ئائىلە زوراۋانلىقى قىلغان ئەرگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

时事   2024-11-26 18:58   北京  

يېقىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئائىلە زوراۋانلىقى جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشتىكى 5 تىپىك دېلونى بىرلىكتە ئېلان قىلدى. 

بۇنىڭ ئىچىدىكى «شيې Xيۈنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 

ئىگىلىنىشىچە، شيې Xيۈ بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋېن فامىلىلىك (ئايال، 31 ياشتا قازا قىلغان)  2014-يىلى 3-ئايدا توي قىلغان بولۇپ، تويدىن كېيىن شيې Xيۈ يىل بويى قىمارغا بېرىلىپ كەتكەن ھەم كۆپ قېتىم ۋېن فامىلىلىكنى سەۋەبسىز ئۇرۇپ، ھاقارەتلىگەن. 

2021-يىلى 1-ئايدا ۋېن فامىلىلىك يەنە بىر قېتىم تاياق يېگەندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتكەن ھەمدە ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

شيې Xيۈ ئاجرىشىشقا قوشۇلمىغان ھەمدە شۇ يىلى ۋېن فامىلىلىكنىڭ نەچچە يېرىگە پىچاق تىقىپ، ۋېن فامىلىلىكنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. 

سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىدە، جاۋابكار شيې Xيۈ قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنى قەستەن ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىپ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن دەپ قارالدى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شيې Xيۈگە قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.

تۆۋەندىكى بۇ ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى ئەپ دېتالى 央视频 دىكى (百科全说ۋە (亚克西视角نومۇرىنىڭ تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى كۆرۈشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

  


ۋىدېيونى ئېكراننىڭ ئاستى سول بۇرجىكىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ.






ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

بالىڭىز كىيىۋاتقان مامۇق چاپان ساختا بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئايرودۇرۇمىغا قونغان بىر ئايروپىلانغا ئوت كەتتى







来源:中央广播电视总台

监制|艾司哈尔·图送

翻译视频|米克丽古丽·胡达白尔地

微信编辑|米克丽古丽·胡达白尔




www.uycnr.com



中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章