شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىغا داۋاملىق قاتناشتى

时事   2024-11-20 10:51   北京  

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19-قېتىملىق  يىغىنىغا داۋاملىق قاتناشتى  

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى  18-نويابىر چۈشتىن كېيىن بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىغا داۋاملىق قاتناشتى. 
يىغىننىڭ 2-باسقۇچلۇق يىغىنىدا «دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئاپپاراتى ئىسلاھاتى» قارالمىسى مۇزاكىرە قىلىنغاندا، شى جىنپىڭ «قول تۇتۇشۇپ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. 
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى 16 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. 20 دۆلەت گۇرۇھى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، داۋاملىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارىخىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچ بولۇشى كېرەك. بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى خىرىس ئەمەس، بەلكى پۇرسەت دەپ بىلىپ، قارشى تەرەپنى ھەمراھ دەپ قاراپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، خەلقئارا ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. 
بىرىنچى، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرىدىغان «مۇقىملاشتۇرغۇچ» بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، كەمسىتىشسىز خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، چىرىكلىككە قەتئىي يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، قاچقۇنلارنى تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. 
ئىككىنچى، دۇنيا پۇل مۇئامىلىسىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇل سىياسىتىنى تەڭشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان سەلبىي تاشقى تەسىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بۇ جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك تورىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېشىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. 
ئۈچىنچى، دۇنيا سودىسىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىقتىساد مەسىلىسىنىڭ سىياسىيلىشىپ كېتىشى، دۇنيا بازىرىنى سۈنئىي ئايرىۋېتىشىدىن ساقلىنىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش نامى بىلەن قورۇقچىلىق قىلىشتىن  ساقلىنىپ، تېخىمۇ باراۋەر، سىغدۇرۇشچان ۋە ئىجابىي كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ھەمكارلىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. 
تۆتىنچى، دۇنياۋى رەقەملىك ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجادچان دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش كېرەك. رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى،  گۈللەنمە ساھەلەرنىڭ قائىدىسىنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، سۈنئىي ئەقىل جەھەتتىكى خەلقئارا ئىدارە قىلىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ  ياخشى ئىشلارغا يۈزلىنىشىگە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو 2025-يىلى دۇنيا سۈنئىي ئەقىل يىغىنىنى داۋاملىق ئۆتكۈزىدۇ، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. 
بەشىنچى، يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە سۆيەر دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئورتاق ئەمما پەرقلىق مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، «پارىژ كېلىشىمى» ۋە «كۈنمىڭ مونترېئال يەر شارى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى زۆرۈر مەبلەغ، تېخنىكا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى مەدىتى بىلەن تەمىنلىشى، بۇ يىل ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشى، چۆللىشىش توغرىسىدا ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنىدا ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى قوللىشى كېرەك. ئاۋۋال  ئورنىتىپ، ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنىڭ ئورنىغا مۇقىم، تەرتىپلىك دەسسىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن يېشىل ئۇل قۇرۇلۇشى، يېشىل ئېنېرگىيە، يېشىل قېزىلما بايلىق، يېشىل قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى چامىنىڭ يېتىشىچە قوللاشنى خالايدۇ. 
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنياۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشمۇ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 20 دۆلەت گۇرۇھى ب د ت ۋە ئۇنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللىشى كېرەك. ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، غەززەدە تېزدىن ئۇرۇش توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى پەسەيتىش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا مەدەت بېرىشى كېرەك. «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەلەستىننىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز 20 دۆلەت گۇرۇھى قۇرۇشنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەسلەپ، رىئودې ژانېيرودىن قايتا يولغا چىقىپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، گۈللىنىدىغان گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى!
بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا «20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى رىئودې ژانېيرو باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى» ماقۇللاندى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.





来源:中央广播电视总台

监制|巴哈提亚尔·图尔地

校对|帕提古丽买买提

翻译|伊明司马义

微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章