شى جىنپىڭ خۇبېيدا خىزمەت تەكشۈردى

时事   2024-11-07 10:58   北京  


شى جىنپىڭ خۇبېيدا خىزمەت تەكشۈرگەندە: تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ئىش قىلىشتا ياراملىق ئۇسۇل-چارىلەرنى قوللىنىپ، ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خۇبېي سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خۇبېيدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خۇبېي پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ئىش قىلىشتا ياراملىق ئۇسۇل-چارىلەرنى قوللىنىپ، ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىنى تېز قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خۇبېي سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشى كېرەك. 

شى جىنپىڭ 4-نويابىردىن 6-نويابىرغىچە، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مېڭخۇي ۋە ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ جۇڭلىننىڭ ھەمراھلىقىدا شياۋگەن، شيەننىڭ، ۋۇخەنگە بېرىپ، مۇزېي، يېزا، پەن-تېخنىكا ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 

4-نويابىر چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شياۋگەن شەھىرى يۈنمېڭ ناھىيەلىك مۇزېيغا بېرىپ، قېزىۋېلىنغان چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تارشا پۈتۈكلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمە قىلىنغان 18 خىل چىن سۇلالىسى قانۇنى 2200 نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋر قانۇن-تۈزۈمىنىڭ سىستېما بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شى جىنپىڭ تارىشا پۈتۈكلەرنىڭ مەزمۇنى، تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى ۋە قوغداش، تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشنى پۇختا تىرەككە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىن ئىبارەت بۇ گۆھەرنى مەڭگۈ ساقلاپ، كېيىنكىلەرگە نەپ يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنى مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. 

5-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شيەننىڭ شەھىرىنىڭ جيايۈ ناھىيەسىگە بېرىپ، ئالدى بىلەن پەنجياۋەن بازىرىدىكى ئون چاقىرىملىق كۆكتات كارىدورىدا خىزمەت تەكشۈردى. كەچ كۈز پەسلىدە، بۇ يەر يەنىلا ياپيېشىل بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىدى. شى جىنپىڭ ئېتىزغا بېرىپ، كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆكتات سورتى، تېرىش تېخنىكىسى، سېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزىلارنىڭ زېمىنى كەڭ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش شەرت. ئۇ شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى پەن-تېخنىكا يولى، سۈپەت يولى، داڭلىق ماركا يولىدا مېڭىپ، كۆكتات تېرىقچىلىقىدىن ئىبارەت خەلقنى بېيىتىدىغان بۇ كەسىپنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. 

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ پەنجياۋەن بازىرى سىيى كەنتىگە بېرىپ، كەنت كۈتۈنۈش مۇلازىمەت بېكىتىگە كىرىپ، كۈتۈنۈش ئەسلىھەلىرى ۋە خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، پارتىيە بىلەن ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ياشانغانلار، بالىلار»دىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنى غەم-ئەندىشىدىن تېخىمۇ توغرا، ئۈنۈملۈك خالاس قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى داۋاملىق يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. 

شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىسى شيۇڭ چېڭلۇڭنىڭ ئۆيىدە ئائىلە تۇرمۇشىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، بالىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئائىلە كىرىمى، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، دېھقانلارنىڭ ماددىي، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. 

كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجىنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، ئالدى بىلەن خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شەرت. يۇرتداشلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىشچان قولىغا تايىنىپ، ئالاھىدە كەسىپلەردىن تېخىمۇ ئۈنۈم يارىتىپ، كەنتنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، بىرلىكتە بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! 

5-نويابىر چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋۇخەن كەسىپ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىدا خىزمەت تەكشۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەمىنات زەنجىرى سۇپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مىساللىرى كۆرگەزمىسى ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئىگىلىدى، پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش--پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ جىددىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋە كارخانىچىلار ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، يىراقنى كۆزلەپ، ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇشى كېرەك. 

6-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، خۇبېينىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خۇبېينىڭ پەن-مائارىپ ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلىشى، مەملىكەت بويىچە يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، مەملىكەت بويىچە تەسىر كۈچىگە ئىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەدبىر مەنبەسىلىك ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنى بىرىكتۈرۈشنى، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، كەلگۈسى كەسىپلەرنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ داڭلىق ماركىلارنى يارىتىشى كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەر، ئەۋرىشىم زامانىۋى سۇ تورىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ۋادىلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا ئون يىل بېلىق تۇتۇشنى چەكلەشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خۇبېي ئۆلكىسى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە دادىل ئىزدىنىشى كېرەك. نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بازار مۇھىتى بەرپا قىلىشى، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى، دۆلەت ئىچى-سىرتىغا ئېچىۋېتىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەرتىپلىك ئەلالاشتۇرۇشى، ئىچكى-تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، ئېچىۋېتىش تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدارىنى سىستېمىلىق ئۆستۈرۈشى كېرەك. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خۇبېي شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە يېزا-كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى جەھەتتە جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇشى كېرەك. ۋۇخەن مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى مەركەز قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىچە ناھىيە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى،  ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئۆزگىچە كەسىپ ۋە كۆپ خىل ئىگىلىكنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى، شەھەر-يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خۇبېينىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر، قىزىل بايلىقى مول، مەدەنىيەت بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ۋە مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە جانلىق پايدىلىنىشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، چاڭجياڭ دەرياسى مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتى ۋە تارقىتىش، نامايان قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. دابيېشەن روھى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش روھى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئاممىغا يەتكۈزۈشى، ئېسىل مەدەنىيەت ساياھەت ماركىسى ۋە لىنىيەسىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك  كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەم باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇش، ھەم ئېلىشىشقا، بۆسۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ھەم ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشقا ماھىر بولۇش، تارىخ، ئەمەلىيەت ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان بەرپا قىلىش، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك  قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىشىشىغا يەنە ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت قالدى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى، بولۇپمۇ ئىقتىساد خىزمىتىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 

خې لىفېڭ ھەمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|巴哈提亚尔·图尔地

校对|帕提古丽买买提

翻译|伊明司马义

视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔

微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章