئوتتۇز ياشقىچە بويتاق يۈرگەن چىقىپ قالدى. ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، بوي- تۇرقى قاملاشقان، چىرايىنىڭ رەڭگى جايىدا، گەپ- سۆزى ئاندىن جايىدا، چوڭ شەھەردە ئوقۇپ كېلىپ، ئىمتىھان بېرىپلا بانكىنىڭ كىرىدىت خادىمى بولۇپ قالغان، خىزمەت ئورنىنىڭ گېپى چىقسا ھەممەيلەن ھەۋەس بىلەن زوقلىنىپ قارايدىغان تۈزۈككىنە بىر يىگىت مۇشۇ ياشقىچە بويتاق ئۆتسە، بۇ سوراپ قالغانلارغا چۈشەندۈرمەك تەسراق كېلىدىغان، سورىمىغانلار غەلىتىلىك ھېس قىلىپ يانتۇ قاراپ سالىدىغان ئىش ئىدى.
بۇ دەۋردىغۇ تولا كىشىلەر كېچىكىپ توي قىلىپ، كېچىكىپ بالىلىق بولىدىغان بولۇپ كەتتى. ئەمما ھەرقانچە كېچىكسىمۇ ئوتتۇز نەچچە ياشقىچە سالتاڭ يۈرمەسلىكى كېرەكتە! ئاتا- ئانىسى سۈيلەپ، ئالدىرىتىپ تېخى ئارامىنى قويمايۋاتسا، تەڭتۈشلەرنىڭ بالىلىرىغا قاراپ ئىچى كۆيۈپ، ئۆزىنىڭمۇ بالىسى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ تېخى كۆڭلى يېرىم تۇرسا، توي قىلاي دېسە مۇۋاپىق لايىقلارغۇ بار، ئاپىسىمۇ ھەر قەدەمدە بىر قىزلارنى تېپىپ، قايسىدۇر دەللاللارنىڭ ياردىمى بىلەن ھېلى ئۆيىنىڭ ئادرىسىنى، ھېلى قىزنىڭ رەسىمىنى تەمىنلەپ ئاۋارە بولمىسا، لېكىن شۇ ياشلىقىنىڭ بەڭۋاش ھېسلىرىغا ئەگىشىپ كۆپ ئويلاشمايلا باشلاپ قويغان بۇ مۇناسىۋەتنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرياقلىق قىلىۋېتىپ، ئىمكان بولسا پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇپ ئارىنى ئوچۇق قىلىۋېتىپ ئاندىن تويغا تەرەددۇت قىلمىسا، ماۋۇ ساراڭقېتىش چوكاننىڭ ئاچچىقى كەلتۈرۈپلا قويسا ئىش ياخشى يەردىن چىقمايتتى.
بېشىنى بىرلا بۇراپ يۈزسىزلىك قىلىپ، «نەدە كۆردۈم مەن سېنى؟» دەپلا ئۈزۈلۈشۈپ كېتىپ، ئۇدۇل بېرىپلا تويىنى قىلىۋالسا قانداق بولار؟ ياكى بۇ چوكانغا بىلدۈرمەيلا لايىق تېپىپ، ئادىمىگەرچىلىك ئىشلىرىنى يەڭ ئىچىدە غىپپىدىلا پۈتتۈرۈپ، يەنە چوكانغا بىلدۈرمەيلا تويىنى قىلىپ ئائىلە قۇرىۋالسا، بۇ چوكان كېيىن بىلگۈدەك بولسا تايىنلىق ھەممە ئىشلار تۈگىگەندە ئاندىن بىلسە يەنە قانداق بولار؟... بىر ئويلىسا مۇنداق قىلىشمۇ، ئۇنداق قىلىشمۇ ئوخشاشلا ئاقىلانە چارە ئەمەس ئىدى. مۇشۇنداق بىر ئىلىنىشىپ قېلىشنىڭ كېيىنچە قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بۇدۇشقاقلىق، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئاۋارىچىلىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى باشتا بىلگەن بولسا ھە؟! باسماس ئىدى مۇشۇ نەس قەدەمنى...
خەمىت شۇلارنى ئويلاپ، ئەپسۇسلۇق ئىچىدە بۇ چوكان بىلەن يېڭى تونۇشقان چاغلىرىنى ئەسلەپ قالدى. ئۇ چاغدا خەمىت ئالىي مەكتەپنىلا يېڭىلا پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، خىزمەت ئىزدەپ يۈرگەن چاغلىرى ئىدى. تاجىگۈل ئىسىملىك بۇ چوكان بىلەن بىر ئاكا ئاغىنىسىنىڭ تويىدا تونۇشۇپ قېلىپ، كېلىنچەكنىڭ نەۋرە ئاچىسى بولمىش بۇ چوكاننىڭ ئۈندىدارىنى قوشىۋېلىش تەكلىپىنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلغان ئىدى. شۇ كۈنى كەچتە چوكان ئۇنىڭغا «تويدا تارتقان رەسىملەر بولسا يوللاپ بېرەمسىز؟» دەپ ئۇچۇر يازغىنىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ پاراڭلىشىدىغان تىمىسى كۆپىيىپ، پاراڭ مەزمۇنى بارا- بارا شۇنچىلىك ئوچۇق ۋە ئەركىن- ئازادە بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. ئوبدانلا چىقىشىپ قالغىنىدىن كېيىن، ھەپتىدە بىر- ئىككى قېتىم، بارا- بارا ئىككى كۈندە بىر كۆرۈشۈپ بىللە تاماق يەپ، پاراڭلىشىپ كېلىدىغان بولۇشتى. ھەر قېتىم تاماققا چىققاندا ھەممە چىقىمنى شۇ چوكان قىلاتتى، قانچە تالىشىپ تۇرىۋالسىمۇ، ئۇ خەمىتنى بىر موچەن چىقىم قىلدۇرمايتتى. خەمىت بۇ ئىش ئۈچۈن خىجالەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندە ياش چوكان تارتىملىق كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ تېخى خىزمىتى يوقلىقىنى، ئاتا- ئانىسىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ خىزمەت ئىزدەپ يۈرگەندە ئارتۇق چىقىمنى كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا قارىغاندا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، قولىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرغان ئىككى دۇكاننىڭ سودىسىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، يوللۇق پىكىرلىرى بىلەن خەمىتنى خىجىللىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ تۇراتتى.
شۇ چاغدا بۇ چوكان ئۇنىڭغا «يولدىشىمدىن قالغان ئىككى يۈرۈش دۇكاننى ئۆزۈم باشقۇرىمەن، پايدىسى ئوبدان، جاپاسى يوق سودا» دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى. كېيىنچە خەمىت بۇ ئىككى دۇكاننىڭ شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىدىن ئورۇن ئالغان زەرگەرچىلىك دۇكىنى ئىكەنلىكىنى، چوكاننىڭ ئېرى بىلەن چوڭ ئوغلىنىڭ ئۈچ يىل بۇرۇنقى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسدە قازا قىلغانلىقى، شۇنىڭدىن كېيىن ئېرىنىڭ پۈتۈن ئىگىلىكىگە مۇشۇ چوكاننىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىپ ھەم قىزىنى يالغۇز بېقىپ، ياشىنىپ قالغان كېسەلچان قېيىنئانىسىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىپ ئۆتىۋاتقىنىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى.
ئىككەيلەن دوستانە باردى- كەلدى قىلىپ يۈرگەن شۇ جەرياندا خەمىت ئۇنىڭغا تېخى مۇۋاپىق خىزمەت ئۇچۇرىغا ئېرىشەلمەي كۆڭلى يېرىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋېدى، چوكان تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ قويدى. بىراق بۇ گەپ چوكاننىڭ ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلغۇسى كېلىپ مۇنداقلا ئېيتىپ قويغان گەپ ئەمەس ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي چوكان ئۇنىڭغا سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق كىرىدىت خادىمى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزدى. قوبۇل قىلىدىغان سان پەقەت ئىككىلا بولۇپ، مۇنداق ياخشى ئورۇنغا كۆز تىكىپ تۇرغان ياشلار ساماندەك ئىدى. ئەمما چوكاننىڭ ئالدىن خەۋەر يەتكۈزۈشى ۋە بانكىنىڭ پىشقەدەم بۆلۈم مۇدىرىنىڭ ياردىمىدە دىققەت قىلىدىغان، ئەھمىيەت بېرىدىغان ھالقىلارنى ئۇنىڭغا تولۇق يەتكۈزۈپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كېتىشى ئۇنچە قىيىنغا توختىمىدى. گەرچە ئۇ قاتلاممۇ- قاتلام تەسلىككە تولغان نەچچە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بۇ خىزمەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئىمتىھانلىق خىزمەت ئۇچۇرىغا ئالدىن ئېرىشىش، ياردەمدە بولىدىغان يېتەكچىسى بار بولۇش جەھەتلەردە ياش چوكاننىڭ ياردىمى ئاز بولمىغان ئىدى. ئەگەر ئۇ خەمىتنى ھېلىقى بۆلۈم مۇدىرى يېقىنى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ، يازمىچە ئىمتىھاندا قايسى تەرەپلەردىن تەييارلىق قىلىش، يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا يەنە قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش، روھىي كەيپىياتىنى ياخشى تۇتۇش، ئاكتىپ، قىزغىن، جانلىق ھەم چېچەن بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردىن يېتەكلەتكۈزمىگەن بولسا، بەلكىم مۇنداق ياخشى نەتىجە بىلەن ھەممىنىڭ كۆزى چۈشكىدەك بىر ئوبدان خىزمەتكە ئورۇنلىشالماسلىقى مۇمكىن ئىدى.
ئىشقىلىپ خەمىتنىڭ خىزمەت ئىشى مانا مۇشۇنداق ھەل بولدى. ھەل بولغاندىمۇ ھەممىنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرۇپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىدىن خېلىلا ھالقىپ تۇرۇپ راۋۇرۇس ھەل بولدى. ئۇ تولىمۇ خۇشال ئىدى. ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا قاراپ ياش چوكان تېخىمۇ بەك خۇشال ئىدى. بۇ ئايالنىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇپ يۈزتۇرانە رەھمەت ئېيتىشقا توغرا كەلگەندە، ياش چوكان ئۇنىڭدىن باشقىچە بىر ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى...
بۇ چوكاننىڭ ئۆزىگە خېلىدىن بېرى كۆڭلىنى يېقىن تۇتۇپ يۈرگىنىنى خەمىت سېزىپ تۇراتتى. چوكانمۇ ئۇ ياقتۇرمايدىغان تىپتىكى قىزلاردىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا باشتا ئۆزىنى قاچۇرۇپمۇ كەتمىگەن. تاماققا چاقىرسا رەت قىلماي چىقىپ، قارىشىپ ئولتۇرۇپ تاماق يەپ، بېشى قېيىپ كۆڭلى ئېلىشقىچە پاراڭلىشىپ، چوكان چىقىمغا پۇل تۆلىگەندە خىجىللىقتىن يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ، تاماقخانا ئىشىكىدىن چىقىپلىۋالسا ھەممە غەمدىن خالاس بولۇپ يەڭگىللەپ، قەيەرگە بېرىپ ئايلىنىپ كېلەيلى دېسە ماقۇل دەپ ئەرمەك كۈچۈكىدەك كەينىدىن بىللە سوكۇلداپ كۆنۈپ كەتكىنى بىلەن، ئارىدىكى باردى- كەلدىلەرنىڭ نورمال دوستلۇق مۇناسىۋەتتىن ھالقىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ۋە شۇنىڭ نېرىسىنى خىيالىغا يېقىن يولىتىپ قويمىغان ئىدى.
ئۇ دەسلەپ چوكاننىڭ خېلى مەنىلىك پۇراتمىلىرىنى چۈشىنەلمەي بىر ھازا گاڭگىرىدى. چۈىشنىپ يەتكەندىن كېيىن «ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ؟ خاتا چۈشىنىپ قالدىم بولغايمىكىن...» دېگەن ئەبجەش ئوي بىلەن تەئەججۈپلەندى. لېكىن چوكاننىڭ ئاپئاق بىلەكلىرى قىلچە تەكەللۇپسىزلا ئۆزىنىڭ بوينىغا بىر ئەپلىك چىرمىشىپ، كۆينىكىنى تېشىپ چىقىدىغاندەك دىڭگىيىپ تۇرغان كۆكسى ئۇنىڭ مەيدىسىگە تاقاشقاندا ۋە قىپقىزىل لەۋسۇرۇخ سۈرگەن لەۋلىرى ئۆزىنىڭ لەۋلىرىگە قاراپ سىلجىغاندىلا ئىشنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشەندى...
خەمىت بۇ چوكاننىڭ قېلىقلىرىنى رەت قىلىش ياكى ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بېرىش ھەققىدە بىر قارارغا كېلىپ ئۈلگۈرمەستىلا خۇشبۇي ئەتىر پۇراپ تۇرىدىغان يۇمشاق، ئىللىق، نازۇك بىر قۇچاققا چۆكۈپ كەتتى. ئۇ شۇ قەدەر ھاياجانلىق قۇچاقلاش، ئاچكۆزلەرچە سۆيۈشلەرنىڭ شېرىنلىكىدە ئەس-ھۇشىنى يوقىتىپ، چوكاننى رەت قىلىشنىمۇ ئۇنتۇغان ھالدا ئۆزىنى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن چوكاننى رەت قىلىش مۇمكىن بولمىدى. «سۈيىنى ئىچكەنمۇ ئوغرى، گۆشىنى يېگەنمۇ ئوغرى» دېگەندەك، بۇ كوچىغا مەيلى ئۆزى خالاپ كىرگەن بولسۇن، ۋە مەيلى ئىختىيارسىز، تەييارلىقسىزلا ئۇقۇشماي كىرىپ قالغان بولسۇن، ئىشقىلىپ شۇنىڭدىن كېيىن تەبئىيلا ياش چوكاننىڭ مەخپى ئوينىشىغا ئايلىنىپ كەتتى...
بۇ چوكاننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىش بىلەنلا خەمىت توساتتىن ئەركە بەگزادىگە ئايلىنىپ قالدى. خەجلەي دېسە تەييار پۇل، خىزمەتتىن ئالغان مائاشى ئىزچىل كەينىگە چۈشىۋاتقان، ئويناي دېسە ياش ھەم چىرايلىق چوكان، قاچان لازىم بولسا شۇ چاغدا «ھە» دەپ، كېچىلەردە يالغۇز يېتىشنىڭ ۋە خوتۇنسىراپ قۇتراپ قېلىشلارنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ كېلىۋاتقان، نەگە بارسا شوپۇرى بولۇپ توشۇۋاتقان، «ئايال كىشى ئىدىم، نېمىشقا مەن ساڭا پۇل خەجلەيتتىم، سەن ماڭا خەجلەپ بەر، ئۇنى قىلىپ بەر، بۇنى ئېلىپ بەر» دەيدىغان جىدەللىرى يوق، ئۆزى خالاپ ئۇنىڭغا خوتۇن بولىۋاتقان، ئىشقىلىپ ھېچنېمىدىن غېمى يوق ھالدا ئەركە مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى راسا سۈرۈپ ياشاۋاتاتتى. بىر ئويلىسا ئۆزىچە نومۇستىن يۈزلىرى كۆيۈشەتتى، بۇ ھەم بىركىمگە بىلدۈرگىلى بولىدىغان ئىشلار ئەمەس ئىدى. يەنە بىر ئويلىسا بۇ ئىشنىڭ يامان دەپ كەتكۈدەك ھېچيەرى يوق ئىدى ۋە چوكان ئۆزى خالىغان ئىكەن، ئۇ بۇ ئىشلاردىن ۋىجدان ئازابى ھېس قىلىپ ئوڭايسىزلانمىسىمۇ بولىدىغاندەك تۇراتتى...
بىراق لىققىدە مەخپىيەتكە تولغان بۇ مۇناسىۋەتنىڭ يامان تەرىپى چىقمايمۇ قالمىدى. ئۇلار ئىلىنىشىپ قالغان بۇ تۆت يىل جەريانىدا خەمىت باشقا ھېچقانداق بىر قىز بىلەن كۆڭۈل بېرىشىپ مۇھەببەت باغلاپ باقمىدى. سىرتقا دۇنيا ئۇنى ھېلىغىچە بويتاق دەپ بىلدى، ئاتا- ئانىسى لايىق تېپىشقا، توي قىلىشقا ئالدىراتتى. دوستلىرى، خىزمەتداشلىرى، تۇغقانلىرى ھېلى ئۇ يەردىن، ھېلى بۇ يەردىن لايىق تونۇشتۇرۇپ ھاردى. تونۇشتۇرۇلغان لايىقلار ئىچىدە ۋە ئەتراپىدىكى ياش قىزلار ئارىسىدا ئۇنىڭ دىتىغا ياققۇدەكلىرىمۇ خېلى چىقتى. بىراق ھېلىقى چوكان ئۇنى قىز دوست تۇتقىلىمۇ، تويلىشىش ئۈچۈن بىرەر قىز بىلەن ھال- مۇڭ بولۇشقىلىمۇ قويمىدى. ئۇنىڭچە بولغاندا خەمىت پەقەت ئۆزىگىلا تەئەللۇق بولۇشى كېرەك ئىدىكى، ئۇنىڭ ئۆزىنى قارىتىپ قويۇپ باشقا قىزلار بىلەن مۇڭدىشىپ يۈرۈشىنى، تويغا قوپۇشىنى پەقەتلا خالىمىدى ۋە ھەر ئاماللار بىلەن ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇردى.
2-قىسىم
ئەسلى مۇشۇنداق تەييار پۇل، تەييار خوتۇن، ئىشتىن چۈشۈپ كەلسىلا ھېلى تاماقنىڭ، ھېلى تالادىكى قۇشقاچلىرىنىڭ غەلۋىسى يوق تەييار ئەر بولۇشۇپ، بىر- بىرىنىڭ ئاچقان يېرىگە بېرىپ مېھىر يەتكۈزۈشۈپلا ئۆتكەن بولسىمۇ مەيلى ئىدى. بىھۇدە چىقىملارغا تۆلەۋاتقان پۇلغا، زايە بولىۋاتقان ۋاقتىغا، ياشلىق باھارىغا، بىكارلىق ئويناشقا تاشلاپ بېرىۋاتقان بەدىنىگە ئىچى ئېچىشماي ئۇ چوكان داۋاملىق خالىغان ئىكەن، يەنە داۋاملاشتۇرسىمۇ ھېچگەپ ئىدى. بىراق چوڭلار خەمىتنى تويغا زورلاپ ھەقىقەتەن ھالىنى قويمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېشىنىڭ چوڭىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئۇمۇ ئائىلىسى، بالىسى، ئۆز يېنىدا تۇرۇپ ھاياتىنى گۈللىتىدىغان ئايالى بولۇشىنى ئىستەپ قالدى. ئۇ چوكان قانچە تەنناز، قانچە ناز- كەرەشمىلىك، قانچە پۇلدار ۋە قانچە يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سېغىنىپ قالسا كېلىپ ئۇچرىشىپ، نەپسىنى قاندۇرۇپ بولسىلا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كېتەتتى. يەنە كېلىپ ئۇ چوكان تۇغىدىغان بالىنى تۇغۇپ بولغان، ئىزىدىن قىز بولسىمۇ بىر ۋارىسى بار بولغان غەمسىز ئايال ئىدى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن خەمىت يەنە ھارغىن تېنىنى سۆرەپ ياشىنىپ قالغان، ياشانغانسېرى شۇنچە كېسەلمەن ۋە كوت- كوت بولۇپ قېلىۋاتقان ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتاتتى- دە، يەنە شۇلارنىڭ تاپا- تەنىلىرىنى، ۋايساش، قاقشاشلىرىنى ئاڭلاپ غەم بېسىپ ياتقىنىچە ئۇخلاپ قالاتتى.
دېمەكچى، چوكان ئۇنى مەخپى ئوينىشى قىلىۋالغىنى ھەمدە ھېچنېمىدىن غەم تارتماي ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ بەخىرامان ياشاپ يۈرگىنى بىلەن، خەمىتنىڭ زىممىسىدە تېخى ئادا قىلىپ بولالمىغان ئائىلە قۇرۇش، كەلگۈسى تۇرمۇشى ئۈچۈن جېنىغا جان قوشالىغۇدەك بىر جانانغا ئىگە بولۇپ قانۇنلۇق ئەمرىگە ئېلىش، ئۆيگە كېلىن پەيدا قىلىپ چوڭلارنى غەمدىن خالاس قىلىش ۋەزىپىسى بار ئىدى. مەيلى قانچە كەينىگە سۈرۈشتىن قەتئىينەزەر، بۇ باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرمەي بولمايتتى. تاكى ئالدىنقى يىللارغىچە بەك ئېرەنشىمەي يۈرگەن خەمىت بۇ يىل كىرگەندىن بويان توي ئىشىغا جىددىي قارىدى، ئاتا- ئانىسىنى ئويلىغاننى ئويلاپ ئالدىراشقا باشلىدى. چۈنكى بۇ بىرمەزگىلدە ئاپىسى نەچچە قېتىم ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ، ئۆيدە قىزبالا بولمىغاچقا، ئاكىسى بىلەن يەڭگىسىنىڭ خىزمىتى باشقا يۇرتتا بولغاچقا، مومايغا جىيەن قىزى كېلىپ قارىدى. خەمىت ئاپىسىنىڭ ئۆز ھاجىتىدىن چىقالماي قىينالغانلىرىغا، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بىر ئايال كىشىگە زار بولۇپ ئۇھسىنغانلىرىغا قاراپ ئىلاجىسىزلىقتىن لەۋلىرىنى نەچچە چىشلىدى...
دەل شۇ چاغدا ئۇ توي قىلىش توغرىسىدا قەتئىي قارارغا كەلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ چوكان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئارىلىق ساقلاشقا ھەمدە قايسى يوسۇندا ئايرىلىش، ئارىنى قانداق ئوچۇق قىلىش ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. ئۇ ھېس قىلىپ يەتتىكى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋە ئالىي مەكتەپتىكى نەچچە قىز دوستى بىلەن «ئايرىلىپ كېتەيلى» دەپلا ئارىنى ئۈزۈشكىلى بولغان بىلەن، بۇنىڭدەك خۇپىيانە ئاشنىدارچىلىقنى، يەنە كېلىپ، ئەزەلدىن ئايال كىشى قارار چىقىرىپ كېلىۋاتقان، ئەر پەقەت بويسۇنسىلا بولىدىغان بۇ خىل بىمەنە مۇناسىۋەتتە ئەر كىشىنىڭ ئېغىز ئېچىپ ئايرىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەقىقەتەن تەسكە توختايدىغاندەك قىلاتتى.
ئۇ ئالدى بىلەن لايىق تېپىپ، ئاندىن ئايرىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئۇرۇنۇپ باقتى. لېكىن چوكان ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىم تاپقان لايىقىنى ھەر ئۇسۇللار بىلەن پۇتلاپ، ئۇ ھەققىدە يامان خەۋەر تارقىتىپ، بارغان يېرىدە تاسادىپىي كېلىشمەسلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئوسال ئەھۋالدا قويدى. ئىككىنچى قېتىم تاپقان لايىقىنىڭ ئىلگىرى بىرەيلەن بىلەن توي خېتى ئېلىپ بولۇپ تويدىن يېنىشىپ كەتكەن ئىشىنى پاش قىلىپ چىقىپ، «يېنىشىپ كەتكەن دېگەنلىرى يالغان، ئۇ قىز ھېلىقى ئادەم بىلەن توي خېتى ئېلىپ بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپلا ساپمۇ- ساق بىر يىل بىللە تۇرغان، يەنە تېخى بىر قېتىم قورساق كۆتۈرۈپ، ئاشكارا توي قىلمايلا بىر ئۆيگە كىرىۋالغانلىقتىن بالىنى تۇغۇپ جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشتىن خىجىل بولۇپ ئالدۇرىۋەتكەن» دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆزى ئەسلىدە تونۇمايدىغان، خەقكە ھاۋالە قىلىپ يۈرۈپ سۈرۈشتۈرۈپ بىلگەن ھېلىقى ناتونۇش قىزنى خەمىتكە بىرمۇنچە سېسىتىپ بېرىپ، بۇ قىز بىلەن بولغان ئىشىنىمۇ تېخى باشلانماستىلا بېسىقتۇرۇپ قويغان ئىدى. ئۈچىنچى قېتىم تاپقان لايىق سەل يامانراق قىز بولۇپ، ئۇ خەمىت بىلەن ئىككى ئاي ئارىلىشىپ ئۆتۈش جەريانىدا ئۇنىڭ بۇ چوكان بىلەن بولغان ئىشلىرىنى سېزىپ قېلىپ، «ئۇ ئايال بىلەن بولغان ئىشلىرىڭىزنى ئۈزۈل- كېسەل تۈگەتمىىسڭىز بىز مۇشۇ يەردە يەردە توختاپ قالايلى، پەقەت ئۈچ كۈنلا مۆھلەت بېرىمەن، تولۇق ئادا- جۇدا بولدۇق دەپ كەلمىسىڭىز، ئۇ ئايالمۇ سىزنى ئىزدىمەيدىغانغا ۋەدە بەرمىسە سىزگە تەگمەيمەن» دەپ تۇرىۋېلىپ، خەمىتنى ئۈچ كۈن قىيىن- قىستاققا ئېلىپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن كۈتكەنلىرىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن تويلىشىشقا قىلچە ئىمكانىيەت قويماستىن ئارىنى ئوچۇق قىلغان ئىدى.
شۇنىڭدىن بېرى ئۇ تۆتىنچى قېتىملىققا جۈرئەت قىلالمىدى. تاپىدىغان قىزنى تېپىپ بولغاندا بۇ چوكان يەنە قاڭشارغا چىققان سۆگەلدەك ئوتتۇرىدا دىڭگىيىپ تۇرسا، ئاران تەستە بىر قىز بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقايمۇ، چىقمايمۇ دېگىچە يەنە ئارىدا ئويۇن ئويناپ ئىككى تەرەپنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىۋاتسا، يەنە لايىق تاپسا يەنە شۇنداق ئاخىرلىشىدىغان گەپ شۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ئالدى بىلەن چوكاننى چىرايلىق يولغا سېلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىشلىرىنى تولۇق تۈگەتكەندىن كېيىن ئاندىن باشقا ئىشلارنى ئويلاشقا مۇۋاپىق بولىدىغاندەك تۇراتتى. ئەمما ئاسانغا توختايدىغاندەك ئەمەس. ھەقىقەتەنمۇ، بۇ ئىشنىڭ بەك تەس بولىدىغانلا ئەلپازى باردەك...
ئىككى يىل بۇرۇن پىراۋا ئارزۇسىدا ئوتتەك يانغان خەمىت شوپۇر تەربىيەلەش مەكتىپىگە تىزىملاتتى. ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنى چوكان تۆلەپ بەردى. پىراۋىسى چىقىۋېدى، چوكاننىڭ ماشىنىسىنى سوراپ بىرە- بىرە لاغايلاپ كېلىدىغان بولدى، يەنە تېخى چوكان ھەيدىگەن ماشىنىدا ئولتۇرۇشنى غورورى سۇنغانلىق دەپ قاراپ، رولغا ئۆزى يامىشىدىغان بولدى. بارا- بارا قىپقىزىل ئايالچە ماشىنىنى ھەيدەشتىن ئىزا تارتىپ، ئەرەنچە ماشىنىلارنى مارايدىغان، توردىنمۇ ساپلا ماشىنا كۆرۈدىغان بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ماشىنىغا ئىشتىياقى تارتىپ قالغانلىقىنى سەزگەن چوكان شۇ يىلى تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭغا قىممەتمۇ ئەمەس، ئەرزانمۇ ئەمەس ماشىنىدىن بىرنى سوۋغا قىلدى. كۆرگەنلەر خەمىت ئۆزى سېتىۋالدى، دەپ بىلدى. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىش باشقا ئىدى. چوكان ماشىنىنى سوۋغا قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەستە خەمىتنىڭ ئاتا- ئانىسى «توي قىلساڭ ئولتۇرغىلى ئۆي كېرەك بولىدۇ» دەپ، ئۇنىڭ مائاش كارتىسىغا قەرز قىلىپ تۇرۇپ سېلىنىۋاتقان بىر بىنادىن ئۆي سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئايلىق مائاشىنىڭ كۆپ قىسمى قەرزگە تۇتۇلۇپ ماڭىدىغان بولۇپ قېلىپ خىراجەتتە قىسىلىۋېدى، ئېغىرىنى يەنە شۇ چوكان كۆتۈردى...
نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋادىن باشقا ھەممە نېمىسى ئاشۇ چوكاندىن بولۇپ كەتكەن خەمىتنىڭ ئۇ چوكاننىڭ ئالدىدا ھەقىقەتەن بېشى تۆۋەن ئىدى. مۇشۇ قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئايرىلىمەن، دەپلا ئايرىلالمايتتى. بەلكىم دېسىمۇ دەيتتى، چوكان ئۇنى ياخشى كۆرىدىغاندەكمۇ قىلاتتى، دېسە بەلكىم بەك رەنجىپمۇ كەتمەي، ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپمۇ بېرەتتى. ئۇنىڭدەك خۇيى يېقىشلىق تەييار خوتۇندىن ئايرىلىپ قالمىغان ئەھۋال ئاستىدا باشقا قىز توي قىلىش ئۇنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئارزۇسى ئىدى. لېكىن ئۇ ئېغىز ئېچىشتا خېلى ئۇزۇن ئىككىتايىن بولۇپ قالدى ھەمدە بىرياقتىن ئۆزىنى تىڭشاپ، بىرياقتىن چوكانغا مۇشۇ جەھەتتە ئاز- ئازدىن، ئاستا- ئاستا گەپ پۇرىتىپ باقتى. سۈڭگۈتمە گەپلەرنى تىڭشىغان چوكاننىڭ پوزىتسىيەسى ئەنە شۇ بولدى. ئۇ چوكان خۇددى خەمىتكە قانۇنلۇق خەت ئېلىپ تېگىۋالغاندەك «سەندىن ئۆلۈپ ئايرىلىمەن» دەۋاتىدۇ. بۇ تۇرقىدا قانداق قىلىش كېرەك؟ يا بۇ گەپلەرنى بىرەرسىگە ئېيتىپ مەسلىھەت ئالغىلى بولمىسا، يا ئۆزى چاغلاپلا مۇناسىۋەتنى پوسسىدە ئۈزۈپ قويۇپ ئولتۇرغىلى بولمىسا، قانداقلا قىلسا ئىمكانى بولمىغان بۇ ئىش ئۇنى ھەقىقەتەن تەس كۈندە قويىۋاتاتتى.
چوكان بىلەن شۇ پاراڭلىرى بولۇنۇپ ھەپتىگىچە ئويلانغان خەمىتنىڭ بېشىنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ قاتتىيۇ، تۈزۈك بىر ئامال تاپالمىدى. ئاڭغىچە ئاپىسى بىچارە كۈنىگە ئون قېتىم چالۋاقاپ ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ، ئۆيگە كەلگۈسىز قىلىۋەتتى. ئاخىرى بېسىمغا چىدىمىغان ئۇ تەۋەككۈل قىلىپ چوكانغا ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېيتىپ، ئەگەر ئۇ قوشۇلسا تويدىن كېيىنمۇ داۋاملىق مۇشۇنداق ئىزدىشىپ ئاشنا- ئاداش بولۇشۇپ ئۆتۈش، قوشۇلمىسا باشتا ئايرىلىپ ئارىنى ئوچۇق قىلىۋېتىپ، ئاندىن تويىنى قىلىپ ئائىلە قۇرۇش مەقسىتىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. كىم بىلسۇن، شۇ گەپ چىقىشى بىلەنلا ئەزەلدىن يۇۋاش- يۇمشاق، رايىش، كۈلگۈنچەك بۇ ئايال بىرلا ئېرغىپ بۆۋە تېرىسىنى كىيىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن چەكچەيدى ۋە شۇنداق دېدى:
-ساڭا ئوچۇق دەپ قوياي، مەندىن ئايرىلىمەن دەپ چۈشەكىمە! بۇ كېچىككە كىردىڭمۇ، مېنىڭ دېگىنىم ھېساب! ناۋادا سەندىن ياخشىسىنى، سەندىن قاملاشقان ھەم سەندىن تاتلىقىنى تاپسام تەبئىيلا ئۆزۈم ئايرىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىمەن، بولمىسا داۋاملىق مۇشۇنداق ئۆتىمىز! باشقا قىز بىلەن توي قىلىشنى ئېزىپ- تېزىپ خىيالىڭغا كەلتۈرۈپ سالما!...
3-قىسىم
چوكاننىڭ گەپنىڭ داۋامىغا قۇلاق سالمايلا دەماللىققا ئاچچىقلاپ قالغانلىقىنى چۈشەنگەن خەمىت گەپنى بۇراپ ئوخشىتىپ مۇددىئادىن بىرنى ياسىدى ۋە ئېغىر- بېسىلىق بىلەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈردى:
-مۇنداق... مۇنداقچۇ، مەنغۇ تويغا ئالدىرىمايمەن، سىزدەك چىرايلىق تەييار خوتۇن تۇرغان يەردە نېمە قىلىمەن ئۆزۈمگە ئارتۇقچە مەسئۇلىيەت يۈكلىۋېلىپ؟ شۇنداق ئەمەسمۇ؟ لېكىن شۇ ئاپامغا كېلىن كېرەك بولىۋاتىدۇ، ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسا كېلىن، نەۋرە جىدىلى قىلىپ قۇلاق- مېڭەمنى يەپ تۇرىدۇ شۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىللاردا چوڭلار بەكلا كېسەلچان بوپ كەتتى قاراڭ، ھەر قېتىم دوختۇرخانىدا ياتسا ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئايال كىشى كېرەك بولىدىكەن، بىلىسىزغۇ بىز شۇ ئىككىلا ئوغۇل، ئائىلىمىزدە قىز پەرزەنت يوق، يەڭگەم باشقا ناھىيەدە خىزمەتتە، ئۇ ھەرگىز خىزمىتىنى تاشلاپ كېلىپ ئاپامغا قاراپ بولالمايدۇ، شۇڭا...
چوكان خەمىتنىڭ گېپى تۈگىمەستە گەپنىڭ بېلىگە تەپتى:
-بۇنىڭ ئىشى ئاسان، پۇل بېرىپ خىزمەتكار ياللىساڭلارلا بولمىدىمۇ؟ پۇل بېرىمەن دېسە قېنى كىم نېمە ئىشنى قىلمايدۇ؟...
-!...
بۇ گەپ خەمىتنىڭ كۆڭلىگە كەلدى. ئۇنىڭچە بولغاندا بۇ چوكان مۇشۇ گېپى ئارقىلىق ئۇنىڭغا گويا «شۇنى ئۇنتۇپ قالما، مەنمۇ ساڭا پۇل بېرىپ ئاندىن سېنى ئۆزۈمگە خۇپىيانە ئەر قىلىۋاتىمەن» دەۋاتقاندەك قىلاتتى. بىردىنلا خۇيى تۇتقان خەمىت مۇشتۇمىنى چىو تۈگكەن پېتى ئېغىر بىرنى خۇرسىنىپ قويۇپ، گەپمۇ قىلماي كۆزلىرىنى يۇمدى. چوكان ئۇنىڭ قېلىقىغا قاراپ قايىل بولدى دەپ ئويلىدىمۇ، ئاستا كېلىپ ئۇنىڭ زاڭىقىغا سۆيگەچ مەيدىسىگە سۈركەلدى. ئۇ جىلە بولۇپ، چوكاننى سىلىققىنە ئىتتىرىۋېتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە:
-مەن قايتاي، ئاپامنىڭ مىجەزى يوقتى، يېنىدا تۇرمىسام بولمايدۇ،- دېدى.
-ھەجەپمۇ بىر... كېلىشىڭىزدىن كېتىشىڭىز تېزغۇ زادى، بىردەم ئولتۇرىڭە، بىر سائەتلا...
مۈشۈكتەك سۈركىلىپ كېلىپ ئەركىلىگەن چوكاننىڭ ھېچبىر قېلىقى خەمىتكە ياقمىدى. ئۇ بايىقى كۆڭۈل ئاغرىقىدا توختاپ قالغان ئىدى، چوكاننىڭ ۋارقىراپ تۇرۇپ بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئارقىدىن تېخى «پۇل بەرسە كىم نېمە ئىشنى قىلمايدۇ؟ سەنمۇ پۇل بەرسەملا مەن بىلەن پەسكەش ئىشلارنى قىلىسەنغۇ...» دېگەندەك دارىتمىلاپ تىللاپ قويۇپ، كەينىدىنلا يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك سۈركىلىشلىرى ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىۋاتاتتى. ئۇ چوكاننىڭ تۇتقىنىغا ئۇنىمىدى. قانچە يېپىشىپ يالاپ سۆيۈپ كەتسىمۇ سىلىقىدا رەت قىلىپ چوكاننىڭ بىلەكلىرى ئارىسىدىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقتى- دە، خوشمۇ دېمەي ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن چوكاننىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى. ئەسلىدىمۇ تۈزۈلۈپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغان بۇ كۆڭۈل خەمىتنىڭ تۇيۇقسىز چىقارغان قوپال قېلىقىدىن تېخىمۇ يېرىم بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا ئۆزى خەمىتكە دېگەن گەپلەر ھېچقانداق بىنورمال تۇيۇلمىدىيۇ، خەمىتنىڭ رەنجىپ قالغىنىنى توغرا كۆرمەي قالغان ئىدى. ئۇ كىرىسلوغا ئۆزىنى تاشلاپ چوڭقۇر خۇرسىندى. ئاندىن كۆزلىرىنى يۇمۇپ، بۇ يىللاردا تۇرمۇشىدا بولۇپ ئۆتكەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئويلاشقا باشلىدى...
ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن تاجىگۈل ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ، دىپلومىنى ئالغىلى بارغان يول ئۈستىدە بىر ئوغۇل ساۋاقدىشى بىلەن بىر تاكسىنى تەڭ توسۇپ قالغان قالدى. ھەر ئىككىسىنىڭ ئالدىراش ئىشى بولغانلىقتىن، ئۇلار تاكسىنى بىر- بىرىگە ئۆتۈنەلمەيۋاتاتتى. يىگىتمۇ مەن چىقىمەن دەپ تالىشاتتى، قىزمۇ «ئالدىراش ئىشىم بار ئىدى، مەن مېڭىپ تۇراي» دەپ تالىشىپ يول قويمايۋاتاتتى. ئاخىرى ئىككىسى قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى سورىغاندىن كېيىن، ھەر ئىككىلىسىنىڭ دىپلومىنى ئەكەلگىلى بارىدىغانلىقى ئايان بولۇپ، يولىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىپ تاكسىغا بىللە چىقتى. مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا، ئوقۇغۇچىلىقنىڭ نامراتچىلىق مەزگىلى بولغاچقا تاجىگۈل تاكسى پۇلىنى يېرىمدىن تۆلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق ساۋاقدىشى گەپمۇ قىلماستىن تاكسى پۇلىنىڭ ھەممىنى تۆلىۋەتتى ھەمدە ئۇنىڭغا:
-بولدى سىزنى ئېلىۋالغان بولاي، پۇلىڭىز يېنىڭىزدا قالسۇن،- دېدى.
يىگىتنىڭ بۇ ئىشى غورورىغا تەگكەن تاجىگۈل ئۇنىڭغا ئىككى يېرىم يۈەننى زەردە بىلەن تەڭلەپ ۋارقىرىدى:
-ماڭا نوچىلىق قىلىپ كۆرسىتىپ قويغىنىڭىزما ئۇ؟ باينىڭ بالىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، ئەمما پۇلىڭىزنى ماڭا كۆز- كۆز قىلىپ بەرمەڭ، ئاپام ماڭا «بىزنىڭ ھەققىمىز خەقتە قالسا مەيلى، لېكىن خەقنىڭ ھەققى بىزدە قالسا بولمايدۇ بالام» دەپ تەربىيە قىلغان، مەڭ، ئالسىڭىزمۇ بېرىمەن، ئالمىىسڭىزمۇ بېرىمەن!
يىگىت قىزنىڭ گەپلىرىگە پىسىڭڭىدە كۈلدى ۋە گەپ قىلماي ئۇنىڭ قولىدىكى پۇلنى ئېلىپ يانچۇقىغا سالغاندىن كېيىن مېڭىشقا تەمشەلدى. شۇ چاغدا قىز يەنە ئۇنى چېقىۋېلىشنى ئۇنۇتماي:
-مانا ئەمەسمۇ، ياق- ياق دەيدۇ، موك- موك يەيدۇ دېگەندەك، نېزىقاپ بېقىپ يەنە موكلا ئالىسىز، زادى پۇلنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە، بىر ئۇچى يۈرەكتە ھە؟ ھەرقانچە باي بولسىمۇ پۇل دېگەن ئادەمگە سەت كۆرۈنمەيدىكەن مانا!...
قىز شۇلارنى دەپ بولۇپ تاراقشىپ دەسسەپ كېتىپ قالدى. يىگىت بىرنېمە دەي دەپ بولغىچە يىراقلاپ كېتىپ بولغان قىزنىڭ كەينىدىن ئەلەم بىلەن قاراپ قالدى. ئەمما يىگىت بۇ ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇۋېتىشنى ئويلىغاندەك قىلمايتتى. ئۇ ئىچىدە «خەپ!» دەپ پىچىرلىغىنىچە قىزنىڭ كەينىدىن مەكتەپكە كىرىپ كەتتى.
خېلى ئۇزۇندىن كېيىن دىپلومىنى ئېلىپ قايتقان قىز يەنە شۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆزىنىڭ دىپلومىنى تۇتۇپ تۇرغان يىگىتنى كۆردى. ئۇ يىگىتكە پەرۋا قىلماي چوڭ يول بويىغا كېلىپ تاكسى ساقلاشقا باشلىدى. ھېچ بىرەر قۇرۇق تاكسى كېلەي دېمەي قىزنىڭ ئىچى سىقىلىپ كېتىۋاتقاندا، قارا رەڭلىك ئېسىل ماشىنىدىن بىرسى يىگىتنى ئالغىلى كەلدى ۋە چاققانلىق بىلەن شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇنغا سىغدىلىپ بولغان يىگىتنى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىش ئۈچۈن قوزغالدى. شۇ چاغدا ئۇ يىگىت شوپۇر يىگىتنى «ئاكا» دەپ چاقىرىپ توختىتىۋالدى ۋە شۇنداق دېدى:
-ئاكا، ئاۋۇ ماشىنا ساقلاپ تۇرغان قىزنىمۇ ئېلىۋالايلىچۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان شوپۇر يىگىت يېقىملىق كۈلۈپ ئىنىسىنىڭ كۆزىگە مەنىلىك قارىۋېدى، يىگىت ئۇنىڭغا:
-ئارتۇق ئويلىۋالدىڭمۇ ئاكا ھە، ئاۋۋال قىزنى ئېلىۋالايلى، قالغىنىنى ھېلى بىلىسەن،- دېدى.
شوپۇر يىگىت ماشىنىنىڭ رولىنى قىز تەرەپكە بۇرىدى. ئەمما قىزنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىمۇ يەتكىچە ئىدى ۋە ماشىنا ئەينىكىنى يېرىم چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى ئالغاچ كېتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرغان يىگىتكە خۇددى مەنسىتمىگەندەك قاراپ قويۇپ داۋاملىق تاكسى ساقلاۋەردى.
-بۇ يەر چەترەك تۇرسا، بىزنى ئەكەلگەندەك بىرەركىمنى كىرا قىلىپ كەلمىسە ئاساسەن تاكسى يولىمايدۇ بۇ تەرەپلىگە، تېخى قاچان كېلىدۇ ئۇ تاكسى، بۇ ئىسسىقتا پىشىپ قاق بولۇپ تۇرىۋەرگىچە ماشىنىغا چىقىڭە بىللە كېتەيلى، بەرىبىر يولمۇ بىر بولغاندىكىن.
يىگىت شۇنداق دەپ قىزنى قايتا تەكلىپ قىلغاندىلا كۈننىڭ نەيزە بويى ئۆرلەپ، بار ئىسسىقنىڭ ھەممىسىنى زېمىنغا ئوت قىلىپ پۈركىۋاتقانلىقىنى قايتىدىن ھېس قىلغان قىز سەل- پەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا لەپىلدەپ كېلىپ ماشىنىغا چىقتى. ئۇلار نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ مەكتەپتىن خېلىلا يىراقلىغاندا يېڭىدىن ئېچىلىۋاتقان بوز يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. بۇ يەر تېخى بايىقى مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىنمۇ بەك ئۈزۈكچىلىك بولۇپ، كىرا ماشىنىسىمۇ كەلمەيتتى، كوچا ئاپتوبۇسىمۇ يوق ئىدى. ئۆتىدىغان يولۇچى ئۆزى ماشىنا ياكى موتوسېكىلىت ھەيدەپ ئۆتمىسە، ۋە ياكى تاكسى كىرا قىلىپ كەلمىسە، بۇ يەرگە كېلىپ بولۇپ «ماشىنا توسۇپ قايتىپ كېتەرمەن» دېگەن گەپ ئەخمەقنىڭ خىيالى ئىدى.
ماشىنا نەخ شۇ يەرگە كەلگەندە يىگىت ئاكىسىغا ماشىنىنى توختىتىشقا بۇيرىدى. ماشىنا توختىغاندىن كېيىن، يىگىت ئۆزى چۈشۈپ كېلىپ ماشىنىنىڭ تاجىگۈل ئولتۇرغان تەرەپتىكى ئىشىكىنى ئاچتى ۋە قىزغا بۇيرۇق قىلدى:
-چۈشىڭە!
-ھە؟
-ماشىنىدىن چۈشۈڭ دېدىم!
-نېمىشقا؟
-ھېلى بىلىسىز.
-ۋىيەي، بۇ قاقىراملىقتا... ھ... ماقۇلە.
قىز ئالقاندىن چوڭراق كەلگەن مۈرە سومكىسىنى قويۇپ ماشىنىدىن چۈشتى. بۇنى كۆرگەن يىگىت ئاتايىتەن كېلىپ قىزنىڭ سومكىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى گۈپپىدە ياپتى ۋە مەسخىرىلىك كۈلۈپ قىزغا شۇنداق دېدى:
-سىز بىزدەك باي بالىلىرىنى كۆزگە ئىلمايتتىڭىزغۇ؟ پۇلىنى كۆز- كۆز قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرماي، ئۆيىڭىزگە پىيادە كېتىڭ، بەلكىم بىزگە ئوخشىمايدىغان پۇلى يوق بىرەرسى تاكسى توسۇپ كېلىپ سىزنى ئېلىپ كېتەر، مېڭىپ بولالمىسىڭىز ئولتۇرۇپ ساقلاڭ!
يىگىت شۇلارنى دەپ بولغاندىن كېيىن يەنە ماشىنىغا چىقىپ ئىشىكنى جاققىدە ئەتتى. نەچچە سىكونتتىن كېيىن، سىلىققىنە قوزغىلىپ يۈرۈپ كەتكەن ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن بايا قىز يىگىتكە تۇتقۇزۇپ قويغان ئىككى يېرىم يۈەن پۇل ئۇچۇپ چىقىپ، قىزنىڭ ئايىغى ئاستىغا چۈشتى. يىگىتنىڭ بۇ ئىشىدىن قاتتىق ئەلەم يۇتىۋالغان قىز:
-ئۈمىد!... ھۇ ۋىجدانسىز ئەبلەخ!..... ئادەم ئەمەس!... ئوغۇل بالا ئەمەس!!!... خەپ توختاپ تۇر، بۇ ئۆچۈمنى ئالمايدىغان بولسام!...- دەپ ۋارقىرىغىنىچە يەرنى زەرب بىلەن تېپىپ لەۋلىرىنى چىشلەپ قالدى. يۈرۈپ كېتىۋاتقان ماشىنا ئىچىدىكى ئىككى يىگىت قىزنىڭ چىراي ئىپادىسىنى ھەم روھىي ھالىتىنى كۆرمىدى. بىراق شوپۇر يىگىت ماشىنىنىڭ كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن قىزنىڭ يەرگە كۈچەپ، كۈچەپ تېپىپ، ئاچچىق بىلەن چالۋاقاپ قالغىنىنى كۆرۈپ ئولتۇردى.
3-قىسمى تۈگىدى. داۋامىنى ئاستىدىكى جەدۋەلدىن كۆرۈڭ! چەمبىرەكلەپ، دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ قويسىڭىز خۇرسەن بولىمىز. قوللاش شۇنچىلىك ئاددىي!
تارقىتىپ قويسىڭىز خۇرسەن بولىمىز!